مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 6

جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103890
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-2-21
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 09:42:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل

  (تەرجىمە قىلغۇچى:  ئابدۇقەييۇم ئۇبۇلقاسىم)



    ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر بەشەرىي روھ،ئېلىم-پەن روھىنى ناھايىتى سىرلىقلاشتۇرۇپ تىلغا ئېلىشىدۇ. بەشەرىي روھ دەپ نېمىگە ئېيتىمىز؟ مېنىڭچە ئاتالمىش " بەشەرىي روھ " بولسا ئادەم ۋە مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ۋە مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بولۇشىنىڭ جوغلانمىسىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ پېقىرنىڭ يۈزەكى چەشەنچىسى، شۇنداقلا شەخسىي چۈشەنچەم بولۇپ، ئىلمىي چۈشەنچە بۇلىشى ناتايىن.

جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ تولىمۇكەمچىل بولۇپ كەلدى. 20-ئەسىردىكى 100 يىل مابەينىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلمىي بايقاش،كەشپىيات جەھەتلەردىكى مۇۋاپپىقىيەتلىرى مىسلىسىز بولدى. گەرچە مەن كائىناتنى بوي سۇندۇردى دىيەلمىسەممۇ، بىراق كائىناتنى بوي سۇندۇرىدىغان يېڭى پەللىلەرگە قەدەم قويدى. ماكرو جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاسمانغا قويۇپ بېرىلىشى،  ئىنسانىيەتنىڭ ئايغا چىقىشى، مارس يۈزىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار روياپقا چىقتى. بەزى سودىگەرلەر ھەتتا باشقا پىلانتلارغا بېرىپ پۇل تېپىش پىلانىنى سوقتى، ئۇلار قانداق قېلىپ يەر شارى ئادىمىنى باشقا پىلانتلارغا ئېلىپ چىقىشنى پىلانلاشتى. مىكرو جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گىن تەتقىقاتى بولسا غايەت زور بىر بۆسۈش بولدى، مىسالەن ئىنسانىيەت گېنىنى گورۇپپىلاش،  كىسەللىك گېنىنى  تېپىشقا ئوخشىغان. ئەگەردە گېن مەسىلىسى ھەل بولسا گېننى كودلاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ ھەل بولۇپ، ئىنسانىيەت ھاياتلىقىنى ياخشىلاشكۆپ ئاسانلىشىدۇ. يۈەن لوڭپىڭ شال گېنىنى ھەل قېلىۋىدى، ئاشلىق مەسىلىسىمۇ ھەلبولدى. كلون ئادەممۇ پات ئارىدا روياپقا چىقىشى مۇمكىن. گەرچە "ئۇ"نۇرغۇنلىغان ئېتىكا، قانۇن مەسىلىلىرىنى سۆرەپ چىقسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەيدانغاكېلىشىنى ھېچكىم توساپ بولالمايدۇ. ئېلىم-پەن ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئاساسەن ئۆزگەرتىپ بولدى. شۇنى تەسەۋۋۇر قىلماق بەسى مۈشكۈلكى، ناۋادا بىر كۈنلەركېلىپ توك يوق بولۇپ قالسا، كىشىلەر قانداق ھايات كەچۈرەر؟ نېمىلا دىگەن بىلەنيىمەك-ئىچمەك، يۇرۇش-تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە توكنىڭ كونتىروللۇقىغا تايىنىدىغان تۇرساق!

ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇدەۋردە، ئىنسانىيەتنىڭ بەشەرىي روھقا تۇتقان پوزىتىسىيىسى  قانداق بولدى؟ يەر شارىدا تۈمەن مىڭ يىلدا شەكىللەنگەن ئورمانزارلىقلار كېسىلىپ پاكىز قورۇقدىلاي دېدى. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئورمانلىقلار، ئاساسەن دىگۈدەك 20 ئەسىردە كېسىلىپ قۇرۇقدالدى. ئەمدى دەريا ئېقىنلىرىچۇ؟ 50 يىلنىڭ ئالدىدىكى "مىسلىسىز جەڭلەردە" جەڭچىلەردەريادىكى سۇنى ئىككى قولىدا ئۇچۇملاپ ئىچىشىپ، سالقىن ۋە شېرىنلىكنى تېتىشقانىدى.ھەتتاكى 30يىلنىڭ، 20يىلنىڭ ئالدىدىمۇ، دەريا ئېقىنلارنىڭ سۇلىرى ساپ ئىدى.ھازىرغا كەلگەندە زۇمرەتتەك سۇلار، كۆپكۆك ئاسمانلار چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئايلىنىپ قالدى.ھاۋانىڭ قايتىدىن ساپلىشالماسلىقى، ئىسانلارنىڭ ئوزۇنۇسفىراغا، تەبىئەت دۇنياسىغا قىلغان بۇزغۇنچىلىقى، 20- ئەسىردە چېكىگە يەتتى. ئىككى دۇنيا ئورۇشى پارتلىغان مەزگىلىدە، ئىگەللىنىشىچە ئۆلگەن، يارىدارلارنىڭ سانى تارىختىكى ئورۇشلارنىڭ يېغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. چىبىي ئورۇشى، فېيشۇي ئورۇشىدا ئۆلگەن، يارىدار بولغانلارنىڭ سانىنى بۇ ئىككى دۇنيا ئورۇشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قولىغا سۇ قويۇپ بىرەلمەيدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار يەنىلا ئىنسانىيەتكە قاراتقانھالاكەتلىكلەرنى توختاتقىنى يوق. ئورۇشنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى يەنىلا ھەممە ياقتايالقۇنجىماقتا. شۇ تاپتا بىزنىڭ شۇلارنى سورىغىمىز كېلىدۇ: ئىنسانلارغا نىمە بولدى؟ ئۇلار بارغانسىرى ئەقىللىقلىشىپ كەتتىمۇ؟ ياكى دۆتلىشىپ كەتتىمۇ؟

    ئىنسانىيەت نېمە ئۈچۈن موشۇنداق بولۇپقالىدۇ؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز شۇ قاتاردا قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىكېرەك؟ بىر ئادەمنىڭ مەكتەپتە ئالغان تەربىيسى، يەسلىدىن باشلىنىپ تاكى باشلانغۇچ،ئوتتۇرا، ئۈزلۈكسىز تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلاردا ئۇنىڭغا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ خىل تەسىر مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچى ياكى مەلۇم بىر مەكتەپ تەرىپىدىن بىرىلگەن بولىشى ناتايىن بولۇپ ،بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارشىمەكتەپلەردە گەۋدىلىنىدۇ. دۇنيا مىيقىياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئويغىنىش دەۋرىدىكى ئاشۇ مەنىۋىيەت روھى زامانىمىزداتەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىدى. بەلكى، چاك-چىكىدىن بوسۇلدى.چۈنكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي رىقابەت يەنىلا  كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئىختىساسلىقلارنى يىتىشتۈرگەندە بارغانسىرى تالانتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساسىي قىممىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىدە ساقلانغان قىممەتكە سەل قارىۋاتىدۇ. خالايىقلار بارغانسىرى ئادەمنى قۇرال قاتارىدا كۆرۈشتىكى، ئادەم قاتارىدا كۆرۈشمىدى.

     20-ئەسىرنىڭ بېشىدا بىز  ئازدۇر _ كۆپتۇر دىمۇكراتىك مائارىپنىڭ،گۇمانىزىمنىڭ ،ھەمدە پېرپېئوتالىزىم، ئامىلىزىم سادالىرىنى ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. بۇلار بولسا مائارىپ پەلسەپىسىنىڭ بىر قانچە مۇھىم ئېقىمى بولۇپ، موشۇھەممە ئېقىملاردا ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت باركى، ئۇ بولسىمۇ مائارىپنىڭ ئىنسانىيلىققا ئەھمىيەت بىرىشىنى تەكىتلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مۇئەممالىرىنى،كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى، بوشاشماي ئىزدىنىشلىرىنى كىيىنكىلەرگە يەتكۈزۈپ تۇرۇشتىنئىبارەت. مائارىپ دىگەن نېمە؟ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مائارىپ دەلئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى يەتكۈزۈپ، كېيىنكى بىر دەۋر ئەۋلادلارنى ئالدىنقى بىر دەۋرئەجدادلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش، تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك قېلىپچىقىشتىن  ئىبارەت. بىراق، سوۋىت ئېتتىپاقىسۈنئىي ھەمراھنى ئالەمگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئامرىكا ۋەكىللىكىدىكى غەرپدۆلەتلىرى ئىلىم-پەن مائارىپىنى، پەنىزم نوقتىنەزەرلىرىنى، كونستروكتىۋىزملىقنەزىرىيەلەرنى، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك نەزىرىيەلەرنى  مائارىپنىڭ يېتەكچى ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇشقائەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بەشەرىي روھ ۋە ئېلىم پەن بولسا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىككى قانىتى بولۇپ، بېرى كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ. مادامىكى بىرى تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتسا، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتمۇ شۇئان تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، 20-ئەسىر مائارىپ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان ئەسىردۇر.

دەرسخانىدا، قانچىلىك ئوقۇتقۇچىلارھەقىقىي ئىخلاسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەشەرىي روھىنى تەربىيىلىگەندۇ؟ بىزئۆزىمىزنى دەڭسەپ تۇرۇپ ئويلىنىپ باقساق، ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر كىلاسسىك ئەسەرنىئوقۇتالىدۇقمۇ؟ شۇ كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىنى نەمدىيەلىدۈقمۇ؟ ھەي،بەك ئاز جۇمۇ! 20-ئەسىر كىلاسسىك ئەسەرلەردىن يىراقلاشقان ئەسىر بولدى. "پارىژبۈۋىمەريەم چىركاۋى"نى قانچىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆرۈپ بېقىشقامۇيەسسەر بۇلالىدى؟ ئۇ كىشىلەرنى گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى پەرقلەندۈرۈشكە، ياخشىلىقۋە يامانلىقنى ئىگەللەشكە يىتەكلەيتتى. قانچىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى"ئاندىرىسۇن بالىلار چۆچەكلىرى"نى ئوقۇپ بېقىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى؟ ئۇسىزگە نېمىنىڭ ھېسداشلىق، نېمىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەتتى.كۇڭفۇزىنىڭ كىتابلىرىنى قانچىلىك ئادەملەر ئوقۇپ باقتى؟ ئىنسانىي مائارىپنىڭ مۇھىمبىر تەرىپى بولسا، ھاياتنى قەدىرلەش بولۇپ، ئۇ ھەر بىر تال گىياھنى ئاسراشنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بىز ياشاۋاتقان مانا مۇشۇنداق بىر دەۋردە، نېمىنى ئولۇغلىشىمىز،نىمىنى ئارزۇلىشىمىز كىرەك؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.قانداق قېلىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى بىزنىڭپەرزەنتلىرىمىزگە يەتكۈزىشىمىز كېرەك، مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيتى بار.


مەنبە:

    خەنزۇچە "فېليەتۇنلار ئايلىق ژۇرنېلى"نىڭ2009-يىللىق 9-سان ،6-بەت.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabitbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-25 09:49 AM  


ھەقىقەتەن ئاللا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25056
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 01:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرەئەلەق
مەككىدە نازىل بولغان،19ئايەت
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ
ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن(1)
خَلَقَ الْإِنسَانَ مِنْ عَلَقٍ
ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى(2)
اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ
ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر(3)
الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ
ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى(4)
عَلَّمَ الْإِنسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى(5)
كَلَّا إِنَّ الْإِنسَانَ لَيَطْغَىٰ
شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ(6)
أَن رَّآهُ اسْتَغْنَىٰ
شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ(7)
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الرُّجْعَىٰ
(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)(8)
أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَىٰ
ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟(9)
عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰ
ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟(10)
أَرَأَيْتَ إِن كَانَ عَلَى الْهُدَىٰ
ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا،(11)
أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَىٰ
ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)(12)
أَرَأَيْتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)،(13)
أَلَمْ يَعْلَم بِأَنَّ اللَّهَ يَرَىٰ
ئاللاھ نىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟(14)
كَلَّا لَئِن لَّمْ يَنتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ
ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز(15)
نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ
ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز(16)
فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ
ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن!(17)
سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ
بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك - قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز(18)
كَلَّا لَا تُطِعْهُ وَاسْجُدْ وَاقْتَرِب ۩
(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھ قا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ قا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن(19)
نۇرلۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 05:13:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nur-luk يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 01:38 PM
سۈرەئەلەق
مەككىدە نازىل بولغان،19ئايەت
بِسْمِ اللَّهِ  ...

ئەڭ ئاخىرقى سەجىدە ئايتىنى يازمىغان بولسىڭىز بولمامدۇ!
ئۇيدە ئولتۇرۇپ تورغا چىققانلارغۇ سەجىد قىلا
سىرىتتىكلەرچۇ؟

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19960
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10614 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 10:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەم نەرسىلەر كۆپ .......................................

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 10:18:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-25 10:12 PM
كەم نەرسىلەر كۆپ .......................................

توغرا دەيسىز

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7580
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7697 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 10:51:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى چوقۇم  دەۋر ئاۋانگارتلىرى بۇلىشى  كېرەك. ئۈزلۈكسىز  يېڭى بىلىملار بىلەن ئۇچرىشىپ  تۇرىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن دوستى بۇلالىشى كېرەك.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 01:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز تۇغقانلار، ھەممىنى ئوقۇتقۇچىغا ئارتىپ قويۇۋەرمەڭلار، ئوقۇتقۇچى پەقەت ماشىنا چاقىدكى يەل بولالايدۇكى، ھەرگىزمۇ رول بولالمايدۇ، مائارىپنى بىر ماشىنا دىسەك، ئۇنىڭ رولى قايەردە؟ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى مەن بىلمەيمەن، ئەمما، مەنچە، دەرس جەدۋىلىدە ماشىنا رولىنىڭ ھەل قىلغۇچ بۇرما مىقى بار. مائارىپىمىزنىڭ قاتتىق دېتال قورۇلۇشى ھەقىقەتەن تەرەققىي قىلغان بولدى، ئەمما، يومشاق دېتاللىرىچۇ؟ بىز بالىلارنى بىلىم تاغىرىغا ئەمەس ، بەلكى، ئادەم بالىسىغا ئوخشىتىپ كۆرسەك ئۇبدان بولاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش