ئىـسـىـمـدە ھـازىـرمـۇ شـۇ ئـايـدىـڭ كـېــچـە
(ئەسلىمە خاتىرلىرىمنى ۋاراقلاپ...)
مەرىپەت ئوغلى
تۇنجى رەت ئۇچىراشقان شۇ ئايدىڭ كېچە،
ئاقىدۇ خىيالىم كېچىكلىرىدىن.
ياشلىقنىڭ بىباھا ئەشۇ چېغىنى،
پۇرايسەن ھەسرەتلىك تىنىقلىرىمدىن.
يار سىنىڭ سۆيگۈڭنى تەشنا قالدۇرۇپ،
ئەقىدە ئۇنتۇلۇپ كەچمىدىم زىنھار.
ھىچ سەۋەپ،گەپ-سۆزسىز كەتتىڭ ئايرىلىپ،
بولدىڭمۇ ۋە ياكى مەندىن بەك بىزار.
كەتسەڭمۇ ئەسلىمەڭ قالغانتى مەندە،
سەنمۇ ھەم ئاجىزسەن ئۇنتۇشقا نىگار.
تۇنجى رەت كۆرۈشكەن شۇ ئايدىڭ كېچە،
ھازىرمۇ ئىسىمدە،يۈرۈكۈم زار-زار.
سەن يوق بۇ ھاياتلىق ماڭا گۆر بولدى،
تاماق ھەم ئۇيقۇمۇ تەرىكتۇر-ھارام.
تۇنۇماي ئاناممۇ چىراي-ئوڭۇمدىن،
يىغلىدى،نىمە دەرت يەتتى جان بالام.
ئاڭلىغىن ئەي دوستۇم دەردۇ-ھالىمنى،
مەشۇقسىز ئاشىقنىڭ ھالى بەك يامان.
تۆكەي مەن دەردىمنى،چىن ئەسلىمەمنى،
ئۇچتۇم يىل ئاۋۋالقى ئەسلىمە تامان،
بىر يىل ئاۋۋال باھار ئايدىڭ كېچىسى،
بىر يىگىت يات شەھەر كوچىسىدا.
دىلدىن سۆيگەن نىگارىنى كۈتەر شۇ دەم،
ئۆزى تىزغان گۈلدەستىسى بار قولىدا،
ئەسلى مەشۇق ئۆزگە يۇرتلۇق رەنا بولۇپ،
بۇ ۋاقىتنى يىگىت ساقلاپ كۈتۈپ كەلگەن .
يىراق يەردىن سېغىنىشنىڭ ئىستىكىدە،
قىزنى ئۆزگە لايىق كۆرۈپ ئىزدەپ كەلگەن.
سائەت ئۆتتى ،يىگىت كۆزى قىز يولىدا،
تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاپ يار كۈتەتتى.
كەلمەسمۇ يا دىگەن ئويمۇ كەچتى باشتىن،
ئىشەنمىدى،قىز ئەھدىگە چىن پۈتەتتى.
شۇ ئوي بىلەن پەيدا بولدى بىر ئەندىشە،
تەشۋىشلىنىپ كۈتتى يەنە نىگارىنى.
قانداقراق قىزدۇ ئۇ دەپ سۈردى خىيال.
چۈنكى يىگىت كۆرمىگەن قىز چىرايىنى.
بىر چاغلاردا كوچا يولى ئايدەك يۇرۇپ.
چىقىپ كەلدى بىر نازىنىن يىنىك مىڭىپ.
ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەي يىگىت بىر پەس ،
ھاياجانلىق يۈرىكىنى قويدى بىسىپ.
ئادەممۇ بۇ ياكى پەرى تەئەججۈپتە،
ئۆز ئەقلىگە ئىشىنەلمەي بولدى ھەيرۇن.
پەرى ئىدى قىز سىياقى گۈزەللىكتە،
شەھلا كۆز،چىچى سۇمبۇل،بويى مەجنۇن.
قىزنىڭ ئۈشبۇ گۈزەللىكتە سۈپىتىگە،
كەيگەن ئاق كۆينىكىمۇ زەپ ياراشقان.
تۇنجى رەت ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىدە،
تەبەسسۇمدا قىز-يىگىت بەك قاراشقان.
قىز يۈزىدە شاتلىق بەزى نۇمۇسچانلىق،
يىگىتكىمۇ خىجىللىق تەڭ تاراشقان.
كۆكتىكى تۇلۇن ئاي ھەم شوخ يۇلتۇزلار،
كۆزلەر قىسىپ ھەسەتتە بەك ماراشقان.
ئۆز-ئارا قىسقا ئەھۋال سورالغۇچە،
ھاياجاندا تىتىرەيىتتى يىگىت تـېنى.
ئاڭلاڭ دوستۇم داۋامىنى ھېكايەمنىڭ،
ھەمدە بىلىڭ ئاشۇ يىگىت دەپ دەل مىنى.
تاققا-تۇققۇ گەپ سوراپ،كۆز قاچۇرۇپ.
مېھىرلىك چىرايدا ھىچ باقالماستىن.
نەچچە چارەك ۋاقىت ئۆتتى مۇھەببەتتە،
قىز قەلب ئىشىكىنى قاقالماستىن.
ماڭدۇق بىز شۇ يۇسۇندا كوچا ئارلاپ،
بارا-بارا ئۆز مىجەز مەنسۇپ بولدى.
خۇش ئاۋاز،ئەركىن قىلغان پاراڭلاردىن،
قەلبىمگە سۆيۈنۈش ھەم شاتلىق تولدى.
باغچىغا كىلىپ قالدۇق بىر ۋاقىتتا.
تۇراتتى تاش ئورۇندۇق يۇرۇتۇپ ئاي.
شۇجاينى ماكان تۇتتۇق شۇندىن كىيىن.
سۆيگۈدە ياتقا مەخپىي بىر<< كونا جاي>>.
ئولتۇرۇپ ھايا بىلەن يانداش بولۇپ،
مۇڭداشتۇق ،سۈردۇق بىللە شىرىن خىيال.
تەلپۈنۈش يۈرەكلەرگە بەرمەي ئارام،
پەردىشەپ يوقاتتۇق ھەم شۇ چاغ نىھال.
ئاڭلاندى يۈرەكلەرنىڭ سوقۇشلىرى
ھاياجانلىق تۇيغۇ بىزگە بەخىش ئەتتى،
بايامقى خىجىللىق ھەم يىتىرقاشمۇ،
ئاي بىلەن تەڭلا بىللە يوقاپ كەتتى.
تەشنالىق ئۇچتى شۇ دەم كۆزىمىزدىن ،
لەرزىگە كەلدى ئاشىق جۈپ ئۇياتلىق.
تېنىمىز ئۇيۇلتاشتۇر ،بىلدىم شۇ رەت ،
ھاياتلىق مەناسىدا سۆيگۈ تاتلىق.
لەۋلەردىن ئوت يانار، تەن ئېرىگەن شام،
جۇش ئۇرار يۈرەكلەردە زەپ ھاياجان.
سۆيگۈدە جان ياشناپ كۈلەركەن ئالەم،
شۇ دەقىق قەلبىمدە بولغانتى ئايان.
رىشتىمىز باغلاندى شۇ ئايدىڭ كېچە،
تەشنالىق ئىلكىدە يۈرەكلەر مايىل.
سۆيگۈنىڭ كۈچىگە ھىچ تەڭ كىلەلمەس.
بارلىقىڭ كىتەركەن،بولدۇم مەن قايىل.
بىر يىلدەك شۇ دەمدە ئۆتتى كۈنىمىز،
مەنمۇ ھەم جاھاندا ئۆزۈم بىر چاغلاپ،
كىم بىلسۇن باھارنىڭ زېمىستانىنى.
باستىغۇ جۇدالىق يۈرەكنى داغلاپ.
ئۈن-تېنسىز يوقالدىڭ ئات-ئۇچۇرىڭ يوق،
نە سەۋەن ئۆتكىنى ماڭا قاراڭغۇ.
مۇڭداشقان كېچىلەر بولدى بىر ئۆتمۈش،
كۈنسىرى كۈچەيدى قەلب ياراممۇ.
تەڭ قىلماي كەلگەنتىم ھىچكىمگە سىنى ،
گۈزەللىك ھەم ئەخلاق بابىدىن سۆزلەپ.
ئەخمىقى مەن بولدۇم ،بىلمەپتىمەن ھىچ،
سەن يوقتا كەينىممۇ قىز ئىدى يۈزلەپ.
سەندىكى مۇھەببەت قانداق مۇھەببەت؟
تۆت كۈنلۈك سۆيۈپلا تاندىم دەيدىغان،
سەندىكى ئۇ يۈرەك قانداق بىر يۈرەك،
سۆيگەن شۇ يۈرەكنى ئازار يەيدىغان.
ھەقىقى مۇھەببەت چىن ۋاپادارلىق،
ئەقىدە،كۆيۈنۈش بىلەن مەۋجۇتتۇر.
كۆڭۈلنى خۇش قىلىش ئۈچۈنلىكىنى،
بىلسەم مەن دىمەمتىم يوقال! نىرى تۇر.
سەن ئەمدى يۈرەكنى ئازاپلاپ قويۇپ،
نەلەردە يۈرىسەن مەندىن بىخەۋەر.
قىلسام گەر تېلىفۇن ھاقارەت قىلىپ،
ئۆلتۈردۈڭ،سەن ماڭا بەردىڭغۇ زەھەر.
بولدى بەس جاھاندا قىز بىرلا سەنمۇ،
دىمەيمۇ بولمىدى ھەسرەت ئىچىدە.
قەلبىمدىن چىن سۆيگەن سىنى،بىلىپ قال،
ئۆتتىغۇ كۈنلىرىم كۆز ياش كېچىدە.
ئازاپتا تۆككەن ياش بىر دەريا بولۇر.
لېكىنزە سەن ئۈچۈن ئەرزىمەيدىكەن.
باشقىلار ۋىجدانلىق ئوغۇل بولساڭ سەن،
ئوغۇلدەك ياشىغىن،تىك تۇر دەيدىكەن.
ئۆزۈمنى تۇنۇدۇم بۈگۈنگە كىلىپ،
خاتاكەن يات يۇرتتىن مۇھەببەت تۇتۇش.
كۈنلەرمۇ بىر-بىرلەپ كەتكىنى بىلەن،
ماڭا بەك تەس كەلدى يار سىنى ئۇنتۇش.
يەنىلا سۆيىمەن ،سېغىندىم سىنى،
ئوتلاردا كۆيىدۇ يۈرۈكۈم زار-زار.
شۇ چاغلار نەقەدەر گۈزەل ئىدى -ھە!
يەنە بىر كەلسىكەن،مەن بەك ئېنتىزار.
ئەسلىمە قوينىدا يۈرەك مۇڭسىراپ ،
مۇڭۇمغا سۈكۈتتە قوشۇلدى خانەم.
<<ئادەمنى دەرت يەيدۇ>>دەيدۇ كونىلار.
ئۆزگىگە كەلمىگەي مەندىكى ئەلەم.
ئازاپلىق سۆيگۈگە چىداش بىرەلمەي،
تالاي رەت ھەسرەتتە چاناق ئالدى ياش.
<<مەرىپەت >>تەنھادۇر،قەلبى يىگانە،
قايتىپ كەل نىگارىم ، جىنىمغا قاياش.
شاتلىققا قايغۇ ھەم قوشكېزەك دىسە،
بىلمەستىن ئاخىرى ئازاپ يەپتىمەن
ئىچىمگە پاتمىغاچ دەردۇ ئاھ-زارىم،
شېئىردا دوسىتلارغا ھالىم دەپتىمەن.
2014-يىلى.22-فېۋرال.كېچە
شەھىرى قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-25 05:48 AM