قورۇنمىسۇن ئەجداد روھى
كۆزى ئوچۇق كور بولدۇڭ ،
راست - يالغاننى ئايرىماي .
گاس - گاچا مېيىپ بولدۇڭ ،
ھەق - ناھەقنى ئاڭلىماي .
كۆرەلمەيسەن باشقىنى ،
ئېشىپ چۈشسە ئۆزۈڭدىن ،
ئورا كولاپ يۈرىسەن ،
ئەيمەنمەمسەن يۈزۈڭدىن .
ھالال بىلەن ھارامنى ،
پەرق ئېتەي دىمەيسەن .
ئالداپ يۈرۈپ ئۆزۇڭنى ،
ئۇيغۇر نىمە بىلمەيسەن .
شامال چىقسا بىردەملىك ،
خۇشال بولۇپ كېتىسەن .
جۇدۇننىمۇ ئويلىماي ،
غەپلەت بېسىپ يېتىپسەن .
ئولتۇرىسەن قىمار ئويناپ،
دوقمۇشلاردا پەگاھ قۇرۇپ.
ئۇيغۇر دىسە كۆزۈم يەتمەس ،
ئىچىمدە مىڭ لەنەت ئوقۇپ .
پاخپاق باش غىتمەك ئىشتاندا ،
ئارقاڭدىن قاراپ ئەمەس دەپتىمەن .
ئۇيغۇر دىسە ئىشەنگۈم كەلمەي ،
ئالدىڭدىن قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن .
خاس ھاجىپ مەھمۇد قەشقەرىي ،
بىزنىڭ بۈيۈك ئەجدادىمىز .
ئەجداد ئىزىدىن چەتنەپ كېتىپ ،
قانداقمۇ يۈز كىلەلەرمىز .
سەن ئۆزۈڭ كىم ئويلانغىن ئەمدى ،
شەيتان چىرىغى يورۇتمىسۇن يولۇڭنى .
تاپايلى ئۆز ئەسلىمىزنى ئەي قېرىنداشلار ،
بىزگە قاراپ قورۇنمىسۇن ئەجداد روھى .
مەنبە - ئۆز ئىجادىيىتىمدىن (كۆڭلۈم - زۇلپىيە ئەھەت )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆڭلۈم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-25 01:13 AM