قەلىبلەر ياشنىسۇن مىللەت روھىدىن
ئەل دىلى سۇ ئىچەر مېھرى-مۇھەببەتتىن،
مىللەت ياشنايدۇ بىرلىكلىك ئۆملىكتىن .
دانالار سۆزلىرى دىلغا نۇر چىراق،
بىرلىك ساقلايدۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن.
ئەجداتلار ئىزلىرى مىللەتكە پىلەك،
ھەممىمىز ئۇلاردىن توغۇلغان خەمەك.
قۇدرەتلىك بۇلىمىز تەرەققى ھەردەم،
يىمرىلماي ياشىساق بۇپ قالماي پۇچەك.
قۇدرەتنىڭ مەنبەسى ئىلىم مەرىپەت،
چۈشەنگەن ئادەمگە بۇلار ھەقىقەت.
ئەۋلاتلار كۈنسايىن ئاقىلراق بولسۇن،
ئۇرغۇپ مىللەتكە قەلبىدە مۇھەببەت.
ئېيتىلدى ئۇيغۇرنىڭ ئورتاقلىق مارشى،
قەلىبتە شاد قۇچتى مىللەتكە قارشى.
ئۆزگىلەر قۇلىغا ئامىن دەپ قارماي،
ئاپات بولغان جايغا ھەممىنىڭ بېرشى.
مىللەت خوشلىقى بولدى بىرلىك تاجى،
باشلامچى بولدى ھەممە كارخانىچى.
كۆڭۈللەر شاد ئەيلەپ خوش خەۋەرلەردىن،
دۇئا قىلدۇق مىللەت بولسۇن دەپ راۋاجى.
مىللەتنىڭ راۋاجى كۈچى ئۆملۈكتە،
ساخاۋەت مۇھەببەتنىڭ سىرى بىرلىكتە.
ماس قەدەمنى ئالساق ئۈمۈتسىز بولماي،
ئۇيغۇرنىڭ سۆزى ئۇيۇشماق تەڭلىكتە.
مېھرىگە تولسۇن ئاۋام خەلىق مىللەت،
تاپسۇن ئالىم ۋە كارخانىچى ئىززەت.
قەلىپلەر ياشنىسۇن مىللەت روھىدىن،
تەرەققى قىپ كۈنسايىن تېپىپ قۇدرەت.
فاتىمە
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-24 10:56 PM