ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش
كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرى (1368-1644) دە ئۆتكەن، غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 نەچچە يىل ئىلگىرى - يۈەن سۇلالىسى دەۋردە (1206-1368) ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغان ئىدى. يازما تارىخى مەلۇماتلاردا ئەلئۇقمىشنىڭ شىنجاڭدا تۇغۇلغانلىقى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خانى قۇبلاينىڭ (مىلادى 1265-يىلى) ئوردا نۆكىرى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئەلئۇقمىش مىلادى 1272 - يىلى قۇبلايخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن كېمە ئەترىتىگە باشچىلىق قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزغا تۇنجى قېتىم سەپەر قىلغان. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جەنۇبى دېڭىزدىكى بىر مۇنچە دۆلەت ۋە رايونلارغا بارغان. ئاخىرىدا فىلىپپىن ئارىلىدىكى بارۇپ دۆلىتى ئارقىلىق چۇەنجۇ پورتىغا قايتىپ كەلگەن.
مىلادى 1275 - يىلى ئۇ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ بارۇپ دۆلىتىگە يەنە بىر قېتىم بارغان. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندا، ئۇلار «دۆلەت ئۇستازى» نى شۇ يەرنىڭ داڭلىق دورا - دەرمەكلىرىنى ئېلىپ جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ كېلىشكە قوشۇپ قويغان. مىلادى 1284 - يىلى، ئۇ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ زانگاس دۆلىتى (بۈگۈنكى سىرلانكا) گە سەپەر قىلغان. بۇ قېتىم ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، مالاي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق زانگاس دۆلىتىگە يېتىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى بېرىپ - كېلىش سەپىرىدە ئۇ جەمئىي 14 مىڭ چاقىرىم يول يۈرگەن.
ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە قۇبلايخاننىڭ يارلىقى بويىچە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مابار(بۈگۈنكى ھىندىستاننىڭ شەرىقى جەنۇبى قىسمى) دۆلىتىگە سەپەر قىلغان. سەپەر داۋامىدا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇنلارغا ئۇچراپ كۆپ زىيارەت چەككەن بولسىمۇ، ئاخىرى بىر يىل سەرپ قىلىپ مابار دۆلىتىگە يېتىپ بېرىپ، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ، قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرى ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش يۇقىرىقى تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، قۇبلايخان ئۇنىڭغا مەرۋايىت كۆزلۈك كەمەر ئىنئام قىلغان ھەمدە دىيانەتلىك بەگ، جياڭخۇەي دىۋان ۋازارىتىنىڭ سول قول ۋەزىرى، خىڭچۈەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى قاتارلىق مەرتىۋىلەرنى بەرگەن.
1287 - يىلى ئەلئۇقمىش يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي كېمە ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن جەنچىڭ شەھىرى (بۈگۈنكى ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) نى ئىشغال قىلغان. 1292 - يۈەن سۇلالىسىنىڭ 1000 ھەربىي كېمىدىن تەركىب تاپقان 200 مىڭ كىشلىك دېڭىز ئەسكەرلىرى ياۋا ئارىلى (بۈگۈنكى ھىندونېزىيە) غا يۈرۈش قىلغاندا، ئەلئۇقمىشنى قوشۇننى يېتەكلەش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلغان. گەرچە بۇ قېتىمقى يۈرۈش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەلئۇقمىش چېكىنگەن قوشۇننى ئامان - ئېسەن ۋەتىنىمىز قۇرۇقلۇقىغا قايتۇرۇپ كەلگەن. ئەلئۇقمىش ئۆمرىدە يەنە سورۇنچى، ئامبال، دىۋان مۇئەككىلى، ئاقىل - ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەلچى بېگى قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ رېن زۇڭ خانى ئۇنىڭ يىراق جايلارغا كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بېرىپ كۆپ رىيازەت چەككەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ۋۇگوگۇڭ دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. ئۇ تەخمىنەن مىلادى 1314 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەلئۇقمىش ئۆز ئۆمرىدە گەرچە يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرى يۈەن سۇلالىسىنىڭ تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان رايونلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. جۇڭگو بىلەن دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەللەرنىڭ سودا ۋە باردى - كەلدى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جېڭ خېنىڭ تېخىمۇ يىراق دېڭىز سەپىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلاپ بەرگەن. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى»