مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2276|ئىنكاس: 40

‹‹ئۇيغۇر بولۇپ قالساڭ ناۋادا» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:15:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئۇيغۇر بولۇپ قالساڭ ناۋادا»


          (شېئىر)


لەپىلدىسۇن قەلىب تۇغلىرى،  

ئەركە قۇشلار سۆيگەن سامادا.

سۆي «ئۇيغۇر»نى ھاياتىڭ بىلەن،

ئۇيغۇر بولۇپ قالساڭ ناۋادا.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


سۆي كىرورەن ،تەكلىماكاننى

ئەجدادىڭنىڭ ماڭغان ئىزى بار.

سۆي تەلكىنىڭ داۋانلىرىنى،

نۇزۇگۇمدەك باتۇر قىزى بار.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


سۆي تارىمنىڭ دولقۇنلىرىنى،

مىكچۈ ھېكمەت تامچە سۈيىدە.

سۆي زەرەپشان، ئىلى، يورۇڭقاش...

شىۋىرلايدۇ مەۋىج كۈيىدە.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۆي ياۋلارغا شەمشەر سۇغارغا،

تەڭرىتاغنىڭ ئېتەكلىرىنى.

سۆي شېھىتلار قېنىدا ئۆسكەن،

يۇلغۇنلارنىڭ چېچەكلىرىنى.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۆي يۈسۈپنى، مەھمۇد، نەۋائىي

ھەق بەيگىدە تۇلپارى چاپقان.

سۆي ئۆتكۈرنى، ئۇيغۇر، سابىرنى،

ھىدايەتتىن يارىنى تاپقان.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


سۆي ئاتاڭنى ۋۇجۇدۇڭغا كۈچ

جەسۇرلۇقتىن تەلىم ئۆگەتكەن.

سۆي ئاناڭنى دۇئاسى بىلەن،

ساڭا ئۇيغۇر روھىنى بەرگەن.


ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۆي قېرىنداش بۇرادىرىڭنى،

زاغرا ناندىن ھالۋا بەرسىمۇ.

سۆي قەلبىڭنى غورۇر ۋىجداننى،

ئۇچقۇن كەبى ئۆچۈپ، يانسىمۇ......   


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


        «ئۆرۈكجان يازمىلىرىدىن»
          2014. 1. 19   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-24 11:11 PM  


ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:23:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى ئەزىز قېرىنداشلار!  دىدار غەنىمەت! بىر قانچە يىل ئىلگىركى مۇنبەرداشلاردىن كۆپلىرىڭلار كۆرۈنمەيسىلەرغۇ؟ يېڭى قېرىنداشلارنى تونىمايدىكەنمەن. ئەمما ھېس قىلدىم، مۇنبەر ۋە مۇنبەر ئىشتىراكچىلىرى ھەقىقەتەن تەپەككۇرغا باي ؛مەزمۇنلار سەرخىلىشۋېتىپتۇ.
شېئىر يېزىپلا ئولتۇردىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار،  بۈگۈن نەچچە ۋاقتىن بېرى يىغىلىپ قالغان شېئىرلارنى يوللاپ ئۆتتۈم.  

ئېشەككە مۈڭگۈز، سىتولبىغا يوپۇرماق چىققان كۈنى ...مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن. -ئۆرۈكجان

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:33:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
URUKJAN يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 08:23 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى ئەزىز قېرىندا ...

توققۇز موچىنىم با!
94— يىللىرى ئىدى. مەكتەپ قورۇسىدا ئولتۇراتتۇق.ئوقۇتقۇچىنىڭ باللىرى سەل شۆھرەتپەرەس كېلىمىز.
-بىر موچىنىم با، -دەپ گەپ باشلىدى دىلمۇرات.
-مېنىڭ ئۈچ موچىنىم با،- ئەخمەتجان ئەگەشتى.
-تۆت موچىنىم با...
-بەش موچىنىم با...
-ئالتە.....
-يەتتە.....
شۇنداق قىلىپ نۆۋەت ماڭا كەلگەندە:
-توققۇز موچىنىم با!،-دەپ مەيدەمگە ئۇردۇم. نىمە بىلەي قالغان بالىلارنىڭ لەڭپۇڭ ئىچكۈسى بارلىقىنى.
-سەككىز موچىنىڭگە لەڭپۇڭ ئىچىپ كېلەيلى ئۆرۈكجان...
-راس راس شۇنداق قىلايلى،  ئالتەيلەنگە يېرىم تەخسىدىن سېپ بېرىدۇ. ماقۇل دېگىنە...
«چۈپەي بوپ قالغۇچە مېھمان قىلسام قىلاي» دېدىمدە كۈڭلۈمدە.
ھەش پەش دىگۈچە بازارغا بېرىپ يېرىم تەخسىدىن لەڭپۇڭنى ئىچۋەتتۇق.
-توققۇز موچىنىڭنى چىقىرە  ؟لەڭپۇڭچى ئايال قاراۋاتىدۇ. بولە تېز...
ھەيران قالدىم.
-نەدىكى توققۇز موچەن؟
-ئوھ ما چاتاقنى! بايا بار دىمىگەنمىتىڭ؟
-ھېي ساراڭ، دەپ قويغان گەپ ئۇ..
-نىمە؟؟؟!
دوسلىرىم ئاغزىنى ئاشقىنىچە ھوشىدىن كېتەي دېدى.
-قانداق قىلىمىز؟- تەڭلا پىچىرلاشتۇق.
-قاچايلى!!!
ئالتەيلەن ئالتە تەرەپكە قېچىشتۇق. لەڭپۇڭچى ئايالنىڭ ئاللا نىمىلەنىدۇر ۋارقىراپ جارقىراپ غەيۋانىسىگە تىللاشلىرى خىرەسىمەن قالدى....
-ھۇ ياغاچ قۇلاقلار، تۇتۋالدىغان بولسام بوينۇڭنى ئۈزۋاتىمەن...قۇلىقىڭنى چىشلەپ ئۈزۋالىمەن.....
مانا ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بەك كۆپ ئۆزگىرىپتىمىز. توققۇز موچەنگە ئالتە ئەمەس بىر بوۋاقنىڭمۇ قورسىقە تويمايدىكەن. ئېچىنىمەن...
ھېلىقى لەڭپۇڭچى ئايالنى تا ھازىرغىچە ئۇچرىتالمىدىم...  دىمەك گەدىنىمدە ئاشۇ لەڭپۇڭنىڭ قەرزى با...
قىيامەتكە قالمىسا ياخشى بولاتتى ...
«ئۆرۈكجان »يازمىلىرى  

ئېشەككە مۈڭگۈز، سىتولبىغا يوپۇرماق چىققان كۈنى ...مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن. -ئۆرۈكجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:39:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇ ھاھاھا     باللىق ۋاخلىرىمىز ! مەنمۇ كىچىكۋاختىمدا قادى قوناقتىن 1 موچەنگە 5 نى بىرەتتى  ھازىر...............................  ئۈچەي كاۋاپمۇ  5 پۇڭتى  

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:42:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق ئىگەم بەردى ياشلىق بەكمۇ ئۇز گۈلچىمەن،
گاھلىرى توغرا يولدا  سۆيدى ھەقنى روھ تىمەن.
گاھلىرى غەپلەتتە  ئۆمرى ئۆتىتى گويا لاي سۇدەك،
   ئالدىدى ئۆزىنى سەكراتتا «بىسمىللاھ...»بىلەن.


دوست دىدىم دوستۇم دىگەنلەر  ئاق دىدىم،
خاردىسە خان دىدىم كىشلەرگە  شۇئان ياق دىدىم.

نىمە دەي، ئەيلىدى بىراۋلار   رىسقىمگە چاڭ     
شۇ سەۋەپ، ئوندا بىر ئارقاڭغا قاراپ باق دىدىم.
«ئۆرۈكجان رۇبائىيلىرى»  

ئېشەككە مۈڭگۈز، سىتولبىغا يوپۇرماق چىققان كۈنى ...مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن. -ئۆرۈكجان

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:44:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
delawur يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 08:39 PM
ۋۇ ھاھاھا     باللىق ۋاخلىرىمىز ! مەنمۇ كىچىكۋاختىمدا قا ...

شۇنى دىمەمسىز ...  توۋا شۇ چاغلارمۇ  بەك گۈزەلكەنتۇق ھې ھې ھې

ئېشەككە مۈڭگۈز، سىتولبىغا يوپۇرماق چىققان كۈنى ...مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن. -ئۆرۈكجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:45:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
URUKJAN يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 08:23 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى ئەزىز قېرىندا ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بولسا، يېزىشقا چالا بولغىنىم بىلەم ھوزۇرلىنىدىغان جايلىرىم ئىشتىن چۈشۈپ كەتمىگەن،بەك ياخشى چىقىپتۇ،روھلىنىپ قالدىم،بىزمۇ غورا پېتى تۇرىۋەرمەسمىز ئىنشائاللا،پىشىپ ئۈرۈك بولغۇچە ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99496
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:48:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يومۇر ئوقۇدۇممىكىن دىسەم ئاخىرىغا بارغاندا ئۇھسىنىپ قالدىم دىسە،بالىلىق ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەپقالدى،ھەي ......

كىمكى باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:51:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dawakol1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-24 08:45 PM
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بولسا،  ...

كەمتەرلىك قىلماڭ قېرىندىشىم،  ئەمەليەتتە يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن باراۋەر. ياخشى ئىشلار بولسا ھە ھۇ دىيشىمىزغۇ ئەلۋەتتە

ئېشەككە مۈڭگۈز، سىتولبىغا يوپۇرماق چىققان كۈنى ...مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن. -ئۆرۈكجان

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 195
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 20417
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 08:52:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى دوست ئېيتىدۇ گاھى يىغلىتىپ،
ۋەلېكىن بەرگۈسى ئالەمچە بەدەل.
دۈشمىنىڭ بىر مەھەل كۈلدۈرۈپ سېنى،
بېرىدۇ بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت زەھەر ...
ــــــــــ   ـــــــــــ   ـــــــــــــ   ـــــــــــ   ــــــــــــ   ــــــــــــــ
كېتىمىز بىر بىرلەپ دوستلار ھەمىمىز،
قالمىسۇن يىگانە  ...تەنھا قەبرىمىز.
دوست دىسەڭ قولنى بەر قىيامەتكىچە،
ئويلىساق، چىن ۋاپا بەرمەس دەۋرىمىز...
«ئۆرۈكجان»  

ئېشەككە مۈڭگۈز، سىتولبىغا يوپۇرماق چىققان كۈنى ...مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن. -ئۆرۈكجان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش