كونا ئۈنئالغۇ لىنىتىسىنى mp3گە ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
دوستلار ئۈزىدە ساقلاپ كەلگەن، ياخشى كۈرىدىغان كونا ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە يانفۇن ياكى ئايفۇنلاردا ئاڭلاش ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئىنتايىن ئاددى بۇلۇپ، مەن خەنچە ماتىرياللارنى بەيدۇدىن ئىزلەپ مەسىلىنى ھەل قىلدىم ۋە بۈگۈن مۇشۇ ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزلىنىپ يۈرگەن دوستلارغا سۇندۇم.
1- بىردانە ئۈنئالغۇ ، ئۇلاش سىمى، يەنى ئىككىلاتەرىپىدە ئۇچى بار سىم 双头音频线 (رەسىمدىكىگە ئوخشاش)، توردىن ئۈن ئېلىش يۇمشاق دىتالى تەييارقىلىسىز.
2- ئۈن ئېلىش دىتالىنى كومپىيۇتىرغا قاچىلايمىز، سان سىفىر يەتكۈزۈش سىمىنى ئۇلايمىز: سىمنىڭ بىر ئۇچىنى ئۈنئالغۇنىڭ تىڭشىغۇچ ئېغىزىغا، يەنە بىر ئۇچىنى كومپىيۇتىرنىڭ ئارقىسىدىكى ئاۋاز كىرىش ئېغىزىغا ئۇلايمىز، ئۈنئالغۇغا ئامراق لىنتىڭىزنى سېلىپ تەييار بولغاندىن كىيىن، ئاۋۋال ئۈن ئېلىش دىتالىنى ئىجرا قىلىپ، ئاندىن لىنتىڭىزنى قۇيىسىز-دە، چاي ئىچكەچ دەم ئالىسىز، (ئايلاندۇرماقچى بولغان بۇ ناخشىڭىزغا ئىسىم قۇيۇشنى ئۇنتۇماڭ) ئۈن ئېلىشىڭىزغا ھېچنەرسە دەخلى قىلمايدۇ ھەم لىنتىڭىزنىڭ سۈپىتى قانچىكى ياخشى بولسا شۇنچىكى سۈزۈك ئۈنگە ئىرىشىسىز. ئۈن سۈپىتى قىلچە تەسىرگە ئۇچۇرىمايدۇ، ئەسلى لىنتا قانچىلىك بولسا ئۆزئەينەن ئاۋاز سۈپىتىگە ئىرىشىسىز.
3- ئەگەر بىر لىنتىدا بىرنەچچە ناخشا بولسا، ھەممىنى بىراقلا ئۈنگە ئالغان بولسىڭىز، يەنە GoldWave.rar دىتالى ئارقىلىق پارچىلىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئاددى. (مەن ئىلگىرى ياڭراتقۇدا قۇيۇپ، مىكرافۇندا ئۈنگە ئالغان ئىدىم، ماناباشقىلارمۇ شۇنداق ياردەم قىلغان بولسا قانچە ياخشى بۇلاتتى-ھە)
ئۈن ئېلىش دىتالىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى : http://www.400gb.com/file/58435056
چۈشەندۈرۈش سۈرىتى:
بىرقىسىم مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئايلاندۇرۇلغان ناخشىلار:
1- ئۇيغۇر ئوغلىمەن(ئىسكەندەرسەمەت)، چۈشۈرش مەنزىل: http://www.400gb.com/file/57711217
2-سادىر پالۋان، مەنزىل: http://www.400gb.com/file/57711199
3-قىز (ئىسكەندەرسەمەت)، مەنزىل: http://www.400gb.com/file/57711136
4- تاز ، مەنزىل: http://www.400gb.com/file/57711208
5-بىرقىزغا كۇيۇپ يۈرىمەن، مەنزىل: http://www.400gb.com/file/57711128
6- پەرۋايىم پەلەك(ئۈمەرجان ئالىم ناخشا+چاقچاق):(ئۇياققا قاچتى، بۇياققا قاچتى، رۇزى ئەخمەت ئاخىر ئۇرۇشقا قاتناشتى دېگەن چاقچاق بارلىنتا)
لىتىنىڭ ئا يۈزى: http://www.400gb.com/file/57710679
لىنتىنىڭ ب يۈزى:http://www.400gb.com/file/57710995
مەنبە: كونا ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرىنى ئۈنگە ئېلىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-24 06:27 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-26 10:59 AM):
تۇلۇقلىما:«پەرۋايىم پەلەك»:
http://pan.baidu.com/s/1gd7PY8r
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-26 11:01 AM):
«پەرۋايىم پەلەك» ب لىنتا:
http://pan.baidu.com/s/1ntBb98H