ئالىي مەكتەپتە نېمىگە ئىنتىلىش كېرەك
چىيە نلىچۈن
بىلىم،دوستلۇق،مۇھەببەت
بىلىم،دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئۈچ نەرسە، بىلىم گۈزەلدۇر! دوستلۇق گۈزەلدۇر! مۇھەببەت گۈزەلدۇر!
ئالىي مەكتەپتىكى 4 يىل بۇ ھاياتتىكى ئەڭ قىممەت ۋاقىتلاردۇر. بىز بۇ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك؟
بەزى ساۋاقداشلار ماڭا خەت يېزىپ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ زور ئۈمىدلەر بىلەن مەكتەپكە بېرىپ، تۇنجى سائەتلىك دەرسكە چىقىش بىلەنلا مۇئەللىمنىڭ ئۆتكەن دەرسىنىڭ تايىنى يوقلىقىنى، مۇئەللىمدىن رازى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. مېنىڭچىمۇ ھەر بىر ئالىي مەكتەپتە بىر قىسىم ناچار ئوقۇتقۇچىلار بار. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ شۇنداق! بارلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ياخشى بولمىسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەسىر يېتىدۇ. لېكىن ئالىي مەكتەپتە ھەل قىلغۇچ ئامىل ئۆزۈڭ.ۋاقىت، ماكان ھەممە نەرسە ساڭا تەۋە، ئۆزەڭنى ئۆزۈڭ باشقۇرىشىڭ، ئۆزلىكىڭدىن ئۆگىنىشىڭ كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپتىكىگە ئوخشاش مۇئەللىمگىلا تايىنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزەڭ ئۈچۈن مۇستەقىل پىلان تۈزۈشىڭ كېرەك.
ئالىي مەكتەپتە نېمە قىلىش كېرەك؟ ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن قايسى ۋەزىپىنى ئاداقىلىش كېرەك؟ مەن جوۋ زورېننىڭ بىر قارىشىنى ئويلاپ قالدىم:«بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى پۈتۈنلەي تەبىئەتكە ئوخشايدۇ». ئۇنىڭ قارىشىچە ھايات تەبىئەتتىكى 4 پەسىلگەئوخشايدۇ: باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتنىڭ باھار پەسلى؛ ئالىي مەكتەپھاياتنىڭ ياز پەسلى؛ پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلگىچە بولغان ۋاقىت كۈز پەسلى؛ قېرىلىق ھاياتنىڭ قىش پەسلىدۇر. ھاياتتىكى پەسىللەر بىلەن تەبىئەتتىكىپەسىللەر ئوخشاش بولۇپ، باھاردا باھاردا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىش كېرەك، يازداياز پەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىش كېرەك. تەبىئەتتىكى پەسىللەرنى ئالماشتۇرغىلى بولمىغاندك، ھاياتتىكى پەسىللەرنىمۇ ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى مەسىلە شۇكى ھاياتتىكى پەسىللەر ئالمىشىپ قالدى. مەن بېيجىڭدا ھەمىشە بوۋاي مومايلارنىڭ ناخشائېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ ناھايىتى تېتىك يۈگەنلىكىنى كۆرىمەن. قېرىلار شوخلىشىپ ياش-ئۆسمۈرلەر قېرىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بىر چوڭ مەسىلە. شۇڭا مەن دائىم بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا:«سەن ھازىر شوخ تېتىك بولماي قاچان بولماقچى؟» دەيمەن. ھاياتتىكى پەسىللەرنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە بالىلار باشقا ئىشنى قويۇپ غەمسىز ئوينىشى كېرەك.بالىلار دۆلەتنى قۇتقۇزىشى كېرەك دېيىش سەل يالغان بولۇپ قالدۇ. بالىلارنىڭ دۆلەتنى قۇتقۇزىشى بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھوقۇقتىن ھالقىپ كەتكەنلىك. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىشى ئەمەس.
ياشئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھىمى نېمە قىلىشى كېرەك؟ بۇ يەنە مېنى 48 يىل ئاۋالقىبىر ئىشنى ئەسلەتتى. مەن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يېڭىلا كىرگەندە، جۇڭگو تىلى فاكولىتىېى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، كېيىن داڭلىق يازغۇچى بولغان ۋېن شىياۋيۈ ھەدىمىز:«ئالىي مەكتەپكە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز، ئالىي مەكتەپتە ئۈچ نەرسە ئەڭ مۇھىم: بىلىم،دوستلۇق، مۇھەببەت». مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسىنى قوغلاشمىساڭمۇ بولىدۇ. جېنىڭنىڭ بارىچە قوغلاشساڭ تېخىمۇ بولمايدۇ. ھازىر نۇرغۇن ياشلار مودا قوغلىشىپ، مودا ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىدۇ، مۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە،مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىلا بىر قىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرگەن، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم، يەنە كېلىپ مەن ئۇ چاغدا كىتاب خالىتىسى بولۇپ، ھاماقەتلىكىمدىن بۇنىڭم ۇھەببەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدىم. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ھەقىقىي، پاك مۇھەببەتكە ئۇچرىساڭ ھەرگىز ۋاز كەچمە. بىلىم، دوستلۇق، مۇھەببەت ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئۈچ نەرسە. ئالىي مەكتەپتە ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دوستلۇق ئەڭ قىممەتلىك. چۈنكى بۇ دوستلۇققا مەنپەئەت ئارىلاشمىغان، غۇبارسىز دوستلۇق. ساۋاقداشلار ئارىسىدا مەنپەئەت توقۇنىشى بولۇنمايدۇ. ھاياتتىكى مۇنداق دوستلۇقنى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
شۇڭامەن ئالىي مەكتەپ ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل دېدىم. چۈنكى سېنىڭ ئىنتىلگىنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئۈچ نەرسە: بىلىم،دوستلۇق ۋە مۇھەببەت. يازغۇچى چېن روڭنىڭ «ئونيىل كەينىگە قايتىش» ناملىق رومانى ئېسىمدە بار، ئەگەر مەن 10 يىل ياكى 20 يىل كەينىگە قايتالىغان بولسام، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، غەيرەت-جاسارىتىم بىلەن بىلىم، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە ئىنتىلەتتىم. چۈنكى بۇ بىز ياشلارنىڭ ھوقۇقى!
مەنبە:«بىلىمكۆزنىكى»ژۇرنىلىدىن قارلۇق تەرجىمە قىلدى (ئوكيان تورىدىن ئېلىندى)
ئوكيان قامۇسىنىڭ ۋېيشىن(ئۈندىدار) سالونى ئېچىلدى
ئوكيان تورى قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى قارمىغىدىكى قانۇنى رەسمىيەتلىرى تولۇق، مۇكەممەل نازارەت ۋە باشقۇرۇش سېستىمىلىرى ئورنىتىلغان بېكەت.
ئوكيان تورىنىڭ قامۇس سەھىپىسى ئەھمىيەتلىك، ساپالىق، قانۇنلۇق ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ئامبىرى بارلىققاكەلتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنىسكىلوپېدىيە، ئەدەبىيات، مائارىپ،ئۇچۇر، مۇزىكا ۋە باشقا ئىسىم قوللانمىسى، لۇغەت، قاتناش خاتىرىسى قاتارلىق كېرەكلىك قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ئەڭ چوڭ قامۇس ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتىكى كۆچمە ئەسلىھەلەردە مەزمۇن كۆرۈش تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئوكيان قامۇسىنىڭ ۋېيشىن (ئۈندىدار) سالونى ئېچىلدى، تورداشلارنىڭ okyanqamus ئارقىلىق (ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى سايىلەپ) قوشۇۋېلىپ، قامۇس سالونىنىڭ كۈندىلىك پايدىلىق ئۇچۇرلىرىدىن بەھرىمەن بولىشىنى ۋە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئوكيان قامۇسى ئېچىۋېتىلگەن ئۇچۇر سۇپىسى بولۇپ، كۆپ قىسىم مەزمۇنلىرى تورداشلار ئۆزلىرى تەرجىمەقىلىپ ۋە قانۇنلۇق مەتبۇئاتلاردىكى مەزمۇنلارنى كومپيۇتېردا بېسىپ چىقىرىپ يوللىغان، شىركەت خادىملىرى تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلمىشى بار دەپ قارىغىنىڭىز بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز.