مۇنۇ فىلىمنىڭ 26 مىنۇت 20 سىكىنۇتلۇق يىرىدىن كورۇڭلار
باشقۇرغۇچىلار مۇنۇ فىلىمنى پەقەتلا چىقىرالمىدىم.ياردەم قىلىپ چىقىرىپ قويساڭلار
http://v.youku.com/v_show/id_XNjY3MjgwMzYw.html
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjY3MjgwMzYw/v.swf
ياخشىمۇسىلەرقېرىنداشلار گەپ سۆزدە خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرىم بولسا چۇشۇنۇپ ئوقۇۋىلىشىڭلارنى سورايمەن
2013يىلى مىيىپلار ئولتۇردىغان مۇتۇسىكىلىت سىتىۋالغان ئىدۇق بىز دىھقان بولغاچقا قانۇندىن تازا خەۋرىمىز يوق شۇڭا بىزگە يالغان مۇتوسىكىلىتنى سېتىپ بېرىپتۇ ،يەنە بىزگە بېرىلگەن تالونمۇ ساختا تالۇن بولۇپ چىقتى . بىز بۇ مۇتوسىكىلىتنى يۇرتىمىزغا ئاپىرىپ قاتناش تارماقلىرىغا نۇپۇسقا ئالدۇرايلى دەپ ئاپارساق نۇپۇسقا ئالمىدى سەۋەبى بۇ مۇتوسىكىلىتلارنىڭ لاياقەتلىق كىنىشكىسى يوق ئىكەن. قاتناش تارماقلىرى دەيدۇ
بۇ موتوسىكىلىتلارنى ئۆيىڭىزدە قويسىڭىز بولىدۇ لىكىن سىرىتقا ھەيدەپ ئىلىپ چىقىشقا قەتئى بولمايدۇ ئەگەردە سىرىتقا ئىلىپ چىقسىڭىز مۇسادىرە قىلمىز دەيدۇ.. شۇنىڭ بىلەن بىز 4 مىيىپ كىشى ئۇرۇمچىگە بىرىپ موتوسىكىلىت سىتىۋالغان دۇكانغا بارغىنىمىزدا بىزگە موتوسىكىلىت سىتىپ بەرگەن خەنزۇ بار ئىدى بارلىق گەپنى چۇشەندۇرۇپ. 12531 غا تىلفۇن قىلىپ مەسئۇل خادىملارنى شۇ دۇككانغا ئىلىپ كەلگىچە بۇخەنزۇ دۇككاننى ئۇرۇق تۇققىنىغا يالغاندىن سىتىپ بىرىپ كۇلىغا قىچىپ كىتىدۇ. ئەمدى بۇ 12531 دىكى خادىملار دەيدۇكى
ھازىر سىلارنىڭ ئىشىڭلارى بىجىرەلمەيمىز 6-ئايدا كىلىڭلاردەيدۇ
..بىزگە موتوسىكىلىتنى سىتىپ بەرگەن چاغدا نۇمۇرتاختىسى. كىنىشكە كەتمەيدۇ دەپ سىتىپ بەرگەن. مۇنۇ ھازىر ئويىمىزدىن سىرىتقا ئىلىپ چىقالمايۋاتمىز موتوسىكىلىتنى...بىز 4مىيىپ دانىسى 30مىڭ يۇئەنلىك موتوسىكىلىتتىن 4 نى سىتىۋالغان ئىدۇق 120مىڭ يۇئەن مۇشۇنداقلا تۇگەمدۇ بىزمىيىپلارنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى كىم قوغدايدۇ . 12531 دىكى خزمەتچى خادىملار قانۇن ۋە پۇخرادا ئوزىنىڭ دىگەن گىپىگە ئەمەل قىلمىدى
بىز 4 مىيىپ نەگە بىرىپ ئوزىمىزنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغدىشىمىز كىرەك قولمىزدا ئىسپاتلار تولۇق
1-ئايدا ئۇرۇمچىگە كەلسەك 2-ئايدا كىلىڭلار دىدى . 2-ئايدا كەلسەك 6-ئايدا كىلىڭلار دەيدۇ.ياكى بىزگە قانائەتلەنگىدەك جاۋاپ بەرمىدى. بىز دىھقان مىيىپلارنىڭ ئۇششاق باللىرىمىز بار ئۇرۇمچىگە كىلىپ كىتىپ يۇرۇۋەرسەك بىزنىڭمۇ تۇرمىشىمىز تۇرسا. شۇڭا ئەزىز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپلىك پىكىر بىرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۇمۇت قىلمىز.. جەنۇپتىكى تۆت مىيىپ تىن.........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-24 03:55 PM