قەيەردە سەن ئەي لۈكچەك بالا؟
قۇربانجان ئابدۇرېھىم ئەلرام
مەھەللىدە ھەممىلا قىز سىڭلىڭدەك،
كۆيىنەتتىڭ، كۆزىتەتتىڭ يولىنى.
كۆرۈشمەكنى ئويلاپ كەلسە يات يىگىت،
ئۇرۇشاتتىڭ، كەتكۈزەتتىڭ تىز ئۇنى.
قىزىق يىرى، مەھەللىدە يىگىتلەر،
ئەگىشەتتى، قوللىغاندەك سېنىلا.
ئاتا-ئاناڭ دائىم غەمدە يۈرەتتى،
بولغاچقا «سەن ئۇرۇشخۇمار،كۆك بالا».
بەزى قىزلار «لۈكچەك» دېگەن شۇ سەۋەپ،
يول تۇسۇلۇپ ئايرىلغاچقا «خىيال»دىن.
لېكىن، بىر ئىش ئايان ئىدى ھەممىگە،
«قىز خەۋىرى» تارقالمايتى «شامال»دىن...
ھازىر باقسام ئەتراپىمغا، سەنمۇ يوق،
چۆچەك ھەرخىل، تۇرمۇشتا بار رەڭ، جۇلا.
ئويلاپ، ئەسلەپ سېغىنىشتا ئاھ ئۇردۇم،
سەن قەيەردە لۈكچەك بولغان ئەي بالا؟!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-23 10:34 PM