رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
مېھىر بىرىپ ياشاڭ
يامانلىقنى قىلسا ھەر كېشى،
قىساسى بار گالدىن بۇغىدۇ.
ئۇزۇن بولسۇن ياخشىنىڭ يېشى،
ياخشىلىقنى ياخشى تۇغىدۇ.
يامانلارغا ئەلدە لەنەت بار،
ياخشىلارغا كۈلۈپ قارىشۇر.
يامانلارغا نەدە مەدەت بار،
ياخشىلارغا ناخشا يارىشۇر.
نەپسىنىڭكى بولمىسا قۇلى،
بوردا نانغا تۇيىدۇ قۇرساق.
بىخىللارنىڭ تاپقان شۇ پۇلى،
ئۆز-ئۆزىگە بولىدۇ تۇزاق.
خەلىق ئۈچۈن ياشاپ كەتكەننى،
قەبىرلەيدۇ خەلقىم قەلبىگە.
ئۇنۇتمايدۇ مېھىر بەرگەننى،
مېھىر بىرىپ ياشاڭ ھەممىگە.
رۇستەم قاراسۇ..ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-23 09:23 PM