تاماكا- تاماكا يۇپۇرمىقىنى قەغەزگە ئۇراپ باش قىسمىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ شۇراپ ئادەم بەدنىگە كىرگەندىن كېيىن خىميىلىك تەركىبگە ئايلىندىغان چىكىملىك. ئۇ تاماكا،سىگارىت،غاڭزا قاتارلىق تۈرگە ئايرىلىدۇ .
تاماكنى تۈزگۈچى ئاساسلىق تەركىبلەر نىكوتىن،كوكس مېيى ۋە كاربون (2) ئوكسىدى . تاماكا چەككەن شۇ كشىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ، ئەتراپدىكى كىشلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر كۆرسىتدۇ. شۇڭلاشقا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامىرىكا تاماكا چىكىدىغان كىشلەرنى ئىلىتىشنى رەت قىلسا بۇلىدىكەن.
كۆپلىگەن تاماكا چەككۈچلەر ياش ۋە قۇرامىغا يەتكەندىن باشلاپ تاماكا چىكىشنى باشلىغان، دەسلەپتە بىرقىسىم نۇرمالسىز ئالامەتلەرنى مەسلەن: كۆڭلى ئاينىش،ئۇيقۇسى بۇزلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغان.بارلىققا كېلىشتاماكىنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردىن باشلاپ جەنۇبى ئامرىكىدا ئۆستۈرۈپ ئىشلەپچىقرىلغان، كېيىن كۆيدۇرۇلشكە بۇلدىغان ئۆسۈملۈك دەپ قارالغان. كۆپلىگەن قەدىمقى مەدەنيەتلەردە، بابىلون، ھىندىستان ۋە جۇڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنى مۇراسىملاردا شاڭ كۆيدۈردۇ، بۇ خىل ئۇسۇل كىيىنگە كەلگەندە كاتولىك دىنى ۋە پراۋوسلاۋىيە دىندا بۇتخانا ۋە چىركاۋلاردا ئېلىپ بېرىلغان. شىمالى ئامىركىنىڭ شەرقى قىسمىدا كۆپلىگەن تاماكا سودا ئىشلىرغا ئىشلىگەن، بۇ يەردىكى كىشلەر غاڭزا ئارقىلىق تاماكا چەككەن. تاماكا ،تاماكا يۇپۇرمىقى دۇرا قىلىنغان، ئۇنىڭ ئاغرىق پەسەيىتكۈچى، چىش ئاغرىقى ۋە قۇلاق ئاغرىشنى داۋالاشتا مەلھەم دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەن.تاماكىنىڭ تارقىلشى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئەن رىن(Arawakan) تۇنجى بولۇپ تاماكا تېرىغان. جامىس توۋىن (Jamestown) لىق كىشى يۇخان لورفۇ تۇنجى بولۇپ تاماكانى قانداق تېرىشنى بىلگەن. 1612-يىلى لورفۇ ئەلا سۈپەتلىك تاماكا ئۇرقىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئو ۋىرگىنىيىدە تېرىپ ئەنگىليىدە ساتقان. 1560-يىلى فىرانسىيەلىق نىئان نىكوت (Jean Nicot) فىرانسىيەگە ئېلىپ كەلگەن، كېيىن تارقىلىپ ئەنگىليەگە بارغان. خۇددى قەھۋە ۋە ئەپيونغا ئوخشاش ،دەسلەپتە بېھۇش قىلىش دورىسى سۈپتىدە ئىشلىتىلگەن. جۇڭگۇغا تەخمىنەن مىڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى يىللىرى تارقىلىپ كىرگەن. ھازىر دۇنيادىكى 5% تىن يۇقىرى نوپۇس تاماكىغا قارىشى تۇرۇش قانۇننىڭ قوغدىشغا ئېرشەلەيدىكەن. دۇنيا سەھيە تەشكىلاتنىڭ سىتاستىكىسغا ئاساسلانغاندا تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك سەۋەبىدىن ھەر يىلى 5،000،000 ئادەم بالدۇر ئۆلۈپ كىتدىكەن ئۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 600،000 مىڭ كىشى تاماكا چەككۈچلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلار ئىكەن.
نىكوتىننىڭ تەسىرى
تاماكا كىشلەرنىڭ سالامەتلىكگە كەلتۈردىغان تەسىرى ئىنتايىن كۆپ بىرمۇ پايدىلىق تەرىپى يوق. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ، ئىتالىيە ئالىملىرى تاماكىنىڭ ئۆپكە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى بۇلۇپ تاماكا تاشلاشنى مۇراجەت قىلغان،ئىككىنچى دۇنيا كەلگەندە بۇ قاراش يۇقۇلۇپ كەتكەن. 1950-يىلى ئەنگىليىلىك تەتقىقاتچىلار تاماكنىڭ ئۆپكە بىلەن بۇلغان مۇناسۋىتنى ئېنىقلاپ چىققان.
تاماكىنىڭ نەپەس يۇلىغا بولغان تەسىرى |
تاماكىنىڭ زىينى
تاماكا چېكىش ئىنتايىن ئۇمۇملاشقان ئىجتىمائى ھادىسە، ئەمما ئۇنىڭ ئشلەپچىقرىلىشى ۋە ئىستىمال قىلنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققتىنى قوزغاۋاتقان ئىجتىمائى مەسلە. بۇنىڭ سەۋەبى، كىشلەر تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى تەدرىجى تۇنۇپ يەتتى ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق تۇنۇشقا كەلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىردىلا تەتقىقاتچىلار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن- قىسقا بۇلۇشنىڭ تاماكا چېكىش بېلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تاماكا چېكىش ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندى، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشلەرنىڭ يىتەرلىك دىققەت ئىتبارىنى قوزغىمىغانىدى.
تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىش دەرىجىسىنىڭ كىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مېدىتسىنا، گېگىنا ئالىملىرى ۋە سىياسىيونلار تاماكىنى «20- ئەسىردىكى تارقىلىشچان كېسەللىك» ، يەر شارىدىكى « ئەڭ زور ئامىۋى سەھىيە مەسلىسى » دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاماكا چېكىشنى تېزگىنلەش دولقۇنى قوزغىدى، تاماكا چېكىشنىڭ زىينىغا ئۇچىرغان « بەگىلەر » تاماكا تاشلىدى. ئەمما تاماكا چېكىش بىلەن كېسەللىككە گېرىپتار بۇلۇش ئارلىقىدا مەلۇم ۋاقىت بولغاچقا، بەزى « بەڭگى » لەر يەنىلا ئويغانمايۋاتىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ ئالىملار ھايۋاناتنى سىناق قىلىش، ئادەم تىننى ئاناتومىيلىك تەكشۈرۈش ۋە سىتاتسىكا قىلىش ئارقىلىق، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەمىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندە نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گېرىپتار قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. مەسلەن، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئۆپكە راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسبىتى 10~20 ھەسسە، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىشىقىغا گېرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 3~6 ھەسسە، يۈرەك تاجىسىمان ئارتىريەسى بوتقىسىمان قېتىش كېسىلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 5~10 ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ئۆپكە تۇقۇلمىلىرى ھال رەڭ ياكى قىزىل، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ بولسا ئىلاستىكىلىغى ئىنتايىن ناچار ھەم قارا بولىدۇ، ئۆپكە- كاناي بوشلىقىدا كۆپ مىقداردا كاربۇن زەرىچىلىرى بار قۇڭۇر رەڭلىك بەلغەم پەيدا بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بۇلىدۇكى، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە- كانىيى خۇددى تۇرخۇنغا ياكى مەش كانىيغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن كېسللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ئۈلۈمگە سەۋەپ بۇلىدىغان ئالدىنىقى تۆت خىل كېسەللىك، يەنى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى، مىڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سېستىمسى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى تاماكا چېكىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 25 پىرسەنتى، نەپەس يۇلى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 75 پىرسەنتى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تۇخۇمدان راكى، دوۋساق راكى، ئېغىز بوشلىقى راكى، ئاشقازان يارىسى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى بۇلىدىكەن. ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە، يۇقۇرى قان بېسىمى، تۇتقاقلىق، بالدۇر تۇغۇش ياكى بالا كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن. ھازىر دۇنيا بۇيچە ھەر يىلى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىليۇندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليۇنى جۇڭگۇدىكى « بەڭگىلەر» دۇر.
تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى مۇشۇنداق چوڭ بولسىمۇ، ئائىلىدىن جەمئىيەتكىچە ئادەم بار جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا تاماكا چېكىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئىقتىسادى زىياننى ھىساپلاپ كۆرەيلى، ھازىر دۆلىتىمىزدە 400 مىليۇن « بەڭگى» بار، ھەر بىر « بەڭگى » ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا چەكسە، بىر قاپ تاماكىنى 5 يۈەندىن ھېسپلىغاندا، بىر كۈندە 200 مىليۇن، بىر يىلدا 73 مىليارد يۈەن بۇلىدۇ. سىتاتسىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئازادلىقتىن كىيىنكى 40 يىلدا تەبئى ئاپەتلەر دۆلىتىمىزدە جەمئى 300 مىليارد يۈەن ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلغان، بۇ يىلغا 7 مىليارد 500 مىليۇن يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەبئى ئاپەتلەر پەيدا قىلغان ئىقتىسادى زىياننى ئۆزىمىز پەيدا قىلغان تاماكا ئاپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن يوق دىيەرلىك!
تۈۋەندە بىز تاماكىنى تاشلاشنىڭ چارىللىرغا نەزەر سالايلى
تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى چۈشەنگەن ھامان، كۆپىنچىسىدە تاماكا تاشلاش ئويى تۇغۇلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشى ھەمىشە قەتئىي ئىرادىگە كېلەلمىگەنلىكتىن تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسالمايدۇ. پائالىيەت پېنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ماھارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت ئىكەن.
قەتئىي ئىرادىگە كېلىش. ئاۋۋال تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش ھەمدە تاماكا تاشلاشتىكى سەۋەبنى كۆزگە چىلىقىدىغان جايغا يېزىپ قويۇش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان «خۇمار تۇتۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى»نى نىكوتىننىڭ بەدەندىن چىقىرىلىپ، ساغلاملىقنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قاراپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن سالماق مۇئامىلە قىلىش لازىم. تاماكا تاشلاشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەندە ئۆز-ئۆزىنى مۇكاپاتلاپ، تاماكا تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاش. ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تاماكا تاشلاش تەجرىبىسىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنى بىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى دەپ قارىساق تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز تېخمۇ كۈچىيىدۇ. تاماكا تاشلاشنى يېڭى باشلىغاندا ئۆمۈرلۈك تاماكا تاشلاشتەك چوڭ نىشاننى بىراقلا تۇرغۇزۇۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ھەر قېتىمدا ئەمەلگە ئاشسا، شۈبھىسىزكى تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.
ماھارەتنى ئىگىلەش. تاماكا تاشلاشنى باشلايدىغان كۈنگە ئاي بېشى، تۇغۇلغان كۈن دېگەندەك يېڭى باشلىنىشنى بىلدۈرىدىغان كۈنلەرنى تاللىغاندا، تاماكا تاشلاشقا ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سۇ ئىچىش، سېغىز چايناش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا دىققەتنى ئۈنۈملۈك بۇرىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوستلارنىڭ تاماكا تۇتۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراش، كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مۇناسىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش» كېرەك. تاماكا تاشلاش جەريانىدا تاماكا تاشلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، يىڭنە سانجىش دېگەندەك قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت تاماكا تاشلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئازابنى يېنىكلىتىپ، تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
قىسقىسى، قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تاماكا تاشلاشنى بىر «جەريان» دەپ بىلىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوشاشماس روھ بىلەن خىرىسنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋالسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.
تاماكا تاشلاشنىڭ ئالتە ئىپى
1. تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ، تاماكا تاشلاشنى ئاڭلىق تەلەپ قىلىشى لازىم.
2. ياخشى بولغان ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى تېپىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ھەمىشە «قىلغىلى ئىش قالمىغان»دەك ھېس قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياكى ئۆيگە سېغىز، گازىر، مېۋە-چېۋە دېگەنلەرنى قويۇپ قويغاندا، ئۈلارغا «مەنىسىزلىك»نى ھېس قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن.
3. تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى، مەسىلەن، چاقماق، كۈلدان، تاماكا قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ «شەرتلىك رېفلېكس»ىنى ئازايتىش كېرەك.
4. تاماكا چېكىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، دوست-بۇرادەر ۋە خىز مەتداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى باشلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.
5. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئۈنۈملۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا دىققەتنى بۇرىغىلى بولىدۇ. تەنھەرىكەت جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. كەيپىيات مۇقىم بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
6. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قايتا چېكىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن يەنە بىرنى تارتىپ قويۇش ياكى بىر تال چېكىپ سېلىش تاماكا تاشلاش مەغلۇپ بولغانغا تەڭ ئەمەس، سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ تېپىپ چىقىپ، تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان قىزىقارلىق 15 ئۇسۇل
تاماكا تاشلاپ باققانلارنىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلاش تەس، تاماكا تاشلاش كەمپۈتى يېگەن، تاماكا تاشلاش مۇشتىكى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ تىتىلداپ، ئاخىرقى بىر تالنى چېكىۋالغۇسى كېلىدۇ، نەتىجىدە تاماكا تاشلاش پىلانىنى تاماملىيالمايدۇ، دەيدۇ. تۆۋەندە سىزگە تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بەزى قىزىقارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز: 1. ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۆزىڭىزگە تاماكا چەككىلى بىر سېكۇنتمۇ ۋاقىت قالمىغۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
2. تاماكىنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ؛ ناۋادا بىر كىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، شۇنىڭغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3. ھەر كۈنى سەھەردە ئۆزىڭىزگە: مەن تاماكىدىن بىزار، مەن تاماكىغا ئۆچ، دەڭ.
4. بىر يۈرۈش ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۆگىنىپ، تاماكا چەككۈڭىز كەلگەندە سەكرەپ-تاقلاپ تازا تەرلەڭ.
5. بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ياكى چىلان-لوڭيەن چېيى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى: سالامەتلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا موھتاج، دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭ.
6. ھېسابلاپ بېقىڭ: بىر يىللىق تاماكا پۇلىنى ئىقتىساد قىلسىڭىز داڭلىق سائەتتىن بىرنى ئارتۇق سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.
7. ئىلگىرىكى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنى «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غا ئىئانە قىلىشمۇ توغرا تاللاشتۇر.
8. بىر نەچچە تەشتەك چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ، مىجەزنى تاۋلاپ، دىققەتنى ئىمكانقەدەر بۇراڭ.
9. ئۆيلەرنى تازىلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى پاكىزە، رەتلىك، ساپ تۇتۇڭ.
10. ئۆزىڭىز ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن سېتىۋېلىڭ، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يەڭ.
11. ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا: «مەن تاماكا تاشلىدىم» دەپ، ئۇلارنى تاماكا تاشلىغانلىقڭىزغا گۇۋاھچى قىلىڭ.
12. تاماكا چېكىۋاتقانلارنى كۆرگەندە كۆڭلىڭىزدە: «ئەخمەق، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتىسەن» دەڭ.
13. ئەگەر بىرسى سىزگە تاماكا تۇتسا، سىز ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن باغلاشقانلىقڭىزنى، ئەگەر بىر تال چېكىپلا قالسىڭىز 15-قەۋەتتىن سەكرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.
14. ئۆزىڭىزنى: مېنىڭ ئىرادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ھەتتا تاماكىنىمۇ تاشلىۋەتتىم، دېمەك مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق، دەپ ماختاڭ.
15. دائىم ئۆينى يوقلاپ تۇرۇڭ، تاماكا ئالىدىغان پۇلغا ئازراق سوۋغات سېتىۋىلىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تەقدىم قىلىڭ.
تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلاشنىڭ 12 ئۇسۇلى
تاماكا چېكىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، شۇڭا تاماكىنى بۇرۇنراق تاشلاش كېرەك. تاماكا تاشلاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندىكى 12خىل تاماكا تاشلاش چارىسىنى كۆپچىلىك سىناپ باقسا بولىدۇ:
1. مەقسەتلىك ھالدا بىر-ئىككى كۈن تاماكىنى مىقداردىن ئارتۇق چېكىپ (ھەر كۈنى ئىككى قاپ ئەتراپىدا)، بەدەننى تاماكىنىڭ پۇرىقىدىن بىزار قىلىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش ياكى سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ تاماكا چەككۈسى كەلمەي قالغاندا تاماكا تاشلاش كېرەك.
2. ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقڭىزنى ئويلاش بىلەن بىرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى (مەسىلەن، قولىڭىزدىكى تاماكا قېپى ياكى تاماكىغا بەلغەم يۇقۇپ قالغان دېگەندەك) تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
3. تاماكا تاشلىشىڭىزدىكى سەۋەبنى قەغەزگە يېزىپ، دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ؛ مۇمكىن بولسا ئىمكانقەدەر يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۇرۇڭ.
4. ستېۋىلىشنى ئويلىغان نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ باھاسى بويىچە شۇ پۇلغا قانچە قاپ تاماكا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاڭ. ھەر كۈنى تاماكا ئالىدىغان پۇلنى غەللىگە سېلىڭ. ھەر ئايدا بىر قېتىم پۇلنى ساناپ تۇرۇڭ.
5. دوستلىرىڭىز بىلەن باغلىشىپ، تاماكا تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا پۇلىڭىزنى «دوغا تىكسىز».
6. پاچكىلاپ تاماكا سېتىۋالماڭ.
7. تاماكا، سەرەڭگە ياكى چاقماقنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرمەڭ.
8. تاماكىڭىزنىڭ ماركىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇڭ، ئەمما يېڭى ماركىدىكى تاماكىنىڭ كوكس مېيى مىقدارى بۇرۇنقى ماركىدىكى تاماكىنىڭكىدىن چوقۇم تۆۋەن بولسۇن.
9. ئىس تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ئۆپكە، بۆرەك ۋە قان تومۇرغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى دائىم مۇلاھىزە قىلىڭ.
10. تاماكا پۇرىقىنىڭ نەپەسلىنىش، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي ئىچىدىكى بىساتلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىڭ.
11. ئۆز قىلمىشىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈدىغان زىيىنىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئۇلار بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتىدۇ.
12. ئۆزىڭىزدىن ساغلاملىقىڭىزنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى سوراپ بېقىڭ.
قانداق قىلغاندا تاماكىنى ئۈنۈملۈك تاشلىغىلى بولىدۇ؟
ئاۋۋال تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. پەقەت بىر كۈن تاماكا تاشلىسىلا تاماكا تاشلاشنىڭ يۈرەك، قان بېسىمى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدىسى ئېنىق ئايان بولىدۇ. تاماكا تاشلاپ بىر يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خەۋپى داۋاملىق تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ.
تاماكا تاشلاپ 5-15يىلدىن كېيىن سەكتە بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشىدۇ.
تاماكا تاشلاپ 10يىلدا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى داۋاملىق تاماكا چېكىدىغانلارغا قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ. ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى، بۆرەك راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ، ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ.
تاماكا تاشلاپ 15يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئۆلۈپ كېتىش ئومومىي خەتىرى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا تاشلاش كېچىككەنلىك ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ياخشىسى ساغلاملىققا ئېغىر زىيان يېتىشتىن ئاۋۋال تاماكىنى تاشلاش كېرەك.
1.تاماكىنى قانداق تاشلاش كېرەك؟ (1) تاماكىنى تاشلاشنى ھازىردىن باشلاش كېرەك، تاماكىنى مۇتلەق تاشلاش ياكى تاماكا چېكىش قېتىم سانىنى تەدرىجى ئازايتىش ئۇسۇلىدا ئادەتتەئۈچ-تۆت ئايدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
(2) بارلىق تاماكا، چاقماق، سەرەڭگە ۋە كۈلدانلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك.
(3) ئىلگىرىكى دائىم تاماكا چېكىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(4) تاماقتىن كېيىن سۇ ئېچىش، مېۋە-چېۋە يېيىش ياكى سەيلە قىلىش لازىم، تاماقتىن كېيىن بىر تال چېكىۋېلىش ئويىدىن قۇتۇلۇش كېرەك.
(5) تاماكا خۇمارى تۇتقاندا دەرھال چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش ياكى شېكەرسىز سېغىز چايناش كېرەك. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاماكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ساقلىنىش لازىم، ئۇنداق قىلمىغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش، بەدەن سەمىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
(6) تاماكىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلىش، يەنە بىر تال تاماكا چەكسىلا تاماكا تاشلاش پىلانىنىڭ نۆلگە تەڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.
2. تاماكا تاشلىغاندا چىداش تەس بولغان دەسلەپكى بەش كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟
تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
(1) ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ، نىكوتىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(2) ھەر كۈنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، تاماكا خۇمارىغا چىدىيالمىغاندا دەرھال يۇيۇنىۋېلىش كېرەك.
(3) تاماكا تاشلىغان بەش كۈندە يېتەرلىك دەم ئېلىش، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش لازىم.
(4) تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش، 15-30مىنۇتقىچە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەك.
(5) غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنى سۈت، يېڭى مېۋە شەربىتى ۋە دانلىقلار تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.
(6) ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىك، مايلىق يېمەكلىك، قەنت-گىزەك، تاتلىق-تۈرۈملەرنى يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
(7) ۋىتامىنB تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ نىكوتىننى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەسلەپكى بەش كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە تاماكا تاشلاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىسە بولىدىكەن: 1. تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش ياكى ئېغىزنى چايقاش، پاكىزە، تاماكا پۇرىقى يوق كىيىملەرنى كىيىش.
2. قولىدا تاماكا تۇتىدىغان ئادەتنىڭ ئورنىغا سىياھ قەلەم ياكى قېرىنداش تۇتۇشنى دەسسىتىش.
3. كۆپرەك ۋاقىتنى كۇتۇپخانىدا ياكى تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈش.
4. قاۋاققا ۋە زىياپەتكە بېرىشتىن ساقلىنىش، تاماكا خۇمارى ئېغىر كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشتىن ساقلىنىش.
5. تاماكا چەكمەي ئىقتىساد قىلغان پۇلغا ئۆزى ئۈچۈن بىر سوۋغات سېتىۋېلىش.
6. ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە تاماكا چەككۈسى كېلىدىغان ئادەتنى تاشلاشقا ھازىرلىق كۆرۈش.
يۇقارقىلارنى بىرلەشتۈرگەندە تاماكىنى تامامەن تاشلىغىلى بولىدۇ، مۇھىمى قەتئىي ئىرادە.
قوشۇمچە:
تاماكا تاشلاپ 20مىنۇتتىن 15يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەيران قالارلىق بايقاش
خۇشخەۋەر! سالامەتلىكىڭىز سىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چەككەندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى!
تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن: نىكوتىن قاننىڭ ئېقىشىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى نىكوتىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قول ۋە پۇت قىسمىنىڭ شۇنداق بولىدۇ.
تاماكا تاشلاپ سەككىز سائەتتىن كېيىن: قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تاماكا چەكمىگەن چاغدىكى سەۋىيىگە يېتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى %50 ئازىيىدۇ.
تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن: بەدەندە قىپقالغان كاربون چالا ئوكسىد ئاساسەن يوقىلىدۇ، ئۆپكە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان باشقا تاماكا قالدۇق ماددىلىرىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ.
تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن: نىكوتىن تولۇق يوقايدۇ، تەم سەزگۈڭىز ۋە پۇراش سېزىمىڭىزنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
تاماكا تاشلاپ 72 سائەتتىن كېيىن: نەپەسلىنىش تېخىمۇ يەڭگىلىشىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن روھىي ھالىتىڭىزدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
تاماكا تاشلاپ ئۈچ ئايدىن توققۇز ئايغىچە: ھەر قانداق نەپەس مەسىلىلىرى ياخشىلىنىدۇ ھەمدە ئۆپكىنىڭ ئۈنۈمى %10 ئاشىدۇ.
تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن: كۆپىيىش ئىقتىدارى %33 ئاشىدۇ.
تاماكا تاشلاپ بەش يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چېكىشتىن ئاۋۋالقىنىڭ يىرىمىغا تۆۋەنلەيدۇ، سەكتە بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.
تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن: ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نورمال ئادەملەرنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ.
تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.
ئەگەر سىز 35 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن تاماكىنى مۇۋەەپەقىيەتلىك تاشلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆزلەنگەن ئۆمرىڭىز نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
مەنبە . ئۆزەم . توپلىغان ماتىريال