ئىشخانا مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك جاي
ئىشىخانىدا خىزمەت قىلىش بەلكىم سىز ئويلىغاندىنمۇ بەتەر خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. ھەركۈنى خىزمەت ئورنىڭىزدىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارسىزنىڭ ئاستا-ئاستا تېنىڭىزگە زەربە بىرىدۇ، پېرىنتىردىن تارتىپ كۇنۇپكا تاختىسىغىچە ئىشىخانىدىكى «خەتەرلىك بۇيۇم»لار راستىنلا ئاز ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ تېنىمىزگە ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي جىددىيلىك قوشۇلۇپ سالامەتلىكىمىزگە كۆرىنەرلىك تەھدىت
پەيدا قىلىدۇ.
كۈن بويى ئۈستەلدىن نىرى بولماسلىق
ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى ھەقىقەتەن زور، بەدەننىڭ سىرقىراپ ئاغىرىشى كېچىك مەسىلە، ئۇ ھەتتا بىزنى تۇيۇقسىز بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن! بىز قەرەللىك چىنىقىش بىلەن شۇغۇللانغان تەقدىردىمۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشنىڭ خەتىرىنى يەنىلا ئۈزۈل -كېسىل ھەل قىلالمايدىكەن. ئۇستىخان، موسكۇل كېسەللىكلىرى، سېمىزلىك كېسىلى، دېئابت كېسىلى، راك، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار ئىشخانىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشنىڭ بىزگە ئاتىغان سوۋغاتلىرى ئىكەن.
ئىشخانا ھاۋاسىنىڭ ساپ بولماسلىقى
ئىشىخانا ئىچىنىڭ ھاۋاسى سىرتتىكى ھاۋادىن 100 ھەسسە ناچار بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر قويۇپ بېرىدىغان زىيانلىق گاز ۋە خېمىيىلىك بۇلغانمىلارچۇ؟ ھەتتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىچىدىمۇ سانسىزلىغان بۇلغانما ماددىلار بولىدىكەن. پۈتۈن بىر ئىشىخانا بىناسىنىڭ ئىچىدە بەلكىم مىليۇنلىغان زىيانلىق مىكرۇپلار ھەريان ئۇچۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن…
ئىشخانىدىكى ئەشۇ ھارماس «ئەرمەك»لەر
ئەگەر نۇسخىلىغۇچنىڭ سۈزگۈچىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرمىساق، ئۇ ئاچچىقىغاپايلىماي يوشۇرۇن ھالدا جانغا زامىن ئوزۇن گازىنى قويۇپ بېرىدىكەن، ئۇنىڭ مىقدارى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا كۆكرەك ئاغرىش ۋە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. پېرىنتىرنىڭ رەڭ بويىقىنىڭ زەررىچىلىرى ئۆپكە ۋە قان سۇيۇقلۇقىنى بۇلغاپ ئۆپكە كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇش
بىركۈنلۈك ئەڭ تولۇق خىزمەت ۋاقتىنىڭ 8 بولۇشى مۇنداقلا چىقىرىلىپ قالغان ئەمەس، ياۋروپالىق ئالىملار يەنە كۈندىلىك خىزمەت مىقدارى 11 سائەتكە يەتكەندە ئادەمنىڭ ئاسانلا يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانچىپ ئاغىرىش قاتارلىق يۈرەك-تومۇر كېسەللىلكىرىگە گرىپتار بولۇپ قېلىش نېسبىتنىڭ ئالتە ھەسسە ئېغىر بولدىغانلىقىنى ئىنىقلاپ چىققان.
بەد – بەشىرە كۇنۇپكا تاختىسى
ئەگەر تازىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسەك، كۇنۇپكا تاختىسى باكتېرىيىلەرنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مىكروجانلىق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى باكتىرىيە سانى ئاممىۋى مۇنچىنىڭكىدىن 5 ھەسسە كۆپمىش! بۇ ئەبلەخلەرنىڭ ئىچىدە چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيىسى دېگەندەك خەتەرلىك ئۇنسۇرلار بولۇپ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
كومپيۇتېر ئىكرانىغا قادىلىپ ئولتۇرۇش
گەرچە كۆپىنچە ماتېرىياللاردا كومپيۇتېر ئىكرانىنىڭ رادىئاتسىيەسى تۆۋەن دېيىلسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت ئىكرانغا قادىلىپ ئولتۇرغاندا جىددىيلىشش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا باش ئاغرىش، باشنىڭ قىسمەن تەرىپى ئاغىرىش ئالامەتلىرى يۈزبېرىدىكەن.
توختىماي خەت بېسىش
كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ يۇقىرىقى زىيىنىنى ئاڭلىدۇق، ئەمدى ئۇنىڭدا كۆپ خەت باسقاندا بېغىش يىغىندا كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن، يەنى قول بېغىشى تېلىپ ئاغىرىپ تۇرۇش، ھەتتا پۈتكۈل بىلەك ئاغىرىش دېگەندەك. ئەگەر بۇخىل ئالامەت ئۇزۇن داۋاملاشسا مەڭگۈلۈك نېرىپ بۇزۇلۇش ۋە موسكۇل يېگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنىمىز بار
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن « ئويناش» قا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىۋاتقانسىز؟ توختىماي ئۇچۇر يوللاش، كىيۇ-كىيۇ، مىكرو بلوگ، مىكرو خەت ئويناش دېگەنلەر بىزنى ئارامىمىزدا قويمايۋاتىدۇ. ئەمما تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ مۇسكۇل چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ بىرتۈرلۈك تىپىك تەكرارلانما بىسم زەربىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى قول بېغىشى ۋە قول ئاغىرىيدۇ ۋە ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
ۋاقىت تىجەيدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەر
كۆپ ساندىكى ئىشخانا خىزمەتچىلىرى، بولۇپمۇ خانىم-قىزلار ۋاقىت تىجەش ئۈچۈن تەييار يېمەكلىك يېيىشكە ئادەتلەنگەن. قەرەلسىز تۈردە ، بۇنداق ئەخلەت يېمەكلىك ئېستىمال قىلىش باشقا زىيانلىردىن باشقا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئېلگىرى سۈرىدىكەن.
قەرەللىك ۋە قەرەلسىز جىددىيلىك
«كۈندىلىك ئىلىم-پەن» ژورنىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمي دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەرەللىك ۋە قەرەلسىز تەكشۈرۈش، خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيلىكلەر ئادەمنى ھالسىزلاندۇرىۋەتلەندىن باشقا ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇنداق قىسقا مۇددەتلىك كۈچلۈك بېسىم نەچچە ھەپتىلىك ياكى نەچچە ئايلىق ئۈزلۈكسىز بېسىمدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈدىكەن.
خىزمەتتىن مەنىسىزلىك ھېس قىلىش
مەنىسىزلىك ھېس قىلىش ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. لوندۇن ئۇنىۋېرستىېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكەنكى، خىزمەتنىڭ ئىنتايىن مەنىسىز ئىكەنلىكىدىن زارلاپ يۈرگەن كىشلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نېبىستى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان . ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نېسبىتىمۇ يۇقۇرى بولغان. ھېچ بولمىغاندا خىزمەتتىن زىرىكىش سىزگە خىزمەت داۋامىدا كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ.
يازمىنىڭ تۇنجى ئادرېسى :
http://birdada.com/?p=374