سىتۇدېنتلارغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بەش تۈرلۈك «توردىكى قوشۇمچە خىزمەت»
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم خىزمەت تاپماقنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىدىن ۋايسايدۇ، چۈنكى خوجايىنلار ئۇلارنىڭ يېتەرلىك خىزمەت تەجرىبىسىنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىشىدۇ.
لېكىن، ھازىرقىدەك ئنتېرنت -ئۇچۇرتېخنىكىسى زامانىدا، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىئ ئۈچۈن توردا قوشۇمچە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتى ناھايىتى مول.
بۇ خىزمەتلەر ئۈچۈن چوڭ بىر خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ بولۇشى زۆرۆر ئەمەس، يەنە بەلكىم خىزمەت تەجرىبىسىمۇ ئۇنچە مۇھىم تەلەپ بولماسلىقى مۇمكىن.
نۆۋەتتە ئادەتتە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توردىن ماتېرىيال ئىزدەش، ئالاقىلىشش، ئۆگېنىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىلەن مەشغۇل بولىشىدۇ. ئەمدى بىز، تور دۇنياسىدا ئۇلاردىن تاشقىرى يەنە ئىش تېپىپ ئىشلەشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى ھەققىدە ئاددىيغىنە ئىزدىنىپ كۆرەيلى، بەلكىم راستىنلا سىز قىلغۇدەك بىر قوشۇمچە خىزمەت تېپىلىپ قىلىشى ئىھتىمال.
Data Entry and Virtual Assistant- سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش ۋە مەۋھۈم ياردەمچىلىك خىزمىتى
نۇرغۇن خوجايىنلار سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش، ئېلېكترۇنلۇق يوللانما يوللاش ۋە باشقا توردا باشقۇرۇش ئىشلىرىغا يولۇققاندا دائىم دېگۈدەك سىرتتىن ۋاكالەتەن بىجىرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ. ئەلۋەتتە سىز بۇئىشلارنى ياتىقىڭىزدا بىجىرسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزگە كېرىكى بىر دانە كومپيۇتېر ۋە ھۆججەت بىرتەرەپ قىلىش، جەدۋەل بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدىكى بىلىم.
Transcription- خاتىرىلەش خىزمىتى
خاتىرىلەش خىزمىتى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىكى تۇرمۇش مۇھتىغا تازا ماس كېلىدۇ، چۈنكى سىز ۋاقتىڭىزنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز. كۆپلىگەن شېركەتلەر بۇ ئشىقا تەجرىبىسى بار خادىملارنى تەكلىپ قىلىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بۇ مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شېركەتلەرتەجرىبىسى بولمىغانلارنىمۇ ئىشلىتىۋىرىدۇ. بىر خاتىرىلىگۈچى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن سىز ئادەتتە ھەر ھەپىتىسى بىرقانچە سائەت خىزمەت قىلىسىز. خاتىرىلەشكە تېگىشلىك مەزمۇن بولغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرى سىزگە ئېلېكترۇنلۇق پوچتىدىن يوللىنىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۆزىڭىز توردىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىز كومپيۇتېرغا ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلشقا ئائىت يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ قوللىنىشنى بېلىشىڭىز كېرەك.
Freelance Writer- ئەركىن يېزىقچىلىق خىزمىتى
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن كۆپ ۋە قولايلىق. توردامەزمۇن تەييارلاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىندىغان شېركەتلەر، خۇسۇسى خىرىدارلار ۋە بلوگ قاتارلىقلار ئەركىن يازارمەنلەرگە مۇھتاج. ناۋادا سىزنىڭ شۇنداق ھەۋىسىڭىز مۇھىمى قابىلىيىتىڭىز بولسا بىريۈرۈش كومپيۇتېر تېپىڭدە، تورغا ئۇلاپ بۇ ئىش ئۈستىدە ئىزدىنىڭ.
Graphic Designer and Web Design- گىرافىك ۋە توربەت لايىھىلەش خىزمىتى
سىزدە كۆرۈش سىزىمى سەنئىتىگە نىسبەتەن قىزىقىش ھەم بۇ جەھەتتە بەلگىلىك ئىقتىدار بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا گىرافىك لايىھىلەش ۋە توربەت ئېچىش قاتارلىق ساھەلەر سىزگە ماكان ھازىرلىغۇسى. نۆۋەتتە بۇخىلدىكى كەسىپلەرنىڭ جەلپكارلىقى ۋە كىرىمىمۇ خىلىلا يامان ئەمەس.
Online Tuition- توردا تەلىم بىرىش خىزمىتى
سىز ئەلۋەتتە تەڭتۇش ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، ھەتتا تولۇقسىز يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە باشقا بىلىم ئالغۇچى، بىلىم ئاشۇرغۇچىلارغا بۇخىل مۇلازىمەتنى تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تورئالاقە قۇراللىرى، ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىنى بېلشىڭىز كېرەك. بىراق سىز ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى سەۋىيىڭىزنى ئۇبداق دەڭسەپ كۆرىشىڭىز ھەم ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز كېرەك.
خۇلاسە: مەيلى سىز قايسى خىلدىكىسىنى تاللاڭ، ھەرگىزئالدىرىماڭ، ئوخشىمغان تۈردىكىلىرىنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سىناپ كۆرۈڭ، ئۇزۇن ئۆتمەي قايسىنىڭ سىزگە بەكەرەك ماس كېلىدىغانلىقىنى بېلىپ قالىسىز. يەنە تېخى كىرىممۇ قىلالايسىز، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ جەھەتتە تەجرىبىڭىزنىڭ ئىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇڭىز تېخىمۇ ئاشقۇسى.
يازمىنىڭ تۇنجى ئادرېسى ۋە مەنبەسى: http://birdada.com/?p=508