مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1704|ئىنكاس: 18

ناشتىلىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شاھ مەشرەپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103620
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم. چوڭلاردىن ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ ئىنتايىن موھىملىقى ھەققىدە ئاڭلايتتىم. لىكىن يەنىلا خىزمەت جىددىيچىلىكى دەپ تولا ھاللاردا ناشتا قىلمايلا ئۆيدىن چىقىپ كىتەتتىم. تويدىن كىيىن بۇ ئادىتىمنى سەل ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولساممۇ لىكىن كىچىككەندەك قىلىمەن. ئۆتكەندە تەكشۈرتۈشتە ئۆتتە ياللۇغ، قۇمسىمان تاش پەيدا بوپتۇ دەيدۇ. ئانچە-مۇنچە ئاشقازىنىم يېقىمسىز بولىدىغان ئالامەتلەر بار. ئۇندىن باشقا تۇرۇپلا بېشىم قايغاندەك، ئولتۇرغان ئورنۇمدىن تېزلا تۇرسام كۆزۈم قاراڭغۇلاشقاندەك بولىمەن. مەندىكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ ناشتا قىلماسلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ناشتىلىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىلا، قۇلىقىمدا مەھكەم ساقلاپ ساقلىقىم ئۈچۈن غەيرەت قىلاي! يولدۇشۇممۇ ناشتىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ناشتىلىقتا قانداق تاماق يېسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان بولسا مەن كۈندە ئەتتىگىنى بالدۇرراق تۇرۇپ تاماقلارنى تەييار قىلىپ يولدۇشۇم ھەم ئۆزۈمنى ناشتا قىلدۇرۇپ يولغا سالغان بولسام. رەھمەت.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كۆپۈنچە ھاللاردا خەيرىلىك باشلانغان بىر ئىشنىڭ ئاخىرى ياخشى بولغىنىدەك بىر كۈنلۈك ھايات پائالىيىتىمىزئۈچۈن ناشتىلىق ئىنتايىن موھىم.  مېڭىگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەر ئاساسلىقى قاندىكى قەنتتىن قوبۇل قىلىنىدۇ. مېڭىگە زۆرۈر بولغان ئىنىرگىيە كەچتە ئۇخلاش جەريانىدا كۆپلەپ خورىغانلىقتىن سەھەردە ئويغانغاندا قۇۋۋەتكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ناشتىلىق قۇۋۋەتلىك، سۈپەتلىك قىلىنغاندا چوڭ مېڭە ئىھتىياجلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىيالايدۇ. ناشتا قىلمايلا ئالدىراپ ئۆيدىن چىققاندا قاندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ-قان قەنتى تۆۋەن بولۇپ مېڭىگە كېرەكلىك ئىنىرگىيەنى تولۇقلاپ بىرەلمەي ئاسانلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئىزلەڭگۈلۈك، روھسىزلىق، چارچاش پەيدا بولۇپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. ناشتىغا ئەھمىيەت بىرىلمىگەن ئەھۋالدا چۈشلۈك تاماقنى كۆپ يەۋىلىپ ئون نەچچە سائەت بىكار تۇرغان ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئۈچەي يىمەكلىك تەركىبىدىن ئۆزىگە جىددىي كېرەكلىك بولغان قەنت تەركىبىنى ئايرىشتىن باشقا يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ھەزىم قىلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئاشقازان سۇيۇقلىقى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لىكىن بۇنى تېزلا بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي ئاسانلا ياغ كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ئاشقازان ئىچىنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشۇلىشى چەكلىنىپ بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان، ئۆت، ئۈچەي ياللۇقى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

داۋاملىق ناشتا قىلماي يۈرۈيدىغان كىشىلەردە بولىدىغان ئورتاق كېسەللىكلەر ئاساسەن ئاشقازان-ئۆت، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، قان ئازلىق، يۈرەك مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ۋە باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان كېسەللىكلەردۇر. سىلى ئېيتقان ئالامەتلەر ئاساسەن ئەتتىگىنى ناشتا قىلماسلىق، ياكى مىزاجغا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنالماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۆت كېسەللكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىگە قارىتا ئاياللار ئۈستىدىن ئىلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە ئۇزۇن مۇددەت ئەتتىگەندە ناشتا قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆت تېشى كېسەللىكلىرى كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قورساق تۇرغاندا ئۆي سۇيۇقلىقىدىكى تەركىبلەردە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ ئۆت كىسلاتاسى ئازىيىپ كېتىدۇ، خولىستېرىننىڭ مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرى خولىستېرىنلىق ئۆت سۇيۇقلىقى پەيدا بولىدۇ. خولىستىرىننىڭ مىقدارى يۇقۇرلاپ ئاخىرىدا قاتتىقلىشىپ تاش پەيدا بولىدۇ.  
ناشتىلىق ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايەت بار ئىكەن:
جاھانغا مەشھۇر نامى پۇر كەتكەن تېۋىپ لوقمان ھەزرەتلىرىنىڭ كۈيئوغلى ناھايىتى ساغلام كىشى بولۇپ بىرەر قېتىممۇ لوقمان ھەكىمگە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن لوقمان ھەكىم قىزىدىن سوراپتۇ:
- ئىرىڭ كېسەل كۆرسەتكىلى بىرەر قېتىممۇ ئالدىمغا كىلىپ باقمىدى، ئۇ تەن ساقلىقىنى ئاسراشتا ئۆزىگە قانداق سەۋەب قىلىدۇ؟
- ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كىيىنلا بىر بۇردا نان بىلەن ناشتا قىلماي تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمايدۇ، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
- بۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئەتتىگەندە ئىرىڭنى ناشتا قىلدۇرمىغىن، قانداق قىلىدۇ كۆرۈپ باقىلى، - دەپتۇ لوقمان ھەكىم.

قىزى دادىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە قىپتۇ. لىكىن كۈيئوغۇل ئادىتى بويچە ھەر كۈنى سەھەردە بىر كاپام بۇغداي ياكى قوناقنى ئاغىزىغا سىلىۋىېلىپ ئىشقا ماڭىدىغان بوپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان لوقمان ھەكىم ئۆيدىكى يېگىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ قويۇشنى قىزىغا تاپىلاپتۇ. كۈيئوغۇل ئامالسىزلىقتىن ئۆينىڭ تېمىدىن بىر پارچە سۇۋاقنى ئاغزىغا سىلىۋىلىپ ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان لوقمان ھەكىم قىزىغا:
- ئىرىڭ مەندىنمۇ ئۇستا تېۋىپ ئىكەن، ئۆمرىدە كېسەل بولمىغۇدەك، دەپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئەتتىگىنى چوقۇم ناشتا قىلىش ئادەتكە ئايلانغانمىش.
تۇرمۇش تەرتىۋىنىڭ قالايمىقانلىقى سەۋەبلىك كەچ يېتىپ ۋاقچە ئورنىدىن تۇرىدىغان ئادەت كۆپۈنچە شەھەرلىكلەردە ئوموملاشقىلى تۇرغاندەك قىلىدۇ. ئەتتىگىنى يۈز-كۆزىنى ھاپىلا-شاپىلا يۇيۇپلا ئىش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈش، يوقلىمىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ناشتىغا تۈزۈكرەك ئەھمىيەت بەرمەستىن پالاقشىپ يۈگۈرۈشىدىكەن. كەچلىرى سورۇندارچىلىق، يەپ ئىچىش ئەۋجىگە چىقىدىكەن.  دېمەكچى بولغان گەپ ئەسلى موھىم بولغان ناشتىلىققا سەل قارىلىپ يەڭگىل، ئاز يېيىشكە زۆرۈر بولغان كەچقۇرۇندا ئېغىر تاماقلار بىلەن غىزالىنىپ بەدەننىڭ نۇرمال تەڭپۇڭلىقىدا تەتۈرلۈك پەيدا قىلىش ئەلۋەتتە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەندىن داۋاملىق ھەسەل ئالىدىغان بىر يېزا كادىرى بار ئىدى. بۇ كىشى يازدا يېزىدىكى 10 نەچچە شۇجى-باشلىقلار بىلەن خوتەنگە ساياھەتكە بارغاندا تېۋىپقا كۆرۈنۈپتىكەن. ھەممىسى دېگۈدەك يوغان قورساق، كۆزلىرىدىن ماي تېمىپ تۇرغان ئادەملەر بولغاندىن كىيىن تېۋىپ ھەممىسىنى دېگۈدەك جىگەرنى ماي قاپلىغان، قان قويۇق، ئۆت ياللۇقى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى، مەزىبېزى ياللۇقى، بۆرەك ئاجىزلىغان دېگەندەك كېسەللىكلەر بىلەن دىئاگنۇس قويۇپ بىرەر يېشىكتىن دورا تەييارلاپ بىرىپتۇ. ھىلىقى دۇكىنىمنىڭ خىرىدارى بولمىش كادىرغا نۆۋەت تەككەندە تومۇرنى تۇتۇپ ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىپ سىلىدە كېسەللىك دېگۈدەك ئىش يوق ئىكەن. سىلى ھەر كۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتىدا سېڭىپ پىشقان نان بىلەن ھەسەل يەيدىغان ئوخشايلا دەپ ھېچقانداق دورا بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم ھەسەلگە تېخىمۇ بەك ئىخلاس قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ئادەتتە سۇيۇقئاش، شورپا تۈرىدىكى تاماقلار بولىدۇ، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى شۇنداق. لىكىن ئەتتىگەنلىك ناشتىدا قورۇما تاماق، كاۋاپ، قازان نېنى دېگەندەك قوقاققا تېگىدىغان تاماقلار بىلەن غىزالىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئەتتىگەنلىق ناشتىلىققا تەييار قىلىشقا تېگىشلىك ئوزۇقلار ئاساسلىقى مۇنۇلار: ھەسەل، گۈلقەنت، ياڭاق، بادام، ئۈزۈم، سېڭىپ پىشقان ئىسسىق نان، سۈت، ئۈزۈم، خورما دېگەندەكلەر. ھەر كىم ئۆز شارائىتى، مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ناشتىلىق تەييارلىسا بولىدۇ.

                   مەنبە . www.80halta.com
               

پۇرسەت دائىم ، قىيىنچىلىق يتىپ كەلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ،

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:48:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ئاۋۇ ھەسەلنى

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

شاھ مەشرەپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103620
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا پات ئارىدا  مەخسۇس ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى توغۇرلۇك تىما ھوزۇرىڭلاردا بۇلىدۇ ،

پۇرسەت دائىم ، قىيىنچىلىق يتىپ كەلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ،
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:05:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:50:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ھەققىدە ناھايتى ياخشى سىتاتلار بىلەن  بايان قىلىنغان
مەسلىھەتلەرنى يوللاپسىز، مەن بەھىر ئالدىم. سىزگە رەخمەت!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

شاھ مەشرەپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103620
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرزىمەيدۇ  قىرىندىشىم

پۇرسەت دائىم ، قىيىنچىلىق يتىپ كەلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5450
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 12:05:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرزات ھەكىمنڭ ئۈرۈمچى  نەنمىن تەرەپتە بىرزات ھەسەلچىلىك  دۇكىنى دەپ  تارماق  دۇكىنى  باركەن  راس ئۆزىنىڭ دۇكىنىمىدۇيا؟

دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

شاھ مەشرەپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103620
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 12:18:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسەلچىلىك قىلىش  شىركەت قۇرۇشتىن ئاسان بولغاندىكىن  ئاچسىمۇ ئاچقاندۇ بەلكىم  مەن شۇياققا ئۈتۈپ قالسام  كىرىپ باقمىسام

پۇرسەت دائىم ، قىيىنچىلىق يتىپ كەلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101798
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 10:22:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەكتەپتە ئەزەلدىن ناشتا قىلمايتتم،ئەمدى دىققەت قىلسام بولغۇدەك.
رەخمەت قېرىندىشىم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 10:35:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەزەلدىن ئەتىگەنلىك ناشتىنى قولدىن بەرمەيمەن،مېنىڭ ناشتىلىققاتەييارلىغان ئالاھىدەرىتسىپلىق نەرسلىرىم بار،بۈگۈن بىرئاشكارىلىۋىتەيبىرپىيالەسۈتكەئىككى قوشۇق ھەسەل،ئىككى قۇلاق زەپەنى ئۇششاق ئىزىپ ئارىلاشتۇرىمەن،ئاندىن ئۆرۈك مېغىزى،گازىرمېغىزى،بادام مېغىزى،پىستەبادەم مېغىزى،جۇزبۇۋادىن 3تال،خاسىڭ مېغىزى قارالىق مېغىزلاردىن 300گىرامدىن ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تالقانلاش ماشىنىسىداتالقانلاپ ئۇندەك قىىلىپ قۇرۇق ئۈزۈم،ئەنجۈرقېقى خورماقاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىۋالغان سوقمىقىم بارشۇنىكدىن بىرتال،ئانام ياققان زاغرىدىن بىربۇردامانامۇشۇلارئۆيدەبولۇپلاقالسام ناشتىلققايەيدىغېنىم

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش