تاڭ سىڭنىڭ خىزمەت باھالىشى
( فېليەتون )
تاڭ سىڭلار نوم ئىلىپ تاڭ دۆلىتگە قايىتقاندىن كىيىن ، تاڭ دۆلىتنىڭ شاھى تاڭ سىڭغا پەرمان چۈشۈرۈپ، نوم ئىلىپ - كىلش جەرياندىكى شاگىرىتلارنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى ۋە ساقلانغان يېتەرسىزلىكنى توغرا باھالاپ ، ئارىسدىن ئىلغار قوغدىغۇچى نامزاتىتىن بىرنى تۇرغۇزۇپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ.
تاڭ سىڭ ئىلغار نامزاتنى سايلاپ بىرىش توغرىسدا بىر كىچە مۇنۇلارنى ئويلىنىپتۇ.
ئاۋال سۇن ۋۇكۇڭنى خىيال قىپتۇ.«سۇن مايمۇن مەن يولغا چىققاندىن بۇيان مانا ئىزچىل ئەگشىپ ماڭدى.يولدا كۆپ جىن-ئالۋاستىلارنى يوقتىپ ماڭا كۆپ قولايلىقلارنى كەلتۇردى،تۆھپە جەھەتتە ئۇ ھەقىقەتەن ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. سۇن مايمۇننىڭ ماڭا قىلغان خىزمەتلىرىنى ئويلىسام ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر بولۇشقا لايىق.لىكىن كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزنىڭكىنى راسىت دەپ ماڭا قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ،نەتىجدە مىنى يىڭىۋىلىپ، مىنى كۆپ ئوسال قىلدى. ئەڭ يامان بولغىنى 500يىل ئىلگىرى ئەرىش ئوردىسنى مالمان قىلىپ،ئەرىش ئوردىسدىكلەر ھەم ئامىتا بۇددانىڭ چىشغا تەگكەن،ئەگەر بۇنى كۆرسەتسەم چوقۇم يۇقىرنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشگە ئىرشەلمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۇستگە مانا كۆپ رولىمۇ قالمىدى، ئىلغار باھالاپ بەرسەممۇ ماڭا يەنە قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويىشى مۇمكىن».ئاندىن جۇباجى توغرىسدا خىيال قىپتۇ. «جۇباجى سۇن مايمۇندىن كىيىنلا ماڭا ئەگەشكەن،يولدا قۇلىقى يۇمشاق بولدى.مىنىڭ پىكرىم توغرا ياكى خاتا بولسۇن باشىقلار ئالدىدا ماڭا قارشى چىقماي سۆزسىز تەستىقلىدى.ئۆزى دۆت بولسىمۇ يولدا سۇن مايمۇنغا يىقىندىن ياردەمدە بولۇپ،خىلى خىزمەت كۆرسەتتى». «شا سىڭ غەربكە بارغىچە يولدا يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈش،مىنى قوغداش، يولدا سۇن مايمۇنغا يىقىندىن ياردەمدە بولۇپ،جىن-ئالۋاستىلارنى يوقۇتۇىش جەھەتتە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلدى.بىرا كۆپىنچە سۇن مايمۇننىڭ پىكىرنى قوللاپ بەزىدە ماڭا قارشى چىقتى.بۇنىمۇ مۇنەۋۋەر سايلىسام بولمىغىدەك،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇنى مۇنەۋۋەر سايلىسام سۇن مايمۇن بىلەر جۇباجىينىڭ چۇقۇم پىكرى چىقدۇ». ئاخىردا ئاق ئات ئۇستىدە ئويلىنىپتۇ. «ئاق ئات نوم ئىلىپ-كىلىش جەرياندا مىنىڭ ئىغرىمنى كۆترىپ ئىلىپ باردى.باشقا ئارتۇقچىلىقمۇ يوق،مۇشۇ ئىشى ئۈچۈن دىڭىز ئەجدىھار شاھى بولدى،ئۇنىڭغا مۇشۇ يىتەرلىك».
تاڭ راھىپ ئويلىنا-ئويلىنا ئاخىرى جۇباجىنى ئىلغار قىلىپ تۇرغۇزۇشنى كۆڭلىدە توغرا تىپىپتۇ. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئويلىنىپتۇ:-«ئەگەر جۇباجىنى بىۋاستە ئىلغار سايلىسام سۇن مايمۇن غەۋغا كۆتۇرىدۇ. ئىلغار تۇرغۇزۇشنى باشىقلار ئارىسدا ئاۋاز بەرگۇزۇپ سايلىسام چوقۇم چوقۇم سۇن مايمۇن سايلىنىپ قالدۇ،بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ئىلغار تۇرغۇزۇشنىڭ شەرىتلىرى توغرىسدا ئولچەم تۈزۈپ ،بۇ ئۆلچەم بويىچە سايلىسام باشىقلارمۇ باشقىچە پىكىردە بولالمايدۇ» دەپ ئويلاپ مۇنداق لايھە تۈزۈپ چىقىپتۇ.
ئاۋال ئىلغار تۇرغۇزۇش توغرىسدا توۋەندىكى لايھەنى تۈزۈپ چىقىپتۇ.
نومغا بىرىپ-كىلىش جەرياندىكى خىزمەتلىرىگە ئاساسەن خىزمەت باھالاش ئۆلچىمى:
1.يۇقىرى دەرىجلىك ئورۇنلار بىلەن بىردەك بولغان،ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپلەر توغرا ياكى خاتا بولسۇن سۆزسىز ئورۇندىغان بولۇش كىرەك.
2.ئۆز ئۇستازىغا سادىق بولغان،ئۇستازى بىلەن قارشىلاشمىغان بولۇش كىرەك.
3.ئەۋىليا-ئەنبىيالارنى ھۆرمەتلىگەن،ئەۋىليا-ئەنبىيالار ۋە ئەرىش ئوردىسىكلەر بىلەن ئىناق ئۆتكەن بولۇش كىرەك.
4.ۋاپادار كۆيۇمچان،ئاق كۆڭۈل،ئەپۇچان، تىنچلىقپەرۋەر بولغان بولىشى،نومغا بىرىپ كىلىش جەرياندا باشىقلار بىلەن ئاز ئۇرۇشقان ۋە قان ئاققۇزمىغان بولىشى كىرەك.
ئاندىن رەھبەرلىك گورۇپپا قۇرماقچى بولۇپ،ئۆزى رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ گورۇپپا باشلىقى بولۇشنى، ھەم پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى، ئاياللار دۆلىتنىڭ شاھى، قىزىل باشلىق تۈگنەك، ئىيېق ئالۋاستى قاتارلىقلارنى رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىقغا كىرگۇزۇشنى توغرا تىپىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن يۇقىرقى ئۆلچەملەرنى يىتەكچى ئىدىيە قىلغان ئاساستا ۋە رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ پىكىر بىرىپ سايلىشى بىلەن جۇباجى غەلىبىلىك ھالدا ئىلغار قوغدىغۇچى بولۇپ سايلىنىپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, L8 I( W" }- ~9 h, N# T+ ?بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ D9 l4 _$ N W9 s; o
ئاپتۇر: مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-22 08:22 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! R* I4 m5 e5 v3 \& Y; V- |2 Gبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 K7 M1 j4 v- R