مۇشۇ يېقىندا دۆلىتىمىز ۋە تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئۈندىدار ياكى مۇنبەرلەردە بولسۇن تۈركىيە توغرىسىدا ھەرخىل مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىشلار پەيدا بولىۋاتىدۇ . كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەرخىل قاراشتا بولىشى نورمال ئەھۋال ئەلۋەتتە.
بىراق قارغۇلارچە ھۆكۇم چىقارساق مېنىڭچە توغرا بولماس.
خوش، تۈركىيە بىز ئۇيغۇرلارغانىسبەتەن زادى قانداق؟ بىز مۇشۇ توغرىسىدا بىر مۇنازىرىلىشىپ باقساق.
باش مېنىستېر ئەردوغاننىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭغا كېلىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. خەلقارا قائىدە بويىچە دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆز ئارا زىيارەت قىلغاندا ئالدى بىلەن ساھىپخان دۆلەتنىڭ پايتەختىگە باراتتى، لىكىن ئەردوغان27يىلدىن بۇيانقى تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ دۆلىتىمىز جۇڭگوغا بولغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتىنى ئۈرۈمچگە توختاتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى تۇركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇت ئوغلىنىڭ جوڭگو مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا《تۈرك بىلەن ئۇيغۇرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئۇيغۇرلار تۈركىيە جوڭگو مۇناسىۋىتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۇك دىگەن سۆزىدىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
يېقىندا <<ئۇيغۇربولسىڭىز تارقىتىڭ>> دىگەن بىر پارچە خەت ئۈن دىداردا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. شۇنى تارقاتقۇچىلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم تارقاتقان خېتىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىز تۇركىيەدە ئويۇن قويغاندا تۈركلەر ئويۇن كۆرگىلى كىرمىدى دىيىلگەن. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ سەنئەتكارلار ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە تەلىپى ۋە تەكلىپى بىلەن مەشرەپ ناملىق ناخشىنى ۋە باشقا سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئېلىپ چىققان، شۇنداقلا تۇركىيە تىلىۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلغان. ھەم شۇ ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش ئويۇنى قويۇلغان، ئۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئويۇن بولغاچغا بېلەت سرتقا سېتىلمىغان ۋە تەشۋىق قىلىنمىغان، ئۇنداق ئەھۋالدا بىز يەنە تۈركلەر كىرمىدى دەپ خاپا بولساق توغرا بولامدۇ؟
ئىشەنچلىك خەۋەرگە قارىغاندا بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىز تۈركىيەگە بىرنەچچە قېتىم ئويۇن قويۇپ چىقىش جەريانىدا تۈركىيەدە نەچچە مەيدان سودا خاراكتىرلىك ئويۇن قويسا كۆرۇش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كۆزى يېتىپتۇ .
تۈركىيەگە ساياھەتكە چىققان كاللىسى ئوچۇقراق كىشىلەردىن سوراپ بېقىڭ ، ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلگە ندىن كىيىن كۆپ قىسىم تۈركلەر ئالاھىدە ياخشى مۇ ئامىلە قىلىدىكەن. تارىخ كىتاپلىرىدا ئۇيغۇر توغرىسىدا مەخسۇس دەرىس ئۆتىلىدىكەن. ئەتراپىمىزدىكى بىزگە تىل-يېزىقلىرى تۈركتىن يېقىنراق دۆلەتلەرگە چىققانلاردىن سوراپ بېقىڭ، ئۇلار ئۇيغۇرلىقىڭىزنى بىلسە سىزگە قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە خەلقارادا ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گېپىنى ئەڭ كۆپ قىلىدىغىنى يەنىلا تۈركىيەكەن. مەن بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن خەنچە توربەتلەردىكى تۈركىيەگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. ھېچقانداق دۆلەت ئۇيغۇر توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلىگى ۋە ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىگى جەھەتتە تۇركىيەگە يېتەلمەيدىكەن، قالغىنىنى تورداشلار ئۆزى چۈشىنىۋالسا بولىدۇ .
ماۋۇ يېقىندا كىرىيەدە يەر تەۋرىسە قېنى تۈركلەر ياردەم قىلمىدى دەيدىغانلارمۇ چىقتى. بەك كۈلكىلىك، ئەگەر تۈركىيە مۇشۇ يەر تەۋرەشتە كىرىيەگە ياردەم قىلسا ئۇ خەلقئارالىق ياردەم بولىدۇ. ھېچقانداق ئۆلۈم يېتىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيە ياردەم قىلىمەن دىسە جۇڭگونى زاڭلىق قىلغاندەك ئىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە.
يېقىندا مۇشۇ ئورۇنسىز ھالدا ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي ياخشىراق ئويلاشمايلا بىكاردىن -بىكارتۈرك ئۇنداق، تۈرك مۇنداق دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلىسام ئاچچىقىم كېلىدىغان بوپ قالدى. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك نۇرغۇن ئىسپاتلار ئالدىمىزدا تۇرسا يەنە شۇلارنى نىمىشقا تىللايمىز ؟
بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تازا جىڭغا ئولتۇرمايدىغان باھانىلار بىلەن تۈرك ۋە ئۇيغۇر لارنىڭ ئوتتۇرىسىغا قەستەن سوغۇقچىلىق سېلىشى گۇمانلىق ئىش، ئۇنى يوللىغان ئادەم چوقۇم ئۇيغۇر بولۇشى ناتايىن! بۇنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ!
مېنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدە بولسۇن ياكى سەنئەت ساھەسىدە بولسۇن، ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭكىنى قوللايلى. بىراق ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ تاللاپ توغرىسىنى قوللايلى. تۈركلەر بىزنى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز دەپ قوللاۋاتقان بولغاندىكىن ئۇلارنىمۇ ئۆز يولىدا قوللاپ قويايلى، تىللىمايلى !
مەنبە: ئۆز كۆز قارىشىم
سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئىنكاس يازغاندا ئىلمى بولۇشىڭىزنى، قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-22 07:43 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-23 03:10 AM):
مېنىڭ يازمامدا ئۇ ئىككى ناخشىچىنىڭ گېپىنى قىلمىغانتىمغۇ ؟ ئېسىل ئۇيغۇرۇم!
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-23 03:11 AM):
تۇركىيەنى تىللىمىدۇق دىمەي تۇرۇپ ،ئىنكاسلارنى ياخشى ئوقۇڭ!
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-23 03:14 AM):
مېنىڭچە بولغاندا ناخشىچىلارنىمۇ تىللىماسڭىق كېرەك .ئۇلار زورلاپ كەلمىگەن
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-23 03:16 AM):
ئۇ ناخشىچىلارنى بىزنىڭ تجارەتچىلەر چاقىرىپ كەلگەن بېلەتنى مەجبۇرلىمىغان
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-23 03:23 AM):
بېلەتنى قىممەت سېتىش بازا ئەركىنلىگى .خەخنى تىللاش ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ .
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-23 03:24 AM):
تولۇقلاش كۆزنىكىگە كۆپ خەت پاتمايدىكەن مۇشۇنداقراق يېزىپ تۇردۇم ئۇزۇر!