ئايلاندى
ئانا يۇرت يېزىلار نامى بىراقلا ‹‹شاڭ››غا ئايلاندى،
مۇدىر،ھاكىم ۋە نازىرلار ئاخىرى‹‹...جاڭ››غا ئايلاندى.
تولا يادلاپ شۇ‹‹جاڭ››لارنى بەك كۆندۈرگەچكە ئاڭلارنى،
سوراپ قالسا‹‹بوۋاڭ كىم؟››،جاۋاب‹‹ ۋايتاڭغا››غا ئايلاندى.
قەۋەتسىز ئۆينى‹‹پىڭپاڭ››،بىنالارنى دىگەچ‹‹لوفاڭ››،
چىرايلىق‹‹ئىسكىلات››،‹‹ئامبار››تۇرالماي‹‹ساڭ››غا ئايلاندى.
ئېغىل،قوتانلارنى‹‹ماخۇ››،دېرىزىنى دېدۇق‹‹چاڭخۇ››،
ئەزەلدىن بارتۇرۇپ تام مەش،ئېسىت ئۇ‹‹كاڭ››غا ئايلاندى.
قۇلۇپ سالغاننى دەپ‹‹سولاپ››،چاي دەملەشنى ھەم‹‹پولاپ››،
ئازاپلىق شۇ ئاڭسىزلىق ئاجايىپ ئاڭغا ئايلاندى.
قىزىل،كۆك مۇچلانى‹‹لازا››،دەۋالدۇق ‹‹بەلچە››نى‹‹شازا››،
كىمىكى ئەسلىنى بىلسە،ئېتى كاداڭغا ئايلاندى.
ئەزەلدىنلا قىلىچ ئىسمى بىلەن ئىجىل بولۇپ كەلگەن،
‹‹قۇيۇچ››ئاتلىق ئېگىلمەس بىر جىسىممۇ ئەمدى‹‹گاڭ››غا ئايلاندى.
ئەۋىج ئالسا بۇ خىل ئىللەت،تۈزەلگەيمۇ يەنە مىللەت،
شۇڭا دەيمەن يورۇق يوللار تۇمان-چاڭغا ئايلاندى.
مەنبە:ئۆزۈم ھۇد ئېيىنىڭ 22-كۈنى شەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-22 04:46 PM