|
|
|
|
سىز ئانا تىلىمىزغا قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىسىز؟
تاشپولات روزى
ئالدى بىلەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! لوس ئانجېلېسقا باھار يېتىپ كېلىپ ئېتىراپىمىز يېڭى چېچەكلەر بىلەن پۈركىلىپ، ئانا تىل بايرام كۈنىگە تېخىمۇ ئېسىل تۈسلەرنى قوشتى! بۇ ئانا تىل بايرام كۈنىگە ھويلامدىكى بۈگۈن ئەتىگەن تارتىلغان ئىككى پارچە رەسىمنى سىلەرگە سوغا قىلدىم (ھويلامدا 27 تۈپ ھەر خىل مېۋە دەرىخى بار) ئۇنۇڭدىن ھۇزۇرلىنىڭ!
شاپتۇل دەرىخى
ئالگرات دەرىخى.
مەن باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئانا تىلىمدا ئوقۇپ بىلىم ئالغانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانا تىلىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن! ئانا تىل ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىملەر بەكمۇ چوڭقۇر بولۇپ مىڭىمىزنىڭ قات-قات يەرلىرىگىچە ئورۇنلىشىپ كېتىدىكەن. مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئانا تىلىدا دەرس ئۆتەتتى. ئۇ چاغلاردىكى سىنىپلاردا سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىم دەرسلەرنى ناھايىتى قىزىقارلىق خۇش چاقچاقلار ئىچىدە ئۆتەتتى. سىنىپتا بېرە ئادەمنىڭ ئۇخلاپ قالىدىغان، دەرسكە خوش ياقماي كەلمەيدىغان ئىشلار ئاساسەن كۆرۈلمەيتتى. ھەتتا ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشلاردا ئۆتكەن دەرسلەر توغرىلىق ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتۇق. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ چاغدىكى مۇھىت ئاجايىپ جانلىق ئىدى. مەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش جەريانىدا قالتىس داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرس ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بىلىمى چوڭقۇر بولسىمۇ بىراق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مېتودى مېنىڭ ئانا تىلىمدا دەرس بەرگەن ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ يىراقتا تۇرىدۇ. دەرس دېگەننى خۇشال-خۇرام، قىزىقارلىق ئىچىدە ئۆتمىسە ئۇنۇڭ ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرغان بىلىمى سۈز بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنىڭ كىچىكىدىن بىلىمگە قىزىقىشى تۆۋەنلەپ كېتىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇلىرى يوقاپ كېتىدۇ.
مەن 1990-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ ياپونىيەدە 10 يىل تۇرۇپتىمەن. ئامېرىكىغا 2000-يىلى كەلدىم ھازىر بۇ دۆلەتتە تۇرغۇنۇمغا 13 يىل بولدى. مۇشۇ چەت ئەل ھاياتىمدا ئۆيدە پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى خەت ئالاقىلەر بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىم بولسۇن ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. مەن ئۆيدە بېرە قېتىممۇ ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىپ سۆز قىلىپ باققان ئەمەس. بەزى ۋاقىتلاردا قىزىم بىلەن ئوغلۇم ئىنگلىزچە ياكى ياپونچە سۆزلەپ سوئال سورايدۇ بىراق مېنىڭ جاۋابى پەقەت ئانا تىلىدىلا بولىدۇ. بۇنداق روھنىڭ قانداق بەدىنىمگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن! بەلكىم بۇ روھ ئاشۇ سۆيۈملۈك ئاتا-ئانام ھەم ئۇستازلىرىمدىن كەلگەندۇ! مېنىڭ بۇنداق ئانا تىلىمنى قوغدىشىمغا 23 يىل بولۇپتۇ! بەلكىم مېنىڭ مۇشۇ قايىللىقىم مېنىڭ چەت ئەلدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا تۈرتكە بولغان بۆلىشى مۇمكىن. بۇنى يېزىۋېتىپ ئۆزۈمدىن خېلى پەخىرلىنىپ قالدىم دېسە!
بىز ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى خەلقئارا ئانا تىل كۈنى دەپ بېكىتىپ ئۇنى تەبرىكلەۋاتىمىز. بۇ ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش ئىنتايىن ياخشى ئىش بىراق بۇ تەبرىكلەش بىر كۈنلۈك شوئار بولۇپ قالماسلىق لازىم. مەن FB (چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان ئالاقە قورالى) دىكى دوستلارنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن ئۇلارنىڭ خېلى كۆپى ئانا تىلىدا خەت يازىدۇ. بىراق يەنە خېلى كۆپ دوستلار ئىنگلىزچە خەت بىلەن ئالاقە قىلىشىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۆزئارا خەت ئالاقە قىلغاندا باشقا بىر تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق چۈنكى سىز ئانا تىل قوغدىغۇچىسى ئەمەسمۇ! ئەگەر دوستىڭىز ئۇيغۇر بولمىسا ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن شۇلارنىڭ يېزىقىدا ئالاقە قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بەلكىم بەزىلەر ئۇيغۇرچە يېزىشتا قىلىنىشى مۇمكىن بىراق ئۇنى مەشىق قىلىپ تۇرمىسىڭىز سىز ئۇنۇڭدىن پۈتۈنلەي ئاجراپ كېتىسىز. مېنىڭچە ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگەنگەن بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتىشى تەس ئىش ئەمەس.
يۇقىردىكىنى يەكۈنلىگەندە مېنىڭ تەكلىپىم مۇنداق. سىز ئانا تىلنىڭ راسلا قوغدىغۇچى بولسىڭىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئالاقىلەردە ئالدى بىلەن ئانا تىل ئارقىلىق خەت يېزىپ ئالاقە قىلىڭ! يازغان يازمىلىرىڭىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېزىلغان بولسا ئۇ يازمىلار ئانا تىلىدا يېزىلىشى لازىم! ئۇنۇڭ باشقا تىلدا يېزىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق قىممىتى يوق! ئىنساننىڭ ھەق نەرسىدە چىڭ تۇرۇشى تېپىلغۇسىز ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ بىرسىدۇر!
ئەمدى تۆۋەندىكى ھېكايىنى يېزىپ يازمىنى ئاخىرلاشتۇراي.
نەچچە يىللار بۇرۇن ۋەتەندە يېقىن ئۆتكەن مېنىڭدىن خېلى چوڭ بىر ئاكىمىزغا تېلېفون بېرىشقا توغرا كەلدى. بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆي تېلېفون نومۇرى مېنىڭدە بار ئىدى. مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلسام ئۆزى يوق ئىكەن ئايالى تېلېفوننى ئالدى. بىز ئۆزئارا سالاملاشقاندىن كېيىن ئاكىمىزنى سورىدىم. ئۇ خانىم يولدىشىم سىرتقا چىقىپ كەتكەن ھازىر ئۆيدە يوق دەپ ئاكىمىزنىڭ قول تېلېفون نومۇرىنى ماڭا خەنزۇچە ئوقۇپ بەردى. مەن بۇ خانىمغا "تېلېفون نومۇرنى ئۇيغۇرچە دېسىڭىز ئۇخماي قالدىم دېدىم". بىراق بۇ خانىم مېنىڭ تېلېفون نومۇرنى ئۇيغۇرچە دەپ بېرىڭە دېگىنىمدىن ئەجەبلىنىپ. "ۋوي تاشپولات سىز بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇدىڭىز ئەجەب خەنزۇچىنى ئۇنتۇپ قاپسىزغۇ" دەپ ئەجەبلىنىپ كەتتى. مەن ئۇ خانىمغا "ۋوي خانىم مەنغۇ چەت ئەلدە ئۇزۇن تۇرۇپ خەنزۇچىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىراق سىز ۋەتەندە تۇرۇپ ھەجىبا ئۆزىڭىزنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قاپسىزا" دەپ سورىدىم. بۇ خانىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپلا "مېنى ئولتۇردىڭىز بۈگۈن بەك سەت ئىش بولدى" دەپلا مانا ئەمدى ئۇيغۇرچە ئوقۇيمەن دەپ تېلېفون نومۇرىنى ماڭا ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بەردى. بۇ خانىم دېگەن گېپىگە بەك خىجىل بولغاي تېلېفون نومۇرنى ماڭا دەپ بەرگۈچە مېنىڭدىن بىر نەچچە قېتىم ئەپۇ سوراپ بولدى.
مەن ئاكىمىزنىڭ قول تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ئۇنۇڭغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئېلىنىشى بىلەن خەنزۇچە سۆزلەپ ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئىسمىنى سورىدىم. ئۇ ئاكىمىز "ھە مەن سىز كىمۇ" دەپ چالا خەنزۇچىسى بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇزۇن بوپتىكەن خەنزۇچە سۆزلەپ باقمىغىنىمغا شۇنداق بولسىمۇ چالا-پالا خەنزۇچە بىلەن ئىسمىمنى دېدىم. ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلاپلا "ۋوي سەن تاشپولاتقۇ قىيلىنىپ يۈرگۈچە ئۇيغۇرچىلا سۆزلىسەڭ بولمامدۇ" دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بۇ ئاكىمىز بىلەن سالاملاشتىم. مەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىدا بولغان ئىشنى ئۇنۇڭغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ئاكىمىز "بۈگۈن بەك سەت ئىش بوپتۇ" دەپ مېنىڭدىن ئەپۇ سورىدى. كېيىن ئۇخسام ئاشۇ ئۆيدە ئۇيغۇرچىدىن باشقا سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بوپتۇ!
|
|
|
|
|
|