|
|
|
|
ئارگىنتىنا
The Rebuplic of Argentina
كۈمۈش دۆلىتى
ئارگىنتىنانىڭ تولۇق نامى <ئارگىنتىنا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ ، جەنۇبىي ئامىرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان . نامى لاتىن تىلىدىكى Argentun(كۈمۈش) سۆزىدىن ئۆزگەرگەن . 1516-يىلى ئىسپانىيە دېڭىزچىسى سولىز بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن . 1520-يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى ماگىللان دۇنيانى ئايلىنىش ساياھىتىدە ھازىرقى ئارگىنتىنادىكى لاپلاتا دەرياسىغا كىرىپ ،شۇ جايدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرلەپ كىرگەن . ئۇيەرلىك ئىندىئانلارنىڭ ئۇچىسىغا كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېسىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ،بۇ جايدىن كۈمۈش كۆپ چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ قېلىپ ، پارانا دەرياسى بىلەن ئۇرۇگۋاي دەرياسى قوشۇلغان قىسمىنى ئىسپان تىلىدا < لاپلاتا دەرياسى > ( مەنىسى كۈمۈش دەرياسى ) دەپ ئاتىغان . يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ،ئىسپانىيىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىتالىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋاستىئان كاربوت 1526-يىلى بۇ دەريانى بايقىغاندا ،يەرلىكلەر بىلەن كۈمۈش سودىسى قىلىپ باققان بولغاچقا ،دەريانى <كۈمۈش دەرياسى >دەپ ئاتىغان ئىكەن . ئەمەلىيەتتە بۇ جايدىن كۈمۈش چىقمايدۇ ،كۈمۈش بولىۋىيىدىن كەلگەن . كىيىن ئىسپانىيە پادىشاھى بۇ ئەتراپلاردا لاپلاتا ۋالىي رايونى تەسس قىلغان ، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن بۇ تۇپراق <كۈمۈش> نامىدا ئاتىلىپ قالغان . تۇنجى قېتىم ئارگىنتىنا سۆزىنى دۆلەت ۋە رايون نامىدا ئىشلەتكەن كىشى ئاتاقلىق شائېر مارتىن دېئىر . پاركو-سىنتىرىنا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ يازغان قىسسە <ئارگىنتىنا > 1602-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ لىسسابوندا نەشىر قىلىنغان . شۇنىڭدىن كىيىن ئارگىنتىنا سۆزى دائىم لاپلاتا نامىنىڭ ئورنىدا پۈتكۈل لاپلاتا دەرياسى ۋادىسىنى كۆرسەتكەن .ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ، ئارگىنتىنا سۆزى ھۆكىمەت ھۆججەتلىرى، تارىخ ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كەڭ ئىشلىتىلگەن . ئارگىنتىنا 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ، مۇستەقىللىقتىن ئىلگىرى ، 1813-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان دۆلەت شېئىرىدا ئارگىنتىنا دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلىتىلگەن . 1816-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىل بولۇپ ئارگىنتىنا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ، يېڭى دۆلەت نامى كونا نام لاپلاتانى ئىسپان تىلىدىكى سۈپەت سۆزى < كۈمۈش>نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشتىن بارلىققا كەلگەن . 1826-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ماقۇللانغان جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى <ئارگىنتىنا>نى دۆلەت نامى قىلغان .
ئارگىنتىنانىڭ يەر مەيدانى 2.776889مىليون كۋادرات كىلومېتىر .ئاھالىسى 34مىليون 180مىڭ . بۇنىڭ %81تى ئارگىنتىنالىق ،%5تى ئىسپانىيىلىك ،ئۇندىن باشقا ئىتالىيان،نېمىس ، ئىندىئان مىللەتلىرى بار .ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ . ئىسپان تىلى ھۆكىمەت تىلى . پايتەختى بوئىنىس- ئايرىس ،پۇل بىرلىكى ئارگىنتىنا پىسوسى.
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلار نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ...
|
|
|
|
|
|