مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2268|ئىنكاس: 15

30-يىللاردىكى باھادىر ئەزىمەت- ئابدۇنىياز كامال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شاھ مەشرەپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103620
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 04:11:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     
30-يىللاردىكى باھادىر ئەزىمەت- ئابدۇنىياز كامال

ئابدۇنىياز  كامال 1910- يىلى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئاقتاش مەھەللىسىدە تۇغۇلغان .
1914- يىلى مېھىرۋان ئانىسى توختىخان قازا قىلىپ ،تۆت ياشلىق ئابدۇنىياز كامال ئىككى ياشلىق سىڭلىسى ھاشىخان بىلەن يېتىم قالغاندىن كىيىن ئاتسى كامال ئاخۇننىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولدى .
ئابدۇنىياز كامال يەتتە ياشقا كىرگەندە مەھەللىسىدىكى ئاقتاش مەدىرىسىگە كىرىپ زاكىر موللام دىگەن كىشىدىن ئىلىم ئېلىپ ساۋاتلىق بولدى .
ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئاتىسى كامال قەرەن تىرىچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان كىشى بولۇپ ،ئابدۇنىياز كىچىكىدىن باشلاپ ئاتىسىغا ياردەملىشىپ ،تېرە ئاشلاش قاتارلىق ئېغىر ئىشلارنى قىلىشپ بېرىپ،ناھايىتى كۈچتۆڭگۈر بولۇپ يېتىلدى ۋە مەھەللىسىدە< قوچقار پالۋان> دەپ نام ئىلىپ تۇنۇلدى .

1930 -يىللاردا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توقسۇندىكى سەيدۇل دېگەن دوستىنى ئىزدەپ كەلگەندە سەيدۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن ئابدۇنىياز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى .
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇنىياز كامالنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ئابدۇنىيازنى يۇلتۇز دېگەن جايدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان موڭغۇللارنىڭ نادام بايرىمىنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى .ئۇلار يۇلتۇزغا بارغاندا موڭغۇللار قىزغىن قارشى ئالدى ۋە چېلشىش مۇسابىقىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى .
ئابدۇنىيازمۇ چېلشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مەشھۇر موڭغۇل پالۋاننى يەڭگەندىن كىيىن ،موڭغۇل ئاقساقىلى ئابدۇنىياز كامالنى سۈرەتتىكى بوز ئات بىلەن تارتۇقلىدى .
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شۇ سەپەردە بۇ ئەقىللىق ۋە باتۇر، ياماندىن قورقمايدىغان، ياۋاشنى بوزەك ئەتمەيدىغان ، خەلىقپەرۋەر، مەردانە يىگىتكە ئامراق بولۇپ قالدى ۋە ئالاقە قىلىپ تۇردى .
1933- يىلى قىشتا تۇرپان ئاستانىدە مەقسۇد مۇھىتى ،مەھمۇد مۇھىتى ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى خەلق ئىنقىلابى باشلانغاندا ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇنىياز كامالغا خالىسا ئىنقىلابقا قاتنىشىش توغرىلىق خەت يازدى .
مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان ئابدۇ نىياز كامال ئىككىلەنمەستىن ھىدايى دېگەن بىر دوستى بىلەن بوز ئاتنى مىنىپ ئاستانىگە ئاتلاندى.
ئابدۇنىياز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇنى مەھمۇد مۇھىتىغا تونۇشتۇردى .
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تونۇشتۇرشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،مەھمۇد مۇھىتى ئابدۇ نىياز بىلەن ھىدايىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا پىدائىيلارنى تىزىملاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى تاپشۇردى .
شۇ كۈنلەردە تۇقسۇن خەلقىدىن تەشكىللەنگەن200 ياش پىدائي پىچان خەلقىگە يارىدەم بىرىش ئۈچۈن مۇرتۇققا كەلگەندە ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زېمىنىدا پاناھلىنىپ ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاش تۇزىنى يەپ جان ساقلاۋاتقان پاپىنگۇت باشچىلىقىدىكى رۇس قاچاق ئەسكەرلىرى توقسۇن پىدائىيلرىنى پۈتۈنلەي قىرىۋىتىدۇ .
بۇ ئېچىنىشلىق خەۋەرنى ئاڭلىغان مەھمۇد مۇھىتى، ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايىنى مۇرتۇققا ئەۋەتىپ ،قازا قىلغانلارنى يەرلىكىگە قۇيۇش ،ھايات قالغانلارنى داۋالاپ يۇرتىغا قايتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ .
شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇنىياز كامال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك، ياراملىق يارىدەمچىسى بۇلۇپ قالىدۇ ۋە كۆپلىگەن جەڭلەردە كاتتا خىزمەت كۆرسىتىپ تۇنۇلۇشقا باشلايدۇ .

1933-يىلى 4-ئايدا  جىن شۇرىندىن جاللات شىڭ شىسەي ھوقۇق تارتىۋالغاندىن كىيىن شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىنى قاپلاپ كەتكەن خەلىق ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇشقا كۈچى يەتمگەنلىكتىن سىتالىننىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىلغار قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ،خۇجا نىياز ھاجىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ،ئۇلارنى قەشقەرگە يولغا سالغاندا ئابدۇنىياز مەھمۇد مۇھىتىنىڭ
رۇخسىتى بىلەن تۇقسۇنغا قايتىپ پاتىمە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلىدۇ ۋە ئون كۈندىن كىيىن مەھمۇد مۇھىتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ،ھىدايى، ۋاڭ نىياز (ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن خەنزۇ)قاتارلىق جان جىگەر ئاغىنىلىرنى ئېلىپ بۈگۈردە مەھمۇد مۇھىتى قۇشۇنىغا يىتىشىدۇ .

خۇجا نىياز ھاجىم ۋە مەھمۇد مۇھىتىلار قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن مەھمۇد مۇھىتى ئابدۇنىيازنى لىيەنجاڭلىققا تەيىنلەپ ،ياپچان ،ھاراب قاتارلىق ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم جايلارنىڭ ئامانلىق،چارلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى .
شۇ كۈنلەردە ھاياتىنى خەلقىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتىغان ئوت يۈرەك مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى(تەۋپىق )ئىزچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ،يىڭىچە مائارىپنى تەشۋىق قىلىپ ھارابقا كەلگەندە  ئابدۇنىياز مەمتىلى ئەپەندىنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە مەمتىلى ئەپەندىدىن ھارابتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە لىيەنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلغاندا مەمتىلى ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن ئاتۇشتىن ئۇقۇتقۇچى ئەۋەتىپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

ئابدۇنىياز ھارابتىكى كۈنلىرىنى ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش، ئۆزىگە تەۋە رايۇنلارنى چارلاش
تېرىقچىلىق ۋە ھۇسۇل يىغىش ۋاختىدا ئەسكەرلىرى بىلەن دىھقانلارغا يارىدەملىشىپ ئۆتكۈزدى.
1937-يىلى 4-ئايدا جاللات شىڭ شىسەي مەھمۇد مۇھىتىنى ئۈرۈمچىگە يىغىنغا تەكلىپ قىلىش باھانىسى بىلەن ئالداپ تۇتقۇن قىلماقچى بولغاندا بۇ سىزىپ قالغان مەھمۇد مۇھىتى
<<ھۆكۈمەتتىن دىلىم ئاغىرىدى ،مەككىگە ھەج قىلغلى بارىمەن ،مېنىڭ ئىشلىرىمىدىن ھۆكۈمەتكە ھېچقانداق خەۋپ كەلمەيدۇ >> دەپ خەت قالدۇرۇپ ،خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ
چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن .

مەھمۇد مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ،مەھمۇد مۇھىتىغا سادىق قىسىملار يەكەنگە يىغىلىپ يىغىن ئېچىپ ،ئەقىل ، قابىليەت ۋە باتۇرلۇقتا كۆزگە كۈرۈنگەن ئابدۇنىياز كامالنى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئورنىغا شىجاڭ قىلىپ سايلاپ،شىڭ شىسەيگە << ئابدۇنىيازنىڭ شىجاڭلىقىنى ئىتراپ قىلىش، قىسىم قۇماندانلىق شىتابىنى قەشقەردىن يەكەنگە يۆتكەپ ئېلىپ كېتىش ،قىسىم تەمىناتىنى ھۆكۈمەتتىن بىرىش>> قاتارىلىق تەلەپلەرگە قۇشۇلسا  شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندايمىز دەپ تەلەپ قويدى .
شىڭ شىسەي ئۇ تەلەپلەرگە قۇشۇلماي ،خوتەندە تۇرۋاتقان ما خۇسەنگە << سەن ئابدۇنىياز قىسىملىرغا ھۇجۇم قىلىپ قۇرالسىزلاندۇرساڭ ،مەن ساڭا يارىدەم قىلسام >> دەپ تېلگىرامما بەرگەن . ما خۇسەن ماقۇل دەپ قۇيۇپ ،ئابدۇ نىيازغا ئەلچى ئەۋەتىپ ،شىڭ شىسەينىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەن ۋە< ئىككىمىز بىرلىشىپ شىڭ شىسەيگە قارشى تۇرساق> دەپ تەكلىپ بەرگەن .
ئابدۇنىياز نەچچە كۈن ئويلىنپ خىيال سۈردى ....كۆز ئالدىدىن << ئاچىل >> دېگەن ناخشىنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن نەچچە كۈن قاماقتا ياتقانلىقى،  تۇرپان،پىچان ،لۇكچۇن ،مۇرتۇقتا قىرۋېتىلگەن بىگۇناھ قېرىنداشلىرى،  ئابدۇنىيازنىڭ ئۇستازى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،مەخسۇت مۇھىتى ...........مەھمۇد مۇھىتى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان مەمتىلى ئەپەندى،قۇتلۇق شەۋقى.................قاتارلىق كىشىلەر كۆز ئالدىدىن ئۆتتى ۋە ئۇلارئۈچۈن قىساس ئېلىش نېيتىگە كېلىپ ،ماخۇسەن بىلەن بىرلىششكە قۇشۇلدى .
ئابدۇنىياز قىسىمىدىكى ئەسكەرلەرنى يىغىپ ،ماخۇسەن بىلەن بىرلىشىپ شىڭ شىسەيگە قارشى تۇردىغانلىقىنى جاكارلايدۇ ۋە قىسىمدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىنى خالىمايدىغان ئەسكەرلەرنىڭ
قۇرالىنى تاپشۇرۇپ ،قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىدۇ .
ئاز ساندىكى ئەسكەرلەر چېكنىپ 1000 دىن كۆپرەك ئەسكەر ئۇرۇشقا قاتنشىشنى خالاپ قىسىمدا قالدى .،ماخۇسەن ئەسكەرلىرىدىن 300 نى ئابدۇنىيازنىڭ قۇشۇنىغا قۇشۇپ بەردى .
ماخۇسەن 1500 ئەسكىرى بىلەن يېڭىشەھەردىكى لىيۇ بىن قىسىملىرىغا،ئابدۇنىياز 1300 ئەسكىرى بىلەن قەشقەر يۇملاقشەھەردىكى قۇربان سەئىدى قىسمىغا ھۇجۇم قىلىشقا كىلىشىدۇ .
ئابدۇنىياز كامال سوۋىتنىڭ بۇ ئۇرۇشقا ئارلىشىدىغانلىقىنى پەمىلەپ ،قەشقەردىكى سوۋىت كونسۇلخانسىغا << سوۋىت ئىتتىپاقى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ باش پاناھى ،شۇڭا شۇ شۇئارغا ئاساسەن بىزگە ياردەم بەرسە ،بىز سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ئەمەس ،سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن دوسىت ئۆتۈشنى خالايمىز.  ئەگەر ياردەم بېرشنى خالىمىسا بىتەرەپ بۇلۇپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز >> دېگەن مەزمۇندا خەت كىرگۈزدى.
1937-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى يەكەندىن قۇشۇننى باشلاپ قەشقەرگە ئاتلىنىپ 29-چىسىلا دۆلەتباغقا يىتىپ كەلدى ۋە مەسلىھەتچىسى ئابدۇقادىر ھاجىنى سوۋىت كونسۇلخانسىغا يازغان خەتنىڭ جاۋابىنى ئېلىشقا ئەۋەتتى ،سوۋىت كونسۇلى << ھىچقانداق يارىدەم بېرەلمەيمىز ،ھەم ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايمىز ،بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىچكى ئىشى >> دەپ جاۋاپ بەردى .
ئابدۇنىياز بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن << سوۋىتنىڭ بىزگە ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم .ئۇلار شىڭ شىسەيگە يارىدەم بىرىدۇ .شۇنداقتىمۇ سىناپ باقتىم >> دېدى .
ئابدۇنىياز ئالدى بىلەن يارباغدىكى تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىپ ،تۇرمىدىكى تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشنى ئويلاپ، تۈمەن دەرياسىنى بويلاپ يارباغقا يېقىنلاشقاندا ،ئىسھاقبەگ، مەۋلانوف قۇماندانلىقىدىكى قەشقەر گۇڭئەنجۈ ساقچى قىسىملىرى سېزىپ قېلىپ ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم باشلىدى ۋە مەغلۇپ بۇلۇپ چېكىنىپ يۇملاقشەھەر سېپىلى ئىچىگە كىرىۋالدى .
ئابدۇنىياز قىسملىرى يۇملاقشەھەر سىپىلىنى قورشاپ ھۇجۇمنى باشلىغاندا ،جاللات مەۋلانوف
يارباغ تۈرمىدىكى 300 دىن كۆپرەك تۇتقۇنلارغا ياغ چېچىپ ئوت قۇيۇۋېتىپ يېڭشەھەرگە قېچىپ كەتتى .
يۇملاقشەھەردىكى قۇربان سەئىدى قىسىمدىكى جەڭچىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئابدۇنىياز
ئەسكەرلىرى بىلەن سۇقۇشۇشنى خالىماي سېپىلدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا
قۇشۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇربان سەئىدىنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشى ئايدىڭلاشتى .
شۇ چاغدا سوۋىت كونسۇلى ئارىغا چۈشۈپ كېلىشتۈرشى نەتىجىسىدە ،قۇربان سەئىدى يۇملاقشەھەرنى ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەنگە تاپشۇرۇپ، قالدۇق قىسملىرنى ئېلىپ يېڭشەھەرگە چىقىپ كېتىدىغان بولدى .
كېلشىمنامىگە ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەن قۇشۇلۇپ تەڭ ئىمزا قويدى .( ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق كېلشىم تۈزۈشكە قۇشۇلغانلىقى نامەلۇم ).
ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەن قەشقەر شەھرىنى ئازاد قىلىپ ،كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا ،سوۋىت ئارمىيسىنىڭ ئايرۇپىلان،تانكا ،بىرونىۋىك، ۋە ئاتلىق يارىدەمچى قۇشۇنى بىلەن شىڭ شىسەي قۇشۇننىڭ ئاقسۇ شەھرىگە كېلىپ بولغانلىق ئۇچۇرى كەلگەن .
ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەن مەسلىھەتلىشىپ ،ماخۇسەن ئەسكەرلىرى بىلەن يېڭشەھەردىكى لىيۇ بىن،قۇربان سەئىدى قىسىملىرىغا ھۇجۇم باشلايدىغان ،ئابدۇنىياز مارالبېشىدا سوۋىت ۋە شىڭ شىسەي ئارمىيسىنى تۇسىدىغان بولۇپ پۈتۈشتى .
ئابدۇنىياز قىسىملىرى 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 3- كۈنى مارالبېشىغا قاراپ ئاتلاندى .
ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شىڭ شىسەينىڭ 10 ماشىنىدا كەلگەن (تەخمىنەن 400چە) ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى مارالبېشى سېپىلى ئىچىگە كىرۋېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقلىق يارىدەمچى قۇشۇن كېلىشىنى كۈتكەن .
ئابدۇنىياز قىسىملىرى سىپىل دەۋازىسىغا ئوت قۇيۇپ   بۆسۈپ كىرمەكچى بولغاندا شىڭ شىسەي
قۇشۇنلىرى ماشىنىغا ئورنىتىلغان پېلمۇتتىن تەڭ ئوق چىقىرىپ سىپىل ئىچىدىن قىچىپ چىققان . ئابدۇنىياز قىسىملىرى قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇقاتقان .
ئىككى ماشىنىدا قاچقان شىڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى ئابدۇنىيازنىڭ تۇمشۇققا ئەۋەتكەن چارلىغۇچى ئەسكەرلىرى ئالدىنى تۇسۇپ يۇقاتقان .  شۇنىڭ بىلەن مارالبېشىمۇ ئازاد بولدى .
ئابدۇنىياز قىسىملىرى يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ،كەلپىننىڭ سايباغ دىگەن يېرىگە كەلگەندە
سوۋىت ئايرۇپىلانلىرى بومباردىمان قىلدى .  ئابدۇنىياز قىسىملىرى ئايرۇپىلانلارغا قارىتىپ تەڭ ئوق ياغدۇرۇپ، بىر ئايرۇپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈپ بىر رۇس،بىر خەنزۇ ئۇچقۇچىنى ئەسىر ئالدى .
ئۇلار يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاقسۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلۇشۇپ، ئاساسى قىسىمنى مۇداپىئەدە تۇرغۇزۇپ ،بىر لىيەن ئەسكەرنى دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىدىكى كۇچا ،شايار قاتارلىق جايلارغا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلشقا ئەۋەتىپ ،كۇچا ،شاياردىكى شىڭ ئارمىيسىنى يوقۇتۇپ ،قۇرال -ياراقلارنى ئولجا ئالدى  ۋە شىڭ شىسەينىڭ بىر ئىنسىنى كۇچادا ئەسىر ئېلىپ  ئېتىپ ئۆلتۈردى .  دۈشمەن ئارقا سېپىنى پاراكەندە قىلىپ، شىڭ ئارمىيسىنى ھوجۇممۇ قىلالمايدىغان ياكى چىكىنەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى .

ئۈچ ئايغا يېقىن تىركىشىشتىن كېيىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋىتنىڭ 2000 كىشلىك << ئالتايىسكىي >> ناملىق ئارمىيسى ياردەمگە كېلىپ ، شىڭ شىسەينىڭ 2000 كىشلىك قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ ،ئابدۇنىياز قىسىملىرىغا  قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قاتتىق ھۇجۇم قىلدى .(ئابدۇ نىيازنىڭ خەنزۇ ئاغىنىسى ۋاڭ نىيازمۇ شۇ ئۇرۇشتا قازا قىلدى )
ئابدۇنىياز قىسىملىرى مەغلۇپ بۇلۇپ ،بۆلۈنۈپ ئاقچى،ئاۋات قاتارلىق جايلارغا چىكىنىدۇ.
مارالبېشىدا ئابدۇنىيازنىڭ چېكىنىش يولىنى توسۇپ تۇرغان2000 كىشلىك سوۋىت ئارمىيسى 500 ئاتلىق ئەسكەرنى مارالبېشىدا قالدۇرۇپ ،1500 ئەسكىرى 20 تانكا ،20 ئايرۇپىلان بىلەن يېڭشەھەردىكى لىيۇبىن قىسىملىرى بىلەن ئۇرشۇۋاتقان ماخۇسەن قىسىملىرغا ھۇجۇم قىلدۇ .
ماخۇسەن قىسىملىرىمۇ يېڭىلىپ ،بىر قىسمى تەسلىم بولدى،بىر قىسمى يىڭسار ئارقىلىق يەكەنگە چىكىندى. ماخۇسەن ئازراق ئادىمى بىلەن ھىندىستانغا قاچتى .ماخۇسەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى خوتەنگە چىكىندى .
شىڭ شىسەيگە سېتىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن جەڭ قىلغان قۇربان سەئىدى شىجاڭ قەشقەرگە كىرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلنىپ ئۆلتۈرۈلدى .
ئابدۇنىياز قىسىملىرىمۇ سوۋىتنىڭ ئايرۇپىلان ،تانكا قىسىملىرنىڭ زەربىسىدىن ساقلنىش ئۈچۈن قويۇق توغراقلىق بىلەن قاپلانغان تارىم دەرياسىنى بويلاپ  مەكىت ئارقىلىق خوتەنگە چېكىنىپ  ماخۇسەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش نىيتىگە كەلدى .
ئابدۇنىياز مەكىتكە كەلگەندە 300 ئەسكىرى قالغان بولۇپ ،شىڭ شىسەي ۋە سوۋىت ئارمىيسى يەكەندە ئۇنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ تۇراتتى .
ئابدۇنىياز كامال بىرلەشمە ئارمىيگە ھوجۇم قىلىپ ،بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا  مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىدۇ ۋە ئەسكەرلىرىنى تارقىتىۋېتىپ،10 دەك ئەسكىرى بىلەن بۇرۇن ئۆزى لىيەنجاڭ بۇلۇپ 3 يىل تۇرغان،ھازىر بولسا تاشلىنىپ قالغان ھارابتىكى گازارمىسىغا يېتىپ كېلىدۇ .
تۆت ئايغا سۇزۇلغان ئۇرۇش جەريانىدا قاتتىق چارچىغان بۇ يىگىتلەر تۆت ئاي بۇرۇنقى گازارمىسىغا كىرىپلا بىخەستەلىك قىلىپ شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدۇ . ئۇلارنى ئىز قوغلاپ يۈرگەن سوۋىت ئايرۇپىلانلىرى ئۇشتۇمتۇت بومباردىمان قىلىپ گازارما ئۆيلىرىنى تۈپ-تۈز قىلىۋەتتى ....
1937-يىلى 10- ئايدا ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بۇ يىگىت بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتى ....
ئابدۇنىياز بىلەن ئاتا بالىدەك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھاراب دېھقانلىرى  قېلىن تۇپىلارنىڭ ئاسىتىدا قالغان يىگىتلەرنىڭ جەستىنى كولاپ چىقىرىپ  شۇ يەردىكى مەشھۇر< قىلىچ بۇغراخان> مازىرىغا دەپنە قىلدى  

           مەنبە . ئەجداد تارىخ مۇنبىرى

پۇرسەت دائىم ، قىيىنچىلىق يتىپ كەلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:16:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32910
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12097 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:19:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:20:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32910
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12097 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:25:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:44:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

شاھ مەشرەپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103620
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 468
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 02:24:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
پۇرسەت دائىم ، قىيىنچىلىق يتىپ كەلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ،
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101800
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 04:37:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 12:31:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12101
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 12:52:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش