ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يېقىندىن بۇيان سىمسىز تور قوبۇللا ئۈسكىنىسى ھەققىدە ياردەم سۇرايدىغانلار كۆپىيىپ قالدى . شۇ ئېھتىياج سەۋەبلىك تورداشلارغا ئازغىنە ياردىمى بولسا -دېگەن مەقسەتتە سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش دەرسلىكىنى سۇنماقچى . تورداشلار بۇدەرسلىكنى كۆرۈپ سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىگە قارىتا مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلالىسا بۇ بىز ئۈچۈن شەرەپ.
بۇ دەرسلىكىمىزدە سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇھىم تەييارلىق - يانفۇن ئارقىلىق بىز تۇرغان رايۇندا سىمسىز تور سېگنالى بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئۇسۇلى ، سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىش- ئورنىتىش ئۇسۇلى، سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ ، بىر ئائىلە ، بىرئىشىخانا ئەزالىرى كومپيۇتېر ۋە يانفۇنلىرىمىزدا ئورتاق پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى تەپسىلى سۆزلەنگەن . دەرسلىكىمىز ھەقسىز تارقىتىلدى. ( دەرسلىكىمىز wmv فورماتتا بۇلۇپ ، چ چ قويغۇچ ۋە باشقا قويغۇلاردا قويىلىدۇ)
دەرسلىكنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://yunpan.cn/Q4sCMQa9Hmx7e
تورداشلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز ، سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋالغاندا ئۇرۇنسىز ئاۋارىچىلىق ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، دەرسلىكىمىزنىڭ 1- باسقۇچىدا سۆزلەنگەن ‹ئالدىن سىناپ بېقىش › قا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى : توردا سېتىلىۋاتقان سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇلۇپ ، ‹‹ گۈلدۈرى بار ، يامغۇرى يوق ، جېنى بار ، ماغدۇرى يوق›› مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم. بىزنىڭ بۇخىلدىكى ئۈسكىنىلەرنى سېتىش ، ئورنىتىپ بىرىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىيەت - تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا ، توردىكى چۈشەندۈرىلىشى 10 km دىن قوبۇللايدۇ - دىيىلگەن سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تارتىش - قوبۇللاش ئارىلىقى ( كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇنارى بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى )4 كلومېتېر ، سېگنال كۈچى 45%دىن 80% كىچە سېگنال كۈچى بىلەن نۇرمال تورغا چىققان.
ئالدىن سىناپ بېقىش دىگىنىمىز: يانفۇن ئارقىلىق سىمسىز تور سېگنالى بار - يوقلىنى تەكشۈرىمىز . يەنى ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ئورۇندا (شەھەر بولسۇن ياكى يېزا بازار بولسۇن ) كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇنارى بار ئۇرۇندىن ئارىلىقى 800 مىتىر ، ياكى مۇنارغا يېقىن جايغا بېرىپ ، يانفۇنىمىزنىڭ wlan نى قوزغۇتىمىز. بىرئاز ساقلىغاندىن كىيىن يانفۇنىمىز ئەتراپتىكى سېگناللارنى بايقاپ تاپىدۇ. بايقىغان سېگناللار ئىچىدە cmxjcc بار - يوقلىقىغا دېققەت قىلىمىز . cmxjcc سېگنالى بولسا ئۇنى چىكىپ يانفۇنىمىزنى تورغا ئۇلايمىز. تور كۆرگۈچتە خالىغان بىر توربىكەتنى ئاچىمىز.ئەگەر شۇ رايۇندا سىمسىز تورغا چىقىش كەسپى ئېچىلغان - يولغا قۇيۇلغان بولسا يانفۇنىمىز ئاپتۇماتىك ھالدا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىمسىز توركەسپىنى چۈشەندۈرۈش - بىجىرىش تور بىكىتىگە ئۇلىنىدۇ ( يەنى مۇشۇ بىكەتكە
https://221.181.24.8:8443/ )
يانفۇنىمىز مۇشۇ توربىكەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلانسا ئاندىن سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋېلىپ ،كومپيۇتېرغا چېتىپ ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ ( يەنى سىمسىز تورغا چىقىش كەسپىنى يانفۇنىمىزدىلا ئېچىپ ) ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقساق بولىدۇ.
ئەگەر يانفۇنىمىز cmxjcc سىگنالىنى بايقاپ ،كۆچمە خەۋەرلىشىش تور بىكىتىگە ئۇلىنالماي قالسا ، شۇ رايۇندا سىمسىز تورغا چىقىش كەسپى تېخى ئېچىلمىغان - يولغا قۇيۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنىڭ ‹ 15كلومىتېردىن تارتىدىغان دەھشەت يامانلىرى› نى سېتىۋالسىڭىز مۇ ئىشلىتەلمەي قالىسىز. سىز يەنىلا بىزنىڭ سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش دەرسلىكىمىزنى چۈشۈرۈپ ئالدىرىماي تەپسىلى بىر كۆرۈپ چىقىڭ . بۇچاغدا سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىرىشىسىز.
دەرسلىكىمىزنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://yunpan.cn/Q4sCMQa9Hmx7e
سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسى ھەققىدە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز بىلىمىمىزنىڭ يىتىشىچە ياردەمدە بولىمىز 18799865714
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rinatcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-22 12:29 AM