مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1588|ئىنكاس: 18

ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51030
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9849 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 11:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىكى


ئەيساجان تۇردى ئاچچىق


ئاپتۇر:كەلپىن ناھىيلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن


  مەن شەرققىمۇ باردىم،غەربكىمۇ باردىم،جەنۇبقىمۇ باردىم،شىمالغىمۇ باردىم؛ھاۋا يولى بىلەن ئاسمانغىمۇ چىقتىم،سۇ يولى بىلەن دېڭىز ئاستىغىمۇ كىردىم؛ئېگىز ھەم يۈكسەك تاغ چوققىلىرىغا چىقىپ سۈكۈتكە پاتقان تاشلار بىلەنمۇ سىرداشتىم،گۈزەل ھەم سەلتەنەتلىك باغلارغا كىرىپ سازاندە قۇشلارنىڭ لىرىك غەزەللىرىنى ئاڭلىدىم ھەم يۇمران گىياھلار بىلەن ئۆزگىچە ئاھاڭدا مۇڭداشتىم...مەيلى كائىناتنىڭ قايسى چوققىسىغا باراي،مەن ئۇچراتقان ھەربىر شەيئى خۇددى مەسلىھەتلىشۋالغاندەك بىر كىشىنىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ شۇ كىشىگە پۈتمەس-تۈگىمەس ھەمدۇ سانا ئوقۇپ بەردى.ئۇنداقتا ئۇ كىشى زادى كىم؟!
  يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇرۇشىا تەۋەككۈل قىلغان ئىسكەندەرمۇ؟چىڭگىزخانمۇ؟گېتلىرمۇ؟
  -ياق.
  -ئاتلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئۆزگىچە مەدەنىيەت ياراتقان باتۇر تەڭرىقۇتمۇ؟ئوغۇزخانمۇ؟ئالىپ ئەرتۇڭامۇ؟تۇنيۇنۇقمۇ؟
  -ياق.
  -شۆھرەتلىك قەلەم ساھىبى نەۋايى ھەزرەتمۇ؟بابارەھىم مەشرەپمۇ؟تاگۇرمۇ؟مىستىرانمۇ؟ياكى بودلىرمۇ؟ياكى نېتچىمۇ؟!
  -ياق.
  -ياكى...مۇ؟
  -ياق.
  -ئۇنداقتا،كىم؟!
  -ئۇ دەل<<ئىنسان ئېنژىنىرى>>،<<شام>>،<<باغۋەن>>دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىدۇر.

                                    *                            *                      *
   يولدا كېتىۋىتىپ بىر دانىشمەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.
   -ئالەمنىڭ چىرىغى بارمۇ؟
   -ئوقۇتقۇچى.
   -ئالەمنىڭ يىلتىزى بارمۇ؟
   -ئوقۇتقۇچى.
   -ئالەمنىڭ تۈۋرۈكى بارمۇ؟
   -ئوقۇتقۇچى.
   ئالەمنىڭ يۈرىكى بارمۇ؟
   -ئوقۇتقۇچى.
   -نېمە دەپ سورىسام ئوخشاشلار <<ئوقۇتقۇچى>>دەپ جاۋاب بەردىڭىزغۇ؟!-دېدىم تەئەجۈپلىنىپ.
   ئۇ دانىشمەن بېشىنى چايقاپ قويۇپ:<<ھەتتا سەندىكى مۇشۇنداق سوئال سوراش ئىقتىدارىنىمۇ ئوقۇتقۇچى يېتىلدۈرگەن تۇرسا،دۇنيادىكى بارلىق يۈكسەكلىك ئوقۇتقۇچىغا يۈكلەنسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى پەقەت ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققانلار ھېس قىلالايدۇ،بەزىلەر ھازىر ئۇ نېمە بولماق تەس،بۇ نېمە بولماق تەس،دېيىشۋاتىدۇ.لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولماق تولىمۇ مۈشكۈل جەريان،چۈنكى ئۇ ئىنساننى قايتىدىن ياراتقۇچىدۇر>>دەپلا كېتىپ قالدى.

                                     *                          *                          *
   مەن چوڭقۇر خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولدۇم.
   ئاشۇ قەدىردان ئوقۇتقۇچىلىم خىيالىمىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.ئاشۇ قەدىردان ئۇستازلىرىمدىن سۆزلەشنى،قەدەم ئېلىشنى،ياشاشنى ھەتتا ئادەمدەك خىيال سۈرۈشنى ئۆگەنمىگەن بولسام <<ئادىمىيلىك ئوربىتىسى>>دىن چىقىپ كېتىپ نەلەردە شەيتاننىڭ بۇيرۇقىنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىپ،دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرگەن بولاتتىم-ھە؟!
   مۇبادا ئوقۇتقۇچىلار بولمىغان بولسا بۇ دۇنيا بىرمۇ تازىلىق ئىشچىسى يوق كوچىغا ئوخشاپ قالاتتى.
  ئوقۇتقۇچىلار بولمىسا بۇ دۇنيا بىرمۇ قۇش يوق ئورمانلىققا ئوخشاپ قالاتتى.
  ئوقۇتقۇچىلار بولمىسا بۇ دۇنيا بىر تامچىمۇ سۇ يوق كۆلگە ئوخشاپ قالاتتى.
  ئوقۇتقۇچىلار بولمىسا بۇ دۇنيا بىر تال يۇلتۇزمۇ يوق ئاسمانغا ئوخشاپ قالاتتى.
                                  *                          *                     *
  ئوقۇتقۇچىسىز بۇ دۇنيانى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟!
  ئوقۇتقۇچى-ئەڭ گۈزەل باغ،سەن قانداق گۈل ئۈزمەكچى بولساڭ شۇنداق گۈلنى تاپالايسەن.
  ئوقۇتقۇچى-ئەڭ ياخشى دوختۇر.سەن ھەر قانداق كېسەلگە مۇپتىلا بولساڭ شىپالىق تاپالايسەن.
  ئوقۇتقۇچى-چەكسىز كەتكەن سۈرۈك دېڭىز.سەن ئۇنىڭ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە بېلىق بولۇپ ئۈزەلەيسەن.
  ئوقۇتقۇچى-<<مىڭبىر كېچە>>.سەن ئۇنىڭدىن دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى ئاڭلايسەن.
  ئوقۇتقۇچى -ئەڭ ئىلغار جاھاننە ئەينىكى.سەن ئۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى ھالىتىڭنىلا ئەمەس،يىراق ئۆتمۈشۈڭنى ئەسلىيەلەيسەن ھەم گۈزەل كېلەچىكىڭنى ناھايىتى ئېنىق تەسەۋۇر قىلالايسەن.
  ئوقۇتقۇچى-ئۇ بىر سۆيگۈ دەرىخى.ئۇ ساڭا سۆيگۈ،سۆيۈش،سۆيۈلۈش،مەۋجۇتلۇق،قەدىر-قىممەت...ھەققىدىكى ئەڭ كونا رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
  ئوقۇتقۇچى -مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان يېقىملىق ناخشا.
  ئۇ قەلبىڭگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ ھەم دۇنيانىڭ ئەسلىدە تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا ئىنسان قەلبىنىڭ ئەسلىدىنلا چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
  ئوقۇتقۇچى -كائىناتتىكى ئۆزگىچە بىر يۇلتۇزلار توپى.سەن ئۇ جايغا چىن ئەقىدە بىلەن بارساڭلا يۇلتۇزغا ئايلىنالايسەن.
                        *                               *                                  *
  ئوقۇتقۇچى مېنى روھلاندۇرغان،قاناتلاندۇرغان،ئۇچۇرغان،ئۇ ماڭا ئۇسساپ كەتكىنىمدە،بىر پىيالە سوغۇق سۇغا ئايلىنىپ بەرگەن.ئۇ ماڭا قەھرىتان سوغۇقتا ئىسسىق چاپان بولۇپ بەرگەن.ئۇ ماڭا تۆت كوچا دوقمۇشىدا ئۈمىدسىزلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ تېڭىرقاپ قالغىنىمدا كومپاس بولۇپ بەرگەن.ئۇ تېخى ماڭا خەتەرلىك داۋانلاردىن ئۆتەر چېغىمدا كۆۋرۈك،ئېگىز قىيالارغا يامىشۋاتقىنىمدا شوتا بولۇپ بەرگەن.
  مەن يېشىللىققا ئاشىق بولۇپ مەست بوپ يۈرگىنىمدە باھارنى چىللاپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟!
  مەن شۇڭا ئوقۇتقۇچىنى سۆيىمەن،مەيلى ئۇ قەيەردە بولسۇن،قايسى مىللەتتىن بولسۇن،قايسى قىتئەدىن بولسۇن،باشقا بىر كائىناتتا بولسۇن مەيلى ئوخشاشلا سۆيىمەن.ئوخشاشلا قەدىرلەيمەن.
  ئوقۇتقۇچىنى قەدىرلىسەك ئۆمرىمىز ئۇزىرايدۇ.بەختىمىز قاچمايدۇ.نامراتلىق بىزگە ھەيۋە قىلالمايدۇ.بەختسىزلىك بىزگە قۇچاق ئاچالمايدۇ.شەيتانمۇ بىزگە تاش ئاتالمايدۇ.يولىمىزمۇ ئۇزىراپ كەتمەيدۇ،قولىمىزمۇ قىسقىراپ كەتمەيدۇ.
  ئوقۇتقۇچىنى قەدىرلىگەن يەردە قىيامەت بولمايدۇ.پىتنە-پاسات بولمايدۇ.غەيۋەت-شىكايەت بولمايدۇ.خورلۇق بولمايدۇ.جىنايەتمۇ بولمايدۇ.ھەق-ناھەق رېئاكسىلەشمەيدۇ.
  شۇ ئوقۇتقۇچى قەدىرلىنىشى كېرەك.ئوقۇتقۇچى سۆيۈلۈشى كېرەك.سەن ھەر ۋاقىت ئوقۇتقۇچۇڭنى سۆي،ئوقۇتقۇچىلارنى قەدىرلە!
  ئوقۇتقۇچىنى سۆيمىگىنىڭ مىللىتىڭگە ئاسىيلىق قىلغىنىڭ.مىللىتىڭگە ئاسىيلىق قىلغىنىڭ ۋەتەنسىزلىك قىلغىنىڭ.ۋەتەنسىزلىك قىلغىنىڭ قوتىنىڭنىڭ ئادىرېسىنى بۆرىلەرگە ئېيتىپ بەرگىنىڭ.
  ئوقۇتقۇچىنى سۆيمىگىنىڭ مەھكۇملۇق زەنجىرىگە ئۆز-ئۆزۈڭنى باغلىغىنىڭ.مەھكۇملۇق زەنجىرىگە باغلانغانلىقىڭ ئىنسانلىقىڭنى ئېتىراپ قىلمىغىنىڭ.ئىنسانلىقىڭنى ئېتىراپ قىلمىغىنىڭ پارتىيەگە،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە تۇزكۇرلۇق قىلغىنىڭ!
توۋا،ئوقۇتقۇچىنى ئازابلىغان كىشىدىن ئارتۇق زالىم بارمۇ؟!
ئوقۇتقۇچىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان،كۆزىدىن ياش ئاقتۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلغان كىشىدىن ئارتۇق مۇناپىق بارمۇ؟!
  ئوقۇتقۇچىغا ئازاب گۈلى تەقدىم قىلغۇچى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ ھالاكەت جىلغىسىغا بېرىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.
                          *                                  *                           *
   مەن ھارام بايلىقتىن،راھەت-پاراغەتتىن ۋاز كېچىپ جەننەتتەك پاك مەكتەپكە چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ كىرىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
  مەن ئالىي قەسىرلەرگە كىرىش<<پاسپۇرتى>>نى يىرتىۋىتىپ نامرات دېھقان باللىرىنىڭ قەلب قەسىرىگە شەپىسىز كىرىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
  مەن بالىلارنىڭ ئىشقىدا بۇلبۇلدەك ناخشا ئېيتقان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
  مەن تۈن قاراڭغۇسىدا يۈرىكىنى سوغۇرۇپ ئېلىپ مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ،ساناقسىز ئوقۇغۇچىلارنى نۇرانە كېلەچەككە باشلاپ كېتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
  مەن سەلتەنەت قەسىرىگە ئۆزى كىرمەي،ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىرىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن،ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەخت نۇرۇغا چۆمۈلگۈنىدىن خوشال بولۇپ ھوشىدىن كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەن.
  سەن ھارامتاماق،روھى پەس،مەككار،يالاقچى،قويمىچى،شۆھرەتپەرەس ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرگەنمۇ؟!
  ھارامتاماق،روھى پەس،ھەسەتخۇر،كۆرەلمەس،غورۇرسىز يالاقچىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق.
  لايغەزەل،ھۇرۇن،مەسئۇلىيەتسىز،بوشاڭ،قاششاق سەۋدايىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق.
  ھەشەمەت دەرۋازىسى ئالدىدا تەمتىرەپ يۈرگەن،ئىشق راۋىقىدا ۋالاقلاپ يۈرگەن پايلاقچىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق.
  چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ بولغان.
                                  *                        *                            *
  چىن ئوقۇتقۇچىلار خۇشامەت كوچىسىغا كىرىشنى رەت قىلىدۇ.ئۇلار ئۆلگەن ھايات،مەنىسىز تۇرمۇش،يالغان مۇھەببەت،ساختا دوستلۇق،رەڭلىك ئەقىدە ۋە سۈنئىي تەبەسسۇمغا قاراپ يىغلايدۇ.
  خورلانغان،پۇتىغا نەشتەر سانجىلغان،پاناھى يوق بالىلارنىڭ ئوماق چېھرىنىڭ سولىشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۈلمەيدۇ.
  سۆيۈلۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان قىزلارنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ يىغلايدۇ.يوقسۇزلۇق ئۆتەڭلىرىدە ئۇخلاۋاتقان يىگىتلەرنىڭ قامىتىگە قاراپ يىغلايدۇ.
  چىن ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارنىڭ تون كىيدۈرىشىنى تاما قىلىپ مۈگدەپ قالمايدۇ.ئاتايىن پۇل خەجلەپ تېلىۋۇزۇرغا چىقىشنى نۇمۇس دەپ قارايدۇ.سودا خارەكتىرلىك ماختىلىش كويىدا قاتراپ يۈرمەيدۇ.
  ئۇلار ئۇلۇغلۇقنى سېمىز تەندىن،يانچۇقتىكى پۇلدىن،ئولتۇرغان ماشىننىڭ ماركىسىدىن،رېستۇراننىڭ دەرىجىسىدىن ئىزدەشنى راۋا كۆرمەيدۇ.
  ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل ئاددىي-ساددىلىقىدا،ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل ئۆزىنى ئۈن-تىنسىز بېغىشلاشتەك ئالىيجاناپلىقتا.
  80ياشلىق قېرى سودىگەر 15ياشلىق قىزنى ئەمرىگە ئالسا ھېچكىم ئەجەپلەنمەيدۇ.90ياشلىق موماي دېسكۇ ئوينىسا ھېچكىم ئەجەپلەنمەيدۇ.ساۋاتسىزلار ئەمەلدار بولسا ھېچكىم ئەجەبلەنمەيدۇ.قەلەندەر بىر كېچىدىلا مىليۇنېر بولسا ھېچكىم ئەجەبلەنمەيدۇ.
  بىراق،ئوقۇتقۇچىلار بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كىيسە ياكى بىرەر قېتىم ئالىي رېستۇرانغا كىرسە ھەممە ئادەم گۇمانلىنىدۇ.
  مانا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى.
                  *                       *                                   *
  <<مەسئۇلىيەت>>دېگەن سۆزنىڭ لېكسكىلىق مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
   ئەجدادلىرىنىڭ كونا چاپىنىنىڭ قەدىمىيلىكىدىن پەخىرلىنىپ يالىڭاچ قالغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
   ماڭغان ئىزىدىن تىكەن ئۈنىدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
   ئاتا-ئانىسىنى بىرەر قېتىم يوقلاشقا جۈرئەت قىلالماي،كېچە-كۈندۈر باشلىقلارنىڭ ئۆيىگە قاترايدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
  ھەقىقەتتىن قورقۇپ،كۆزىگە قەلەي كۆز ئەينەك تاقىۋالىدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
   مۇنبەرگە پۇل يىغىۋىلىش،سۆزلەش ئۈچۈنلا سۆزلىۋىلىش ياكى ئۆزىنىڭ يېڭى كىيمىنى داڭلىۋېلىش ئۈچۈن چىققانلار ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ شېرىن خىيال سۈرۈشىگىمۇ چەك قويىدىغان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈلۈشىدىنمۇ ئەنسىرەيدىغانلار چىن ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ.
  چۈنكى ئوقۇتقۇچى مەنپەئەت ئالغۇچى ئەمەس،مەنپەئەت ئاتا قىلغۇچى.
  ئوقۇتقۇچى ئېنىرگىيە توپلىغۇچى ئەمەس،ئېنىرگىيە سەرپ قىلغۇچى.
  ئوقۇتقۇچى-ئوتتەك چاراسلاپ كۆيگۈچى.
  ئوقۇتقۇچى-بىر ئۆمۈر ھالال تەر تۆككۈچى...
  ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبىدىكى مېھىر-مۇھەببەت بۇلىقىنىڭ كۆزى ئېتىلىپ قالسا دۇنيانىڭ تۈگەشكىنى شۇ؟!
                   *                                   *                               *
  دوستۇم،سەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇڭ،مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇم.
  سەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىڭدىن پەخىرلەنسەڭ مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.ئوقۇتقۇچىلىق سەپىرىمدە چەككەن بارلىق جاپالىرىم دائىم ماڭا راھەتلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەڭدار سوئاللىرى پۈتكۈل ئازابلىرىمنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ.
  مەن قايتا تۇغۇلساممۇ يەنە ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللايمەن.
  يۈر دوستۇم،بىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يېنىغا بارايلى.ئۇ بىزگە ئۆمۈرلۈك تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
  دوستلار،يۈرۈڭلار!بۈيۈكلۈك تېغىغا چىقىپ ئوقۇتقۇچىلار شەنىگە ناخشا توۋلايلى.بۇ ناخشىلىرىمىزنى پۈتۈن كائىنات ئاڭلىسۇن،ھەتتا شەيتان شادلانسۇن.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۈيۈكلۈك يۇرتىنىڭ سۇلتانى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئەندىكىپ كەتسۇن.
يۈرۈڭلار،دوستلار!يېڭى دەۋر،چەكسىز دېڭىز،كەڭ تەبىئەت،ئانا تۇپراق بىزدىن سۆيۈنۈپ قالسۇن.
بۈيۈكلۈك بابىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى،پەقەت ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھەممە چۈشەنسۇن.

   مەنبە:ئاپتۇرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن<<شىنجاڭ مائارىپى>>ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىنىپ يوللاندى.


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 12:02:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەركەن. ئوقۇتقۇچى تولىمۇ ئۇلۇغ ۋە مەسئۇلىيىتى ئېغىز كەسىپ. بىر مىللەت مائارىپىدا توۋرۈكلۈك ئۇرۇنغا ئىگە گىگانىت شەخىس.  يالقۇن رۇزى ئۇقۇتقۇچىلارنى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىغان ئىدى. پۇل تېپىش تېپىدىكى ئۇقۇتقۇچى ۋە خىزمەت قىلىش تىپىدىكى ئۇقۇتقۇچى دەپ، شۇڭا مەن بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەت مائارىپى ئۈچۈن ئىشلىشىنى، خىزمەت قىلىش تېپىدىكى ئۇقۇتقۇچى بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101296
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2013-12-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 12:21:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق نىڭ ھەممە ئەسەرلىرى موشۇنداق ياخشى. مەنتىقىلىك.

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6875
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 01:26:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،مەنمۇ كەلگۈسىدە مۇشۇنداق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىتىمەن

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1153 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 01:31:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەركەن، ئاپتورنىڭ باشقا يازمىلىرى بولسا داۋاملىق يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن، ئاپتورنىڭ تىل قابىلىيىتىگە قايىل بولدۇم.

مارشال ئەپەندىمنىڭ تېمىلىرىنىمۇ سېغىنىپ قالىدىكەن كىشى، قەلەم تەۋرىتىشكە ۋاقتىڭىز يوقمۇ يا؟

ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، رەھمەت.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13441
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5937 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 01:33:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.رەخمەت سىزگە!ئەسەرنى ئوقۇپ توۋەندىكىلەرنى يازغۇم كەلدى.
ئوقۇتقۇچىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك-دۇنيادىكى قاباھەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەھكۇم شەكلى.ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيلى!
جەنۇبى شىنجاڭدىكى جاپالىق ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بارلق كەسىپداش ئوقۇتقۇچىلارغا سالاملار يار بولغاي!
يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىپ قالدى.كەسىپداشلار-بارلىقىمىزنى بالىلارغا،بالىلارنىڭ بارلىقىغا،بارلق بالىلارغا بېغىشلايلى!

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 947 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:08:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ھۆرمەتكە لايىقلىرىمۇ ناھايتى كۆپ، ئاز بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچلار باركى، ئۇلار دەرىس ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى دەرىس تەكرارلاشقا بۇيرۇپ قويۇپ، ئۆزى  ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىنى قىلغاچ تەپپۇس قوڭغۇرىقىنى ساقلايدىغان، ئۇلار مائاشنى دەپلا ئوقۇتقۇچى بولغاندەك، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوقتەك، كاللىسىدا مۇئاش بىلەن تەتىلنىلا ئويلايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى يىزىلارغا تەقسىملەنگەن يىڭى زاماننىڭ بەزى مەدەنىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلىردا بۇنداق ئەھۋال كۆپمىكىن دەيمە. لىكىن كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا ناھايتى مەسئۇلىيەتچان كىلىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن ھۆرمەتكە سازاۋەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 10:44:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ لوپ دىيارىدا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پەقەت ئەتىۋارى يوق. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشقا پەقەت چۆكەلمەيۋاتىمىز. نۆۋەتچىلىك قىلىش.ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ...........قاتارلىق پۈتمەس تۈگىمەس ئىشلار بەكلا ھالسىرىتىۋاتىدۇ. قاچانمۇ بىر ۋىجدانى ئەركەك باشلىقتىن بىردە چىقىپ بۇ ئىشلارنى ئوڭشاركىن؟؟؟؟؟؟

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7701 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 11:14:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازما  ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا  ،بىر ئەينەك بولغىدەك .

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17785
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7215
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 12:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەنمۇ شۇ ئوقۇتقۇچى بولالماي ئاۋارە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش