|
|
|
|
كۈلقىز
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار
ئىنگىلىز تىلىنى يېڭى ئۈگىنىشنى باشلىغان چېغىمدا، باھار چاتما ھىكايىلىرى (Spring series) نامىدا نەشىر قىلىنغان بىر يۈرۈش ئوقۇشلۇق ئوقۇپ چىققان ئىدىم. بۇ ئەسەرلەر دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن باھار چاتما ھىكايىلىرىدىن (Spring series) ھەر بىر ساندا بىر ئەسەر، بىر يازغۇچى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
دۇنيا ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر(1)
كۈلقىز Cinderella
چارلىس پېرئالېت Charles Perrault ، (1628-1703-يىللىرى) ، ڧرانسىيەدە تۇغۇلغان. دۇنياغا داڭلىق بالىلار يازغۇچىسى، شائىر، تەنقىدشۇناس.
پېرئالېت 20 يىلغا يېقىن خان جەمەتىنىڭ قۇرلۇش نازارەتچىسى بولغان. پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن بالىلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەمدە « پېرئالېت بالىلار ھىكايىلەر توپلىمى» ناملىق بالىلار ئوقوتۇش ماتىرىيالىنى يېزىپ چىققان.
پېرئالېت ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۇ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بالىلار ھىكايىلىرىنى رەتلەپ خاتىرلەش جەريانىدا بەزى قوپال سۆز-جۈملىلەرنى ئۆزگەرتىپ ياكى ئېلىپ تاشلاپ، ھىكايىلەرنى تېخىمۇ تاكاموللاشتۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوردا تۇرمۇشىنى ئاساسى سىيوژىت قىلغان بولۇپ، ئەينى دەۋىر رىئاللىقىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن.
ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن «كۈلقىز Cinderella»، «ئورمانلىقتىكى ئۇخلاۋاتقان پەرىزات»، «ئۆتۈكلۈك مۈشۈك»، «بارماق مەلىكە» قاتارلىقلار بار.
چارلىس پېرئالېت 1697-يىلى « پېرئالېت بالىلار ھىكايىلەر توپلىمى» نى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بالىلار ھىكايىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقىپ، نەشىر قىلدۇرغان.
كۆپچىللىككە تونۇش بولغان «كۈلقىز Cinderella » نامىلىق ۋەكىل خاراكتىرلىك بالىلار رومانىدا ، باش پىرسۇناژ كۈلقىز ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۈگەي ئاپىسى ۋە ئىككى ئۈگەي ئاچىسىنىڭ خورلىشىغا ۋە زۇلۇم سېلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاخىرىدا شاھزادە بىلەن توي قىلىپ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىدۇ. «كۈلقىز Cinderella » ناملىق بۇ باللىلار ھىكايىسى يېقىندا كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قايتىدىن تونۇلدى.
مەنبە: ئويتاغ قەلىمى
كۈلقىزنىڭ كۆرۈش ئادىرىسى: http://v.baidu.com/kan/movie/?id=19116&site=iqiyi.com&url=http://www.iqiyi.com/dongman/20100914/n38515.html?src=frbdaldjunest#frp=v.baidu.com/movie_intro/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-21 06:42 PM
|
|
|
|
|
|