تىل ئىنسان ھاياتىنىڭ يېرىمى . چۈنكى ، ئۇ ئادەمدە ئاڭ پەيدا بولۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولغان ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلدى . كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئىلغار بولغان ئالاقىلىشىش ۋاستىسى تىل . كىشىلەر تىل ئارقىلىق بىر - بىرىنى چۈشىنىدۇ ، بىر - بىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ . تىل ئارقىلىق ئۆزىنى ، ھېسياتىنى ، مەقسىتىنى ئىزھار قىلىدۇ ، تىل ئارقىلىق قەلبنى قەلبكە باغلايدۇ . تىل ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىدۇ ، دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ . چۈنكى ، تىل تەپەككۈر بىلەن توغرىدىن - توغرا باغلانغان . ئادەمنى ھايۋاندىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگىنىڭ بىرى يەنىلا شۇ تىل . 1. سۆز ھاياتنىڭ بۈيۈك قورالى .
2. جانلىق سۆز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ .
3. تىل مىليۇنلىغان ئەجداتلار تەرىپدىن يارىتىلغان تىرىك جاندۇر .
4. تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى ، ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ . .. تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى ، ھازىرى ھەم كېلىچەك ئەۋلادلارنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە ، تارىخلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي ، ئەڭ باي ، ئەۇ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر .
5. تىلسىز شەخىسمۇ ، خەلقمۇ ئۆزىنىڭ ئوي - ھېسسىياتلىرىنى باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرالمايدۇ ، بولۇپمۇ كېلەچەك ئەۋلادلارغا قالدۇرالمايدۇ .
6. ئادەملەر ھاياتلىقىنىڭ يېرىمى تىل ۋە سۆز ، يەنە يېرىمى ھەرىكەت .
7. كۆپ تىل بىلگەن ئادەم مەدەنىيەت دۇنياسىغا كىرىشنىڭ يول خېتىگە ئېرىشتىم ، دېسە بولىدۇ . 8. تىل دوستلۇق ھەم ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ ئوڭاي ۋاستىسىدۇر .
9. ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى بىلمەكچى بولساڭ ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىلىنى بىلىشكە تىرىش .
10. چەت تىل زۆرۈرىيىتى كۈرەشتىكى قورالدۇر .
11. كۆپ تىل بىلىش - بىر قۇلۇپقا چۈشىدىغان كۆپلىگەن ئاچقۇچلارغا ئىگە بولۇشتۇر .
12. تىل مەدەنىيەت بىلەن بىرلىكتە راۋاجلىنىدۇ .
13. تىلغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقىڭ - ئەلگە ئېتىبارسىز قارىغانلىقىڭدۇر .
14. تىل بايلىقى تەپەككۈر بايلىقىدۇر .
15. تىلدىن مەھرۈم بولۇش تەپەككۈر ئىقتىدارىدىن مەھرۈم قىلىدۇ .
16. جانلىق سۆز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ .
17. سۆزدىن قۇدرەتلىكرەك نەرسە يوق .
18. سۆز ھاياتنىڭ بۈيۈك قورالى .
19. كۆپ تىللىق بولۇش قوش قاناتقا ئىگە بولغاندەك خاسىيەتلىك ئىش .
20 . ئانا تىلىمىزنى ئۆز كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرايلى ، ئۆگىنەيلى ، تەتقىق قىلايلى ، بالىلىرىمىزغا ئۆگىتەيلى ، شۇندىلا ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ، ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالالايمىز .
21. تىل ۋە سۆز - ھاياتنىڭ يېرىمى
مەنبە : يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ ‹‹ ياشاش مەنتىقىسى ›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .