ئانا تىل ھەققىدە مۇخەممەس
ئاپتورى:تۇرسۇنجان سۇلايمان (شەررارى)
ئەي ئانا تىل بۇلبۇلۇڭمەن سەندىن ئۆزگە خۇمارىم يوق، سېنىڭسىز ئۇشبۇ تىل كېكەچ تەپەككۇردىن مادارىم يوق، ھېكمەتلەرنىڭ گۈلخانىدا ۋولقاندەك يانارىم يوق، ئانا تىل سۆيگۈسى ئىللىق ئۇنىڭسىز نەۋ باھارىم يوق، ئانا تىل بولسا گەر خاراب بۇندىن ئارتۇق زاۋالىم يوق.
‹ ئا › بىلەن باشلاندى دىل رىشـتىسىغا سۆيگۈ تەم، ‹ ب › بىرلە ئۆگەندىمغۇ بېغىشلىماق پەزلىنى ھەم، ئانا تىلنىڭ بەركىتىدە بارچە قەلب بىر يەرگە جەم، ئەي گۈزەللىك بابىدا ھۆرپەرى بىر گۈل سەنەم، بۇ سەنەمنى سۆيمىگەنگە مېنىڭ ئارتۇق ئامالىم يوق.
‹ ئانا › دەپ ئۇندا چىققان بارچە ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى ، تىل ۋە دىلدا زىكرى ئەيلەر شەرەپلىنىپ كۈن تۈنى، ئۇندا ئەركىن پەرۋاز ئەيلەر ۋۇجۇد روھنىڭ كەپتىرى، رۇس ئېنگىلىز خەنزۇچە ھەم ، ئۇ ئاساستۇر ئەۋۋىلى، ئەقلىي سۆيگۈ بېغىمدا سەندىن لەزىز ئانارىم يوق.
بىغۇبار ھۆسنۈڭ چىمەنزار بارچە تىل زۇۋان ئارا ، مەدەتكار ئۇستاز ئېرۇرسەن سېنىڭسىز ئەقلىم يارا ، گۈل شېرىن بولدۇڭ ئەزەلدىن ئاشىقلىق قامۇسىدا ، سېنىڭسز خەستە بىمار لوقمان ھەكىم ئىبنى سىنا ، پەن كۆكىدە سېنىڭسىز غۇلاچ كېرىپ پەرۋازىم يوق .
ئوتتۇز ئىككى چىشلىرىم ناننى چايناپ يېگۈزدى ، ئوتتۇز ئىككى ھەرىپلەر ھېكمەت بەخش ئەيلىدى ، ئۇندىن سۆيۈنگەن ھەتتا ئەلشىر يۈگنەك قەشقىرى ، پۈتۈلگەنغۇ مىڭلارچە تەلىم ھېكمەت دەستۇرى ، ئانا تىلسىز غورۇر مەجرۇھ شىجائەتكە ماجالىم يوق .
كىتابەتتىن ئىلىم تاپقىن ئانا تىلدىن پاك غورۇر ، ئانا تىلنىڭ ھەربىر سۆزى بىر مۇڭ غەزەل دىل ھوزۇر ، تاغنى كەسكەن پەرھاد كەبى كۈچ قۇدرىتى خويمۇ زور ، ھەر ھەرىپكە باغلانغان ھەم مىليونلىغان جان - تومۇر ، تەپرىقچىلىقتىن ساقلاشتا سەندىن ئۆزگە تۇمارىم يوق .
بەزىدە ئوخشاپ قالۇرسەن سابادىكى شامالغىمۇ ، بەزىدە قاقشاپ قالۇرسەن ئايلىنىپ قاقشالغىمۇ ، كىم سىنى قاقشاتسا گەر چۈشەر ناچار ئەھۋالغىمۇ ، لېكىن ئەتەڭ چوقۇم پارلاق ، ئەۋلاد يېتەر ئىقبالغىمۇ ، ئىلىمسىز قالغان ساياققا سېنىڭدەك خوپ چىنارىم يوق .
2014-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 1:00دە تاماملاندى!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-21 04:24 PM
|