مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 4

فارابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 02:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                            فارابى



    شىمالىي سۇرىيە ھۆكۈمرانى ، ھەمىدان سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇل دەۋلە 943-يىلى ھەلەپ شەھرىنى پايتەخت قىلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغاندىن كېيىن فارابى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ . ئىبىن خەللىكاننىڭ كۆرسىتىشىچە ، بىر كۈنى فارابى پىيادە مېڭىپ سەيپۇل دەۋلەنىڭ ياسىداق ئوردىسىغا كىرىپ كېلىدۇ . ياش پادىشاھنىڭ سارىيىدا ھەر خىل مۆتىۋەرلەر توپلاشقان بولۇپ ، ھەر خىل ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت بولۇۋاتاتتى . ئۈستىگە تۈركىي كيىم كىيگەن فارابىنى ئۇلار تونۇمايتتى . پادىشاھ بۇ ناتونۇش كىشىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندا ، فارابى پادىشاھقا : « خالىغان جايدىمۇ ياكى بەلگىلەنگەن جايدىمۇ ؟ » دەپ سوئال قويدى . سەيپۇل دەۋلە ئۇنىڭغا : « خالىغان جايدا » دەپ جاۋاب بەردى . فارابى كىشىلەر ئالدىدىن ئۆتۈپ سەيپۇل دەۋلە يېنىدىكى بوش ئورۇنغا ئولتۇردى . سەيپۇل دەۋلە يېنىدا مۇھاپىزەتچى مەمەلىك ئولتۇرغانىدى . مۇھاپىزەت ئەھرىمى سەيپۇل دەۋلىگە ئۆزلىرى بىلىدىغان ئايرىم بىر تىل بىلەن : « بۇ شەخس ئەدەپسىزلىك قىلدى . مەن ئۇنىڭغا بىر قانچە سوئال قويۇپ كۆرەي ، ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسە ، ئۇنىڭ جاجىسىنى بىرەيلى » دېدى . بۇ تىلنى فارابى ياخشى بىلەتتى . فارابى دەرھال ئۇنىڭغا : « ئەمىر ، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ . ھەر قانداق ئىشقا پەقەت ئۇنىڭ ئاخىرىدىلا باھا بېرىش كېرەك » دېدى . سەيپۇل دەۋلە فارابىدىن : « سىز بۇ تىلنى بىلەمسىز ؟ » دەپ سورىغاندا ، فارابى : « بىلىمەن ، يەتمىش خىلدىن كۆپرەك تىلنى بىلىمەن » دەپ جاۋاب بەردى . سۆھبەت باشلاندى ، ھەر خىل ئىلمىي تېمىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ، پەقەت فارابىلا بۇ مەسىلىلەرگە روشەن ئىزاھات بېرەلىدى . سەيپۇل دەۋلە فارابىدىن : « ئىچىملىك ئىچىشنى خالامسىز ؟ » دەپ سورىدى . فارابى : « ياق » دەپ جاۋاب بەردى . « تاماق يېيىشنى خالامسىز ؟ » دەپ سورىدى . فارابى : « ياق » دەپ جاۋاب بەردى . « مۇزىكا ئاڭلاشنى خالامسىز ؟ » دەپ سورىغاندا ، فارابى : « بولىدۇ » دەپ جاۋاب بەردى . فارابىنىڭ ئىلىمىدىن قايىل بولغان سەيپۇل دەۋلە ئۆز سارىيىدىكى ئاتاقلىق سازەندىلەرنى چاقىرتىپ نەغمە قىلدۇردى . فارابى مۇزىكانتلارنىڭ ماھارىتىدىن نۇقسانلار تېپىپ تۇرغاچقا ، سەيپۇل دەۋلە فارابىدىن : « سىز بۇ ساز ئۇستىلىرىدىنمۇ ياخشىراق چالىدىغان ئوخشىمامسىز ؟ » دەپ سورىدى .  فارابى : « شۇنداق » دەپ جاۋاب بەردى ھەم بەلۋېغىغا ئورالغان قۇتىچىدىن بىر تارىنى ئالدى -دە ، مۇزىكىنى سازلاپ چېلىشقا كىرىشتى . ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ تۇنجى مۇزىكىسىدىن روھلىنىپ ھاياجانغا غەرق بولغان بولسا ، ئىككىنچى مۇزىكىسى ئۇلارنى كۆز يېشى تۆكۈشكە مەجبۇر قىلدى ، فارابى ئۈچىنچى مۇزىكىسى بىلەن ئۇلارنى ئۇخلىتىپ قويۇپ سارايدىن تەنھا چىقىپ كەتتى .   

مەنبە : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : « فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى »

                       2014 - يىل 21 - فىۋرال .قاغىلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 04:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 06:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىممۇ بىزگە شۇنداقراق سۆزلەپ بەرگەن ئىدى،فارابى كۆپكە قادىر مۇنداقچە قىلىپ ئېتقاندا كۆپ خىل بىلىم بىلىدىغان ئالىمغۇ دەيمەن،قالۇننى فارابى ئىجاد قىلغانغۇ دەيمەن ھە؟؟

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 07:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۇيغۇر ئالىمى، ئارستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر نامايەندىسى، بىر پۈتۈن ناتۇرالىستىك پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىنىڭ ئاساسچىسى، ئاتاقلىق لوگىك، ماتېماتىك، مۇزىكىشۇناس - ئەبۇ نەسىر فارابى، (تولۇق ئىسمى: ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبن ئۇزلۇق ئىبن تارخان) كاشغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فاراب - ئوترار - جەۋھەر شەھىرىنىڭ «ۋاسىچ» ھەربىي قەلئەسىدە، مانى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز - توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىتسېر ئائىلىسىدە مىلادىيەنىڭ 870 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 259 - يىلى) دۇنياغا كەلگەن. 893 - يىلى فارابى پۈتۈن ئائىلىسى مانى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 22 ياشلاردا بولسا كېرەك.
    فارابى 30 يېشىدىن ھالقىغاندا، 10 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەت ئوچىقى ھېسابلانغان باغداتقا كەتكەن. ئەرەب تىلىنى بىلمىگەچكە، باغدادتا ئەبۇبەكرى ئىبنى سىراجىددىندىن ئەرەب تىلىنى ئۈگىنىۋالدى (ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ۋاقىتتا پارس تىلىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن)، مەشھۇر خىرىستىيان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گرېك تىلى بىلەن لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى، كېيىن ھەرران شەھرىگە بىرىپ  ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى، ئەينى زاماندىكى ئاتاقلىق خىرستىيان ئالىمى، ئارستوتېل لوگىكىچىسى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىدتىن پەلسەپە، لوگىكا، نەزەرىيە تېبابەتچىلىكىنى ئۆگەندى.
    ئۆز دەۋرىنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ئالىمى، شەرق ئارستوتېلى، ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپتىدە غايەت زور شۆھرەت قازاندى. فارابى مىلادىيەنىڭ 950 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 339 - يىلى) ماھى رەجەب (دېكابىر) ئېيىدا سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتىنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «بابەس - سەغىر» ناملىق كىچىك سېپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. فارابى ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەرزەنتسىز ئىدى.

مەنبە: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى».


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 07:46 PM  


خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 08:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشى ئەبۇ ناسىر ئەل فارابى شۇمۇ؟

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش