مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1017|ئىنكاس: 1

كروران ئېلىنىڭ تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:17:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

غالىب بارات ئەرك


كروران ئېلى ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىھەيرەتتە قالدۇرغان، ئۇنىڭ نامى تارىخ سەھىپىسىدىن يوقالغاندەك قىلغان بولسىمۇ،ھەربىر تارىخنامىدە زىكرى قىلىنىپ تۇردى، 1900 – يىلى 3 – ئايدا كرورانخارابىسىنىڭ تېپىلىشى ھەمدە 1901 – يىلى 3 -ئايدا تەكشۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، بۇ شەھەر خارابىسىنىڭتارىخىي مەنبەلەردە يېزىلغان كروران شەھىرى ئىكەنلىكى خەلقئالەمگەنامايان بولدى ۋە ئۇنىڭ زىلزىلىسى دۇنيانى تەۋرەتتى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ ئۈستىدەئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار توختاپ قالغىنى يوق. كرورانتوغرىسىدا بىر ئەسىرلىك تەكشۈرۈش – تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، كرورانئېلى قاچان قۇرۇلغان؟ ئۇنىڭ پايتەختى قەيەر؟ قانداق ۋەيران بولغان؟ بۇ مەدەنىيەتقانداقلارچە ئاشۇنداق يۇقىرى پەللىگە يەتكەن؟ ئۇلار مۇكەممەل قانۇنلارنى قانداقۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؟…دېگەندەك نۇرغۇن سىرلار تېخى تىلسىم پېتى تۇرماقتا، مەن بۇ مەسىلىلەردەئۆزۈمنىڭ قۇربىمنىڭ يېتىشىچە پىكىر بايان قىلىشقا تىرىشىمەن.
بىزنىڭ كروران ھەققىدىكىيازما ئۇچۇرلىرىمىز مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردىن باشلىنىدۇ، بۇ ھەقتەبىزگە ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر بەرگۈچى مەشھۇر تارىخچى سىماچيەن. ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى145-يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86-يىللار ئەتراپىدا ۋاپات بولغان. ئۇ<تارىخىي خاتىرىلەر> دە مۇنداق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ قالدۇرغان: < …روران، ئۇيسۇن، ئوغۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26 ئەل تىنجىتىلدى، ھەممىسىھۇنلارغا تەۋە بولدى، بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپئۇيۇشتى>.سىماچيەن: <تارىخىي خاتىرىلەر> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 -يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 407 – بەت.بۇ، ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر، يەنىئوغۇزخاننىڭ خەن سۇلالىسى پادىشاھىغا يازغان مەكتۇپىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت. بۇمەكتۇپتا يېزىلغان روران خەنزۇچە مەنبەدە楼兰دەپ يېزىلغان، ئۇ دەل كروران ئېلىنىكۆرسىتىدۇ. بىز بۇ جۈملىلەردىن كروران ئېلىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 – يىلىدىنبۇرۇنقى ۋاقىتلاردىلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز، ئەممائۇنىڭ زادى قاچان قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق بولغاچقا، قاچاندىنباشلاپ كروران دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنىبىلەلمەيمىز. كروران ئېلى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 – يىلىغا كەلگەندەئاندىن ھۇنلارغا ئولپان تۆلەيدىغان قارام دۆلەتكە ئايلانغان. بىز يۇقىرىقىئۇچۇرلاردىن يەنە بىر مەسىلە ھەققىدە، يەنى كرورانلىقلار بىلەن ھۇنلارنىڭ ئېتنىكمەنبەداشلىققا ياتىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. يۇقىرىقى ئۇچۇردا گەرچە<بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق> دېيىش ئارقىلىق قارىماققا ئۇلار جەڭگىۋار چارۋىچىخەلق دېيىلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قانداشلىققا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنىكۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. بىز بۇ ئۇچۇردىن كروران ئېلىنىڭ خېلى كۈچلۈك ھەممەشھۇر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز، ھۇن تەڭرىقۇتى خەن سۇلالىسىگەتەھدىت سېلىشتا كروران ئېلىنىڭ نامىنى ئاتىشى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.
ھۇنلار ھەققىدە دوكتور ئاشتى شېن يۇۋلياڭ ئۆزىنىڭ <جۇڭگونىڭشىمالىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات> ناملىقكىتابىدا <ھۇن ئىمپېرىيىسى جۇڭگو تارىخىدا شىمال مىللەتلىرى قۇرغان تۇنجىھاكىمىيەت. ئۇنى ھۇن مىللىتىدىن باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 – يىلىقۇرغان> دەپ يازىدۇ. بۇ ئىمپېرىيە شۇنىڭدىن باشلاپ مىلادىيە 216 – يىلىيىمىرىلگەنگە قەدەر يالغۇز غەربىي دىيار تارىخىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جۇڭگونىڭتارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك بىر دۆلەتتۇر، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار خەنزۇچەكلاسسىك مەنبەلەردە كەڭ دائىرىدە خاتىرىلەنگەن. بۇ دۆلەت كۈچەيگەنۋاقىتلاردا تېررىتورىيىسى سەدىچىننى پاسىل قىلىپ، شەرقتە لياۋخېغىچە، غەربتەپامىرغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە سوزۇلغان. كۈچەيگەن چاغدىكى ھەربىي قوشۇنىنىڭئەڭ كەم دېگەندىمۇ 400 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇندىنئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلار بار )بېيدىڭ قورشاۋىغا400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىشلەتكىنىگە قارىغاندا ئومۇمىي ئارمىيىسى 500 مىڭ كىشىدىنئېشىشى مۇمكىن>. ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى بىلەن خەنسۇلالىسى ئەينى دەۋردە شەرىقى ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىنھېسابلىناتتى، ئۇنداقتا ھۇن دۆلىتى خەن دۆلىتىگە تەھدىت سالغىنىدا نېمە ئۈچۈنكروراننى ئۆز ئىشغالىيىتىگە ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟
بۇنىڭدا بىرقانچە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، بىرىنچى،غەربىي دىيارغا بېرىشتا كروراننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنبولغانلىقىدىن ئىبارەت، ئەمما بۇ پەقەت خەن سۇلالىسى ئۈچۈنلا شۇنداق. ئىككىنچىغەربىي دىياردا كۈچلۈك ياكى تەسىر دائىرىسى ئىنتايىنچوڭ دۆلەت بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ پىكىرلىرىمىزنى ئىسپاتلاشئۈچۈن ئۇيسۇن ۋە ئوغۇز خانلىقلىرىنى تىلغا ئالىدىغان بولساق، ئۇيسۇنخانلىقىنىڭ قاچان قۇرۇلغىنى نامەلۇم، ئۇلار ئەسلىدە خېشى كارىدورى ئەتراپىدا ياشاپكەلگەن، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177 – يىلى ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندا ئىلىدەرياسى بويىغا كۆچۈپ بالقاش ئەتراپلىرىغىچە تارالغان، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا غەربىيدىياردىكى 12 تۈمەن تۈتۈن، 630 مىڭ نوپۇس، 188800 ئەسكىرىبار چوڭ دۆلەت بولۇپ، مىلادىيە 5-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچەھۆكۈم سۈرگەن. ئوغۇز خانلىقى بولسا ھازىرقى چۆچەك ئەتراپلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگەئالغان ھاكىمىيەت ئىدى. بىز مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن كروراننى ئەينى تارىخىيدەۋردىكى قۇدرەتلىك بىر ھاكىمىيەت بولسا كېرەك، دېگەن ئىلمىي پەرىزىمىزنىئوتتۇرىغا قويالايمىز. <تارىخىي خاتىرىلەر> 123 – جىلد <پەرغانەتەزكىرىسى> دە، <شەرقىدىكى رايونلاردا شەرققە ئېقىپ، لوپ كۆلىگە<盐泽> گە قۇيۇلىدىكەن، لوپ بىلەن چاڭئەننىڭ ئارىلىقى 5000 چاقىرىمكېلىدىكەن. ھۇنلارنىڭ غەربىدىكى قەبىلىلىرى لوپ كۆلىنىڭ شەرقىدە بولۇپ، لوڭشىسەددىچىنگە يېتىپ بارىدىكەن. جەنۇبى چاڭلار ئېلىگە تۇتىشىپ، خەن خاقانلىقىنىڭپەرغانە ۋە ياۋچىلارغا بارىدىغان يولىنى توسۇپ تۇرىدىكەن… روران، قۇس قاتارلىققاتناش يولىنىڭ ئاغزىدىكى كىچىك دۆلەتلەر خەن ئەلچىسى ۋاڭ خۇي قاتارلىقلارغا ھۇجۇمقىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق بۇلاڭ – تالاڭ قىلىدۇ>(سىماچيەن: <تارىخىيخاتىرىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 490 – بەت.)دېيىلگەن.بۇ ئۇچۇرلار بىزگە كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا، جۈملىدىن لوپ كۆلىگە يېقىنرايوندا ئۇنىڭ شەھەرلىرى بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ ئۇچۇربىزگە يەنە كروران شەھىرىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنىئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتچىلار يۈزەكىي تەتقىقاتنەتىجىسىگە ئاساسلىنىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرى تېپىلمىدى ياكى ئاز دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، كروراننى مىلادىيىنىڭبېشىدا ئاندىن شەھەر بولغان، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئەمەلىيەتتەبىز مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىكماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلساق، كروران ۋە ئۇنىڭئەتراپلىرىنىڭ ناھايىتى قەدىمدىنلا كرورانلىقلارنىڭ پائالىيەت ئورنىبولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. تارىخىي تېپىلمىلار كرورانۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى جايلاردا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ رايونداياشاش جەريانىدا تەدرىجىي كۈجۈم ئولتۇراقلىشىپ، تەدرىجىيھالدا شەھەرلەرنى بەرپا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى، ئەلۋەتتەشەھەرلەرنىڭ بەرپا بولۇش – بولماسلىقىنى ئۇنىڭ سېپىل – قورغانلىرىنىڭ قۇرۇلغانۋاقتى بىلەن ئۆلچەش مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، كرورانشەھىرى دەپ قارىلىۋاتقان قەلئەنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىلمىييەكۈن يوق، يازما خاتىرە تېخىمۇ يوق. مۇشۇنداق ئىكەن، كروران شەھىرىخارابىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تارىخىي ئىزلارنىڭ دائىرىسى 100 كۋادراتكىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بىز كروراننىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقىئىككىنچى ئەسىردىن بۇرۇنقى تارىخىي ۋەقەلىرى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيمىز،شۇنداقتىمۇ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار بىزنى يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنئېتىدۇ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 – يىلى كروران ئېلى ھۇنتەڭرىقۇتىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، خېلى مەزگىلگىچەھۇنلارنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولغان، شۇنداقتىمۇ كروران ئېلى ھۇنلارغا تەۋەلىكبىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئولپان تۆلەپ ئۆزىنىڭ نىسپىي مۇستەقىللىقىنى،جۈملىدىن ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىساقلاپ قالغان. كروران ئەينى ۋاقىتتا شەرق ۋە غەربنىڭ سودا مەدەنىيەت ئالاقەلىنىيىسى بولغان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش بىلەن بىرگە، نىسبەتەن كۈچلۈكبىر ھاكىمىيەت بولغاچقا، شۇ ۋاقىتتىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەت خەن پادىشاھلىقى ۋە ھۇنتەڭرىقۇتلۇقىنىڭ ئىشلىرىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەچكە، ئۇلار ھەر ئاماللاربىلەن كروراننى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇنىڭغا <تارىخىي خاتىرىلەر> دىكى<جاۋپونو 700 دىن ئارتۇق چەۋەنداز بىلەن ئالدىنئالا كېلىپ روران خانىنى ئەسىرگەئالىدۇ ۋە ئارقىدىنلا قۇسنى ئالىدۇ> دېگەن بايانى بىلەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى77- يىلى فۇجېزى باشچىلىقىدىكى خەن پادىشاھلىقىنىڭ خەنجەرۋازلىرىنىڭ كروران خاقانىئامگوكانى خەنجەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ، چۈنكى كروران خەلقىھۇنلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ھەدېگەندە خەنپادىشاھلىقىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان. جاڭ چيەن باكتېرىيە بىلەن بولغانئالاقىنى راۋانلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يولدا غەربتىكى ئەل – يۇرتلارغا بارىدىغانئەلچىلەرنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە غەربىي دىياردىكىلەرنىڭ ئېرىشىدىغىنىكۆپىيىپ سوۋغا – سالاملارغا ئانچە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالغان، بۇ ھەقتە يەنەيۇقىرىقى ئەسەردە مۇنداق بايانلار بار: <… شىمالدىن جيۇچۈەن ئارقىلىقباكتېرىيىگە بارىدىغان يول راۋانلىشىپ، ئەلچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، نەتىجىدەچەت ئەللىكلەر خەن خاقانلىقىنىڭ سوۋغىلىرىغا، پۇل – ماللىرىغا قىزىقمايدىغان بولۇپقالىدۇ، بىلگە تۆرە چەت ئەلگە بارىدىغان يولنى ئېچىپ، ھۆرمەتلىك ئۇنۋانغائېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغان كىچىك ئەمەلدار چەت ئەلدىكى ئاجايىپ- غارايىپ ئىشلار ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىزگە بولغان پايدىسى توغرىسىدا يۇقىرىغا مەكتۇپسۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئەلچى بولۇشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. خاقان ۋۇدى ئەلچىلىكگۇۋاھنامىسى بېرىدۇ ۋە ئادەتتىكى ئەمەلدار ۋە خەلقنىڭ قانداق ئادەمئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلماستىنلا ئۇلارغا ئادەم قوشۇپ چەت ئەلگە ئەۋەتىدۇ. شۇئارقىلىق ئەلچىلەر ئالاقە باغلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بېرىش-كېلىشجەريانىدا دۆلەتنىڭ پۇل – ماللىرىغا خىيانەت قىلىپ ئوردىنىڭ ئىرادىسىگەخىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ. خاقان ۋۇدى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆگىنىپقالغان مۇنداق ئەلچىلەرنى جازالىغان بولسىمۇ، يەنىلا پۇل تۆلەپ جىنايىتىنى يۇيۇشقابۇيرۇپ، ئۇلارنى يەنە ئەلچى بولۇشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەلچىبولۇش پۇرسىتى كۆپ بولغانلىقتىن جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن قورقمايدۇ، يەنە باشقائەمەلدار ۋە ئەسكەرلەرمۇ چەت ئەلنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ ئىشلىرىنى مۇبالىغە قىلىپ،كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇبالىغىچىلەرگە رەسمىي ئەلچىلىكگۇۋاھنامىسى، كىچىكرەك مۇبالىغىچىلەرگە نائىپ ئەلچىلىك گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى قۇرۇق گەپ ساتىدىغان، پەزىلەتسىز كىشىلەر بەس – بەستە ئۇلارنىدوراشقا باشلايدۇ، چەت ئەللىكلەر ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتكەئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرخىل گەپلىرىدىن بىزار بولۇپ، ئارىلىق يىراق، خەنلەشكەرلىرى بۇ يەرگە يېتىپ كېلەلمەيدۇ دەپ قاراپ، خەن ئەلچىلىرىنى ئاشلىق بىلەنتەمىنلىمەي قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرىدۇ، خەن ئەلچىلىرى ئاچ قېلىپ ئۇلاردىن نارازىبولىدۇ، ھەتتا ئۇلار بىر – بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدۇ. روران، قۇس قاتارلىق قاتناشيولىنىڭ ئاغزىدىكى كىچىك دۆلەتلەر خەن ئەلچىسى ۋاڭ خۇي قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۇلارنى قاتتىق بۇلاڭ – تالاڭ قىلىدۇ>(سىماچيەن: <تارىخىي خاتىرىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 -يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 503 -، 504 – بەتلەر). مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا خەن پادىشاھلىقى غەربىي دىياردىكى كرورانقاتارلىق ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنىڭ كىچىك، ئاھالىسىنىڭ ئاز، ھەربىي كۈچىنىڭ ئاجىز،ئاسانلا يەڭگىلى بولىدىغانلىقتەكئوبيېكتىپ ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى108 – يىلى خەن خاقانى ۋۇدى ئەگەشكۈچى بەگ جاۋ پونونى ھەربىي قوماندان قىلىپغەربىي دىياردىكى ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلىدۇ، جاۋ پونو 700 دىن ئارتۇق چەۋەندازبىلەن كېلىپ كروران ۋە قۇس قاتارلىق ئەللەرگە ئالدىن يۈرەر قىسىم بولۇپ ھۇجۇمقىلىدۇ ھەمدە كروران خاقانىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. ۋاڭ خۇي خەن خاقانىغا ئەرز- دادقىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ ھوقۇققا ئېرىشىپ كرورانغا ئەسكەر باشلاپ ھۇجۇمقىلىشقا قاتنىشىدۇ. ئۇلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جاۋ پونو ۋە ۋاڭ خۇيلارنىڭمەنسەپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەلچى سۇخەنچىلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن پەرغانىنىڭتۇلپارلىرىغا كۆزى قىزارغان خەن خاقانى پەرغانىگە قوشۇن ئەۋەتىدۇ، پەرغانىگەھۇجۇمغا ماڭغان خەن پادىشاھلىقى قوشۇنى كروراندىن ئۆتكەندە، غەربىيدىياردىكى ئەللەر شەھەرلەرنىڭ قورغانلىرىنى مەھكەم ساقلاپ، ئۇلارغا ئاشلىق بېرىشنىرەت قىلىدۇ، شەھەرلەرنى ئالالىغانلارلا ئاشلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئالالمىغانلىرىئاشلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلار بىرقانچە كۈن ئۇرۇشۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشقامەجبۇر بولىدۇ. ئارقا سەپتىن ئايرىلىپ قالغان خەن قوشۇنلىرى شەرمەندىلەرچە مەغلۇپبولۇپ قايتىدۇ. بۇ تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن خەن خاقانى <دۇنخۇاڭداجيۇچۈەن تۇتۇق بېگى تەسىس قىلىپ غەربتە لوپ كۆلىگىچە مەنزىل – ئۆتەڭلەرنى قۇردى.بۈگۈردە بىر نەچچە يۈز چېرىك تۇرغۇزۇپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلىدىغانيەرلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەمەلدارلارنى بېكىتىپ، چەت ئەللەرگە بارىدىغان خەنئەلچىلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئاشلىق توپلىدى>(سماچىيەن: <تارىخىيخاتىرىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى ئۇيغۇرچەنەشرى، 517 – بەت).يۇقىرىقىلارغا قارىغاندا، كروران ئېلى گەرچەھۇنلارغا قارام بولغان بولسىمۇ يەنىلا ھە دېگەندە ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى ۋەخەن خاقانلىقى ئارىسىدا بېسىمغا ئۇچرىغان. خەن سۇلالىسىھۇنلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن غەربتىكى ئەللەردىن ئىتتىپاقداش ئىزدەپ زور تۈركۈمدەئەلچىلەرنى يولغا سالىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، كروران قاتارلىق بۇ كىچىك ئەللەرگەكېلىدىغان بېسىم كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ئىككى ئارىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ، خەنخاقانلىقى ئەلچىلىرىدىن بەزىلەر ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانكرورانلىقلارنى بۇلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكىزىددىيەت كۈچىيىدۇ، نەتىجىدە كرورانلىقلار ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىتوختىتىدۇ، خەن خاقانى لەشكەر ئەۋەتىپ بۇ ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ،يوللارغا ئۆتەڭ، قورۇقچى مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلىپ تېرىقچى ئەسكەرلەرنىتۇرغۇزىدۇ ۋە ئەلچىلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
<تارىخىي خاتىرىلەر>دىن قالسا بىزگە يەنە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان ئەسەر<خەننامە> دىن ئىبارەت. <خەننامە> مىلادىيە 32 – يىلىدىن 92 -يىلىغىچە ياشىغان بەن گۇ تەرىپىدىن يېزىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206 – يىلىدىنمىلادىيە 23 – يىلىغىچە بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ تارىخىدۇر. زور ھەجىملىك بۇتارىخىي كىتابتا كرورانغا ئائىت قىممەتلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان بولۇپ،<تارىخىي خاتىرىلەر>نىڭ داۋامى بولغان بۇ ئەسەرگەكىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلار ئوردا خاتىرىلىرىنى پايدىلانما قىلغاندىن سىرت، يەنە خەنسۇلالىسى ئادەملىرىنىڭ غەربىي دىيار ھەققىدە يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرىدىنئىبارەت. <خەننامە>96 – جىلد <غەربىي يۇرت قۇرىقار> تەزكىرىسى 1>> دە مۇنداق ئۇچۇرلاربار: <… شەرققە ئېقىپ لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. لوپ كۆلى <شورلۇق كۆل> دەپمۇئاتىلىدۇ. لوپ كۆلىدىن يۈمېن ۋە ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 300 چاقىرىم كېلىدۇ. كۆلنىڭ سۈيىتۇراقلىق بولۇپ يازدا كۆپەيمەيدۇ، قىشتا ئازايمايدۇ… يۈمېن ۋە ياڭگۇەن قوۋۇقلىرىدىنچىقىپ غەربىي يۇرتقا بارىدىغان ئىككى يول بار: چەرچەندىن<鄯善 > قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى بىلەن تارىم، ياركەنت دەريالىرىنى ياقىلاپ،غەرب تەرەپكە مېڭىپ ياركەنتكە بارىدىغان يول جەنۇبىي يول دەپ ئاتىلىدۇ…غەربىي يۇرتتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەھەرلەرگەئولتۇراقلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۆرپ -ئادەتلىرى ھۇنلار ۋە ئاسىيۇلارغا ئوخشاشمىسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن ھۇنلارغا قارامبولۇپ كەلگەن. ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ باتىسقانى چاكارلار كاھبېگى ئارقىلىقغەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلاتتى. چاكارلار كاھبېگى دائىم ئاگنى، چۇقۇ <باغراش>ۋە كۆنچى بەگلىرىنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى بەگلىكلەردىن باج ئالاتتى>(بەنگۇ: <خەننامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىلى، ئۇيغۇرچەنەشرى 849 – بەت.دېيىلگەن). <خەننامە> دە يەنە <ياڭگۇەن قوۋۇقىدىن چىقىپ، ئالدى بىلەن بارىدىغان يېقىن جاي لوپ ~نوپ <女若羌> بولۇپ، چاقىلىق بەگلىكىنىڭ بېگى ھۇنلاردىن يۈز ئۆرىگەن بەگ ئىدى. بۇيەردىن ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 1800 چاقىرىم، چاڭئەنگە 6300 چاقىرىم كېلىدۇ. چاقىلىقيولنىڭ ئۈستىدە بولماستىن، غەربىي جەنۇبقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭ ئاھالىسى 450 تۈتۈن، 1750 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 500نەپەر، چاقىلىقنىڭ غەرب تەرىپى سارمادان <且末>غا تۇتاشقان، ئاھالىسى ئوت – چۆپ، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ،دېھقانچىلىق قىلمايدۇ. ئاشلىقنى چەرچەن <鄯善>بىلەن سارمادانبالىقتىن ئالىدۇ.تاغلىرىدىن تۆمۈر چىققاچقا، ھەربىي قوراللارنى ئۆزلىرى ياسايدۇ.قوشۇنلىرى ئوقيا، نەيزە، قىلىچ، خەنجەر تۇتۇپ، ئىشمەك ساۋۇت كىيىدۇ.غەربىي شىمالدا چەرچەن بىلەن تۇتىشىدۇ. چەرچەن چوڭ يولنىڭ ئۈستىگەجايلاشقان. چەرچەن<鄯善> بەگلىكىنىڭ ئەسلىي نامى كروران بولۇپ، بېگى قاغانشەھىرىدە بۇ شەھەر تارىخىي كىتابلاردا < 扌于泥،扌干泥،欢泥>دەپخاتىرىلەنگەن، قارۇشتى پۈتۈكلىرىدىكىkhaniشەھىرىدۇر – ئاپتوردىن> تۇراتتى. بۇ يەردىن ياڭگۇەنگە 1600چاقىرىم، چاڭئەنگە 6100 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 1570 تۈتۈن، 14100 كىشى بولۇپ،ئەسكەرلىككە ياراملىقى 2912 نەپەر. بىر نەپەر نائىپبەگ، ھۇنلاردىن قوغدانغۇچىبەگ،چەرچەن كاھبېگى، قۇس خانلىقىغا زەربە بەرگۈچى كاھبەگ، سولقول قۇتقۇ، ئوڭ قولقۇتقۇ، قۇس خانلىقىغا زەربە بەرگۈچى ئىنانچى قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بار بولۇپ،تىلماچ بەگلىككە ئىككى كىشى قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي شىمالىدىن قورۇقچىبەگ بەگلىكىگە1365 چاقىرىم، يەنە غەربىي شىمالدىن قۇس بەگلىكىگە 1890 چاقىرىمكېلىدۇ. يېرى قۇم ۋە شورلۇق بولۇپ، تېرىلغۇ يەرلىرى ئاز بولغاچقا،قوشنا ئەللەرنىڭ يېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئاشلىق تېرىيدۇ ھەم باشقىلاردىنئاشلىق ئالىدۇ، بەگلىكتىن قاشتاش چىقىدۇ. يېكەن، قومۇش، يۇلغۇن، توغراق، چىغقاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئۆسىدۇ. ئاھالىسى كۆچمەن بولۇپ چارۋىچىلىق بىلەنشۇغۇللىنىدۇ. ئات، ئېشەك، تۆگە كۆپ بولۇپ، ھەربىي قوراللارنى ياساش جەھەتتەچاقىلىققا ئوخشايدۇ. بىز بۇ بايانلار بىلەن ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلارنىسېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى، جۈملىدىنئۇلارنىڭ كۆچمەن ئاھالە ئەمەس، بەلكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەر مەدەنىيىتىدىكىئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى نامايان بولىدۇ. باشتا خەن ۋۇدى جاڭ چيەننىڭمەلۇماتىدىن تەسىرلىنىپ، پەرغانە قاتارلىق ئەللەر بىلەن ئالاقە باغلاشقا بەلباغلىغان. شۇنىڭ بىلەن غەربىي يۇرتقا ئەۋەتىلگەنئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. بىر يىل ئىچىدە غەربىي يۇرتقا ئوننەچچە قېتىم ئەلچى ئەۋەتىلىپ تۇرغان. كروران ۋە قۇس بەگلىكلىرى يول ئۈستىدە بولغانلىقتىنيولدىن ئۆتكەن ئەلچىلەرنى تەمىنلەشتە كۆپ چىقىم تارتقاچقا، خەن سۇلالىسىنىڭئەلچىسى ۋاڭ خۇي قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان. بۇنىڭدىنتاشقىرى بۇ بەگلىكلەر ھۇنلارغا كۆپ ئايغاقچىلىق قىلىپ، ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىئەلچىلىرىگە توسۇپ زەربە بېرىشى ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. خەن سۇلالىسىئەلچىلىرى: <بۇ شەھەر بەگلىكلىرىنىڭ شەھەر قورغانلىرى بولسىمۇ،لېكىن قوشۇنلىرى ئاجىز، ئۇلارنى تارمار قىلىش ئاسان> دەپ مەلۇماتبەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خەن ۋۇدى يانداش چاپاۋۇل جاۋ پونونى بېقىندى ئەللەرنىڭ چەۋەندازلىرىۋە ۋىلايەت قوشۇنلىرىدىن بولۇپ بىر نەچچە تۈمەن ئەسكەر بىلەن قۇس بەگلىكىگە ھۇجۇمقىلىشقا ئەۋەتكەن. ۋاڭ خۇي كروران بەگلىكىدىن بىر نەچچە قېتىم ئازار يېگەنلىكىئۈچۈن، خان ۋاڭ خۇينى جاۋ پونو بىلەن بىللە كرورانغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. جاۋپونو ئالدى بىلەن يېنىك قوراللانغان 700 چەۋەنداز بىلەن كرورانغا بېرىپ، ئۇنىڭبېگىنى ئەسىرگە ئالغان. ئارقىدىنلا قۇس بەگلىكىنى تارمار قىلغان … قايتقاندىنكېيىن جاۋ پونوغا جويى بېگىلىكى، ۋاڭ خۇيغا سەلتەنەتلىك تۆرە ئۇنۋانى بېرىلگەن.شۇنداق قىلىپ خەن سۇلالىسىنىڭ يول بويلاپ سالغان قونالغۇلىرى يۈمېنگىچەيېتىپ كەلگەن. كروران خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ تارتۇق يوللاپ تۇرغان، بۇنىڭدىنخەۋەردار بولغان ھۇنلار قوشۇن ئەۋەتىپ كرورانغا ھۇجۇم قىلغان. كروران بېگى بىرئوغلىنى ھۇنلارغا، يەنە بىر ئوغلىنى خەن سۇلالىسىگە تۇرغاق قىلىپ ئەۋەتكەن. …ھۇنلار كرورانغا چەۋەندازلارنى ئەۋەتىپ، ئارقىدىن كېلىدىغان خەنسۇلالىسى ئەلچىلىرىنىڭ يولىنى ئۈزۈپ قويماقچى بولغان. بۇ چاغدا خەن سۇلالىسىقوشۇنىدىكى ھەربىي ھەكەم رېن ۋېن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇنلار يۈمېنداسۇتېرىشىنا سانغۇنى لى گۇاڭلى قوشۇنلىرى ئۈچۈن ئارقا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنىئۆتىگەن. ئۇلار قولغا چۈشكەن ئەسىرلەر ئارقىلىق كروراننىڭ ھۇنلار بىلەن تىلبىرىكتۈرگەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، دەرھال خانغا مەلۇم قىلغان. خەن ۋۇدى رېن ۋېنغايېقىن ئۇدۇل يول بىلەن قوشۇن باشلاپ بېرىپ، كروران بېگىنى تۇتۇشقا بۇيرۇقچۈشۈرگەن. قولغا چۈشكەن كروران بېگى ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىسۈرۈشتۈرۈلگەندە، ئۇ جاۋاب بېرىپ: <كىچىك ئەللەر چوڭ ئەللەرنىڭئارىسىدا قالغانلىقتىن، ئىككى تەرەپكە تەڭ بويسۇنمىسا ھېچبىر ئامال تاپالمايدىكەن.مەن پۇقرالىرىمنى خەن سۇلالىسى زېمىنىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى خالايمەن>دېگەن. خەن ۋۇدى كروران بېگىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتقان سۆزىنى نەزەرگە ئېلىپ،ئۇنى ئۆز ئېلىگە قايتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھۇنلارنىڭ ھەرىكىتىنىچارلىغاچ مېڭىشنى تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلاركرورانلىقلارغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 92 -يىلى كروران بېگى ئاغرىپ قېلىپ قازا قىلغان. كرورانلىقلار خەن سۇلالىسىدە تۇرغاقبولۇپ تۇرۇۋاتقان كروران بەگزادىسىنى بەگ قىلىش ئۈچۈن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپقىلغان. لېكىن كروران بەگزادىسى خەن سۇلالىسىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىققىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاختىلاش جازاسىغا تارتىلغان، شۇڭا كرورانلىقلارغاقايتۇرۇپ بەرمەي ئۇلارغا: <تۇرغاق ئوغۇلنى خان ياخشىكۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كرورانغا قايتۇرۇلمايدۇ، باشقا بەگزادىلەردىن بىرىنىبەگ قىلىۋېلىڭلار> دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇڭا كرورانلىقلار باشقا بىر بەگزادىنىبەگلىككە ئولتۇرغۇزۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇلار خەنسۇلالىسىگە يەنە بىر تۇرغاق ئوغۇل، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۇنلارغىمۇ بىرتۇرغاق ئوغۇل ئەۋەتكەن. كروراننىڭ كېيىنكى بېگى ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ئىشتىن ئاۋۋالخەۋەردار بولغان ھۇنلار كروراننىڭ ئۆزلىرىدىكى تۇرغاق بەگزادىسىنى قايتۇرۇپبەگلىككە ئولتۇرغۇزغان. خەن سۇلالىسى كروراننىڭ يېڭى بېگىنى چاقىرتىپكېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى نۇرغۇن ئىنئامبېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ چاغدا كروران بېگىنىڭ كىچىك خوتۇنى <ئەسلىدەئۆزىنىڭ ئۆگەي ئانىسى>بەگكە: <مەرھۇم بېگىمىز ۋاقتىدا خەن سۇلالىسىگە تۇرغاققىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىككى بەگزادىمىز تېخى قايتىپ كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن سىلى يەنە ئۇيەرگە بارىدىلا؟> دېگەن. بەگ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە خەن سۇلالىسى ئەلچىسىگەئۆزرە ئېيتىپ: <مەن يېڭىدىن بەگ بولدۇم، ئەل ئىچى تېخى تىنچلانمىدى، شۇڭا يەنەبىر يىلى بېرىپ خانغا كۆرۈنۈش قىلارمەن> دېگەن. كروران بەگلىكىغەربىي يۇرتنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، خەن سۇلالىسىگە يېقىن ئىدى. قۇمتاغدېگەن جايدا سۇ، ئوت – چۆپ قىس بولغانلىقتىن، كرورانلىقلار دائىم ئۆتكۈنچىلەرگە يولباشلىغۇچى بولاتتى. ئۇلار خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرىنى سۇ ۋە ئاشلىق ئاپىرىپ قارشىئالاتتى ۋە ئۇزىتىپ قوياتتى. لېكىن كۆپ قېتىم خەن سىپاھ بەگلىرى تەرىپىدىنبۇلاڭتالاڭ قىلىنغاچقا، خەن سۇلالىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ پايدىسى يوق ئىكەن،دەپ قارىغانىدى. كېيىن يەنە ھۇنلارغا پايلاقچىلىق قىلىپ، بىرقانچە قېتىم خەنسۇلالىسى ئەلچىلىرىنى توسۇپ ئۆلتۈرۈشكەن. خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغانكروران بېگىنىڭ ئىنىسى ئۇتۇش يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى خەن پادىشاھلىقىغامەلۇم قىلغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى ئۇلۇغ سانغۇن خۇگۇاڭ پېڭلى قەسىرىنازارەتچى بېگى فۇجېزىنى كروران بېگىنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىش توغرىسىداخانغا مەلۇمات سۇنغان. شۇنىڭ بىلەن فۇجېزى يەڭگىل قوراللىق باتۇرجەڭچىلەرنى باشلاپ، ئىنئام قىلىش نامىدا كۆپلىگەن پۇل – ماللارنى ئېلىپيولغا چىققان. ئۇ كرورانغا يېتىپ كەلگەندە كروران خانىنى ئالداپ، ئۇنىڭغا ئىنئامبېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كروران بېگى خۇشاللىقىدا فۇجېزى بىلەن شاراب ئىچىپ مەستبولۇپ قالغاندا. فۇجېزى ئۇنى يۆلەپ خالىي يەرگە ئېلىپ بارغان. شۇ چاغدا ئىككىپالۋان ئارقا تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى خەنجەرلەپ ئۆلتۈرگەن. بۇنى كۆرگەن كروران ئەمەلدارلىرىنىڭھەممىسى پىتىراپ كەتكەن. فۇجېزى: <كروران بېگى خەن خانىغا ئاسىيلىق قىلىپ، چوڭجىنايەت ئۆتكۈزگەچكە، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خان مېنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭئورنىغا خەن سۇلالىسى ئوردىسىدا تۇرۇۋاتقان ئىنىسى ئۇتۇش كرورانغا بەگ بولىدۇ، خەنسۇلالىسى قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قىمىر قىلماڭلار، بولمىسا پۈتۈنئېلىڭلار ھالاك بولىدۇ> دەپ جار سالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئەنقۇينىڭ <ئامگوكا— ئاپتور> كاللىسىنى كېسىۋېلىپ چاڭئەنگە تېز قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنىمەلۇم قىلغان. ئەنقۇينىڭ كاللىسى ۋىياڭ ئوردىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغائېسىپ قويۇلغان. خەن جاۋدى فۇجېزىغا يىياڭ بەگلىك مەرتىۋىسىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەنئۇتۇش كرورانغا بەگ بولغان. بەگلىكنىڭ نامى چەرچەنگە <鄯善>ئۆزگەرتىلىپ، تامغا ئويدۇرۇپبېرىلگەن. ئوردا ئايىملىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىنغان.ئۇتۇش بەگنىڭ يولغا چىقىشى ئۈچۈن ئات ھارۋا، يۈك – تاق تەييارلاپ، باشۋەزىر <سانغۇن> لەر باشچىلىقىدا نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئۇزىتىش مۇراسىمىئۆتكۈزۈپ بەگنى پايتەختتىكى گۇاڭمىن دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپچىققان. بەگ خانغا: <مەن خەن سۇلالىسىدە ئۇزۇن تۇردۇم، مانا ئەمدى قايتىپ كېتىۋاتىمەن.ئۆزۈم يالغۇز ھەم ئاجىز، ئۇ يەردە سابىق بەگنىڭ ئوغلى بار، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىنئەنسىرەيمەن. بەگلىكتە يىشۈن <伊循>شەھىرى بار، بۇ جاينىڭ يەرلىرىمۇنبەت، مەن خەن سۇلالىسىنىڭ شۇ يەرگە ئادەم ئەۋەتىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، ئاشلىقجۇغلاتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پېقىر شۇلارغا يۆلىنىپ بىخەتەرلىكىمنىساقلىسام> دەپ ئىلتىماس سۇنغاچقا، خەن خانى بىر ئەمىر لەشكەر، سىپاھ بەگلەردىن40 ئادەم ئەۋەتىپ، يىشۈن<伊循>شەھىرى ئەتراپىداتېرىقچىلىق قىلدۇرۇپ، يەرلىك خەلقنى خاتىرجەم قىلغان. كېيىن ئۇ يەرگە كاھبەگقويغان
چەرچەن دەل خەن سۇلالىسى يولىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىدىنسارمادانغا 720 چاقىرىم كېلىدۇ. سارماداندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيېقىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاشلىق تېرىلىدۇ. يەر ۋە ئوت – چۆپ، دەل- دەرەخلىرى، چارۋا مەھسۇلاتلىرى، ھەربىي قورال – ياراغ ئىشلەپچىقىرىشى خەنسۇلالىسىگە سەل ئوخشاپ كېتىدۇ.>(بەن گۇ: <خەننامە>، شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى، 1993 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، <غەربىي يۇرت قۇرىغار>تەزكىرىسى)1>> گە قاراڭ.) <خەننامە> دە يەنە مۇنداقمەزمۇنلار بايان قىلىنغان: <مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 108 – يىلى جاۋ پونونىڭ ھۇن دەرياسىسانغۇنلۇقىغا تەيىنلىنىپ، كروران ئېلىگە ھۇجۇم قىلىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ جويىبېگىلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن، ئۇ ئەسلىدە خەن ۋۇدى دەۋرىدە قىران چەۋەندازسانغۇن، لەشكەر بېشى بولۇپ، كروراننى ئىشغال قىلىشتا خىزمەتكۆرسەتكەنىدى، كېيىن پېرىخونلۇق قىلغانلىقتىن پۈتۈن جەمەتى بىلەن قوشۇپئۆلتۈرۈلگەن. فۇجېزىنىڭ كروران خاقانىنى ئۆلتۈرۈپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈنمىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى يىياڭ بېگىلىك مەرتىۋىسى بېرىلىپ 739 ئۆيلۈك يەرسۇيۇرغال قىلىنغان>. ئۇ 13 يىل بەگلىك قىلىپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6 – يىلى ئۆلگەن.ئەسەردە يېزىلىشىچە، مىلادىيە 9 – يىلىدىن 23 – يىلىغىچە دەۋر سۈرگەن شىنسۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋاڭ ماڭ شۇ چاغدىكى لوپ خاقانى تاڭدۇرنى ئۆلتۈرۈپ غەربىيدىياردىكىلەرگە ھەيۋە كۆرسەتكەن.
بىز <تارىخىي خاتىرىلەر> دە <خەننامە> دىكى مۇناسىۋەتلىكبايانلاردىن ئازدۇر – كۆپتۇر بولسىمۇ كروران ئېلىنىڭ تارىخىدىن خەۋەر تاپالايمىز.مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭئاياغ ئېقىنىنى ئۆز تېررىتورىيىسى قىلغان كروران ئېلى بار بولۇپ، مۇشۇ دەۋردەچاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسىدە لوپ ئېلى <女若羌>بار ئىدى، بۇ ئەللەردىن لوپ ئېلىنىڭنوپۇسى ئاز، يەنە كېلىپ چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان. ھازىركۆپىنچە ماتېرىياللاردا لوپ ئېلى چاقىلىق بازىرىئەتراپلىرىدا ئىدى دەپ قارىلىۋاتىدۇ. كروران ئېلى بىر قەدەر چوڭراقبولۇپ، ئاھالىسى نەچچە 10 مىڭغا يېتىدۇ، ئۇ شۇ ۋاقىتتا غەربىي دىياردىكىكۈچلۈك ئەللەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىبولغانلىقى، نوپۇسىنىڭ خېلىلا كۆپلۈكى، ئەڭقەدىمىي يۇرتلارنىڭ بولغانلىقىدىن قارىغاندا بۇيەردە شەھەر – بازارلارنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى پەرەزقىلغىلى بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شەرقتە كۈچلۈك ئىككى ھاكىمىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىخەن سۇلالىسى <مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 207 – يىلىدىن مىلادىيە 8 – يىلىغىچە> ۋەھۇن تەڭرىقۇتلۇقى ئىدى. ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى تۈركىي تىللىق خەلق ھۇنلارنىڭ دۆلىتىئىدى، ئۇلار جەڭگىۋار چارۋىچى خەلقلەرنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ كېڭەيمىچىلىكقىلىپ، خەن سۇلالىسىنى پات – پات بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان ھەمدە ئۇلاردىنئېغىر ئولپان ئالغان، خەن سۇلالىسى پادىشاھلىرى قىزلىرىنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققابېرىپ، تىنچ – ئاسايىشلىق ئىزدىسىمۇ ئىمكانىيەتلەر ئاز بولغان. خەنسۇلالىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاپەت بولۇۋاتقان ھۇنلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن چارە -تەدبىر ئىزدىگەن، ئۇلار دۇخان ئەتراپىدا ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇپقىلىنىپ، كۆچۈپ كەتكەن ياۋچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھۇنلارغا زەربە بەرمەكچىبولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ھۇنلارنى پارچىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.كروران ۋە قۇسقا ئوخشاش ئىستراتېگىيىلىك جايلار ھە دېگەندىلا ھەر ئىككى تەرەپ كۆزتىكىدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ قالغان. يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان كرورانمانا مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 – يىلى ھۇنلارنىڭ ئىدارەقىلىشىغا ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىرتەرەپ قىلىدىغان، خاقانلىرىنى ساقلاپ قالىدىغان، ئولپان تۆلەيدىغاننىسپىي مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان. بۇ ۋاقىتتاغەربىي دىياردىكى، بولۇپمۇ تارىم ۋادىسىدىكى بۇ شەھەر -دۆلەتلەر ئايرىم – ئايرىمدىن مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر بولۇپ شەكىللەنگەن،نوپۇسى كۆپلىرىنىڭ ئون مىڭ ياكى نەچچە ئونمىڭلا ئاھالىسى بار ئىدى،ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەربىي كۈچىنىخەن ۋە ھۇن سۇلالىرىنىڭ كۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى،مىلادىيىدىن 100 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ھۇنلارپارچىلىنىپ كۆپ ئاجىزلاشقان، بۇ ۋاقىتتا خەن سۇلالىسى ۋە ھۇنتەڭرىقۇتلۇقى كۈچ جەھەتتە تەڭپۇڭلىشىپ قالغاچقا، كروران دەسلەپتە ھۇنلارغا قارامبولۇپ، تېگىننى ھۇنلارغا تۇرغاقلىققا ئەۋەتكەن. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربكەئەۋەتكەن ئەلچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدامەنپەئەت زىددىيىتى كېلىپ چىققان، بۇ زىددىيەتلەر بارا – بارائۆتكۈرلىشىپ كەتكەن. كروران ئېلى بۇ ئىككى كۈچلۈك ھاكىمىيەت ئالدىدا ئامالسىز ئۆزمەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى ئەلگە بىردىن تېگىن ئەۋەتىپتۇرغاق قىلىپ بىتەرەپ تۇرماقچى بولغان، لېكىن ئارىدىكى زىددىيەت بۇ بىتەرەپلىكنىساقلاشقىمۇ ئىمكان بەرمىگەن، نەتىجىدە ئۇلار ھۇنلار تەرەپكەئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى دەسلەپتە كروران خاقانىنى تۇتقۇنقىلىپ ئەكەلگەن ۋە سوراق قىلغان، ئەمما كېيىنكى ۋەزىيەتلەر ئۇلارنىڭ كۆزلىگەنيېرىدىن چىقمىغان. بۇ ۋاقىتتا يالغۇز كروران خاقانىلا ئەمەس، كۈسەن، قۇس ۋەباشقىلارمۇ خەن ئەلچىلىرىنى قارشى ئالمايدىغان، ئوزۇق – تۈلۈك ۋە باشقامۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدىغان بولۇۋالغان. خەن سۇلالىسى ئۆزلىرىنىكۆزگە ئىلمايۋاتقان، ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى تونۇمايۋاتقان بۇ كىچىككىنە شەھەر -دۆلەتلىرىنى چۆچۈتۈش، ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، دەسلەپتە كرورانخاقانىنى تۇتقۇن قىلغان بولسا، كېيىن كروران ۋە كۈسەن قاتارلىق ئەللەرنىڭخاقانلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلماقچى بولغان. خەنسۇلالىسى كرورانغا، توغرىراقىنى ئېيتقاندا يىپەك يولىغا بولغان كونتروللۇقھوقۇقىنى ساقلاش ۋە ئاداققى ھۆكۈمران بولۇش نىيىتىدە خەنسۇلالىسى تۇرغاق بولغاندا تەربىيىلەنگەن ئۇتۇشنى <كروران خاقانىئامگوكانىڭ ئىنىسى> خاقانلىققا كۆتۈرگەن، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تىزگىنلەشئۈچۈن خەن ئوردىسىدىكى قىزدىن بىرىنى ئۇنىڭغا ياتلىققىلغان، ئۇتۇش تەختكە چىققىنىدا، خانىدانلىق نامىنى چەرچەن<鄯善> گە ئۆزگەرتكەن، ئۇ گەرچە تەختكە چىققان بولسىمۇ كرورانغا كىرىشكەپېتىنالماي، ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىنى پايتەخت قىلغان. ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىنخەۋپ ھېس قىلىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھازىرقى مىرەن ئەتراپىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ،مۇھاپىزەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھۆكۈمسۈرۈۋاتقان كروران ئېلى پارچىلىنىپ كەتكەن. بىز ئۇتۇشنىڭ كرورانغا كىرەلمىگەنلىكىگەئاساسەن كروراننىڭ مەلۇم ۋاقىت يەنىلا ئامگوكا ئەۋلادلىرىنىڭ ئىدارەقىلىشىدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. خەن سۇلالىسى بەزى جايلاردا مەھكىمىلەرنىقۇرۇپ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئوزۇقتۈلۈك بىلەنتەمىنلەشكە مەجبۇر بولغان، بۇلارنىڭ رولىنى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھازىرقىكونسۇلخانىلارغا ئوخشىتىش مۇمكىن. كروران خانلىقى مىلادىيە 3 – ئەسىرنىڭ باشلىرىداچەرچەن خانلىقىنىڭ پۈتۈنلەي تىزگىنىلىشىگە ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، خەنزۇچەمەنبەلەردە، چەرچەن خانىدانلىقى تىكلەنگەندىن كېيىن چەرچەن خانىدانلىقىغا ئائىتئىشلارنىلا خاتىرىلەپ، كروران خانلىقىنىخاتىرىلىمىگەن، خانلىقنىڭ نامىنى چەرچەن دەپ قوللانسىمۇ ئۇنىڭغائەسلىدىكى كروران ئېلىدۇر، دېگەن ئىلاۋە بىلەن ئېنىقلىما بېرىلگەن،مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا كروراننىڭ شانۇ شۆھرىتىنىڭ ئەينى زاماندىمۇچەرچەندىن ئىبارەت بۇ خانلىق نامىغا قارىغاندا كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپبېرىدۇ. شۇ چاغدىكى خانىدانلىقنىڭ ھاكىمىيەت تىل – يېزىقى بولغان قارۇشتى تىل -يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردىمۇ چەرچەن دېگەن نام تىلغائېلىنماستىن كروران نامى تىلغا ئېلىنغان. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى،كروران نامى جاي نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالماستىن، چەرچەن نامى ئەينى ۋاقىتتىكىسارمادان، يەنى ھازىرقى چەرچەن ناھىيىسىگە نام بولۇپ ساقلىنىپ قالغان. بۇ يەردەيەنە بىر مەسىلىنى ئىزاھلاپ قويۇش زۆرۈركى، كىتابىمىزنىڭ قەدىمكى زامانغابېغىشلانغان بايانلاردا ئۇچرايدىغان چەرچەن ھازىرقى چەرچەننى ئەمەس،بەلكى چاقىلىقنى، چاقىلىقتا قۇرۇلغان بىر خانىدانلىقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىلگىرى بىزكىتابلاردا كۆرگەن پىشامشان، يەنى鄯善نىڭ تەڭدىشىدۇر. ھازىرقى چەرچەننىڭئەينى ۋاقىتتا چالمادانا ~ سارمادان دەپ خاتىرىلەنگىنىنى ئاساس قىلىپ سارمادان دەپ ئالدۇق.ئەمدى ئەسلىي مەسىلىگە كەلسەك، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي دىيارغا بولغانكونتروللۇقى مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا سەل بوشاپ قالغان، چۈنكى ئىچكى ئىشلىرىئۇلارنىڭ بۇ تەرەپلەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىغا يېتىشەلمەيدىغان قىلىپ قويغان، بۇۋاقىتلاردا كروران چەرچەن خانلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە پۇرسەت ياراتقانبولۇشى مۇمكىن، فەن يى ۋە سىمابياۋلار يازغان <كېينكى خەننامە>دە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان. ئاپتورلار فەن يى، سىمابياۋ شەرىقى خەن سۇلالىسىنىڭ 195 يىللىق تارىخىنى كىتابىداخاتىرىلىگەن. كروران ۋە تارىم ۋادىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ مۇناسىپخاتىرىلەنگەن. ئۇلارنى بەن چاۋ ۋە بەن يۇڭ قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىنپايدىلانغان دېيىشكە بولىدۇ. بەن گۇ بىلەن بەن چاۋ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بەنيۇڭلار بىر جەمەتتىن، ئۇلار غەربىي دىياردا پائالىيەت قىلغانمەزگىللەردە كۆرگەن – بىلگەنلىرىگە ئاساسەن كىتاب يازغان، ئەنە شۇ ماتېرىياللاربەن گۇنىڭ ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن،ماتېرىياللىق قىممىتىنى خېلىلا يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ. بەنچاۋدىن كېيىن غەربىي دىيارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىئىلگىرى سۈرۈشتە زور تۆھپە كۆرسەتكەن تارىخىي شەخس بەن چاۋنىڭ ئوغلى بەن يۇڭبولۇپ، <بەن يۇڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى غەربىي دىياردا ئۆتكۈزگەن،ئۇنىڭ ئىزلىرى غەربىي دىيارنىڭ ھەممە يېرىگە چۈشكەن. <غەربىي دىيارخاتىرىلىرى> ئۇنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈشى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىئاساسىدا يېزىلغان… فەن يى ئۇنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى <كېيىنكى خەننامە> گەكىرگۈزگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىكماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.> <كېيىنكى خەننامە> 47 – جىلدقا ئەينى ۋاقىتتىكى تارىمۋادىسىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاجايىپ زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بەنچاۋنىڭ تەرجىمىھالى كىرگۈزۈلگەن، بىز ئۇنىڭدىن شۇ ۋاقىتتىكى چەرچەن خانىدانلىقىنىڭئىجتىمائىي ھايات كارتىنىلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. <بەن چاۋنىڭ يەنە بىر ئىسمىبەن جوڭشېڭ بولۇپ، فۇفېڭ ۋىلايىتى پىڭلى ناھىيىسىدىن. ئۇسۆزمەن، زوكۇنچى كىشى بولۇپ، كىتابنى ناھايىتى كۆپ ئوقۇغان، مىلادىيە62 – يىلى ئۇنىڭ ئاكىسى بەن گۇ (خەننامە> نىڭ ئاپتورى) ئوردىغا چاقىرتىلىپ،مۇھەرىر بەگلىككە تەيىنلەنگەن. بەن چاۋ ئانىسى بىلەن بىللەلوياڭغا كەلگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، بەن چاۋ دائىم يامۇلنىڭ خەت- ئالاقىلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق جاپالىقئىشلىگەچكە، ئۇ قەلىمىنى تاشلىۋېتىپ، ئاھ ئۇرۇپ تۇرۇپ <قولىدىن ئىش كېلىدىغانبىر ئادەمنىڭ باشقا ئىنتىلىشى ۋە پاراسىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ فۇجېزى، جاڭچيەنلەردەك يات ئەللەردە خىزمەت كۆرسىتىپ تۆرە بولۇشى مۇمكىنغۇ، قانداقمۇ بىرئۆمۈر يېزىش – كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتكىلى بولسۇن؟> دېگەنىدى… خەن مىڭدى بەن گۇدىن<ئىنىڭىز نەدە تۇرۇۋاتىدۇ؟> دەپ سورىدى، بەن گۇ: <يامۇلنىڭ خەت -ئالاقىلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىپ، تاپقان پۇلى بىلەن ياشىنىپقالغان ئانىمىزنى بېقىۋاتىدۇ> دەپ جاۋاب بەردى. خەن مىڭدى بەن چاۋنىمىرزا بەگ قىلىپ تەيىنلىدى… مىلادىيە 73 – يىلى مىراقۇلبېگى دۇگۇ لەشكەر چىقىرىپھۇنلارغا تېگىش قىلغاندا، بەن چاۋ پەخرىي ئەمىر لەشكەر بولدى ۋە بىرتۈركۈم لەشكەرنى باشلاپ ئېۋىرغولغا ھۇجۇم قىلىپ، بارىكۆل ئەتراپلىرىدا ھۇنلاربىلەن جەڭ قىلدى، نۇرغۇن دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالدى. دۇگۇ ئۇنى ناھايىتىقابىلىيەتلىك ئىكەن دەپ بىلىپ، گۇشۇن بىلەن بىللە غەربىي يۇرتقائەلچىلىككە ئەۋەتتى>. بەن چاۋنىڭ غەربىي دىياردىكى ھاياتى شۇنىڭبىلەن باشلىنىدۇ. <كېيىنكى خەننامە> دە يەنە مۇنداق خاتىرىلىنىدۇ: <بەنچاۋ چەرچەنگە يېتىپ كەلگەندە چەرچەن خانى گۇاڭ دەسلەپتە ئۇنى ناھايىتى قائىدە -يوسۇنلۇق كۈتۈۋالدى. ئەمما كېيىن تۇيۇقسىز سوغۇق مۇئامىلە قىلدى، بەن چاۋ قولئاستىدىكىلەرگە <سىلەر گۇاڭنىڭ بىزگە بولغان ئەدەپ ۋە ھۆرمىتىنىڭ سۇسلاپكېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ بۇ چوقۇم شىمالىي ھۇنلاردىنمۇ ئەلچىكەلگەنلىكىنىڭ، شۇنىڭ بىلەن چەرچەن خانىنىڭ ئىككىلىنىپ، قايسى تەرەپكە بويسۇنۇشنىبىلمەي قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەقىللىق ئادەم ۋەقە تۇغۇلماستىنلا ئالدىن سېزىۋالالايدۇ،ھالبۇكى ھازىر ئەھۋال ئىنتايىن روشەن تۇرۇپتۇ> دېدى. ئارقىدىن ئۆزلىرىنىكۈتۈۋاتقان چەرچەنلىكلەرنى چاقىرىپ ھىيلە ئىشلىتىپ: <ھۇن ئەلچىسىنىڭ كەلگىنىگەبىر نەچچە كۈن بولدى، ھازىر نەدە تۇرۇۋاتىدۇ؟> دەپ سورىدى،كۈتۈۋاتقانلار ھودۇقۇپ كېتىپ راستىنى دەۋەتتى. بەن چاۋ بۇچەرچەنلىكلەرنى سولاپ قويۇپ، ئۆزى باشلاپ كەلگەن 36 ئەمەلدار ۋە لەشكەرنى يىغىپبىرلىكتە شاراب ئىچىشتى، شاراب ئىچىلىپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، بەن چاۋ ئۇلارنىڭئوغىسىنى قاينىتىش ئۈچۈن: <كۆپچىلىك مېنىڭ بىلەن بىللە يىراق ئەلگە كېلىپ، چوڭخىزمەت كۆرسىتىپ، دۆلەتمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلغانتىڭلار، بىراق بۈگۈنكى كۈندەشىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى كېلىپ، نەچچە كۈن بولمايلا، چەرچەن خانى گۇاڭنىڭ بىزگەبولغان ئەدەپ – ھۆرمىتى سۇسلاپ كەتتى، مۇبادا چەرچەنلىكلەر بىزنى ھۇنلارغا تۇتۇپبېرىدىغان بولسا، ئۆلۈكىمىز چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ، سىلەرچە ئەمدى قانداق قىلساقبولار؟> دېدى. كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن <ھازىر ھايات – ماماتلىق گىردابىداتۇرۇپتۇق، مەيلى ھايات قالايلى ياكى ئۆلەيلى، پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىغابويسۇنىمىز> دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بەن چاۋ: <يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرمەي تۇرۇپ،يولۋاس بالىسىنى تۇتقىلى بولمايدۇ، ھازىرقى بىردىنبىر چارە قاراڭغۇلۇقتىنپايدىلىنىپ، شىمالىي ھۇن ئەلچىسىگە ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش، شۇنداققىلساق، ئۇلار بىزنىڭ قانچىلىك ئادىمىمىز بارلىقىنى بىلەلمەي ئالاقزادەبولۇپ كېتىشىدۇ – دە، بىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تولۇق يوقىتالايمىز. ھۇنئەلچىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن چەرچەنلىكلەر قورقۇپ كېتىپ، ياۋاشلىق بىلەن خەنسۇلالىسىگە بېقىنىدۇ. بىزمۇ غەلىبە قازىنىپ خىزمەت كۆرسىتىمىز> دېدى. كۆپچىلىكيەنە مۇلازىم گوشۈن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈشنى ئېيتىۋىدى، بەن چاۋ ئاچچىقىبىلەن: <بىزنىڭ ئۆلۈم – كۆرۈمىمىز بۈگۈن بەلگىلىنىدۇ. مۇلازىم گوشۈن بىر چاكىناتالىپ ئەمەلدار، بۇ پىلاننى ئاڭلىسا قورقۇپ كېتىپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپقويىدۇ، بۇ ھالدا قەھرىمان بولماقتا يوق، قەدىرسىز ئۆلىمىزدە،نامىمىزمۇ چىقمايدۇ> دېدى. كۆپچىلىك <دۇرۇس> دېيىشتى. كەچ بولغاندابەن چاۋ ئەمەلدار ۋە لەشكەرلىرىنى باشلاپ ھۇنلارنىڭ بارگاھىغا باردى،بۇ چاغدا قاتتىق بوران چىقتى. بەن چاۋ ئون ئادەمنى دۇمباقلارنى ئېلىپ ھۇنلارقارارگاھىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇشقا بۇيرۇدى ۋە ئوت تۇتاشقان ھاماندۇمباق چېلىپ چۇقان سېلىشقا كېلىشىۋالدى. قالغانلار قولىغا قورال – ياراغ ئېلىپقارارگاھ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىغا مۆكۈندى. بەن چاۋ دەرھال شامالنىڭ يۆنىلىشىگەبېقىپ ئوت ياقتى، قارارگاھنىڭ ئالدى – كەينىدىكىلەر دۇمباق چېلىپ، قىيقاسكۆتۈرۈۋىدى، ھۇنلار ساراسىمىگە چۈشتى، بەن چاۋ ئۆز قولى بىلەن ئۈچ ئادەمنىئۆلتۈردى، ئەمەلدار ۋە لەشكەرلىرى ھۇن ئەلچىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن 30نەچچىسىنىڭ كاللىسىنى ئالدى، قالغان 100 نەچچە ھۇن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. ئۇلارئەتىسى قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشنى گوشۈنگە دېدى. ئۇ قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئەممابىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىرايىنى ئۆزگەرتتى، بەن چاۋ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ،دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ: <ئۆزلىرى گەرچە بۇ ئىشقا قاتناشمىغان بولسىلىمۇ، پېقىرھەرگىز بۇ تۆھپىنى يالغۇز ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالماقچى ئەمەس> دېدى. گوشۈن بۇ گەپنىئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى. بەن چاۋ چەرچەن خانى گۇاڭنى چاقىرىپ كېلىپ،ھۇن ئەلچىسىنىڭ كاللىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىۋىدى، پۈتۈن ئەل چۆچۈپۋەھىمىگە چۈشتى، بەن چاۋ چەرچەن خانىغا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى،چەرچەن خانى ئوغلىنى بەن چاۋغا تۇرغاق قىلىپ بەردى. ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئەھۋالنىدۇگۇغا مەلۇم قىلىۋىدى، دۇگۇ ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، بەن چاۋنىڭ تۆھپىلىرىنىتەپسىلىي پۈتۈپ ئوردىغا مەلۇماتنامە سۇندى ھەم غەربىي يۇرتقايېڭىۋاشتىن ئەلچى تەيىنلەپ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. خەن مىڭدى بەن چاۋنى قالتىسقەھرىمان ئىكەن دەپ قاراپ، دۇگۇغا: <بەن چاۋدەك ئەمەلدارىمىز تۇرسا، يەنە نېمەئۈچۈن باشقىدىن ئادەم تاللاپ ئەۋەتتۇق، بەن چاۋنى دالا لەشكەر بېگى قىلىپتەيىنلەپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا بۇيرۇقبېرىلسۇن> دەپ يارلىق چۈشۈردى. دۇگۇ ئۇنىڭغا لەشكەر كۆپەيتىپبەرمەكچى بولغاندا، بەن چاۋ: <ئەسلىدىكى 30 نەچچە ئادىمىم بولسىلا كۇپايە،ئەگەر بىرەر خېيىمخەتەر تۇغۇلۇپ قالسا، كۆپ ئادەم ئوشۇقچە يۈك بولىدۇ> دېدى. بۇ چاغدا ئۇدۇن خانى گۇاڭدى ساكارائۇل <ياركەنت> بەگلىكىنىيېڭىپ، جەنۇبىي يولدا زومىگەر بولۇۋالغانىدى. ھۇنلارمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭخانلىقىنى نازارەت قىلىۋاتاتتى ۋە قوغداۋاتاتتى. بەن چاۋ غەربىي يۇرتقائەلچىلىككە چىقىپ، ئالدى بىلەن ئۇدۇنغا كەلدى، گۇاڭدى ئۇنىڭغا ناھايىتى سوغۇقمۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇنلۇقلار خۇراپىي بولۇپ، داخان -باخشىلارغا ئىشىنەتتى. داخان: <ئىلاھنىڭ غەزىپى تېشىۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن خەنسۇلالىسىگە مايىل بولىسىلەر؟ خەن ئەلچىسىدە بىر قارا تۇمشۇقلۇق قۇلان ئات بار،شۇنى ئەكېلىپ، نەزىر قىلىپ ماڭا بېرىڭلار> دېدى. گۇاڭدى دەرھال ئادەم ئەۋەتىپبەن چاۋنىڭ ئېتىنى سورىدى، بەن چاۋ بۇ ئىشلارنى ئاستىرتتىن بىلىپ بولغانىدى، شۇڭائاتنى بېرىشكە قوشۇلدى، بىراق داخاننىڭ ئۆزى كېلىپ ئەكېتىشنى ئېيتتى، بىردەمدىنكېيىن داخان كەلدى، بەن چاۋ داخاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ گۇاڭدىغا تاپشۇرۇپ بەردى ھەمئۇنىڭغا قاتتىق كايىدى. گۇاڭدى بۇرۇنلا بەن چاۋنىڭ چەرچەندە ھۇن ئەلچىسىنىئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا قاتتىق قورقۇپ، بەن چاۋغا ئەلبولغانىدى. بەن چاۋ نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۇدۇن خانى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىئەمەلدارلارنى تارتۇقلىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇدۇن خانلىقىنى خاتىرجەم قىلدى.(بەن گۇ:<خەننامە>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، <غەربىييۇرت قۇرىغار> تەزكىرىسى 1>> گە قاراڭ). يېزىلىشچە،<مىلادىيە 94 – يىلى كۈزدە بەن چاۋ كۈسەن، چەرچەن قاتارلىق سەككىز ئەلنىڭلەشكىرىدىن جەمئىي 70 مىڭ ئادەمنى ۋە ئۆز قارىمىقىدىكى سىپاھ – بەگ، سودىگەرقاتارلىقلاردىن 1400 ئادەمنى يۆتكەپ، كىنگىتكە جازا يۈرۈشى قىلدى>، بۇ قېتىمقىئۇرۇشقا قاتناشقان بەن چاۋ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن<يىراقنى تىنچلاندۇرغۇچى بەگ> (بىز بۇ 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى تارىمۋادىسىدىن تەشكىل قىلغان دەپ قارايدىغان بولساق، مىلادىيە 1 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىتارىم ۋادىسىنىڭ ئاھالىسىنىڭ 700 مىڭدىن تۆۋەن ئەمەسلىكى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇشىمۇمكىن) دېگەن ئۇنۋاننى بېرىش بىلەن بىرگە 1000 تۈتۈنلۈك سۇيۇرغال يەر بېرىلدى. ئۇمىلادىيە 100 – يىلى خانغا مەلۇماتنامە يوللاپ، ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقىنى <جۇچۇەن ۋىلايىتىگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىشقا پېتىنالمايمەن، پەقەت يۈمېن <قاشقۇۋۇقتىن>گە ھايات چېغىمدا كىرەلىسەملا بولاتتى دەپ ئۈمىد قىلىمەن> دەپ يازىدۇ. بەن چاۋشۇنداق قىلىپ، مىلادىيە 102 – يىلى غەربىي دىياردا 31 يىل تۇرۇپ خەن خانلىقى ئۈچۈنتېررىتورىيە كۆپەيتىپ، تۆھپە يارىتىپ قايتىپ كېتىدۇ. بەن چاۋ كېتىپ رېنشياڭ مەنسەپكە تەيىنلىنىپ كېلىدۇ، لېكىن، غەربىي دىياردا ئىسيانكۆتۈرۈلىدۇ. رېن شياڭمۇ گۇناھكار بولۇپ قايتۇرۇلىدۇ. مىلادىيە 107 -يىلى غەربىي دىياردىكىلەر ئىسيان كۆتۈرگەنلىكتىن خەنسۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مىلادىيە 119 – يىلىچەرچەن خانى ھۇنلاردىن ئەنسىرەپ، دۇخان ۋالىيسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، مۇشۇۋاقىتتا خەن ئوردىسىدا غەربىي دىيارنى قايتا ئىشغال قىلىش – قىلماسلىقمەسىلىسىدە مۇنازىرە بولىدۇ، بەزىلەر يۈمېن قوۋۇقىنى تاقاپ غەربىيدىيار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىدۇ. ئورداكېڭىشىدە بەن چاۋنىڭ ئوغلى بەن يۇڭنىڭ تەكلىپى بىلەن قايتىدىنغەربىي دىيارنى تىزگىنلىمەكچى بولىدۇ. مىلادىيە 110 -يىللىرى چەرچەن خانىدانلىقىنىڭ خانى يۈخۇەن بولۇپ، ئاپىسى خەنسۇلالىسىنىڭ ئوردا قىزلىرىدىن ئىدى، ئۇ ھۇنلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا چۈشۈپقالسام ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيمەن دەپ ئويلىغاچقا، خەن سۇلالىسىدىنياردەم تىلەيدۇ. مىلادىيە 125 – يىلى بەن يۇڭ 6000 لەشكەر يۆتكەپكېلىپ، چەرچەن، سۇلى، ئالدى قۇس خانلىقىنىڭ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ، ئارقا قۇسخانلىقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ 8000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرىدۇ. بەنچاۋ ۋە بەن يۇڭلارنىڭ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن،ئېلىمىزدە يېقىنقى يىللاردا تەڭرىتاغ چوققىسىغا بەن چاۋنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىتۇرغۇزۇلدى. <كېيىنكىخەننامە> 88 – جىلد <غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە مۇنداق بايانلارئۇچرايدۇ: <… ئەندىر<小宛国>،نىيا <精绝国>، يول ئارىشبەگلىكى <戎卢国>، سارمادان<且末国>لار چەرچەن بەگلىكى تەرىپىدىنقوشۇۋېلىندى>(فەن يى، سىما بياۋ: <كېيىنكى خەننامە>، شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى، 1996 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 175 – بەت).شۇ ۋاقىتلاردا تارىم ۋادىسىداچەرچەن خانلىقى بىلەن ئۇدۇن خانلىقى ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىناتتى.
بىز <خەننامە> ۋە <كېيىنكى خەننامە> قاتارلىقئەسەرلەردىن چاقىلىقنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىردىن مىلادىيە 2 -ئەسىرگىچە بولغان تارىخىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەر تېپىشقا مۇۋەپپەق بولىمىز،كروران ئېلى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى پارچىلانغان، كروراننىڭ ئەسلىدىكىخاقانى ئامگوكا خەن سۇلالىسىنىڭ خەنجەرۋازلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىنىسىئۇتۇش خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن خان قىلىپ تىكلەنگەن، ئەمما ئۇ كرورانغاكىرىشكە پېتىنالماي، ھازىرقى چاقىلىق ۋە مىرەن تەرەپلەرنى مەركەز قىلغان بولسىمۇ،خەۋپسىرەپ خەن سۇلالىسىنىڭ لەشكەر تۇرغۇزۇپ، مۇھاپىزەت قىلىشىنى تەلەپقىلغان. بۇ ۋاقىتلاردا كروران ۋە چەرچەن دېگەن ئىككى خانلىق پەيدابولغان، مۇشۇ چاغدا چاقىلىق تاغلىرى ئارىسىدا بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىنراق بولغاننوپ ~ لوپ ئېلىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى نامەلۇم. يۇقىرىقى ئىككىھاكىمىيەت كروران خارابىسىنى ۋە چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان <خان>شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، خەن سۇلالىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. بۇ دەۋرلەردە ئۇتۇش، ئەن، يۈ خۇەن قاتارلىقلار خان بولۇپئۆتكەن. ئۇتۇش مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى خان بولغان ۋە چەرچەن خانلىقىنىڭقۇرغۇچىسى بولۇپ قالغان، خان ئەن ئاز دېگەندىمۇ مىلادىيە 38 – يىلىدىن 46 -يىلىغىچە خان بولغان، ياركەنت خانى چەرچەن ئېلىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ قايتقاندىنكېيىن ئەن داۋاملىق خان بولغان. مىلادىيە 110 – يىلى ئەتراپىدا چەرچەنگە خانبولغىنى يۈخۇەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچە ئۇزۇن خان بولغىنى نامەلۇم، ئۇنىڭئاپىسى خەن سۇلالىسىنىڭ قىزلىرىدىن بولغىنىغا قارىغاندا دادىسىنىڭ خانبولغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇتۇشقا ئوخشاش خەن سۇلالىسى بىلەن يېقىنمۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خان ئەننىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن.مۇشۇنداق بولغاندا چەرچەن خانلىقىنىڭ خانلىرى ئۇتۇش ~ئەن ~ يۈ خۇەننىڭ ئاتىسى ~ يۈ خۇەن ئىكەنلىكىنى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن مىلادىيە101 – يىلىغىچە تۆت ئەۋلاد خاننىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلىبولىدۇ. مىلادىيە 46 – يىلىدىن كېيىن چەرچەن خانلىقى كۈچىيىش باسقۇچىغاكىرگەن، بۇ يىللاردىن باشلاپ تارىم ۋادىسىدىكى خانلىقلاردا كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرئوتتۇرىغا چىققان، مىلادىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى ئىككىنچى ئەسىرنىڭباشلىرىغا كەلگەندە، ئۇلار كۈچىيىپ قوشنىلىرىدىن بىر قانچىنى قوشۇۋالغان ۋە خانلىقيىمىرىلگەن 5 – ئەسىرگىچە ھازىرقى چەرچەن، چاقىلىق، نىيا دائىرىسىدىكىبوستانلىقلارنى ئىدارە قىلغان. <ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى> نىڭ 03 – جىلدىدا يېزىلىشىچە،<جەنۇبىي يولدىكى سارمادان ئېلى، ئەندىر ئېلى، چادوتا <نىيا>ئېلى، كروران ئېلى قاتارلىقلارنى چەرچەن ئېلى ئۆز ئىدارىسىگە ئالغان>. <… قۇملۇقنىڭ غەربىي قوۋۇقىدىنغەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ، قۇمتاغدىن ئۆتۈپ، سابىق كروران بەگلىكىگە بارغاندىن كېيىنيەنە غەربكە بۇرۇلۇپ كۈسەنگە بارغىلى… جەنۇبىي يول بىلەن غەربكە قاراپماڭغاندا جەزمەن بەگلىكى، ئەندىر بەگلىكى، نىيا بەگلىكى، كروران بەگلىكىنىڭھەممىسى چەرچەن بەگلىكىگە تەۋە ئىكەن>(<ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى>،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 146 – بەت) دېيىلگەن، بىز<ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى> دىكى يۇقىرىقى بايانلاردىنكونكرېت يىل دەۋرىنى ئېنىقلاشقا مۇۋەپپەق بولالمىدۇق، ئەمما بۇئەسەرنىڭ غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان چېن شۈ تەرىپىدىن يېزىلغىنىغا قارىغاندا، مىلادىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭباشلىرىدا چەرچەن خانلىقىنىڭ ئاللىبۇرۇن يۇقىرىقى خانلىقلارنى ئۆزئىدارىسىگە ئېلىپ بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئەمما شۇ دەۋردىكى شەھەر -دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇرلارغا ئىگە ئەمەسمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بەن گۇيازغان <خەننامە> دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن پايدىلىنىشىمىزغا توغراكېلىدۇ. بەن گۇ بۇ شەھەر – دۆلەتلىرى ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى يازغان:
سارمادان <且末国>بەگلىكى: مەركىزىسارمادان <چالمادانا> شەھىرى. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8260 چاقىرىم كېلىدۇ،ئاھالىسى 230 تۈتۈن، 1610 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 320 نەپەر. بىرنەپەردىن نائىپبەگ، ئوڭ، سول قول سەركەردە، تىلماچ قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بار.شىمال تەرىپى كۆنچى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى ئەندىرگە ئۈچ كۈنلۈك يول. ئۈزۈمقاتارلىق مېۋىلەر چىقىدۇ. غەربىدىن نىيىغا 2000 چاقىرىمكېلىدۇ. سارمادان بەگلىكى بۈگۈنكى كۈندىكى چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدەبولۇپ، خەنزۇچە كلاسسىك مەنبەلەردە且末دەپ يېزىلغان، قارۇشتى يېزىقىدىكىپۈتۈكلەردەcalmatana,Calmadanaدېگەندەك يېزىلغان، بۇ نام ئۇلۇغئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىنىڭ <تارىخى ھەمىدىي> دېگەنكىتابىدا يازغان شەھىرى چەمەن دېگەن ئاتالغۇغا يېقىن كېلىدۇ. پارسچە ئەسەر<ھۇدۇدۇل ئالەم> دە بولساJ.R.MANGANدېگەن جاي نامى بار بولۇپ، بۇلارنىڭھەممىسى تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىنلىشىدۇ. تاڭ راھىبى شۇەنزاڭ غەربكە نوم ئالغىلىماڭغىنىدا غەربىي دىياردىكى جاي ناملىرىنى سانسكرېتچىلاشقان شەكلىبويىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىپ خاتىرىلىگەن بولۇپ، چالمادانانى折摩驮那دەپ يازغان. 10 – ئەسىردىكى ئۇيغۇرئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ <شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى> نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمەقىلغاندا، بۇ ئاتالغۇنى سارمادانبالىق دەپ ئالغان، مانجۇلاردەۋرىدىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە策尔满دېگەن نام ئۇچرايدۇ، بۇلارنىڭھەممىسى بىر مەنبەدىن يەنى <چەمەن> دىن كېلىپ چىققان بولۇشى، 且末مۇ شۇنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى بولۇشىمۇمكىن، قالغان خاتىرىلەردىكى يېزىلىشى ئېھتىمال بۇددىزىمنىڭ تەسىرىدەسانسكرېتچىلاشقان شەكلى بولسا كېرەك. ئەمدى چەرچەن نامىغا كەلسەك، بۇ ناممىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغانخانلىقنىڭ نامىدىن كەلگەن، 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان چەرچەنخانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى چوڭ چەرچەن، كىچىك چەرچەنلەردىكى 4000ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ خانلىق تەۋەسىدىكى چالماداناغا كۆچۈشى بىلەن تەدرىجىيچالمادانا ~ سارمادان دېگەن ناملارنى سىقىپ چىقىرىپ شۇ جاينىڭ نامىغا ئايلانغان،بۇ نام 10 – ئەسىرلەرگە بارغاندا تامامەن ئومۇملىشىپ بولغان، ئەسلىدىكى چالمادانادېگەن نامىمۇ ئۇنتۇلغان بولۇپ، مەھمۇد قەشقەرى <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا<چۇرچان> دەپ خاتىرىلىگەن، 1276 – يىلى بۇ يەردىن ئۆتكەن ماركوپولوCHARCHANدەپ يازغان. تۈبۈتچە مەنبەلەردىمۇcercen~carcanدەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۈگۈنگىچە قوللىنىلماقتا، چىڭ سۇلالىسىدەۋرىدىكى كىتابلاردا车尔臣دەپ ناھايىتى توغرا تەلەپپۇزتەرجىمىسى قوللىنىلغان.
ھازىرقى چەرچەنمۇ قەدىمدىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كېلىۋاتقانقەدىمىي يۇرتلاردىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ زاغۇنلۇققەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بۇ يۇرتنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدىنئۇچۇر بېرىپ تۇرماقتا. چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدە لەلىلىك قەدىمكىشەھەر خارابىسى، چالمادان قەدىمكى شەھەر خارابىسى،ئوييايلاق قەبرىستانلىقى، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى، يوغان دۆڭنىڭ شەرىقى جەنۇبىدىكىقەبرىلەر، تاتراڭدىكى تۇر قاتارلىق يادىكارلىق ئىزلىرى بار.
ئەندىر <小宛国>بەگلىكى: مەركىزى扦零城شەھىرىدۇر. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 7210چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 150 تۈتۈن، 1050 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 200نەپەر. بىر نەپەردىن نائىپبەگ، ئوڭ، سول تۇتۇق بەگلىرى بار. شەرق تەرىپى چاقىلىقبىلەن تۇتىشىدۇ، ئورنى جەنۇبتىراق بولۇپ، يولدىن چەتتە قالىدۇ.<小宛>دېگەن بۇ قەدىمىيئەل ھازىرقى نىيا ناھىيە ئەندىر چارۋىچىلىق رايونىغا توغرا كېلىدىغانخارابە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بەزى مەنبەلەردە ئۇچرايدىغانsacaۋە خەنزۇچە كىتابلاردا ئۇچرايدىغان舍凯نىڭ مۇشۇخارابىلىكنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانماقتا. ھازىرقى نامى ئەندىركېيىن ئومۇملاشقان بولۇپ، تىلىمىزدىكى ئەن + دىر سۆزىدىن ياسالغان، ئەن — سۇ تېزئاقىدىغان يەرنى كۆرسەتسە، دىر — بىر خىل جۇغراپىيىلىك شەكىلنى كۆرسىتىدۇ، بۇبەلكىم ئېغىزنى كۆرسەتسە كېرەك. دېمەك، بۇ نام كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ رايونغاچارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ دەريانىڭ ئېقىش ھالىتى ۋە جۇغراپىيىلىك شەكلىگەئاساسەن قويغان نامى بولۇپ، ئەن ئاقىدىغان ئېغىز دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇجايلار مىلادىيە 1 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچەچەرچەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بۇ خارابىلىك قايتابايقالغاندىن كېيىن، ستەيىن ۋە باشقىلار تەرىپىدىنھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، بۇھەقتىكى بايقاشلار دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى.
نىيا بەگلىكى<精绝国>:مەركىزى نىيا شەھىرىدۇر. بۇ يەردىنچاڭئەنگە 8820 چاقىرىم كېلىدۇ، ئاھالىسى 480 تۈتۈن، 3360 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككەياراملىقى 500 نەپەر، بىر نەپەردىن نىيا كاھبېگى، ئوڭ قول سەركەردە، سول قولسەركەردە، تىلماچ بەگ قاتارلىق ئەمەلدارلار بار. جەنۇبىدىن روڭلۇبەگلىكىگە تۆت كۈنلۈك يول، ئۇنىڭ غەربىدىن ئۇزۇن تېتىر بەگلىكىگە 460چاقىرىم كېلىدۇ. بۇ شەھەر مىلادىيىنىڭ بېشىدا精绝国دەپ ئاتالغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگەكەلگەندە尼嚷城دەپ يېزىلغان. تۈز سىزىق بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ قەدىمكىنىيا خارابىسى ھازىرقى نىيا بازىرىنىڭ 120 كىلومېتىر شىمالىدىكىتەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، مىلادىيىدىن بىر نەچچەئەسىر بۇرۇنقى چاغلاردىن تارتىپلا تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى بولۇقئۆسىدىغان، بۈك – باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغانباغۇ بوستانلىق شەھەر بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز يۇرتنىگۈللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان. بۇ شەھەر خارابىسىجەنۇبتىن شىمالغا 25 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە يەتتە كىلومېتىر دائىرىگەسوزۇلغان. خارابىنى ھىلال ئاي شەكلىدە قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ نامىقارۇشتى يېزىقىدىكى 14-،188-،436-،500-،518-،685-نومۇرلۇق پۈتۈكلەردەninaدەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ نام ھازىرغىچە ساقلىنىپقالغان نىنا ~ نىيا نامىنىڭ ئەسلىدۇر. مانامۇشۇلارغا قارىغاندا، نىيا نامى كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا مەۋجۇتئاتالغۇ بولالايدۇ. نىيا خارابىسى ئۈستىدە يېقىنقى يىللاردا كۆپ قېتىملىقئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، قەدىمكى مەدەنىيىتىمىزنىڭ پارلاقئىزلىرى خەلقئالەمگە نامايان بولدى.
روڭلۇ<戎卢国>:مەركىزى بېيپىن<卑品城>شەھىرى. بۇ يەردىن چاڭئەنگە 8300چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 240 تۈتۈن، 1610 نوپۇس، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 300نەپەر. شەرق تەرىپى ئەندىر، جەنۇب تەرىپى چاقىلىق بىلەن چېگرىلىنىدۇ.غەربىي تەرىپى بولسا چىرا بىلەن تۇتىشىدۇ. ئورنى جەنۇبتىراق بولۇپ،يولدىن چەتتە قالىدۇ. بۇ كىچىك ئەل يىپەك يولىنىڭجەنۇبىي لىنىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كونكرېت ئورنى مەلۇم ئەمەس، لېكىنتەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا چەرچەن ناھىيىسى بىلەن نىيا ناھىيىسى ئارىسىدىكىتاغلىققا جايلاشقان. بىز بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈركى،بۇ مەلۇماتلار مىلادىيىنىڭ ھارپىسىغا ياكى مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ، بۇ شەھەردۆلەتلىرى مۇشۇ دەۋردىن تەخمىنەن 150 يىل ئۆتكەندە چەرچەنخانىدانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئۆتكەن. بىز يۇقىرىقى مەلۇماتلارنىيىغىنچاقلايدىغان بولساق، مىلادىيىنىڭ بېشىدا 3120 تۈتۈن، 23480 نوپۇس، 4732 نەپەرئەسكەرلىككە ياراملىق ئادەم بار بولغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار كروران نوپۇسىنى ئۆزئىچىگە ئالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى كروران خانلىقى مىلادىيە 2 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىياكى 3 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن چەرچەن خانلىقىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكەن،قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۇن <كروران> ناملىق كىتابىدا <چەرچەن خانلىقى تارىمئويمانلىقىنىڭ شەرىقى جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە بۇئەلنىڭ نوپۇسى 84579 غا يەتكەن> دەپ يازىدۇ. تارىختىكى كروراننىڭ ناھايىتى شانۇشەۋكەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىگە، تېررىتورىيىسىنىڭ چوڭلۇقىغا قارايدىغانبولساق، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ نوپۇسىدىن كەم ئەمەسلىكىنى پەرەزقىلغىلى بولىدۇ. مەن چەرچەن خانلىقىنىڭ مىلادىيىنىڭبېشىدىكى ئاھالىسىنى 15~20 مىڭغىچە دەپ قارايمەن، بۇ ۋاقىتتا كروران ۋە ئۇنىڭئەتراپلىرىدا بىرقانچە شەھەر بولغان، كىچىك دەريا بويلىرىدىمۇ مەلۇم ساندا ئاھالەياشىغان بولۇپ، كروراننىڭ تېررىتورىيىسىدە بولغانلىقى مەلۇم.يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن مىلادىيىنىڭ ھارپىسى ياكى بېشىدا بۇ دائىرىدە 5 – 6 مىڭتۈتۈن، 40 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇس، 10 مىڭغا يېقىن ئەسكەرلىككە ياراملىق ئادەمنىڭبارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىر ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن كېيىن،چەرچەن خانلىقى بۇ تېررىتورىيىگە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەندە ئائىلەسانى 10 مىڭغا، نوپۇسى 70 ~ 80 مىڭغا يەتكەن. بۇلار ئۆزنۆۋىتىدە ئىسپاتلانغۇسى. بۇ ۋاقىتتا چەرچەن خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقىچاقىلىق، چەرچەن، نىيا ناھىيىلىرىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ قىسمەنزېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چەرچەن خانلىقىنىڭ كېيىنكى سىياسىي تارىخى ھەققىدەئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىمىز كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما قارۇشتى يېزىقىدىكىۋەسىقىلەردە بۇ جايدىكى ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدا كەڭ ئۇچۇربېرىلىشى بىزنىڭ چۈشەنچىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
كروران ھەققىدىكى ئۇچۇرلاريازما ماتېرىياللاردا ھەرخىلخاتىرىلەنگەن، يەنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا楼兰، قارۇشتى پۈتۈكلىرىدەkroraina، سوغداقچە پۈتۈكلەردەkrwrn، ، ئۇدۇن يېزىقىداrauranaدەپ خاتىرىلەنگەن. ھازىر ئۇيغۇرچەماتېرىياللاردىمۇ لولان، كروران دەپ ئېلىنماقتا. 伊循نامىنى بولساشەھىرى ئىشەم دەپ ئالغۇچىلارمۇ، پىتولمىنىڭ كىتابىدىكىissedonبىلەن تەڭلەشتۈرگۈچىلەرمۇ بولدى، مەن تەلەپپۇز يېقىنلىقىنى نەزەرگەئېلىپ ئىشەم دەپ ئېلىپ تۇردۇم، ئەمما بۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىكمەسىلىدۇر. 鄯善نامى بۇرۇن ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردا پىشامشان دەپ ئېلىنغانىدى، ئەمماھازىرقى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ چەرچەن نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى ئىكەنلىكىئىسپاتلاندى، بۇ نام ئەينى دەۋرلەردە تۈبۈتچە يادىكارلىقلارداcercenدەپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە كۆرىدىغان پىشامشاننامى بىلەن تەڭداشتۇر. شۇڭا بۇكىتابتا ئىزچىل تۈردە چەرچەن نامىنى قوللاندىم، باشقاكىتابلاردا ئۇچرايدىغان پىشامشان دەل مانا مۇشۇ چەرچەن نامىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ھازىرقىچەرچەن ناھىيىسى ئەينى ۋاقىتتا سارمادان ~ چالمادانا دەپئاتىلاتتى. 400 – يىلى ئەتراپىدىكى كروران توغرىسىدا <فاشەنتەزكىرىسى> ياكى <بۇددا ئەللىرى تەزكىرىسى> ناملىق ئەسەردە قىممەتلىكئۇچۇرلار بار. بۇ ئەسەر 400 – يىلى چاڭئەندىن يولغا چىققان راھىبلار — فاشەن >337 – 422> ۋە خۇيجىڭلارنىڭ ئەنەتكەكئېلىگە بۇددا نومى ئالغىلى ماڭغاندا كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ،ئىشەنچلىك مەنبەدۇر. ئەسەر گەرچە 414 – يىلى يېزىلغان بولسىمۇ كرورانغامۇناسىۋەتلىك بايانلارنى 400 – يىلىنىڭ ئاخىرى ياكى 401 – يىلىنىڭبېشىغا مەنسۇپ دېيىشكە بولىدۇ. ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: >.بۇ ئەلدىكىلەر ئەنەتكەك يېزىقى ۋەئەنەتكەك تىلى ئۆگىنىدۇ. بۇ يەردە بىر ئاي تۇردۇم>)<قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ھەم شەرھى>،نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 32 – بەت(دېيىلگەن. بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئۇچۇرشۇكى، يەرلىك خەلقنىڭ تىلى ھەرگىزمۇ ئەنەتكەك تىلىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ تىل خور ~غۇر胡语>>تىلى دەپ ئاتالغان، لېكىن يەرلىكخەلق دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلى ئەنەتكەك تىل – يېزىقىنى ئۆگەنگەن.ئەمەلىيەتتىمۇ خارابىلىكلەردە بايقالغان قارۇشتى يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار بۇبايانلارنىڭ ناھايىتى توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەرلىك ئاھالە بۇددادىنىنىڭ كىچىك كۆلۈڭگۈ مەزھىپىگە تەۋە بولۇپ، 4000 دىن ئارتۇق راھىبنىڭبارلىقى بىزنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختىدە قانچىلىك ئاھالىنىڭبارلىقىنى بىلىشىمىزدە قىممەتلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بىز ھەر 10 ئادەمدىنبىرىنى راھىب دېسەك، ئومۇمىي ئاھالىسى 40 مىڭغابارىدۇ، دېيەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە نوپۇس بۇنىڭدىن كۆپ بولسا باركىھەرگىزمۇ كەم ئەمەس، چۈنكى 4000 دىن ئارتۇق راھىب، ھۆكۈمران سىنىپ ۋە ئۆز ئەمگىكىبىلەن ئۆزىنى باقالمايدىغانلارنى بېقىش ئۈچۈن خېلى ساندا ئاھالە بولۇشىكېرەك. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق مىرەن خارابىسىنىڭتېرىلغۇ كۆلىمىنىڭلا 17 مىڭ مودىن ئاشىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بىزبۇلارنى كېيىنكى مەنبەلەردىكى، يەنى 442 – يىلى چەرچەن خانى بەگ روڭنىڭ4000 ئائىلە، يەنى پۈتۈن پايتەخت ئاھالىسىنىڭيېرىمىنى باشلاپ سارمادانغا كۆچكەنلىكىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغان بولساق، ئومۇمىيئائىلە سانىنىڭ 8000 دىن ئاشىدىغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ئەگەر بىز ھەرئائىلىدە بەشتىن نوپۇس بار دېسەك، جەمىئىي 40 مىڭ نوپۇس بار بولغان بولىدۇ.يازغۇچى ياڭ نيەن مۇشۇ ۋاقىتتىكى نوپۇسنىڭ 80 مىڭغا بارىدىغانلىقىنى يازىدۇ. بىزھازىرچە 40 مىڭ دېگەن نوپۇسنى توغرا تېپىپ تۇرساق ھەمدە بۇنى مىلادىيىنىڭبېشىدىكى چەرچەن ئېلىنىڭ نوپۇسى بىلەن نىسبەتلەشتۈرىدىغان بولساق، 400 يىلدا نوپۇسئۈچ ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن، مانا مۇشۇ نىسبەت بويىچە مىلادىيە 440 – يىلىئەتراپىدا پۈتۈن چەرچەن خانلىقىنىڭ نوپۇسىنى 120 ~ 150 مىڭئەتراپىدا بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇمات بۈگۈنكىكۈندىكى مۇشۇ دائىرىنىڭ نوپۇسى بىلەن يېقىنلىشىدۇ، بۇ ساننى كۆرگەنلەر بۇ نوپۇسقاشۈبھىدە بولىدىغانلىقى شەكسىز، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى بوستانلىقلاردىن خەۋىرى باركىشىلەر بۇنىڭغا ئىشنىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە بىز تۆۋەندە چەرچەن خانلىقىنىڭتېررىتورىيىسى ھەققىدىكى بايانىمىزدا چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.
تۇيغۇنلار سىيانپىيلاردىن كېلىپ چىققانبولۇپ، ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچكەن بىر تارمىقىدۇر. 313 -يىلى قۇرۇلغان تۇيغۇن خانلىقى 663 – يىلى تۈبۈتلەرتەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. تۇيغۇنلارنىڭ ئالتاي تىللىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدەپىكىر بىرلىكى بولسىمۇ، موڭغۇل تىللىرى ئائىلىسى، توڭغۇس تىللىرى ئائىلىسى ياكىتۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋەلىكى ھەققىدە مۇنازىرە بار. بارتولد قاتارلىق بەزىئالىملار سۆزلەملىرىدە ئۇلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان تۈركىي ئىبارىلەرگە ئاساسەنتۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە، دەپ قارايدۇ. تۇيغۇنلار چارۋىچىلىقنى ئاساس،دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ ھايات كەچۈرىدىغان مىللەت بولۇپ، 452 -يىلىدىن 635 – يىللىرىغىچە چاقىلىق رايونى قاتارلىق جايلارنى ئىشغالقىلىپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. تۈبۈتلەرنىڭ كۈچىيىپ چىقىشىبىلەن تۇيغۇن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ تۈبۈتلەر ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ھۆكۈمرانلىققىلغان. رورەنلەر توڭغۇسلارنىڭئەۋلادى، سىيانپىيلارنىڭ ئەۋلادى، ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى ئارىلاشماغۇزلاردىن ئىبارەت دېگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە ئۇلارنى ئاۋارلاربىلەن بىر مىللەت دېگۈچىلەرمۇ بار، ئۇلار چوڭ ھىنگان تاغلىرىدىن بايقالئەتراپلىرىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىدە پائالىيەت قىلغان. رورەنلەر كۈچەيگەنچاغلاردىمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدە 60 تىن ئارتۇق ئۇرۇق ۋە قەبىلە بولۇپ، ئاساسلىقىسىيانپىي، تېلى >چىلى> ۋە ھۇنلاردىن ئىبارەت، بەزى پىكىرلەرگە قارىغاندا، رورەنئاقسۆڭەكلىرى سىيانپىي توبالىرىدىن ئايرىلىپ چىققان دەيدۇ. رورەنلەرئەسلىدە ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاساسەن ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېتاۋ رايونىنىڭچوغاي تاغلىرى ئەتراپلىرى، ئېچىنا ئەتراپلىرىدا چارۋىچىلىق قىلغان. جەنۇبىي سۇلالىلەردەۋرىدىكى لياڭ خانلىقىدىن شېن يۈې >441 – 513> يازغان <سۇڭنامە> 98 – جىلد <دى غۇزلىرىھەققىدە قىسسە> دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىزنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقىدەۋرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىزدا مۇھىم رولئوينايدۇ. ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، <مىلادىيە 441 – يىلى 10 – ئايدا،شەھەردە ئوزۇق – تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاچارچىلىقتائۆلۈپ كەتتى. جۇرچى تارگو ئۆز خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ لەشكەرلىرىگە ئوزۇققىلىپ بەردى. گۆش يېيىلىپ بولغاندا شەھەر ئىشغال قىلىندى. توغبات تاۋ جۇرچى تارگونىتىرىك تۇتۇپ، پىڭچىڭ قەلئەسىگە ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ چاغدا چېچىنى ئۆرۈگەنياتلارنىڭ خورىكى بەكمۇ ئۆسۈپ كەتكەن. جۇرچى ئۇرغۇ لەشكەرلىرىنىڭ ئاچارچىلىقتاقالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تۇتالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ،كۆپچىلىكنى باشلاپ كۈنپېتىشقا كەتمەكچى بولدى. 11 – ئايدا، جۇرچى ئۇرغۇ ئىنىسىجۇرچى ئارگۇنى 5000 لەشكەر بىلەن چەرچەنگە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇيەرنى ئىگىلىيەلمىدى. مىلادىيە 442 – يىلى 4 – ئايدا جۇرچى ئۇرغۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ كۈنپېتىشقايۈرۈش قىلىپ، جۇرچى ئارگۇنىڭ قېشىغا كەتمەكچى بولدى. ئۇلار چەرچەنگە يېتىپكەلگەندە، چەرچەن بېگى بىلۇڭ>بەگروڭ> 4000 دىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەنجۇرچى ئۇرغۇنى چەرچەننى ساقلاشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپلەشكەرلىرى بىلەن قۇچۇغا ياردەمگە ماڭدى>.)<ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلىئۇيغۇرچە نەشرى، 712 – بەت. ( يۇقىرىقى خاتىرىلەردىن چەرچەنخانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مىلادىيە 5 – ئەسىرنىڭئوتتۇرىلىرىدا ھەرگىزمۇ ئىچكى نىزا ياكى باشقا سەۋەبتىنئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ياۋ ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قېلىپ يىمىرىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلىبولىدۇ. <جەنۇبىي چىسۇلالىسى تارىخى>دىكى بايانغا ئاساسلانغاندا، چەرچەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىدىڭلىڭلار تەرىپىدىن ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان، خەلقمۇ تارقاپ كېتىشكە مەجبۇربولغان. بۇ قېتىمقى ۋەيرانچىلىقنى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان، چەرچەنگە 452 – يىلىتۇيغۇنلار بېسىپ كىرگەن. 460 – يىللىرى رورەنلەر تەرىپىدىن ئىشغالقىلىۋېلىنغان، رورەنلەرنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىئۇرۇش دىڭلىڭلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ سەۋەبىدىنكېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇرۇش ئوتى بۇ يۇرتقىچە تۇتاشقان. خەلقمۇ يۇرت – ماكانىنىتاشلاپ چىقىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە تارىخشۇناس دۇەن ليەنچىن <چەرچەن دىڭلىڭلارتەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، خەلقى پۈتۈنلەي تارقىلىپ كەتكەن، قاڭقىللاركىنگىتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يەنە جەنۇبقا بېسىپ بېرىپ، چەرچەننىمۇئىشغال قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ> دەپ يازىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغاندىڭلىڭلار بىلەن قاڭقىللار بىر نامنىڭ ئىككى خىل تەلەپپۇزىدىن ئىبارەت. دۇەنليەنچىن ئەپەندى قاڭقىللارنىڭ چەرچەننى ئىشغال قىلغان ۋاقتىنى مىلادىيە 492 – يىلى8 – ئايدىن 493 – يىلىغىچە، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. قاڭقىللاربۇ يەرگە497 – يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، مىلادىيە 500 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتاتۇيغۇنلار چەرچەننى ئىشغال قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. مىلادىيە 519 – يىلى ئەتراپىدا چاقىلىقتىن ئۆتكەن بۇدداراھىبى سۇڭ يۈن يازغان <سۇڭ يۈن سەپەر خاتىرىلىرى> دە، <تۇيغۇندىن 3050 چاقىرىم غەربكە يۈرسە چەرچەن شەھىرىگەبارغىلى بولىدۇ. شەھەردىكىلەر ئۆزلىرى تەختكە چىقارغان خانىنىتۇيغۇنلار بېقىندۇرغان. ھازىر شەھەردە تۇيغۇنلارنىڭغەربنى تىنچلاندۇرغۇچى سانغۇنى تۇرىدۇ… چەرچەندىن غەربكە 1640 چاقىرىميۈرسە، سارمادان شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ، شەھەردە 100 تۈتۈن بار>)<قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەتخاتىرىلىرى ھەم شەرھى>، نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 47-، 104 – بەت(دېيىلگەن. بىز يۇقىرىقىلارغائاساسەن 6 – ئەسىرنىڭ بېشىدا تۇيغۇنلارنىڭ چەرچەن ئېلىنى مۇنقەرز قىلىپ ئۆزھاكىمىيىتىنى تىكلەپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز، مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن كرورانخانلىقى، جۈملىدىن كېيىنكى چەرچەن نامىدىكى خانلىقنىڭ 5 – ئەسىرنىڭئاخىرلىرى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. مۇشۇ خاتىرىدەيەنە چەرچەندە 3000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە بارلىقى خاتىرىلەنگەن، مانامۇشۇلار ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقىنى، كۆپلىگەنئاھالىنىڭ قىرىلىپ تۈگىگەنلىكىنى ياكى يۇرتىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنىبىلىۋالغىلى بولىدۇ. سارماداندا 100 ئائىلە بارلىقى سەل گۇمانلىق، چۈنكى 442 -يىلى كۆچۈپ بارغان چەرچەنلىكلەرنىڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىماتېرىياللاردا مەلۇم. سۇڭ يۈندىن كېيىن بۇددا راھىبى شۈەنزاڭ چەرچەن ئېلى،كروران ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرغان.
شۈەنزاڭ >600 – 664> تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەنبۇددا راھىبى بولۇپ، غەربكە، يەنى ھىندىستانغا نوم ئالغىلى ماڭغىنىدا 629 – ياكى630 – يىلى كروران دىيارىدىن ئۆتكەن. ئۇ <بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكىغەربكە ساياھەت> دېگەن ئەسەردە )بۇئەسەر شۈەنزاڭنىڭ ئېغىز بايانىغا ئاساسەن 646 – يىلى يېزىلىپ، تاڭ سۇلالىسىپادىشاھى لى شىمىنغا تەقدىم قىلىنغان( سارمادان>غا بارغىلىبولىدۇ، بۇ يەردە ئادىمىزات قالمىغان. يەنە شەرىقى شىمالغا مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇقيۈرسە قەدىمكى نوپ ئېلى纳缚波故国>>، يەنى كرورانغا بارغىلى بولىدۇ>)<قەدىمكى دەۋردىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىلىرى ھەم شەرھى>،نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987 – يىلى خەنزۇچە نەشرى، 47 -، 104 – بەت(دېيىلگەن. بۇ يەردە故国خېتى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ئەلنىڭ ئاللىبۇرۇنلا ۋەيران بولغانلىقىنىكۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك ئالتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندەقەدىمكى چەرچەندىن تارتىپ تاكى دۇخانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەھەرلەر ۋەيرانبولۇپ بولغان. <جۇنامە> دە <چەرچەن — قەدىمكى كروران ئېلىدۇر،شەرقتىكى چاڭئەنگە 5000 چاقىرىم كېلىدۇ. يېرى قۇملۇق،سۇ، ئوتلاقلىرى ئاز. شىمالدا بەيلوڭدۇي يولى بار. ۋېي سۇلالىسىنىڭتەيۋۇ يىللىرى جۇرچى >قۇتقۇ> ئەنجۇ ھۇجۇم قىلغان، خانى غەربتىكى سارمادانغا قاچقان.غەربىي شىمالىدا نەچچە يۈز چاقىرىم ئاقار قۇم بولۇپ، ياز كۈنلىرى ئىسسىق شامالچىقىپ يولۇچىلارنى كېسەلگە دۇچار قىلىدۇ… داتۇڭنىڭ 8 – يىلى خان ئىنىسى شەنمىئاھالىنى باشلاپ تەۋەلىك بىلدۈرگەن> دەپ يېزىلسا؛ <سۈينامە>نىڭ 15 -جىلدىدا <دايېنىڭ 5 – يىلى تۇيغۇنلار چەرچەن شەھىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇقەدىمكى كروراندۇر… پىچان كۆلى، چەرچەن دەرياسى بار> دەپ يېزىلىدۇ. <يېڭىتاڭنامە> نىڭ 43-جىلدىدا <… پىچان>蒲昌海>كۆلىنىڭ جەنۇبى قىرغىقى بىلەن غەربكەيۈرسە قۇتۇم七屯>> شەھىرىگە، يەنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىشەم伊修>> شەھىرىگە، يەنە غەربكە 80 چاقىرىم يۈرسە تاشبالىق石城镇>> يەنى خەن دەۋرىدىكى كرورانغا بارغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى نامىچەرچەن بولۇپ، پىچان كۆلىنىڭ 300 چاقىرىم جەنۇبىدا. يەنە غەربكە 200 چاقىرىم يۈرسە ياڭىبالىق新城>> بۇرۇن نوپ弩支城>> دەپ ئاتالغان بولۇپ كاڭ يەندەن قۇرغان> قا بارغىلى بولىدۇ>دېيىلگەن. <كونا تاڭنامە> دە لاپچۇق纳职>> جىڭگۇەننىڭ 4 – يىلى >مىلادىيە 630 – يىلى> چەرچەن ئۇيغۇرلىرى)鄯善胡> قۇرغان شەھەر بولۇپ، لاپچۇق ناھىيىسى دەپ ئاتالغان> دەپ يېزىلسا،<سۇ ئىشلىرى تەپسىراتى> نىڭ 2 – جىلدىدا <سارماداندىن> شەرققە 720چاقىرىم يۈرسە چەرچەنگە بارىدۇ… جۇبىن注滨>>دەرياسى شەرققە ئېقىپ چەرچەن ئېلىنىڭشىمالىدا پايتەخت ئىشەم، يەنى قەدىمكى كروراندىن ئۆتىدۇ… دەريا شەرققەئېقىپ كۆلگە قۇيۇلىدۇ، كۆل كروران دەرياسىنىڭ شىمالىدا. خان شەھىرى ئاۋام تىلىداشەرىقى كونا شەھەر دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي دەريا ئۇدۇندىن3000 چاقىرىم شەرققە ئېقىپ شىمالدىكى چەرچەنگە كەلگەندە كروران牢兰海>> كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. شىمالىي دەريا قۇملۇقىنىڭ شەرقىدە جەنۇبىي دەريابىلەن ئايرىلىپ… چەرچەن禅善>>ئارقىلىق كروران كۆلىگە قۇيۇلىدۇ>دېيىلگەن. كرورانئېلىنىڭ مانا مۇشۇ داۋالغۇشلىق يىللىرى ھەققىدە لى يەنشۇ مىلادىيە 659- يىلى يېزىپ تاماملىغان <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> ناملىق ئەسەردىمۇمۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ساقلىنىپ قالغان. 97 – جىلد <غەربىي يۇرت تەزكىرىسى>دە مۇنداق يېزىلغان: <چەرچەن鄯善>>، ئاستانىسى قاغانبالىق扌于泥>>، قەدىمىي كروران خانلىقى، دەي خانلىقىغا 7600 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاستانىسىنىڭدائىرىسى بىر چاقىرىم بولۇپ، يېرىنىڭ كۆپى قۇملۇق ۋە شورلۇق، ئوت – سۈيى ئاز.شىمال تەرىپى قۇمتاغقا بارىدىغان يول. تەييەن يىللىرى >مىلادىيە 435 – يىلىدىن 439 – يىللىرىغىچە> نىڭ باشلىرىغاكەلگەندە، ئاندىن خاننىڭ ئىنىسى سۇيانشىنى ئوردىغا تۇرغاقلىققا ئەۋەتتى. ۋېيپادىشاھى تەيۋۇدى لىڭجۇنى تىنجىتقاندا، جۇرچى مۇقاننىڭ ئىنىسى جۇرچى ئۇرغۇدۇنخۇاڭنى بېسىۋالدى. كېيىن جۇرچى ئۇرغۇ قۇملۇقتىن ئۆتمەكچى بولۇپ، ئىنىسى جۇرچىئەنجۇنى چەرچەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. چەرچەن خانى بەگ روڭ قورقۇپتەسلىم بولماقچى بولغاندا، ۋېي سۇلالىسى ئەلچىلىرى ئەنەتكەك، كەشمىردىن قايتىپكېلىپ، چەرچەنگە يىغىلدى. ئەلچىلەر بەگ روڭنى جۇرچى ئەنجۇغا قارشىلىق كۆرسىتىشكەدەۋەت قىلدى. بەگ روڭ جۇرچى ئەنجۇ بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلدى. جۇرچى ئەنجۇ غەلىبەقىلالماي چېكىنىپ، شەرىقى شەھەرنى قوغدىدى. كېيىن بەگ روڭ قورقۇپ ئادەملىرىنىباشلاپ غەربتىكى سارمادانغا قاچتى. ئۇنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى جۇرچىئەنجۇنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋېي سۇلالىسى غەربىي يۇرتقا ئەلچىئەۋەتتى، ئەلچىلەر چەرچەندىن ئۆتكەندە، چەرچەنلىكلەر ئۇلارنى بۇلاپ ئۆتكۈزمىدى. ۋېيپادىشاھى تەيۋۇدى چەۋەنداز مەھرەم چىڭجۇ گۇڭى ۋەن دۇگۇينى تۆت ئاتلىقپوچتا ھارۋىسى بىلەن بېرىپ، لياڭجۇدىن قوشۇنلىرىنى چەرچەنگە ئەكېلىشكە بۇيرۇدى.ۋەن دۇگۇي دۇنخۇاڭغا بېرىپ ھەربىي ئەشيالارنى قالدۇرۇپ قويدى ھەمدە يېنىكجابدۇنغان 5000 چەۋەندازنى باشلاپ قۇملۇقتىن ئۆتۈپ، چەرچەن تەۋەسىگە كىردى. شۇچاغدا چەرچەن خەلقى دالىغا تارىلىپ كەتكەنىدى… چەرچەن خانىمۇ قولىنى ئارقىسىغاباغلاپ چىقىپ ئەل بولدى… چېندا بىلەن ئاستانىگە كەلدى.پادىشاھ تەيۋۇدى خۇش بولۇپ، چېنداغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى. شۇ يىلىجياۋجى گۇڭى خەنبانى مۇۋەققەت ئەلچى، غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى سانغۇن،غەربىي رۇڭلارنى قوغدىغۇچى چېرىكچى، چەرچەن بېگى قىلىپ تەيىنلەپچەرچەننى ساقلاشقا، چەرچەن خەلقىدىن ۋىلايەت، ناھىيە تەسىس قىلىنغان جايلارغائوخشاش باج، ئالۋان – ياساق يىغىشقا ئەۋەتتى>.)لى يەنشۇ: <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 409 – بەت(. مانا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بەگ روڭ سارمادانغا كۆچكەندىنكېيىن ئۇنىڭ ئوغلى چېندا真达>>خاقان بولغان، ئەمما ئۇ ۋېيسۇلالىسى ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولۇپ ئاستانىگە بارغاندىن كېيىن خەنبائىسىملىك بىرەيلەن چەرچەن خانلىققاتەيىنلەنگەن. <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> ناملىقكىتابتا چەرچەن خانىدانلىقى مىلادىيە 354 -، 438 -، 439 – يىللىرىئولپان تاپشۇرۇش نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن سودا – تىجارەت قىلغانلىقىخاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 442 – يىلى يازدا جۇرچى ئۇرغۇ چەرچەنگە كېلىۋالغان. 445 -يىلى كۈزدە چەرچەن خاقانى چېندا ۋېي سۇلالىسى چېرىكلىرى تەرىپىدىن ئەسىر قىلىنىپئېلىپ كېتىلگەن. ئەسەردە مىلادىيە 541 – يىلى چەرچەن خانىنىڭ ئاكىسى شانجۇناقوۋمىنى باشلاپ ئىچكىرىگە كۆچۈپ بەيئەت قىلغانلىقى، مىلادىيە 531 -يىلى ئەتراپىدا چەرچەن قاتارلىق جايلارنىڭ بەيئەت قىلغانلىقى يېزىلغان. <يۈنخې يىللىرىدا يېزىلغانۋىلايەت – ناھىيىلەر تەزكىرىسى> دە <ئېۋىرغول … ئەتراپىدا چەرچەندىنكەلگەنلەر بار… لاپچۇق ناھىيىسى جېڭگۇەننىڭ 4 – يىلى >630 – يىلى> تەسىس قىلىنغان بولۇپ،چەرچەنلىكلەر قۇرغان، ئۇيغۇرلار胡>>چەرچەننى نوپ纳职>> دەپ ئاتىغاچقا، شۇنداق ئاتالغان> دېيىلگەن. <شۇچاڭ ناھىيىسىنىڭھۇدۇدلىرى> ناملىق ئەسەردە <… تاشبالىق خەن دەۋرىدىكى كروران ئېلىدۇر>دېيىلگەن. <خەننامە. غەربىي دىيارتەزكىرىسى> دە، <تاشبالىق چاڭئەنگە 6100 چاقىرىم، يېرى كۆپ ئەمما قۇملۇق،تېرىلغۇسى ئاز، ئەمما قاشتېشى چىقىدۇ. فۇجېزى كروران خانىنى ئۆلتۈرگەن،خەن سۇلالىسى ئۇنىڭ ئىنىسىنى خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، خانلىق نامىچەرچەنگە ئۆزگەرتىلگەن. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە چەرچەن بازىرى تەسىس قىلىنغان. سۈيسۇلالىسى دەۋرىدە يېغىلىق بولغاندا شەھەر ۋەيران بولغان. جېڭگۇەن يىللىرىسەمەرقەنتلىك سەردار كاڭ يەندەن شەرققە كەلگەندە ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپكېلىپ ئولتۇراقلاشقان، شەھەر شىڭگۇ شەھىرى دەپ ئاتالغان. تۆت تەرىپى قۇملۇق بولۇپ،شاڭيۈەننىڭ ئىككىنچى يىلى >675 – يىلى> نامى تاشبالىققا ئۆزگەرتىلگەن ۋە شاجۇغا تەۋەبولغان، شەرقتىكى شاجۇغا 1580 چاقىرىم كېلىدۇ> دەپ يېزىلغان.
قۇتۇم شەھىرى:屯城>> غەربتىكى تاشبالىققا 180 چاقىرىم، چەرچەن خانىنىڭ تۇرغاقى ئۇتۇش تەۋەلىك بىلدۈرگەن بولسىمۇئاجىز بولغاچقا، خەن خانىغا: ئېلىمدە ئىشەم شەھىرى بار، يەرلىرى مۇنبەت، لەشكەرئەۋەتىپ تېرىقچىلىق قىلدۇرغاچ ئېلىمنى قوغدىغان بولسىلا، دېگەنتەلىپىنى ئېيتقان. خەن سۇلالىسى سىما باشچىلىقىدا لەشكەر ئەۋەتىپ ئىشەمدەتېرىقچىلىق قىلغان. بۇ يەر چوڭ چەرچەن نامىغا تەقلىد قىلىپكىچىك چەرچەن دەپ ئاتالغان، بۇ قۇتۇم شەھىرىدۇر.
ياڭىبالىق: كاڭ يەندەنچەرچەندە تۇرۇپ ئاۋۋال مۇشۇ شەھەرنى گۈللەندۈرگەن. خەن دەۋرىدە نوپ دەپئاتالغان. شەرقتىكى چەرچەنگە 330 چاقىرىم كېلىدۇ. بوربالىق <蒲桃城>:كاڭ يەندەن قۇرغان. تاشبالىقنىڭ تۆتچاقىرىم شىمالىدا، ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ئىدى، ئۈزۈمئۆستۈرۈلگەنلىكتىن بوربالىق دەپ ئاتالغان.
شەھىرى سابىز: شەھەرنىڭ 480 چاقىرىمشەرىقى جەنۇبىدا بولۇپ، كاڭ يەندەن قۇرغان، سابىز شەھىرى كۆلگە يېقىن،تۇيغۇنلار كېلىپ كېتىپ تۇرىدۇ.
چەرچەن شەھىرى: شەھەرنىڭئايلانمىسى 1630 چامدام. خەن دەۋرىدىكى چەرچەن شەھىرى تاشبالىقنىڭ 20چامدام شەرقىدە. <شاجۇ ۋە ئېۋىرغولنىڭ جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى> دىكى بايانلارمۇيۇقىرىقىلار بىلەن ئوپئوخشاش بولۇپ، بۇ مەزمۇنلاردا ئەكس ئەتكىنى 630 – يىللىرىئەتراپىدىكى چاقىلىقنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇۋاقىتتا سەمەرقەنتلىك سەردار كاڭ يەندەن ئۇيغۇرلارغا رەھبەرلىكقىلىپ، بوستانلىقلارنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن. بىز مۇشۇدەۋردە گۈللىنىپ تۇرغان چاقىلىقنى پۈتۈنلەي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەكچى بولساق، يەنەشەھىرى كىتىك، مەردەك ۋە كىچىك دەريا بويىدىكى گۈللىنىشنى تەتقىق قىلىشىمىز لازىم،ئۇنداق بولمايدىكەن، شۇ دەۋر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇقېتىمقى گۈللىنىش چاقىلىق تارىخىدىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى چوڭ، ئەمما ۋاقتى قىسقابولغان گۈللىنىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە لوپ كۆلى بويىدىكى كرورانقاتارلىق شەھەرلەر ۋەيران بولغان، ئەمما كىچىك دەريا بويىدا خېلى تۈركۈمدەھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. مىلادىيە 8 – ئەسىردىن باشلاپ چاقىلىقنىڭتارىخىي تەقدىرى ئاۋۋال تۈبۈتلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن،تۈبۈتلەر 7 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ كېڭەيمىچىلىكقىلغان، 8 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تامامەن ئىستېلا قىلىپ بولغان، 9 -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
تۈبۈتلەر خەنزۇچە مەنبەلەردە吐蕃دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ،ئادەتتە تىبەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ھازىرقى زاڭزۇ مىللىتىنىڭئەجدادلىرى بولۇپ، ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىمۇ ھازىرقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىمەركەز قىلىپ ياشىغان. تۈبۈتلەر 336 – يىلى لاسانى پايتەخت قىلىپ تۈبۈتخانىدانلىقىنى قۇرغان، بۇ خانىدانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى چىسوڭزەننى زاڭزۇ خەلقىنىڭئەجدادلىرىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى مەدھىيىلەپ <سوڭزەنگەنبۇ> دەپ ئاتىغان. سوڭزەن گەنبۇ تۈبۈتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىنىتىنچلاندۇرغاندىن كېيىن دۆلىتىنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ئاشقان. 634 – يىلى ئۇ تاڭسۇلالىسى مەلىكىلىرىدىن بىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ ئەلچى ئەۋەتكەن.ئەمما تاڭ سۇلالىسى قوشۇلمىغان. شۇ يىلى تۈبۈتلەر ئىككى سۇلالە ئارىسىدىكىتۇيغۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان. 640 – يىلى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىمەلىكە ۋېنچىڭنى سوڭزەن گەنبۇغا ياتلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈبۈتلەربىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ياخشىلىنىپ، تۈبۈتلەرنىڭ تېخىمۇكۈچىيىشىگە شارائىت ھازىرلانغان. تۈبۈتلەر تۇيغۇنلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى يوقاتقاندىنكېيىن، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى ئېشىپنەزىرىنى چاقىلىققا قاراتقان. ئۇلار 662 – يىلى ئۇدۇن، يەنىخوتەننى، كېيىنكى يىلى چەرچەننى، يەنى ھازىرقى چاقىلىق – چەرچەن دائىرىلىرىنىئىشغال قىلغان، تۈبۈت قوشۇنلىرى ئالتۇنتاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن چاقىلىقناھىيىسىدىكى ئاياغقۇم كۆلى بويىغا جايلاشقان شەھىرى سابىزنى ئىگىلىگەن ۋە ئۇنىھەربىي مەركەز قىلىپ، بۇ رايونغا 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھۆكۈمرانلىققىلغان. تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خېلى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغانلىقتىن، مىرەن كوناشەھەر خارابىسىدىكى تۈبۈت قەلئەسىدىن شۇ چاغدىكى ئسىتېلانىڭ ئىزنالىرى قالغانبولسا، چىمەنتاغ رايونىدىن بىر تۈركۈم تۈبۈت يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەرتېپىلغان، بۇ تاش پۈتۈكلەر شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلىمۇ ياكى كېيىنكى دەۋرلەرنىڭمەھسۇلىمۇ تېخىچە تۈبۈتشۇناس ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى كۆرمىدىم. تۈبۈتلەر ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە ھازىرقى چاقىلىق يەنى ئەينىۋاقىتتىكى چەرچەن ۋە لوپ دائىرىسىدە مۇنۇ شەھەر – بازارلار بار ئىدى: Nob ched poبۇ نام چوڭ لوپ دېگەنلىك، بۇ نامئىچىدەNobتىلىمىزدا ھازىرمۇ قوللىنىۋاتقان لوپ نامىنىڭ دەل ئۆزى، بۇ ئاتالغۇنىتۈبۈتلەر يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىرقى چاقىلىق بازىرىنىكۆرسىتىدۇ. Nob chel poبۇ نام كىچىك لوپ دېگەنلىك بولۇپ، مىرەن كونا شەھەر خارابىسىنىكۆرسىتىدۇ. <يۈنخې ئايمىقىنىڭ ناھىيىلەر تەزكىرىسى>، <كوناتاڭنامە>، قاتارلىق ئەسەرلەردىكى <ئۇيغۇرلار چەرچەننى لوپ纳职>> دەيدۇ> دېگەن بايانلار ھەمدە چەرچەن ئۇيغۇرلىرى ئىۋرىغۇلدا بەرپاقىلغان يېڭى يۇرتىنى ئەسلىدىكى يۇرتىنىڭ نامىدا لوپچۇق ~ لاپچۇق >بۇ كىچىك لوپ دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك>دەپ ئاتىغانلىقىدىن نوپ – لوپ نامىنىڭ تۈبۈتلەر تىلىدىنئەمەس، يەرلىك تىلدىن كەلگەنلىكىنى، بۇ نامنىڭ تۈبۈتلەر بۇ يەرگەكېلىشتىن بۇرۇنلا بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مىرەن بوستانلىقى ئەينى ۋاقىتتايەنەKetsemtongدەپمۇ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ نام خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى屯七،屯古،头海ناملىرىنىڭ تەلەپپۇزىغا يېقىنلىشىشبىلەن بىرگە، خوتەن ساك يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە كۆرۈلگەن قېتىم ~ھۈتىم ناملىرىنىڭ تەلەپپۇزىغا يېقىنلىشىدۇ. بۇلار ئەمەلىيەتتە قۇتۇم ~قېتىم دېگەن جاي ناملىرىنىڭ ھەرخىل تەلەپپۇز تەرجىمىلىرى بولسا كېرەك.
Kadagبۇ كېيىنكى مەزگىللەردە مەشھۇر بولغان شەھىرى كىتىك بولۇپ، بۇھەقتىكى رىۋايەتلەر تاكى ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرمەكتە. بۇ شەھەر ھەققىدەMliu101نومۇرلۇق تۈبۈتچە پۈتۈكتە <چوڭ لوپتا تۇرغان … بىلەنKadagتىكى زاپاس ئەسكەرلەر يىغىلىپ … چوڭ ۋە كىچىك لوپقا راباتلارئارقىلىق يەتكۈزۈلدى> دېيىلگەن. 982 – يىلى يېزىلغان پارسچە ئەسەر <ھۇدۇدۇلئالەم> دە دېيىلگەن بايانلارمۇ بار. يەنەKlurtse، دېگەن جاي نامىمۇ بار بولۇپ، ئالىملار بۇجاينى ۋاششەھىرى دەپ قارايدۇ.
Carcanبۇ ئاتالغۇ ئەسلىدە خاقان بەگ روڭنىڭ4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ چالمادانا ~ سارمادان دەپ ئاتالغانھازىرقى چەرچەنگە كۆچۈشى، كۆچكەن ئاھالىنىڭ سانىنىڭ مۇشۇ يەردىكى ئەسلىي ئاھالىدىنزور دەرىجىدە كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك تەدرىجىي ئەسلىدىكى نامنىڭ ئورنىنى ئېلىپھازىرقى چەرچەنگە نام بولۇپ قالغان ھەمدە ھازىرغىچە ساقلىنىپقالغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ نام تۈبۈتلەر ئىشغال قىلىپ تۇرغانمەزگىلدە ئومۇملىشىپ بولغان بولسا كېرەك.
Tshal byiبۇ بىز تىلغا ئالغان ئاياغقۇم كۆلى بويىغا جايلاشقانشەھىرى سابىزنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ ناممۇ تۈبۈتلەر كېلىشتىن بۇرۇنلامەۋجۇت ئىدى، خەنزۇچە مەنبەلەردە萨毗دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ جايتۈبۈتلەرنىڭ ھەربىي مەركىزى بولغان بولۇپ تۈبۈت سانغۇنى تۇرغان، ھېچ بولمىغاندىمۇچاقىلىق رايونىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارى مۇشۇ جايدا تۇرغان. تۈبۈتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان ۋاقىتلاردا چاقىلىق دائىرىسىدەيەرلىك ئاھالە ئۇيغۇرلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەندىن سىرت، يەنەتۇيغۇن >تۇيغۇن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندا ئاز ساندىكى تۇيغۇن پۇقراسى قالغان>، خەنزۇ >ئاساسەن سودىگەرلىك قىلىپ كەلگەنلەر>، تۈرك، سوغدى >سودىگەرلەر> ئاھالىلىرى بولغان، ئەلۋەتتە يەنە تۈبۈت ھۆكۈمدارلىرىۋە ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرىمۇ بار. ئۇيغۇرلاردىن باشقا خەلقلەر ئىچىدە تۇيغۇنلارنىڭسانى ئەڭ كۆپ بولغان، ئۇلارنىڭ ئاساسىي پائالىيەت دائىرىسى يەنىلا ئالتۇنتاغئىچىگە جايلاشقان. تۈركلەر ئادەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاتالغان، بەزىپۈتۈكلەردە پەرقلەندۈرۈلۈپ تۈركلەرdrugدەپ، ئۇيغۇرلارhorدەپ خاتىرىلەنگەن. تۈبۈتچەپۈتۈكلەردە تۈركچور، ئۈستۈن تۈرك، تۈرك بودۇنى، خەنزۇرلارغا تەۋە تۈرك دېگەندەكئاتالغۇلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭمۇ ئانچە ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھەربىي – مەمۇرىي ئىشلار بىرلىكتەيۈرگۈزۈلىدىغان بىر ھاكىمىيەت بولۇپ، باشقۇرغۇچى ئەمەلدار تۈبۈتچەKhromدەپ ئاتالغان. ئالىملارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، چاقىلىق رايونىنىئىدارە قىلغۇچى ئەمەلدارKhromشەھىرى سابىزدا تۇرۇپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن بولۇشىئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. مىرەندىن تېپىلغان تۈبۈتچە يازمىلارغا قارىغاندا، Khromدىن تۆۋەن مەنسەپدارلاردىن تۈمەن بېشى > شەھىرى سابىز ۋە چوڭ چەرچەن ~ چوڭلوپتا بىردىن تەسىس قىلىنغان>، چوڭ لوپ، كىچىك لوپ، سابىز قاتارلىق جايلاردا تەسىس قىلىنغان>،خەزىنىچى بەگياردەمچىسى،ئىچكى ئىشلار بېگى، مىڭبېشى، ياردەمچى بەگ، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرى بېگى، مالىيە ئەمەلدارى،كۈزلۈك يىغىم نازارەتچىسى، كىچىك مىڭبېشى، باجگىر، ئەدلىيە ئىشلىرى ئەمەلدارىقاتارلىقلار بولغان. تۈبۈتلەر چاقىلىق دىيارىدا يۇقىرىقىدەك ھەربىي -مەمۇرىي مەنسەپلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈنۈملۈكيۈرگۈزگەن. ئۇلار بۇ يەردە خانلىق يەرلەرنى ئايرىش بىلەن بىرگە سۇيۇرغاللىقتۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زېمىنلارنى ھەربىي – مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا، قەبىلەباشلىقلىرىغا ئايرىپ بەرگەن. تۈبۈتلەرنىڭ ئىشغالىيىتى 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋام قىلغان،9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىبىلەن قىرغىزلارنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى ئارقىسىدا يىمىرىلىپ پۈتۈن تېررىتورىيىدىكىئاھالە پىتىراپ كەتكەن. ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىش بىلەن خەلق تۆتكە بۆلۈنۈپكەتكەن. بىر تۈركۈمى قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالغان، بۇلار قىرغىزلارنىئۇيغۇر خانلىقىغا باشلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋەزىرى كۇلباغا تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەتئىدى. ئىككىنچى تۈركۈمى ئۈگە تېگىن باشچىلىقىدا جەنۇبقا، يەنى تاڭ سۇلالىسىتېررىتورىيىسىگە كۆچكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئورموزد تېگىن قاتارلىق بەش تېگىنمۇئۇرۇق قەبىلىلىرىنى باشلاپ كۆچكەنىدى. تاڭ سۇلالىسى تېررىتورىيىسىگە كۆچكەن بۇئىككى توپ >بۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئىككى- ئۈچ يۈز مىڭ ئەتراپىدا> ئارىسىدىمۇ ئۆتكۈر زىددىيەتلەر بارئىدى. يەنە بىر توپتىكىلەر ئەسلىدە بىر توپبولۇپ، ئۇلار گەنسۇ ئەتراپلىرىغا كەلگەندە ئۈچ- تۆت توپقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلار ئەسلىدە 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپتەخمىنەن يېرىمى گەنسۇ ئەتراپلىرىدا قېلىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپگەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. قالغان يېرىمى، يەنى تۆتىنچى توپ پانتېگىن باشچىلىقىدا داۋاملىق كۆچۈپ قۇمۇل، تۇرپان، قاراشەھەر ئەتراپلىرىنى ئىگىلەپھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى قېرىنداشلىرى، غەربىي ئۇيغۇرلار >تۈبۈتچە پۈتۈكلەردە خور، دۇرگو دەپ يېزىلغان> بىلەن بىرلىشىپكەسكىن كۈرەشلەر ئارقىلىق تۈبۈتلەرنى ئانا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە بەشئەسىرگە يېقىن داۋام قىلغان ئۇيغۇر >ئىدىقۇت> ئېلى >بۇ خانلىقنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئۇرخۇن ئېلىنىڭ بىۋاسىتە داۋامىدېيىشكىمۇ بولىدۇ، مۇشۇ دەۋرلەرنى قۇرۇلغان ۋاقىت دەپقارىساقمۇ مىلادىيە 840 – يىلى قۇرۇلۇپ 1368 – يىلىتەلتۆكۈس يىمىرىلگەن> نى قۇرغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەخمىنەن10 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىككىگە پارچىلىنىپ خاقانىيە ۋۇجۇدقا كەلگەن.ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى بۇددا ۋە قامان دىنىنى ئاساس قىلغان بولسا، خاقانىيەئاھالىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى قۇرۇلغاندا،چاقىلىق دائىرىسىدىكى تۈبۈتلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان، بۇۋاقىتلاردا خوتەندىن چەرچەنگىچە بولغان ئالتۇن ئىل ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغاندىنكېيىن ئەسلىدىكى چېگرا تاكى 11 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ياكى 12 – ئەسىرنىڭباشلىرىغىچە ساقلىنىپ قالغان. ئومۇمەن ئالغاندا، 12 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاقىلىقدائىرىسىدىكى لوپ شەھىرى >ۋاششەھىرى خارابىسى> خاقانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن،لېكىن زادى قانداق سەۋەبلەر بىلەن خاقانىيىگە تەۋە بولغىنى نامەلۇم.مۇشۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشقانياكى مۇشۇ لىنىيە بىلەن سودا – تىجارەتكە بارغانلار ئەتراپتىكىئاھالىنىڭ سېرىق ئۇيغۇر دېيىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، مەنبەلەردەخاتاراق مەنە تەرجىمىسى بىلەن تەلەپپۇز تەرجىمىسىنىئارىلاشتۇرۇپ، بۇ يەرلىك ئاھالىنى سېرىق باش ئۇيغۇر黄头回纥>> دەپ ئاتىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، جۈملىدىن موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىققىلغان 13 – ئەسىردە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنەتىجىسىدە بۇ نام توغرىلىنىپ撒里畏兀儿دەپ ئېلىنغان، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا <سارىغئۇيغۇر> دەپ خاتىرىلەنگەن. مەنمۇ بەزىلەرگە ئوخشاش دەسلەپتە غەربكەكۆچكەنلەرنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغانىدىم، ئەمما كېيىنكى ئىزدىنىشلەرگەئاساسلانغىنىمدا بۇلار كۆچۈپ كەلگەنلەر بولماستىن، كرورانلىقلارنىڭئەۋلادلىرى بولۇپ، دەسلەپكى مەنبەلەردە胡، تۈبۈتچە مەنبەلەردەhorدەپ ئاتالغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.خەنزۇچە ۋە تۈرك – رونىك يېزىقىدىكى يازمىلارغا قارىغاندا، ئۇ ئەتراپلاردا سېرىقئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىغا ئائىت ئۇچۇر يوق، لېكىن 5 -ئەسىردىكى غەرب يازمىلىرىغا قارىغاندا،ياۋروپاغا كۆچكەن تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئون ئۇيغۇر، سېرىق ئۇيغۇر قاتارلىقئاھالىلەرنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن. 14 – ئەسىرلەردە يۇرت ماكانى ۋەيران بولۇپشەرققە، يەنى ھازىرقى گەنسۇ دائىرىسىگە بىر تۈركۈم ئاھالە كۆچكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭھازىرقى ئەۋلادلىرىمۇ ئۆزلىرىنى سېرىق ئۇيغۇر ~ سارىغ يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ.1950 – يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار گەرچە ئۆزلىرىنىئۇيغۇر، شىنجاڭدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارىغان بولسىمۇ، دىنىي ئېتىقادى ۋەياشايدىغان رايونىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈشئۈچۈن يۇغۇر نامىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە يۈگۇ>裕固>دەپ نام قويغان ۋە شۇ بويىچەئومۇملاشقان. ئالىملار يۇغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربكەكۆچكەن تۈركىي خەلق ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ناخشا، مۇزىكا ۋە ئەلئېغىز ئەدەبىياتىدىكى يېقىنلىق ئارقىلىق بايقىغان، جۈملىدىن ۋېنگىرىيە خەلقمۇزىكىلىرى بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقى بايقالغان. بەزىئالىملارنىڭ قارىشىچە، ۋېنگرىيە نامىمۇ ئەسلىدە <ھۇنگېرىيە> نامىنىڭئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت ئىكەن. 1209- يىلى ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېگىنكىدانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن موڭغۇل ھۆكۈمدارى چىڭگىزخانغابەيئەت قىلغان، چىڭگىزخانمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەتتەئالدىدا كېتىۋاتقان خەلقنىڭ بىلىمىدىن پايدىلىنىش ۋە بارچۇقئارت تېگىننىڭ بەيئەت قىلغانلىقىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆز ئوغۇللىرىغائوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى ئەھد قىلغان ھەمدە قىزى ئالتۇنبىكەنى ياتلىق قىلغان. مۇشۇلاردىن قارىغاندا، چاقىلىق دائىرىسىدىكىكىتىك، مەردەك قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرى داۋاملىق ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭئىدارە قىلىشىدا بولغان، ئەمما خاقانىيە تېررىتورىيىسىگە كىرگەن لوپ شەھىرى موڭغۇلسانغۇنىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، موڭغۇل سانغۇنىغا مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچەپۈتۈكنىڭ لوپ < ۋاششەھىرى خارابىسى>شەھىرىدىن تېپىلىشى بۇ مەسىلىنىچۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. موڭغۇللارنىڭ بۇ جايدا يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقى تىنىچلا ۋۇجۇدقاكەلگەنمۇ – يوق؟ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق، ماركوپولونىڭ چەرچەن ھەققىدىكىبايانلىرىدا ئاھالىنىڭ موڭغۇللاردىن بەك قورقىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خەۋىرىنىئاڭلىسا قېچىپ پىنھانلارغا يوشۇرۇنىدىغانلىقى يېزىلغان. شەھىرى مەردەك ئەتراپىدا<موڭغۇل ئۆلگەن> دېگەن بىر جاي بار بولۇپ، بۇ يەردە بىر ياكى بىرنەچچە قېتىم جەڭ بولغانمۇ قانداق، كۆپلىگەن ئۇستىخانلارنىڭبارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا لوپلۇق ناخشىچىموماي موڭغۇل چېرىكلىرىنىڭ بۇ يەردىكى مۇسۇلمان ئېلىگەتۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتنى فرانسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچىبونۋالوتقا سۆزلەپ بەرگەن. مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا چاقىلىق رايونىداموڭغۇل ئىستېلاسىنىڭ بولغانلىقى ۋە تالاپەتكە دۇچار بولغانلىقىنىچۈشىنىش مۇمكىن. ئومۇمەن ئالغاندا، موڭغۇللار قان تۆكۈشلەر ئارقىلىق چاقىلىقتىكىبەزى شەھەر – بازارلارنى ئۆز ئىستېلاسىغا ئالغان بولسا، بىر قىسىم شەھەلەر،جۈملىدىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى تېررىتورىيىسىدىكىلەر ئۇرۇش قىلمايلا موڭغۇلھاكىمىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى شەرتلىك ھالدائۆزىنىڭ نىسپىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان. <يۈەن سۇلالىسى تارىخى> 211 – جىلد <سۇبۇتاي تەزكىرىسى> دەيېزىلىشىچە، سېرىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىستېلا قىلىنغان، موڭغۇللارنىڭ بۇئىستېلاسىنى غەرب مۇئەللىپلىرىدىن پولان كاربىن <چىڭگىزخان تەرسا ئۇيغۇرلارنىبويسۇندۇرغاندىن كېيىن سېرىق ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئىستېلا قىلدى> دەپيازغان. موڭغۇللار سېرىق ئۇيغۇرلارنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن مەھكىمە تەسىس قىلىپئىدارە قىلغان، <يۈەن سۇلالىسى تارىخى> دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغائاساسلانغاندا، 500 دىن ئارتۇق لەشكەر تۇرغۇزۇپ تۈبۈتلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكسېلىشىدىن ساقلانغان، بىر تۇتاش باج – سېلىق يىغقان ھەمدە ئالتۇنقېزىپ تاپشۇرۇش مەھكۇم مىللەتنىڭ تاپشۇرىدىغان سېلىقىنىڭ بىر قىسمىبولغان. موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە سېرىق ئۇيغۇرلارغا 1304 – يىلىئەتراپىدا كىپەك ئىسىملىك كىشى شىنىڭ ۋۇۋېي خانى نامىدا ھۆكۈمرانلىققىلغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى نەنقۇلى ھۆكۈمدار بولغان. 1332 -يىلى شىنىڭ ۋۇۋېي خانى بولغان كىشى بۇيان تەمۈردۇر. بۇيان تەمۈر يۈەن سۇلالىسىنىڭسېرىق ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان، بۇيان تەمۈرقەبىلىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. 1340 – يىللىرىئەتراپىدا سۇلايمان ئىسىملىك بىرەيلەن شىنىڭ خانى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوقۇلغانبەزى مەدھىيىلەر دۇخان مۇگاۋ غارلىرىدا زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان. 1370 -يىللىرى ئەتراپىدا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىدىن سانچىس قاتارلىقلارمىڭ سۇلالىسىگە سوۋغا يوللاپ تەۋەلىك بىلدۈرگەن، مىڭ سۇلالىسى دۇخان ئەتراپلىرىغاكۆچۈپ بارغان سېرىق ئۇيغۇرلار رايونلىرىدا قورۇل تەسىس قىلىپ،ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشكە يول ھازىرلىغان، دەسلەپكى قەدەمدە سانچىسنىڭقەبىلىسىنى ئاساس قىلىپ كۈسەن曲先卫>>قورۇلىنى تەسىس قىلغان. بىر قانچەيىلدىن كېيىن بۇيان تەمۈرمۇ تەۋەلىك بىلدۈرگەن بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىتەيزۇڭ ئۇنىڭغا تىنچلاندۇرغۇچى خان安定王>>نامىنى بەرگەن ھەمدە سېرىقئۇيغۇرلارنى تۆت قورۇلغا بۆلۈپ، كۈسەن苦先>>، ئالتۇنتاغ阿真>>، ئۇدۇن阿端>> ۋە تارىم帖里>>قاتارلىق قەبىلىلەر تۇرۇشلۇقجايلاردا باشلىق تەسىس قىلىپ تامغا بەرگەن. 1376 – يىلى تۈبۈتلەر ئىسيانكۆتۈرگەندە سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ قوزغىلاڭ بولغان، شۇۋەقەلەردە بۇيان تەمۇر شارا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، بۇيانتەمۈرنىڭ ئوغلى بەنزاشىرى شارانى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاتا قىساسىنى ئالىمەن دەپ شاراقەبىلىلىرى ئىچىدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. 1377 – يىلى سېرىق ئۇيغۇرلارئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق، يەنى ئىچكى ماجىرالاردىن پايدىلانغان تۈبۈتلەر سېرىقئۇيغۇرلار رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان. بۇ بالايىئاپەتلەرتۈپەيلى سېرىق ئۇيغۇرلار تىرىپىرەن بولۇپ كەتكەن. 1392- يىلىغا كەلگەندە مىڭ سۇلالىسى لەشكەرئەۋەتىپ سېرىق ئۇيغۇر رايونىنى ئىستېلا قىلىپ، ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىققىلىشقا باشلىغان. 1396 – يىلى گەرچە ئەندىڭ قورۇلى قۇرۇلۇپ بۇيان تەمۈرنىڭنەۋرىسى باشلىق بولغان بولسىمۇ، تۈرلۈك قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىئۇلار 20 نەچچە يىل كۆچۈپ يۈرۈپ 1406 – يىلىغا كەلگەندە گەنسۇ، چىڭخەي،شىنجاڭ تۇتىشىدىغان رايونغا كېلىپ توختىغان. چاقىلىق دىيارىدا موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتىئەنە شۇ شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن تاماملانغان بولسا كېرەك.1368 – يىلى يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ مىڭ سۇلالىسىقۇرۇلغان بولسىمۇ، موڭغۇللارنىڭ، جۈملىدىن چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىئۇزۇن داۋام قىلغان ھەمدە ئۇلار مۇشۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن.14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ياكى 15 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاقىلىق ناھىيىسىتەۋەسىدىكى شەھەر – بازارلار ئارقا – ئارقىدىن ۋەيران بولغان. مىلادىيە10-ئەسىرلەردە قۇتۇم >مىرەن كونا شەھىرى>، قاغانبالىق >چاقىلىق بازىرى> ۋەيران بولغان بولسا، 14 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقىيېرىمىدا شەھىرى كىتىك ۋە شەھىرى مەردەك ۋەيران بولغان. مۇسۇلمانئاھالىلەر كۆچۈپ ئاقسۇ ۋە كۇچالارغىچە كەتكەن، مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالە شەرققەكۆچۈپ دۇخان >دۇنخۇاڭ>، گەنسۇئەتراپلىرىنى يۇرت – ماكان قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى سېرىقئۇيغۇر دەپ ئاتىشىدۇ. لوپ دەپ ئاتالغان بۇ يۇرتنىڭ قايتا گۈللەنگەندەچاقىلىق دەپ ئاتالغانلىقى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، گەرچە شەھەرلەر ۋەيران بولسىمۇ، دەريا – ئېقىن،كۆللەرنى مەركەز قىلىپ بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن بىرقىسىم ئاھالە داۋاملىق تۈردە سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ئۇلار مىلادىيىنىڭبېشىدىكى يۇرتىنىڭ نامى لوپنى ھازىرغىچە ئۇنتۇماستىن ئۆزلىرىنىيۇرتىنىڭ نامى بىلەن لوپلۇق دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
يازمىنىڭ ئەسلىي مەنبەسى:غالىپ بارات ئەركنىڭ”كروراننىڭ سىرى “ناملىق كىتابىنىڭ 53-بەتتىن 113-بەتلىرى
كروران ئېلىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە
يۇقىرىدا ئىمكان باريىغىلغان ماتېرىياللار ئاساسىدا كروران ۋە چەرچەن خانىدانلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق، لېكىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر جاۋاب ئىزدىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان كروران ئېلىنىڭ پايتەختى قەيەردە؟ چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىچۇ؟ بۇ ئەللەرنىڭ تېررىتورىيىسى قايسى يەرلەرگىچە سوزۇلغان؟كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر قانداق ۋەيران بولغان؟… دېگەندەك بىر قاتارمەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەپ كۆرەيلى.
كروران ۋە چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختى ھەققىدە
كروران ئېلىنىڭ پايتەختى مەسىلىسى ئەڭ قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا پىكىر ئىختىلاپى بار بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1.ھېرمان 1910 – يىلى: چەرچەن خانلىقى قۇرۇلغاندا پايتەخت جەنۇبقا، يەنىقاغان شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن، ئۇ بۈگۈنكى چاقىلىق بازىرىدۇر، ئەينى چاغدىكى ئىشەم ھازىرقى مىرەندۇر دەپ قارايدۇ.
2. سىتەين 1921 – يىلى: پايتەخت جەنۇبقا، يەنى قاغان شەھىرىگە ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى كۆچۈرۈلگەن، قاغان شەھىرى كروران شەھىرى ئەمەس، قاغان شەھىرى ھازىرقى مىرەن، ئىشەم ھازىرقى چاقىلىق دەيدۇ.
3. ياپونىيىلىك ئالىم تېڭتەن فېڭبا: چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى ئىشەم بولۇپ، ھازىرقى چاقىلىق بازىدۇر، قاغان شەھىرى ھازىرقى مىرەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
4. ئوتانى ئەپەندى 1933 – يىلى: كروراننىڭ پايتەختى قاغان شەھىرىگەكۆچۈرۈلگەن بولۇپ ئابدال مۇشۇ شەھەر بولۇشى مۇمكىن، ئىشەم شەھىرى ھازىرقى مىرەن كونا شەھەر خارابىسى دەپ قارىغان.
5. ماتسۇدا ھىساۋ: كروراننىڭ پايتەختى قاغان شەھىرىگە مىرەن خارابىسى دەپ قارىغان كۆچۈرۈلگەن، ئىشەم ھازىرقى چاقىلىق دەپ قارىغان.
6. ك. ئېنېكو: (1964 -، 1965 -، 1966 – يىللىرى) پايتەخت قاغان شەھىرى بولۇپ، بۇ كروران خارابىسى، تاشبالىق ھازىرقى چاقىلىق بازىرى، قۇتۇم ۋە ئىشەملەر ھازىرقى مىرەن خارابىسى، ياڭىبالىق ۋاششەھىرى خارابىسى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغاقويغان. 1967 – يىلىغا كەلگەندە ئېنېكو يەنە راھىب فاشەن 400 – يىلى پايتەخت قاغان شەھىرىدىن ئۆتكەن، قاغان شەھىرى كروران شەھەر خارابىسى ئىدى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، پايتەخت كۆچۈرۈلگەن دېگەن قاراشنى رەت قىلغان.
7. ناگاساۋا1963 – يىلى: پايتەخت كروران شەھىرى بولۇپ، بۇ قاغان شەھىرىگە باراۋەر، بۇ يەنە تاشبالىق دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە كروران مۇشۇ ئەلنىڭ پايتەختى بولغان دەيدۇ. 1990 – يىلىغا كەلگەندە ئۇ، كروران شەھىرى كېيىن تاشبالىق دەپ ئاتالغان شەھەرنىڭ ئۆزى شۇ، قۇتۇم= تۇيىن = ئىشەم، شەھىرى سابىز = مىرەن دېگەن يەكۈنگە كەلگەن.
8. ئېلىمىز ئالىملىرىدىن خۇاڭ ۋېنبى، خۇشەن، لىن مېيسۈن قاتارلىقلار پايتەخت كۆچۈرۈلگەن دەپ قارىغان بولۇپ، 1948 – يىلى، خۇاڭ ۋېنبى قاغان شەھىرى تۇيىن خارابىسىنىڭ غەربىدە بولۇشى مۇمكىن ئىشەم، يەنى مىرەن خارابىسىگە كۆچۈرۈلگەن،دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان. لىن مېيسۈن قاغان شەھىرى LE خارابىسى دەپ قارىغان.
9. فېڭ چېڭجۈن( 1957 – يىلى)، مايوڭ (1979 – يىلى)، سېن جوڭميەن (1981 -يىلى) قاتارلىقلار كروران ۋە چەرچەننىڭ پايتەختى جەنۇبتا ئىدى، دەپقارىغان ھەمدە قاغان شەھىرى = ھازىرقى چاقىلىق، ئىشەم =مىرەن خارابىسى، ياڭىبالىق = ۋاششەھىرى خارابىسى دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
10. مېڭ فەنرېن(1986 -، 1990 – يىللىرى)ۋە يۈ تەيشەن (1991 – يىلى)قاتارلىقلار پايتەخت قاغان شەھىرى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدا، دەپ قارايدۇ
كروران ئېلىنىڭ پايتەختى مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، كىشىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا كروران ئېلىنىڭ پايتەختى جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن مۇنۇ ئۈچ مەسىلىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. خەننامە ۋە تارىخىي خاتىرىلەرقاتارلىق ئەسەرلەردە خاتىرىلەنگەن لوپ كۆلىگە يېقىن ئىبارىسىگە ئاساسەن، لوپ كۆلىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىشى كېرەك. ئەڭ شەرقتە، خەن سۇلالىسىگە يېقىن دېگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن غەربىي دىياردىكى ئەللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ شەرققە جايلاشقان ۋە خەن سۇلالىسىگە يېقىن جۇغراپىيىلىك ئورۇندا بولۇشى كېرەك. دۇخاندىن دۇنخۇاڭ بۈگۈرگە تۇتىشىدىغان، يەنى كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ ماڭىدىغان شىمالىي يىپەك يولىغا جايلاشقان بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، پايتەخت بولغان شەھەرنىڭ ئىسمى كروران بولۇشى كېرەك. يىل دەۋرى مەسىلىسىدە شەھەرنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك دېگەنلەردىن ئىبارەت.
مېنىڭ قارىشىمچە، كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى قەلئەسى ياكى ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا بولۇشى كېرەك. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى كروران ئېلى پارچىلانغاندا چەرچەن خانلىقى ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، كروران خانلىقى تاكى 2 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى چەرچەن خانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانغا قەدەر كروراننى پايتەخت قىلغان، چەرچەن خانلىقى كروران خانلىقىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغاندىن كېيىن پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىگەن. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى بىرقانچە پاكىتلار ئىسپات بولالايدۇ:
بىرىنچى، ئۇششاق تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ كروران ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايوننىڭ بىر قىسمى بولغان، ھازىرچە بۇ شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، مۇشۇنداق بىر شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى پەرەزقىلىمىز، چۈنكى تارىخىي خاتىرىلەر دىكى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ باياندا، كروران شەھىرى بىلەن قۇسنىڭ لوپ كۆلىگە يېقىن ئىكەنلىكى كروران شەھىرىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى، يەنىبىز ھازىر كروران شەھىرى خارابىسى دەپ قاراۋاتقان خارابىلىكلەرنىڭ كروران شەھىرى خارابىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز مىلادىيىدىن بۇرۇنلامەۋجۇت ئىدى دەپ قاراۋاتقان كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بۇرۇندىنلا كروران دەپ ئاتالغانلىقىنى مۇشۇ شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان خەنزۇچە ۋە قارۇشتىچە پۈتۈكلەرمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، خان ئۇتۇش خانلىق تەختكە چىققىنىدا كروران خانى ئامگوكانىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ خەن سۇلالىسىدىن ئۆزھىماتىغا ئېلىپ مۇھاپىزەت قىلىشىنى، ئىشەم يەنى ھازىرقى مىرەن ئەتراپلىرىدا ئەسكەرتۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. ناۋادا پايتەخت داۋاملىق كروراندا، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلار مىرەندە بولسا، بۇ ئىككى جاينىڭ تۈز سىزىقلىق ئارىلىقىمۇ 200كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنداقتا خاننى قوغداش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەزى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن ھازىرقى چاقىلىق بوستانلىقىغا جايلاشقان قاغان شەھىرىنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ ئۈچ ئەسىرگە يېقىن پايتەختى بولغان دەپ قارايمىز. خەننامە دە شۇ ۋاقىتتىكى غەربىي دىيار ھەققىدە مول بايانلار بار بولۇپ، تەپسىلاتلىرى ھازىرقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ماس كېلىدۇ، خانلىق نوپۇس مەلۇماتلىرىدىن تارتىپ خاتىرىلەنگەنلىكى، مۇشۇ ۋاقىتلاردا خەن سۇلالىسىنىڭ چەرچەن خانلىقىنى تىكلەشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشلىرىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ دېيەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن مىلادىيە 3 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. چەرچەن خانلىقىقۇرۇلغاندىن كېيىن خەنزۇچە مەنبەلەردە كروران ئېلىنىڭ نامى زىكرى قىلىنماستىن كروران شەھىرىلا تىلغان ئېلىنغان بولسىمۇ، چەرچەن نامىنى چۈشەندۈرۈشتە ئەسلىدىكى كروراندۇر دەپ ئىزاھات بېرىلىشى شەكسىزكى چەرچەن خانلىقىنىڭ نامىنىڭ كروراننىڭ نام- شۆھرىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كروراننىڭ ئۇلۇغ نام – شۆھرىتى ئاخىرقى ھېسابتا چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىشىگە سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى دا يېزىلغىنىدەك، چەرچەن خانلىقى كۈچىيىپ نۇرغۇن ئەللەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغان. خەننامە دە ئۇنىڭ … ئەندىر،نىيا، يول ئارىش بەگلىكى، سارمادانلار چەرچەن بەگلىكى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى دېيىلگەن بولسا، ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى نىڭ 30 – جىلدىدا جەنۇبىي يولدىكى سارمادان ئېلى، ئەندىر ئېلى، (چادوتا )نىيا ئېلى، كروران ئېلى قاتارلىقلارنى چەرچەن ئېلى ئۆز ئىدارىسىگە ئالغان دەپ يېزىلغان، مانا مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بىزكروران ئېلىنى مىلادىيە 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن چەرچەن ھاكىمىيىتىگە قارىغان دەپ ئېيتالايمىز.
ئۇنداقتا نېمەئۈچۈن پايتەخت كروران شەھىرىگە يۆتكەلگەن؟ ئەينى ۋاقىتتىكى چەرچەن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە كروران شەھىرىنىڭ پايتەخت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلار بار. بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنى تەرجىمە قىلىشتا بەزى پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاش بىلەن بىرگە، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە پارچە پۈتۈكتە كروراننىڭ پايتەخت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى غەربىي دىيار تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ 1992 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلنغان ،ئۇ بۇماقالىسىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى قىرغىقىنىڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى بولۇپ، ئۇقارۇشتى پۈتۈكىدىكى mahatma nagara krorayina دېگەن ئىبارىنىڭ ئۇلۇغ پايتەخت كروران دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، KH.678 نومۇرلۇق پۈتۈكتىمۇ كروران پايتەخت دېگەن .ئۇ يەنە گەرچە كروران دېگەن نام ئەسلىي تېكىستتە بولسىمۇ،ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغاندا تەرجىمە قىلىنمىغان دەيدۇ. قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە ئالتە يەردە ئۇلۇغ ئاستانە نامى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بەشىدە ئوردا نامى بىلەن قوشۇپ ئېلىنغان بولسا، بىرىدە ئۇلۇغ ئاستانە نامى بىلەن كروران نامى ئۇلاپ يېزىلغان.قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە kroraimna, kroraiyina ناملىرى 370-، 670 -، 678 -، 706 -، 383 -،696 – نومۇرلۇق پۈتۈكلەردە كۆرۈلگەن بولۇپ، ھەممىسىدە كروران شەھىرىنى كۆرسەتكەن،ئەمما ھېچ يېرىدە ئايماق مەنىسىدىكى raya قوللىنىلمىغان. raya نىڭ مەمۇرىي باشلىقى Cojhbo مۇ قوللىنىلمىغان. يەنەبىر قارۇشتىچە پۈتۈكنى مىسال قىلىدىغان بولساق، kamjakara kroraimnammi caraka ni gotha edagamaya maharaya دېگەن بۇ جۈملە ئالىيلىرى ئۇلۇغ خاقان كروراندا… دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇشۇ پۈتۈكتىمۇ يۇقىرىقى ئۈچ سۆز باغلىنىپ كەلگەن. پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئاخىرىدا بۇئىككى قارۇشتى پۈتۈكىنىڭ دەۋرىدە چەرچەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرىدۇر.ئەمما پۈتكۈل قارۇشتى يېزىقلىرى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چەرچەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. 400 – يىلى فاشەن غەربكە نوم ئالغىلى ماڭغاندا ئۆتكەن ئوتتۇرا يولنىڭ چەرچەن ئېلىدىن ئارسى ھازىرقى قارا شەھەرئېلى بۆلىكىدە چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختى ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخىدا يېزىلغان قەدىمكى كروران بىلەن يۇقىرىقى ئىككى قارۇشتىچە پۈتۈكتىكى ئۇلۇغ ئاستانە كروران ئۆزئارا ئىسپاتلىنىدۇ، دەپ يازىدۇ.ئالىم ئاخىرقى ھېسابتا مىلادىيە 400 – يىلى چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرىدە ئىدى، راھىب فاشەن مۇشۇ شەھەردىن ئۆتكەن، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇنداق بولغاندا، كروران شەھىرىنىڭ 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرلىرى ۋەيران بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايرىم مۇھاكىمە تېمىمىز بولغىنى ئۈچۈن ھازىرچە پايتەخت مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز يۇقىرىقى مۇھاكىمىلىرىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىدىغان بولساق، كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى بولۇپ، تاكى 3 – ئەسىرلەرگىچە شۇنداق بولغان، چەرچەن خانلىقى قۇرۇلغاندا،ئۇ ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، 3 -ئەسىردە بۇ خانلىق كروران خانلىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندە پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىگەن. بۇ خانلىق پايتەختنى كرورانغا يۆتكەپ تاكى 5 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆز سەلتەنەتىنى سۈرگەن بولسىمۇ، 5- ئەسىرگە كەلگەندە ئىلگىرى – كېيىن قۇتقۇ ئەنجۇ، تۇيغۇن، دىڭلىڭلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلى ۋەيران بولۇپ يىمىرىلگەن، خانلىق سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە پايتەختىنى قاغان شەھىرىگە قايتىدىن يۆتكىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىزھازىر كروران شەھىرى دەپ قاراۋاتقانلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلىكلەردىن تېپىلغان يازما پۈتۈكلەردىن مۇشۇ تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان يازمىلار ئىچىدە خەنزۇچە楼兰 دېگەن جاي ناملىرى بارلىرىدىن17 سى، قارۇشتىچە پۈتۈكلەردە kroraina دېگەن نام بارىدىن ئالتىسى تېپىلغان .قارۇشتى يېزىقىدىكى كروران نامى بار پۈتۈكلەردىن ئىككىسى LA خارابىسىدىن، بىرى LB خارابىسىدىن تېپىلغان.بۇلاردىن kh.706, kh.678, kh.696 لار ئەڭ مۇھىم بولۇپ، مۇشۇ ئۈچ ۋەسىقە LA خارابىسىنىڭ كروران شەھىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خەنزۇچە پۈتۈكلەردىن LA خارابىسىدىن 楼兰 جاي نامى بار پۈتۈكتىن جەمئىي 17 سى تېپىلغان. مانا بۇلار بىر جاي نامىنىڭ ئىككى خىل يېزىقتىكى خاتىرىسى بولۇپ، بۇلار LA خارابىسىنىڭ كروران شەھىرى قەلئەسى ئىكەنلىكىنى، يەرلىك خەلقنىڭ يۇرتىنى كروران دەپ ئاتىغانلىقىنى،خەنزۇچە مەنبەلەردە تەلەپپۇزى بىلەن 楼兰 دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئالىملار 1901 -يىلىدىن بۇيان مۇشۇ خارابىنىڭ كروران دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان، بۇنى ئاغدۇرىۋەتكۈدەك پاكىت ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى تېخىچە بايقالمىغان، ئەمما كروران بولۇشى ئېھتىمال بولغان شەھەر خارابىسىنىڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندىنىڭ كروراننىڭ پايتەختىنى ئېنىقلاشتا ئوتتۇرىغا قويغان فورمۇلىسى مۇۋاپىق بولۇپ، بۇنىڭغا بىردىنبىر توغرا كېلىدىغىنى كروران شەھىرى خارابىسى، يەنى شەرتلىك بەلگە بىلەن كۆرسەتكەندە LA خارابىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى تارىخىي خاتىرىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، جۈملىدىن لوپ كۆلى بويىغا جايلاشقان بولۇش،يىپەك يولىنىڭ شىمالىي تارمىقىغا جايلاشقان بولۇش مەسىلىلىرىگە بىردىنبىر ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەردۇر، باشقا شەھەر خارابىلىرىدىن بەزىلىرى بۇ مەسىلىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، يەنىلا بەزىبىر مەسىلىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشلار كروراننىڭ پايتەخت بولغانلىقى مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسىي تۇتقىسى بولۇپ قالغان، بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇ شەھەرمىلادىيىنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان، تېپىلغان يادىكارلىقلار مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭدا بىرقانچە مەسىلىلەر بار. بىرىنچى، بۇ ئەتراپتا ئېلىپب ېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر يېتەرلىك ئەمەس، تەكشۈرۈش پەقەت خارابىلەرنى ئىزدەش، رەتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. 1901 – يىلىدىن ھازىرغىچە لوپ كۆلى رايونى ئاران بىر ئايلا تەكشۈرۈلگەن. ئىككىنچى، شەرىقى شىمال بورىنى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن تارىخىي ئىزلار يوقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى تېخىمۇكونكرېت قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئېكولوگىيە ۋە خارابىلەرنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، LA شەھىرىدە ساقلىنىپ، قۇرۇلۇشلار ھەم ئۇ يەردىن تېپىلغان پۈتۈكلەر ئاساسلىقى ۋېي، جىن، ئالدىنقى لياڭنىڭ غەربىي دىيارقورۇقچى بەگ مەھكىمىسى دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كېيىنكى بىر دەۋر يالدامىلىرىنىڭ ساقلىنىشىدۇر. خەن دەۋرىدىن ۋېي، جىن دەۋرلىرىگىچە تۆت – بەش يۈزيىل ئۆتكەن بولىدۇ. بۇرۇنقى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئورنىنى يېڭى قۇرۇلۇشلار ئالىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كونا قۇرۇلۇشلار ئازلاپ بارىدۇ، يەنە كۈچلۈك شەرقى شىمال بورىنىنىڭ شەھەردىكى تۇپراقنى ئۇچۇرتۇشىدىن شەكىللەنگەن ئورەكلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇربولغانلىرى 6.08 مېتىر، ئەڭ تېيىزلىرى 7.3 مېتىر، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21.5 مېتىربولغان بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.3 سانتىمېتىر تۇپراقنى ئۇچۇرتۇپكەتكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى LA شەھىرىدىكى ئۆي، دەل – دەرەخنىڭ تۇپراقنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەڭ كىچىك قىلىپ %10 بويىچە ھېسابلىساق، 2000 يىلدا ئالتە مېتىرتۇپراق خورىغان بولىدۇ. سىتەين شامالنىڭ LE شەھىرىدىكى تۇپراقنى يالاپ 20 ئىنگلىز چىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى يازغان، ئۇ يەنە ۋاششەھىرى خارابىسىنى كۆرگىنىدە، خارابىلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى پەقەت يۇلغۇن دۆۋىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى، يۇلغۇن دۆۋىسىنىڭ خارابە ئىزىنى شامالدىن ساقلاپ قالغانلىقىنى يازغان، مانا بۇلاردىن قارىغاندا، سىتەيىن شامالنىڭ كونا شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ تۈگەتكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن (غەربىي دىيارئارخېئولوگىيىسىدىن خاتىرىلەر 109 – بەت). بۇ ھەقتە چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسىدە،لوپ كۆلى رايونىدا شامال يالاپ كەتكەن يارداڭلىقلاردىن باشقا، كۆل،سازلىقلار ۋە نەم جايلاردىن ئەسەرمۇ قالمىدى، شالاڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئارقا -ئارقىدىن قۇرۇپ كەتتى، ئۇ يەردە كۆز يەتمەس شورلۇق مەنزىرە بارلىققا كەلدى، لوپ كۆلى رايونى — شامال كۆپ چىقىدىغان رايون. 1960 – يىلىدىن 1970 – يىللىرىغىچە لوپ كۆلىدە سۈرئىتى 10m/s لۇق شامال يىلدا 150 كۈن، سۈرئىتى14m/s تىن يۇقىرى بولغان شامال80 كۈن چىقىدىغان بولغان، شامال سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا 30m/s تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇرايوندا يەرلەرنى شامال يالاپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان، 1919 – يىلىدىن 1959 -يىلىغىچە بولغان 40 يىلدا بۇ رايوندا يەرلەرنىڭ شامالدا يالىنىش چوڭقۇرلۇقى 3.5مېتىرغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25.13 سانتىمېتىردىن توغراكېلىدۇ… لوپ كۆلىنىڭ شەرق، غەرب، شىمال تەرەپلىرىدە شامالدا يىمىرىلگەن كەڭ كۆلەملىك يارداڭلىقلار شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە لوپ كۆلىنىڭ شەرقىدىكى يارداڭلىق ئەڭ تىپىك. بۇ يىمىرىلگەن يەرنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 100كىلومېتىر… لوپ كۆلىنىڭ شىمالىدىكى شامالدا يىمىرىلگەن توپا دۆڭلىرىدە يەنە بىرخىل ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل بولغان، يىمىرىلگەن بۇ يەرنىڭ كۆلىمى 2600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ شامالنىڭ تەسىرىدە شەكىللىنىپ قالغان ئېگىزتۆپىلىكنىڭ ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن 20 مېتىرغىچە كېلىدۇ. لوپ كۆلى رايونىدا قاتتىق بوران چىقىپ تۇرغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەممىلا يەردە قاتار- قاتار تۆپىلىكلەر ۋە جىرالار پەيدا بولغان دېيىلگەن. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 2003 – يىل 20 – نويابىر ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان لوپنۇردا ھەر يىلى 200 مىليون توننا قۇمنى بوران ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ.”لوپنۇر رايونىنى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇم – بوران مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ” ناملىق ماقالىدە يېزىلىشىچە ، لوپنۇر رايونىدا ھەريىلى 200 مىليون توننا قۇمنى بوران ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ. بۇ، جۇڭگو پەنلەرئاكادېمىيىسى لوپنۇرنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىندا لوپنۇردىكى يارداڭ يەرشەكلىنى ئۇنىۋېرسال گېئولوگىيىلىك تەكشۈرگەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەر بويىچە ھېسابلاپ چىققان نەتىجە … لوپنۇرنىڭ باشقا جايلىرىدا، ئالىملار ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى شامال يالاش ھادىسىسىنىمۇ بايقىغان. غەربىي قىسمىدا قاتتىق شامالنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ئازگال ۋە قىرلىق دۆڭلەر شەكىللەنگەن.ئالىملار مۇنداق دېگەن: بۇ رايوندا شامالنىڭ يالاش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدىغان بولسا، مەملىكەت بويىچە قۇمبورانلىق ھاۋارايى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. لوپنۇر رايونى غەرب شامىلى كونۋېكسىيە بەلۋېغىغا جايلاشقان. بۇ رايوندا چىققان قۇم -بوران ئاتموسفېرا كونۋېكسىيىسىگە ئەگىشىپ شەرقتىكى رايونلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇم – بوران مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.شامالنىڭ تۇپراقنى مانا مۇشۇنداق زور دەرىجىدە يالىشى تۈپەيلىدىن ۋېي، جىن دەۋرلىرىدىن بۇرۇنقى ئىزلارنىڭ يىل دەۋرىنى ئېنىقلاش قىيىنلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىزلارنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىشتە شەھەر سېپىلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەل قىلغۇچ يىل دەۋرى بولۇپ قالغان. 1980 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇنداقتا بۇرۇنقى سېپىل قايتا قۇرۇلماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ( خۇاڭ شېڭجاڭ: كروراننىڭ پايتەختلىكمۇنازىرىسىنىڭ قىيىن نۇقتىلىرى ۋە LA شەھىرىنىڭ غەربىي خەن دەۋرىدىكى كروران شەھىرى ھەققىدىكى يېڭى ئىسپات، خەنزۇچە، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلى، 2000 -يىللىق 1 – ۋە 2 – سانىغا قاراڭ).
ئارخېئولوگلار يەنە كروران شەھىرى خارابىسىدىكى شەھەرسېپىلى قۇرۇلۇشىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئوخشىشىدىغانلىقىن ىبايقىغان. مانا بۇلاردىن قارىغاندا سەددىچىن بىلەن كروران شەھىرىنىڭ قەلئەسىنىڭ ئوخشاش دەۋرلەردە قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە يەنەبىر مەسىلىنى قوشۇمچە قىلىش زۆرۈركى، شەھەر شەكسىزكى شەھەر سېپىلى قۇرۇلۇشتىن بالدۇر قۇرۇلغان بولىدۇ. شەھەر سېپىلى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قۇرغان قۇرۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا مۇنداق ئىككى يەكۈن چىقىدۇ، بۇنىڭ بىرى، كروران شەھىرىنىڭ دەۋرى كروران قەلئەسىدىن بۇرۇن بولۇپ، شەھەرنىڭ مەلۇم كۆلەمگە ئېرىشىشى بىلەن ئاندىن بۇ شەھەرسېپىلى بارلىققا كەلگەن، ھۆكۈمران سىنىپ ئۆزىنىڭ مال – مۈلۈك ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سېپىل قۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئىھاتىلىگەن. ئىككىنچى بىر مەسىلە، كروران شەھەر سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇشى كروران ئېلىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن بولغان بولىدۇ. پاكىتلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 – يىلىدىن بۇرۇن كروران ئېلىنىڭ ۋە كروران شەھىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىز كروران شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىشى ۋە شامالنىڭ تۇپراقنى ئۇچۇرتۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كروران شەھىرىنىڭ ۋەيران بولغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، كروران شەھىرىنىڭ ۋە كروران ئېلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 -، 4 -ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. كروران شەھىرىنىڭ كۆلىمى مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە سېپىلنىڭ كۆلىمى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن، بۇ تولىمۇ بىتەرەپلىمە قاراش بولۇپ، شەھەر كۆلىمى كەم دېگەندىمۇ 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىرقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان ئىزلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەرىتىدىن بىز بۇلارنىڭ باغلىنىشىنى، جۈملىدىن تۇتاش كەتكەن شەھەر- بوستانلىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى LE شەھىرىنىڭ تۆت تەرىپىنى سۇ ئوراپ تۇرىدۇ، يەنە سۈنئىي قانال ئارقىلىق LA شەھىرىگە تۇتىشىدۇ، LE شەھىرى غەربىي دىيار دورغاپى باشقۇرۇشىدىكى تېرىقچىلىق ئورنى بولۇپ، سىياسىي – ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن LA شەھىرىنىڭ قارىمىقى بولۇپلا قالماستىن، شەھەرلىك فۇنكسىيىسى جەھەتتىنمۇ LA شەھىرىگە بويسۇنىدۇ، LA شەھىرىگە تۇتاشقان قانال بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. LA شەھىرى دەريا بوغۇزىدىكى ئۈچ بۇرجەك رايونغا جايلاشقان بولۇپ،قەدىمكى كروران بوستانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ، تەبىئىي شارائىتى ئەڭ ئەۋزەل شەھەردۇر،شۇڭا سىتەيىن بۇ شەھەرگە LA نى شەرتلىك بەلگە قىلغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلەر LA شەھىرىگە تەۋە بولغان.سىتەيىن بۇ خارابىلەرنى جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، جەنۇبىي گۇرۇپپا LJ دىن باشلاپ غەربكە LF, LE, LL,LS, LT قاتارلىقلار بار. قانالLA ئۈچۈن خىزمەت قىلغان،مۇشۇ ئېھتىياج بىلەن قېزىلغان .(خۇاڭ شېڭجاڭ: كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى ۋە LE شەھىرى مەسىلىسى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1996 – يىللىق 8 – سان، 70 – بەت)دېيىلگەن. مانا مۇشۇلاردىن كروران شەھىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى، شۇنچىلىك چوڭ كۆلەمدىكى شەھەرنى پايتەخت قىلغان كروران دۆلىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىيات ۋە تارىخىي باسقۇچلارنى باشتىنكەچۈرگەنلىكىنى ئىلمىي پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: غالىب بارات ئەركنىڭ “كروراننىڭ سىرى”ناملىق كىتابىنىڭ 119-بېتىدىن 132-بېتىگىچە
مەنبە: http://www.uyghurmail.com/Diyarimiz/archives/2279

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 11:15:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەخمەت ! قۇلڭىزىغا دەرت بەرمسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش