مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 383|ئىنكاس: 6

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئانا تىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:02:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئانا تىل


تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئانا تىل.
تەسەۋۋۇرۇم سەندىن چاپار ئانا تىل،

قانات قېقىپ تەسەۋۋۇرۇم سەن بىلەن،
ھەق نۇرىدا ھىكمەت تاپار ئانا تىل.

مىڭ يىل بۇرۇن شاھ ئەسەرلەر يېزىلغاچ،
ئىتىقادىم ساڭا ئاشار ئانا تىل.

خاقانىيە تىلى دىيلىپ قۇياشتەك،
مىڭ يىل بۇرۇن بەرگەن باھار ئانا تىل.

بۇرۇن ئەرەپ تىل بىلەن تەڭ چاپقىنىڭ،
ۋۇجۇدۇمغا غۇرۇر قاتار ئانا تىل.

كىرگەچ ئەمدى كومپىيوتېر بېشىغا،
خىسلىتىڭ تېخىمۇ چاقنار ئانا تىل.

خۇشخەت بىلەن جۇلالىساڭ ئىلاندا،
گۈزەللىكىڭ قايناپ تاشار ئانا تىل.

سىنى كۆرسەم تىنىم يايراپ شادلىنىپ،
سەنسىز دائىم ئىشىم ئاقسار ئانا تىل.

يۇمشاق تىللار پادىشاھى ئاجايىپ،
ھەرقانداق سۆز راۋان ئاقار ئانا تىل.

بىر قىسىم تىللاردەك ئەمەستۇر گاچا،
خەنزۇنى "خەنزۇ " دەپ ماڭار ئانا تىل.

خەنزۇلار ئۇيغۇرنى "ۋېيۋۇرى "دەيدۇ،
ھەر سۆزنى توغرا ئاتار ئانا تىل.

يېقىندا ''ئەڭ گۈزەل يېزىق" دىيىلدىڭ،
ھۆرمىتىم، ساڭا بەك ياغار ئانا تىل.

       2014-2
مەنبە:  ئۆزۈم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 10:42 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:07:10 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىزنىڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ چەتكە قېقىلىشتىن قۇتۇلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 11:50:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا !!!!   ئانا تىل كۈنىگە ئاتاپ يازغان  شىئىرىڭىزدىن ھەقىقەتەن سۈيۈندۈم ،،،،،ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن قېرىندىشىم ....!!



   ئانا تىلىمىزنى بىرلىكتە قوغدايلى !!!

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .

ھەسەن-ھۈسەن ياش تۆكتى.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95907
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 01:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم،سۆيىمەن سېنى....

ئاغرىدى بۇ يۈرەك دەرتلەرگە تولۇپ،
بىلمىدىم،نە قىلاي زەيپان قەلىبنى.
ھىجران مېنىڭ ئەڭ سىرداش دوستۇم،
ئۆزۈم  بىر تىرىك جەسەتلا بولۇپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 08:23:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم تىللاردەك ئەمەستۇر گاچا،
خەنزۇنى "خەنزۇ " دەپ ماڭار ئانا تىل.

خەنزۇلار ئۇيغۇرنى "ۋېيۋۇرى "دەيدۇ،
ھەر سۆزنى توغرا ئاتار ئانا تىل.

يېقىندا ''ئەڭ گۈزەل يېزىق" دىيىلدىڭ،
ھۆرمىتىم، ساڭا بەك ياغار ئانا تىل.

بۇ مىسرالار شېئىرنىڭ لىباسىنى سالدۇرۇپ تاشلاپتۇ،ئەمما تىل ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر تەپەككۇرىڭىزغا قايىل بولدۇم....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:59:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 08:23 PM
بىر قىسىم تىللاردەك ئەمەستۇر گاچا،
خەنزۇنى "خەنزۇ " دە ...

كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!  سىز شىئېرنىڭ قايسى جەھەتتىكى لىباسىنى دەيسىز?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 12:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 10:59 PM
كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!  سىز شىئېرنىڭ قايسى جەھ ...

شېئىرنىڭ مەنىۋى لىباسى،شائىرنىڭ خاھىش قىياسىنى دىمەكچى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش