مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 21

نەزىر چىراق بىزنىڭ ئارقا ھويلىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق بولغاندەك ئارقا ھويلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئورۇن .بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىخانلىرىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن ھىس قىلىمىز . قارىماققا چېچىلاڭغۇ ، رەتسىز لەڭگە لاۋالار بىلەن تولغاندەك تۇرىدىغان ئارقا ھويلىنىڭ دىخانلىرىمىز ئۇچۇن كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئورون ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز . ئارقا ھويلىدا ئورا ،ئېغىل ،  ، ئوتۇن ئۇۋاق ، سامان ئوت چۆپ   قاتارلىق ھاياتلىققا ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىلەر جايلىشىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا قازناق ئۆي قاتارلىق ئاشلىق ۋە باشقا مىۋە چىۋە ساقلايدىغان ئۆيلەرنىمۇ ئارقا ھويلىغا نسىبەت بىرىش مۇمكىن .ئۇيغۇر دىخانلىرىنى بۇلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ئەمىليەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس . دىمەك ئۇيغۇرنىڭ ماددى ھاياتىدا ئارقا ھويلا ئەنە شۇنداق مۇھىم .

2. ئۇنداقتا مەنىۋى ھاياتتىكى ئارقا ھويلىمىزچۇ ؟ بۇ ئارقا ھويلىمىز زادى قانداق ئىلمىنىتلاردىن تەشكىل تاپقان . مەن نەزىر چىراقنى  مەنىۋى ھاياتىمىزدىكى ئارقا ھويلىمىزغا ئوخشىتىمەن . ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرلۇك تۇمەن نەزىر چىراقلار ئۇيغۇلارنىڭ قېتىغىنى ئۇيتىدىغان كۆنەلگۈ، نەق بىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىمىزدىكى ئارقاھويلىمىز . ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلىپ تۇرغان مۇھىم بىر ئالاھىدە ئامىللاردىن بىرى .

3.جاھان ئەھلى ئارقا ھويلىسنى ئىنتايىن پۇختا ساقلايدىكەن . ئارقا ھويلىغا ئوت  قويىدىغان ، ئارقا ھويلىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قەتئى ياخشى ئىشلاردىن سانىماپتۇ . كۆرۇڭكى ئەرەپلەر ئالتە يۇز يىللىق ئوسمان تۇرۇكلىرىنىڭ ئارقا ھويلىسغا ئوت قويۇپ ھازىرغىچە خوشاللىقتىن خاتىرجەملىكتىن تولۇق نىسىۋە ئالالماي يۇرۇپتۇ .

4.ئەمدى شەھرى قومۇلدا ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغان بەش يۇز يىلدىن بۇيان ،مەيلى ۋاڭ بەگلەر بولسۇن مەيلى ئاۋام پۇقرا بولسۇن ، مەيلى ئاخۇنلۇغۇم باشلىق جامائەت بولسۇن  نەزىر نۇسرەت ئىشلىرىنى ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا (ئاتا ئانام پىدا بولسۇن يا رەسۇلىللا) بېغىشلانغان مەۋلۇت سورۇنلىرىنى ناھايىتى مۇھىم بىلىپ ئەل ئارىسدا مۆتىۋەر قىلىپتۇر . توي تۆكۇن نەزىر چىراقلاربىلەن  ئىنسانچىلىقنى ، ئەقىدىنى ، ھۆرمەتنى ، ئەھدىنى  غورۇرنى ساقلاپتۇ  .  ۋە بۇ قەدەر گۇزەل شەۋكەتلەر بىلەن پاختا ئىچىدىكى ئوتتەك ئىمان زەنجىرىنى بىزگە ئۇلاپتۇ .

5.ئەي بۇرادەرلەر  نەزىر چىراقنى قىپ تۇرايلى مەۋلۇتنى ئوقۇپ تۇرايلى ، تېخىمۇ كۆپ سەبى باللىرىمىز ئۇيغۇرچە تۇيغۇغا چۆمۇلۇپ چوڭ بولسۇن . قۇيرۇغىمىزنى قۇملار باسمىسىۇن ، دوسلارنى يىغىلىتىپ ،شەيتاننىڭ تۇگمىنىگە سۇلار قۇيىدىغان ئىشلارنى قىپ يۇرمەيلى !

6.ئەينى چاغلاردا مەرھۇم ئابلېىز دامۇللامنىڭ جامائەتكە ئەگىشىش جامائەت بىلەن بىللە بولۇش ھەقىدىكى نەسىھەتلىرىنى تەكرار تەكرار ئاڭلىغاندۇرمىز.


ئاخىرىدا بۇ چۇۋالچاق يازمامنى ئۆتكۇر ئەپەندىمنىڭ مونۇ ئىسىمدە قالغان ئىككى مىسراسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن ،
  



                                                    مەن ئېيتۇرمەن بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن
                                                    مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 09:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز .مانا نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يەكەندىن بىر نەچچە قېرىندىشىمىز كەلگەن ئۇلارنىڭ دىيىشىچە قەشقەر  .....قاتارلىق يۇرتلاردا مەۋلۇت ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن . بىزنىڭ يۇرتتا ئۆتكۈزۈلگەن مەۋلۇتنى بىرى ئاۋازغا ئېلىۋاپتىكەن ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى .بىزدىن ئۆتۈنۈپ كۆپەيتىپ بېرىشىمىزنى سورىدى ۋە خۇدا خالىسا كىلەريىلى  تالىپلىرىغا  ئۆگۈتۈپ  كەڭ كۈلەملىك ئۆتكۈزۈشنى باشلايدىكەن .ئاللاھ ئۇلارنى نىشانىغا يەتكۈزگەي .ئامىن

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:58:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ يىلدا بىر ( ئەڭ ئاز بۇلغاندا)  مەۋلۇت ئۇقۇتىمىز ، ھەر ئۇقۇغاندا يىغلاپ  كىتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1408
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 10:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
                    بۇل بۇل ئىيتۇر گۇلزارىمدىن ئايرىما ،
                    لاچىن ئىيتۇر قاناتىمنى قايرىما .
                    مەن ئىيتۇرمەن بىلىق سۇ سىز نە قىلسۇن ،
                    مىنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما .

                                                      ( ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر )
   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4669
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3968 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 10:46:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەۋلۇت دىگەن نىمە نەزىرچۇ؟  قۇرۇق گەپنى ئازراق قىللى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:33:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.نەزىرنى سىز بەرسىڭىز مەيلى ، مەن بەرمەيمەن .
2. مەۋلۇتنى سىز ئوقۇسىڭىز مەيلى ، مەن ئوقۇمايمەن .
3.ئۇنىڭسىزمۇ پەرزەنتىمنى ئۇيغۇرچە تۇيغۇغا چۆمدۈرۈپ چوڭ قىلىۋاتىمەن .
4.......
5......

سىزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىڭىز .

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6744 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:00:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەزىر دىگەن ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ  لۇغەت مەنىسى ۋەدە قىلماق،ئەھدە قىلماق دىگەن
مەنادا.  بىزدىكى مەنىسى بولسا ئىنسان ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن شۇ ئۇلۇپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن قازان ئېسىش،ياغ پۇرتۇش،يەتتىسى،يىگىرمىسى،قىرىقى،يىلى دىگەندەك مەنالار ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.

يۇقۇردىكى نەزىر بولسا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۇرۇنقى ئۇممەتلىرى ۋە مۇشۇ شىنجاڭ دىيارىدىن باشقا يەرلەردىكى ئۇممەتلەر قەتئىي قىلمىغان ئىشتۇر.

رەسۇلۇللە زامانىسىدا بىرەر كىشى ئۇلۇپ كەتسە جىنازا نامىزىنى ئۇقۇيتتى. ھازىرقىدەك قەۋرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇش جىنازا نامىزىغا قاتناشقانلارغا پۇل بىرىش يوق ئىش ئىدى. بۇ كىيىنكىلەردىن قالغان بىدئەت ئىشتۇر .

رەسۇلۇللە <ھەرقانداق يىڭى پەيدا بولغان ئىش بىدئەتتۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق،ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دەۋزەختە>دىگەن
بىدئەت پەقەت ئىبادەتتىلا بۇلىدۇ. ئىبادەت دىگەن بىز ساۋاپ بۇلىدۇ دەپ قارىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆلگەنلەرگە نەزىر قىلىشتىن مەقسەت ئۇلارغا پايدا يەتكۇزۇش.شۇنداق بولغانىكەن. توغرا يوللار بىلەن رەسۇلۇللە كۆرسەتكەن يوللار بىلەن ئىش قىلساق مىيىتكە پايدىسى يىتىدۇ.
توغرىسىنى بىلگۈچى اللە...




سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:46:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنەشۇ نەزىرە ، ھەممە گەپنى پەيغەمبىرمىز ئالىملا ئىچىق دەپ بولغان يەنە تالشىپ ئولتۇرۇشنىڭ نىم ھاجىتى ، يەنە جەڭگە- جىدەل چىقدۇ شۇ ،
http://v.youku.com/v_show/id_XMzQ3NjYyMzA4.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مسكىنÍÍ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 02:06 AM  


اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95520
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:15:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئوزىنى ئاللانىڭ ئەڭ يىققىن بەندىسى سانىۋالغان ،تالىبانلار ،ۋە شۇنىڭ ۋاھابى پۇشتىللىرى ،ئوزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانچىلىك توغرىلىقىنى بىلەمدىغاندۇ .. ئەگەر توغرا بولسا ،بۇ ئاشقۇن .مۇناپىقلارنى ،ئاللا مۇشۇ دۇنيادا شۇنداق خار قىلارمىدى .دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە قارىسا مۇشۇ ئاشقۇنلار  خار ،نىمىشقا ئوزىگە سۇئال قويۇپ بەاقمايدىغاندۇ ،بىزنىڭ ماڭغان يۇلىمىز توغرا بولغان بولسا ئاللا بىزنى پۇتۇن دۇنيا خەلقىغە .ئوچ قىلماس بولغىيتى دەپ ؟ھەممە ئىشنى پەيغەمبەر زامانىسىغا يۇلەپ سوزلەيدىغان مۇشۇ مۇناپىقلاردىن ھەجەپ تويدۇم ،جاھاننى ئاستىن ئۇستۇن قىلىۋەتتى بۇ ئاشقۇنلار ،، قۇرئان ئوقۇش ئۇلۇغ ئىش ..مەۋلۇت پەيغەم بىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ۋەسسەللەمگە ئوقۇلغان مەرسىيە . نەزىر قەۋىمنى ئوملۇككە چاقىرىدىغان ئۇيۇشتۇرىدىغان ، يىغىلىش . مىللەتنىڭ ،ئەنئەنىسى .ئورۇپ ئادىتى .تىلىڭ يۇقالسا ، ئورۇپ ئادىتىڭ يۇقالسا ،سەن نىمە بولماقچى بۇ دۇنيادا ،، بۇ ئەلدە ، تىلىڭنى ،دىنىڭنى ،ئورۇپ ئادىتىڭنى . ساقلا ،، سەن بىشىڭنى تاشقا ئۇرساڭمۇ سىنى ئەرەپ ئىتراپ قىلمايدۇ ..سەن يەنىلا ئۇيغۇرسەن .نەزىر چىراق ، قۇرئان ئئوقۇشنى قەتتى داۋاملاشتۇرۇش كىرەك .  ئىتلار قاۋاپ قىلىۋىرىدۇ كارۋان يۇلىنى راۋان قىلىۋىرىدۇ ... مۇناپىق ئىتلار بىلەن تەڭ بولمايلى .. ئورۇپ ئادىتىمىزنى قوغدايلى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:33:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆرپ ئادەت مىللەتنىڭ قاشقىسى،ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ساقلاش،بىدئەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش زۆرۈر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش