كۆپچىلىك ئېتىقاد ۋەمۇھەببەتنىڭ بىر ئادەمگە، بولۇپمۇ ئادەمنىڭ قەلب ساغلاملىقى، بىر ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئىستاتىستىكىسى: ئوخشاش بىر دەۋردىك ىئىككى جەمەت، بىرى خرىستىئان دىنىغا ئىشىنىدىغان ئېدۋاردس (Edwards) جەمەتى. يەنە بىرى خۇداسىزلىق نەزەرىيىسىنىڭ داڭلىق پېشۋاسى ماكسيۇكېس (Max Jukes). خۇداسىزلىق نەزەرىيىسىنىڭ پېشۋاسى ماك يۇكېرس ئېدۋاردسقا:«سەن ئىشەنگەن ئۇ ئەيساغا مەن مەڭگۈ ئىشەنمەيمەن!» دېگەن ئىدى. بەزىلەر ئېدۋاردس جەمەتىنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلدى، ھەم ماك يۇكېس جەمەتىنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلدى، تەپسىلىي نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك: (1) ئېدۋارس جەمەتى نوپۇس سانى: 1394 ئادەم، ئۇلاردىن: 100 نەپەرئالىي مەكتەپ پرافېسسورى، 14 نەپەر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى، 70 نەپەر ئادۋوكات، 30نەپەر سودىيە، 60 نەپەر دوختۇر، 60 نەپەر يازغۇچى، 300 نەپەر باستېر، دىنىي ئالىم،3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، بىر نەپەر مۇئاۋىن پرېزىدېنت چىقتى. (2) ماكس يۇكېس جەمەتى ئومۇمىي نوپۇس سانى: 903 ئادەم، ئۇلاردا: 310نەپەر لۈكچەك، 130 نەپەر 13 يىلدىن يۇقىرى كېسىلگەن جىنايەتچى، 7 نەپەر قاتىل، 100نەپەر ھاراقكەش، 60 نەپەر ئوغرى، 190 نەپەر پاھىشە، 20 نەپەر سودىگەر(سودىگەرلەرنىڭ 10 نەپىرى تۈرمىدە سودا قىلىشنى ئۆگۈنىۋالغان) چىقتى. ئامېرىكا ئالىمى (A.E.Winship) ئا.ئې ۋىنشىپ 1900-يىلى بىر تەتقىقات قىلىپ، ئىككى جەمەتنى سېلىشتۇرۇپ، «Jukes-Edwards» دېگەنكىتابنى يازدى. ئۇ بۇ ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى ئىزقوغلىغان. ۋاقىتنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ بارلىق ھەقىقەت ۋەيالغانچىلىققا شاھىت بولالايدىغانلىقىدا! بۇ دۇنيادا تاسادىپىيلىق يوق. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككى جەمەتنىڭ 200 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىدا شۇنچە چوڭ پەرق بولىشىنى چۈشەنمىكى ناھايىتى تەس. بۇنىڭدىكى ھەقىقىي سەۋەب ئېدۋارس جەمەتى ئېتىقادنىڭ كۈچىگە ئېرىشكەن. ئېتىقادنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلار ئىككى مۇھىم ئۇرۇقنى تېرىدى. تېرىغان بىرىنچى ئۇرۇق مېھرىبانلىق ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمەتىدىن شۇنچە كۆپ دوختۇر، پرافېسسور ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرى چىققان. ئىككىنچى ئۇرۇق بولسا تەپ تارتىش ئۇرۇقى. بۇنداق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بالىلار ئۈستىدە خۇدانىڭ قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى مەڭگۈ ئېسىدە تۇتىدۇ. دىققەت قىلغان-قىلمىغانلىقىڭىز ماڭا نامەلۇم، نېمەئۈچۈن ماك يۇكېس جەمەتىدىن شۇنچە كۆپ لۈكچەك، ئوغرى ۋە پاھىشە چىقىدۇ؟ چۈنكى بۇنداق جەمەتنىڭ تەربىيىسىدە تەپ تارتىش، خۇدادىن قورقۇش كەم بولىدۇ. تەپ تارتىش بولمىغان تەربىيىدە، ئەلۋەتتە شۇنداق بۇزۇق ئادەملەر كۆپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە: خۇدا دېگەن نېمىتتى، مەن ئەڭ نوچى، مېنىڭ قىلالمايدىغىنىم يوق...دېگەن ئدىيە ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇ ئىككى جەمەتنىڭ 100 يىللىق سەرگۈزەشتىسى بىزگە ئېتىقاد بىلەن مۇھەببەتنىڭ غايەت زور كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇڭا، پۇل مۇناسىۋىتىدە ئاندىن بىر قانۇنىيەت بار بولدى: ئېتىقاد كۈچنى تۇتاشتۇرىدىغان يول! ئېسىڭىزدا تۇتۇڭ: ئۇرۇقنىڭ كۈچىنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز، ھەممىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز!
مەنبە:ئوكيان تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 08:52 PM
|