مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 844|ئىنكاس: 12

مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 08:20:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  



   مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس

1
«ساراڭ» دەر سۆزلىسەم  مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
ئانا تىل يەكلىنىپ باستى يەنە  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك،
ئانا تىل يەكلىنەر كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئىشقا يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
شۇ تۈزۈم سەۋەپلىك باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
دىن چەكلەشتىن ئەخلاق ئۆزلىشىپ ئالا،  
كۆپەيمەكتە مەكتەپتە داۋامسىز بالا .
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
مال باھا ئۆسۈشتىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
تىلىمىز ئىدى بەك ئۇلۇغ ھىكمەتتە،
" ئەڭ گۈزەل تىل يېزىقكەن " دەپ زىننەتتە.
خەلقارادا يۈرەر  ئەنە  ئىززەتتە
بىراق بىزدە  سانالدى بەك ئىللەتتە،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
قوشتىل ، شۇ «قوشتىل»دەك ئادىل ئاقمايدۇ،
تەلەپ پىكىر  ھەق گەپ  پەقەت ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
مائارىپتا خورىتىش بولغاچ  بەك  تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
(قاچانمۇ كىلەر؟) دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىليەتتىن  ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
يەكلەيدۇ دائىملا ھەق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ  بەختى تەس.

2014-2

   مەنبە :ئۆز قەلىمىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 08:26:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل بايرىمى مەنىلىك ئۆتسىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 08:40:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل بايرىمى مەنىلىك ئۆتسىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69814
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6366
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىر كۇبلىتنىڭ ئارىسىغا نىمە ئۈچۈن رەقەم قويۋالغىنىڭىزنى ھېچ چۈشەنمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:12:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس!

شېئىر ياخشى چىقىپتۇ.
مۇئەللىمنى قاقشاتسا ئەلنىڭ بەختى تەس. مەمىتىلى ئەپەندىمنىڭ شۇنچە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 08:26 PM
ئانا تىل بايرىمى مەنىلىك ئۆتسىكەن!

ئەمدى ئانا تىل بايرىمى ئۆتكۈزگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىغاندىمىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yulghunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 09:13 PM
ئەمدى ئانا تىل بايرىمى ئۆتكۈزگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالمى ...

دوسلار 21-فىۋرال ئانا تىل بايرىمىمۇ ياكى خاتىرە كۈنمۇ ؟ مىنىڭچە بايرام بىلەن خاتىرە كۈننىڭ پەرقى بار .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 09:48:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى نىمە ئۈگەتسە ئوقوغۇچى شۇنى ئۈگىنىدۇ، خەنزۇچە ئۆتسە خەنزۇچە،  ئۇيغۇرچە ئۆتسە ئۇيغۇرچە، قايسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئۈگەنگۈچىگە ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيتى.

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 10:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچىمۇ مائارىپ سىپىدىكىلەرئانا تىلىمىزنى ياش نۇتىلارغا  تۇغرا تۇنۇتىشى كىرەك. كۆپ تىللىق بۇلۇش  ياخشى ، ئانا تىلنى تۇنۇمىساق بىزدىن خار كىشى بۇلماس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنى ئېيتقاندا ئانا تىلمىز تېخى يۇقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قىلىپ  مەخسۇس قوغداشنى ئاساس قىلغان بايرام ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنى يوق، بىراق  مۇشۇ ئىنكاس يازغاندا بولسۇن  ۋە ياكى تېما ئېلان قىلغاندابولسۇن  ئىملاغا دىققەت قىلشقا تېخمۇ كۈچ چىقارساق، گەپ قىلغاندا شالغۇت گەپ قوشماي ئانا تىل سۆزلۈكلىرىنى ئىشلەتسەك مانا بۇمۇ ئانا تىلغا قىلغان ھۆرمىتىمىزنىڭ جۈمىلسىدىندۇر دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا لىكسيە ئۇرۇنلاشتۇرساق ، ئىملاسى خاتا يېزىلغان ئېلان تەشۋىقات تاختىلىرىنى سۈرەتلىك شەكىلدە  مۇنبەرگە يۇللاش ۋە ياكى ئۆلچەم ئىدارسى، تىل -يېزىق كومېتىتلىرىغا يوللىساق بۇ ئارقىلىقمۇ مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئېرشكىلى بۇلامكى دەپ ئويلىدۇم  قېرىنداشلار. مەنمۇ ئىملادا كەتكۈزۈپ قويغان جايلىرىم بۇلۇشى مۇمكىن. ئەپۇ قىلغايسىزلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىز0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 11:07 PM  


ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش