مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1579|ئىنكاس: 1

ئوتتۇز ئىككى بېلىجان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102483
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 08:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوتتۇز ئىككى بېلىجان

قۇربان داۋۇت شاھىدى

بېلىقچى سەن بۈگۈن تور تاشلىما،

بۇرۇنقى بىرئىشنى سۆزلەپ بەر ماڭا.

دىۋىنى كوزىغا سولىدىڭ قانداق،

ئاقامتى ئۆركەشلەپ بۇ گاچا دەريا؟

مومىيىڭ چېچىلىپ تۇرامدۇ يەنە،

نامراتلىق ئۈستىدىن قىلىپ شىكايەت.

چېچەنمۇ خوتۇنكەن بىر ھېسابتا ئۇ،

نەدە باريوقالماس بۇنداق رىۋايەت.

ئاتلارنى ئېقىتقان دەريالار قېنى،

مومىيىڭ ئاش ئەتكەن ياغاچ تەڭنە ھەم؟

تورلىرىڭ گەزباغلاپ يېتىپتۇ ئەنە،

ئۇسسۇغان بېلىقلار، ئۇسسۇغان نىكەم.

كەل ئەي خىيالى جۇل-جۇل بېلىقچى،

سەن بېلىق تۇتمايتتىڭ تۇتاتتىڭ ئەقىل.

مەجنۇنتال كۆچمەكتە شېئىرلىرىمغا،

تاشئۆستەڭ بېلىقنى قىلماقتا قەتىل.

ئوتتۇز ئىككى بېلىجان كەلمەكتە ئۈزۈپ،

توسالماس ئۇلارنى ئۈندەش بەلگىسى.

سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ دەپ يېزىپ قويدۇق خەت،

بېلىقنىڭ گۆشىنى يېگەن ئەتىسى.

بېلىقلارسېغىنىپ قالغاندۇ سېنى،

ئەجەپمۇتاتلىقتى پاتقاقنىڭ ئىدى.

دەردلىرىڭ تاشتىمۇ بېلىق كۆزىدەك،

كۆرگەندە سۇ ئارا ئۆلگەن بېلىقنى.

كەلگىن ئەي كۆزلىرى چوغدەك بېلىقچى،

تاشلىساق تاشلايلى بىرگە بۇ تورنى.

ئوتتۇز ئىككى بېلىجان ئۈزمەكتە ساپساق،

بۇ گاچادەريانىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا.

ناۋادا چىقىپ قالسا بىرتال كوزا،

ئاۋايلاپ ئاچايلى ئاغزىنى ئۇنىڭ.

چۈنكى

سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئالتۇن ئۈزۈكى

ئەمدى بىزدە يوق.

بىلمەيمىز دىۋىلەرنى قانداق ئەل قىلىشنى.

ھە راست،

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە

شۇ ھەقتە بىرگەپ بار ئىدى،

ئېسىڭدە بارمۇ شۇ چۆچەك.

ناۋادا

چىقىپ قالسابىر ئالتۇن بېلىق

ئۇيغۇر تىلىداسۆزلەپ،

قويۇۋېتەيلى ئۇنى ئۆز ئەركىگە

مومىيىڭ يەنەتىللاپ كەتسىمۇ.

چۈنكى مومىيىڭ ئاغزىدىمۇ

ئوتتۇز ئىككى گۆھەر بار.

شۇڭا مومىيىڭ بەك سۆيۈملۈك بىز ئۈچۈن.

ئەمدى شەھەربىنا قىلمايلى،

بېلىقلارنىڭ دەرمانى ئۈچۈن.

شەھەردىكى ھېلىقى خوتۇن

جەينەكتەك كېلىدىغان ياغاچ كالتەك بىلەن

ئۆلتۈرىدۇ بېلىقلارنى بېشىغا ئۇرۇپ.

ئەمما سېنىڭ مومىيىڭ

بىر تالمۇ بېلىق يېمەيدۇ،

بىر ئۆمۈردەريا بويىدا ئولتۇرۇپ،

يەيدۇ پەقەت بېلىقلارنىڭ غېمىنى.

كەل، ئەي بېلىقتەك كۆيگەن بېلىقچى،

تورلىرىڭ يىرتىلىپتۇ يۈرىكىڭدەك.

مەن ئۇلاي ئۈزۈلمەس ھەرپلىرىمدە،

ئوتتۇز ئىككى يەردىن مەھكەم ئىلىپ،

تاشلىساق تاشلايلى بىرگە بۇ تورنى،

گاچا شەھەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا.

قارا، ئەي پاتقاق پۇرايدىغان بېلىقچى،

بېلىقلار تورغا كىردى ھەرپلىرىمنى چىشلەپ،

بالاممۇ «تور»غا كىردى لېۋىنى چىشلەپ.

ئەمما بېلىقلارھۈركۈپ كەتسە

ئوتتۇز ئىككى بولۇپ چۆلگە قاچار.

بىغەم ئوغلۇم تېخىچىلا توردا ئوينار.

ئەمما سېنىڭ مومىيىڭ

دۇنيا دېگەن تورنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ

ئىككىمىزنى توختىماي تىللار،

باي بولالمىدىم دەپ.

بىراق ئۇنىڭ قەلبىدە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى لاۋۇلداپ يانار.

كەل، ئەي دانىشمەن جەسۇر بېلىقچى،

ياشايلى دۇنيادا بېلىقتەك ھالال.

سالام خەت يازايلى ھاۋا ئانىغا،

ئۇتتۇز ئىككى بېلىجان ئۈزسۇن بىمالال.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 11:23 PM  


ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 08:44:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشلىساق تاشلايلى بىرگە بۇ تورنى،

گاچا شەھەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا.

بىغەملەر شەھىرى بىر گاچا شەھەر،
خورازلار يات تىلدا چىللايدۇ سەھەر...

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش