مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1591|ئىنكاس: 35

شىپائى مېۋە_ پەرەڭ ئەينۇلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 05:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

29_avatar_big.jpg

        پەرەڭ ئەينۇلىسى فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە مېۋىسى بولۇپ، كىيىن ئامېرىكىدىمۇ كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا داڭقى تارالغان. ئۇ ئەينۇلا تۈرىدىكى مېۋە بولۇپ، دەرەخ شەكلى رايونىمىزدىكى ئەينولا، ئۆرۈك دەرەخلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
    پەرەڭ ئەينۇلىسىنىڭ تەمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، تەركىۋىدە ئاقسىل، ماي، كۆپ خىل ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلمىنىتلار بولۇپ، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قان بېسىمى ۋە قاندا ماي تەركىۋى ئۆرلەپ كېتىش، جاھىل قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈمى بارلىغى ئۈچۈن خەلقارادا «ئىلاھى مېۋە»، «ئالتۇن ئەينۇلا»....دىگەندەك ئاجايىپ-غارايىپ ناملار بىلەن ناھايىتى قىممەت باھادا سېتىلغان ۋە بازار ئېھتىياجىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان.
    بۇ كۆچەت رايونىمىزغا 2000-يىللاردا ئامېرىكىدىن كىرگەن بولۇپ، رايونىمىزنىڭ ھاۋا كېلىماتى ۋە سۇتۇپراق شارائىتىغا ئالاھىدە ماس كېلىپ، مېۋە سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان. ھازىر بۇ سورت رايونىمىزنىڭ  پەيزاۋات،ئاقتۇ، مارالبېشى،يەكەن، توققۇزاق قاتارلىق ئورۇنلىرىدا بىر قەدەر كۆلەملىك كېڭەيتىلىۋاتىدۇ، ئاقسۇ ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدىمۇ سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ.
    پەرەڭ ئەينولىسى رايونىمىزغا كىرگەندىن كىيىن دەسلەپتە ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلۈپ مېۋىسى يۇقىرى سۈپەتتە قاچىلىنىپ دۆلەت سىرتى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە سېتىپ چىقىرىلغان. 2009-يىللىرىدىن كىيىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن مېۋە سودىگەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مېۋە سودىگەرلىرى تەرىپىدىن باغدىن بېۋاستە سېتىۋىلىپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارتىلماقتا. دەسلەپكى يىللاردىكى يىغىپ سېتىۋىلىش باھاسى ھەر كېلوگىرامى 10يۈەندىن بولغان بولسا 2013-يىلغا كەلگەندە كۆلەملىك، سۈپەتلىك ئۆستۈرگەن ئورۇنلاردا ھەر كېلوگىرامى 28يۈەنگە يەتتى. كىچىك كۆلەملىك پارچە باغلارنىڭمۇ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 15يۈەن بولدى. مېۋىسىنڭ سېتىپ چىقىرىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا قانچە كۆلەملىك، مەھسۇلات مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا خېرىدارى شۇنچە كۆپ، باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولدى، كۆلىمى كىچىك، مەھسۇلاتى تۆۋەن ئورۇنلاردا خېرىدار ئاز، باھاسىمۇ تۆۋەنرەك بولدى.
    پەرەڭ ئەينولىسى مول ھوسۇللۇق سورت بولۇپ، ياخشى مېۋىگە كىرگەندە مو بېشى مەھسۇلاتى 1-1.5تونناغا يىتىدۇ(پەرۋىشى قانچە ياخشى بولسا مەھسۇلاتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ). دەرەخ پەرۋىشى ئەينولا ۋە ئۆرۈككە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئورگانىك ئوغۇتنى(ياخشى چېرىتكەن ئېغىل ئوغۇتى ۋە كۇنجۇرىنى) قانچە كۆپ بەرسە مېۋە مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مېۋىسىنى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىدا 3ئايدىن ئارتۇق ساقلىغىلى بولىدۇ، گۈلە قۇرۇتۇشقا ياخشى بولۇپ، گۈلىسىنىڭ سۈپىتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.
   پەرەڭ ئەينولىسىدىن باغ قىلىشتا زىيادە سېغىز يەرلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، قۇمسال ئەت تۇپراقلىق يەرلەردە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، يېنىك شورى، زېيى بار يەرلەرگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
   2013-يىلى پەرەڭ ئەينولىسى ئاپتونوم رايونلۇق دەل-دەرەخ ئەلا سورتلىرىنى باھالاپ بىكىتى كومىتىتى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەلا سورت دەپ بىكىتىلىپ، «شىنجاڭ ئەينولىسى 4-نومۇر»دەپ نام بېرىلدى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدا نوقتىلىق كېڭەيتىشكە بولىدۇ دەپ قارالدى.

DSCF4477.jpg


   ھازىر ئاپنونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنۋېرسىتىتى، ئاقتۇ ناھىيىلىك باغۋەنچىلىك پونكىتى، شىنجاڭ گېرۈيدې يېڭى پېتى ساقلاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى قاتارلىق ئورۇنلار   ئايرىم-ئايرىم تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىشىپ پەرەڭ ئەينولىسىدىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، يېڭى پېتى ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتتە گۈلە قۇرۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقاتلارنى ئىشلىمەكتە.
   پەرەڭ ئەينولىسىنىڭ مېۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىغى، مول ھوسۇلچانلىغى، ساقلاش-توشۇشقا چىدامچانلىغى، تۇپراققا ماسلىشىشچانلىغى، بازار ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرىلىغى دىگەندەك تەرەپلەردىن قارىغاندا بۇسورت رايونىمىزدا نوقتىلىق كېڭەيتىشكە بولىدىغان، دېھقانلىرىمىزنىڭ باغۋەنچىلىككە تايىنىپ بېيىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئەلا سورتلاردىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلچۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 05:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 05:50:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سورتنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئورتاق نامى «西梅» ياكى «欧洲李»بولۇپ، كۆپ سورتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن تونۇشتۇرغان بۇ سورت خەنزۇ تىلىدا «法兰西»دەپ ئاتالغان. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق دەل-دەرەخ ئەلا سورتلىرىنى باھالاپ بىكىتىش كومىتىتى تەرىپىدىن «新梅4号»(شىنجاڭ ئەينولىسى 4-نومۇر) دەپ بىكىتىلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103301
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 06:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالاشمىسام بۇ ئەينۇلە دىگەننى بىز غەنەلە،غەنۇلە دەپمۇ ئاتايمىزغۇ ھە؟! بۇ مېۋىنىڭ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دىھقانلىرىمىزنىڭ ئىختىسادى كىرىمىنى ياخشىلاشتا رولى خېلى كۆرىنەرلىك بولغۇدەك،تىما ئېگىسىگە رەھمەت!!

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 08:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرەڭلەرنىڭ ئەينوسىكەندە بۇ!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23112
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10093
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 910 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالگىرات مۇ  نىمە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:41:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەل يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 08:48 PM
پەرەڭلەرنىڭ ئەينوسىكەندە بۇ!

  شۇ، بەك تاپقۇركەنسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:42:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Tabarak يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 11:26 PM
ئالگىرات مۇ  نىمە ؟

  ئەمەس، بۇ مېۋىنىڭ شەكلى ئامۇتقا ئوخشاپ كېتىدۇ، چوڭلۇغى ئۆرۈك چوڭلۇغىدا بولىدۇ. يۇمىلاق ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90776
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 01:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: شىپائى مېۋە_ پەرەڭ ئەينۇلىسى

ئەلچۈن يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 12:42 AM
ئەمەس، بۇ مېۋىنىڭ شەكلى ئامۇتقا ئوخشاپ كېتىدۇ، چوڭل ...

ناھايىتى ياخشى مىۋە ئىكەن. شىمالى شىنجاڭغىمۇ ماس كېلەمۇ؟ بۇنىڭ كۆچىتىنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ھاۋا كېلىماتىمىز ئۇرۇمچىدىن 1 - 2 گىرادۇس ئىسسىق. شىخەنزىدە ئۆستۇرۇشكە بولارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 01:35:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jawlanay يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 01:25 PM
ناھايىتى ياخشى مىۋە ئىكەن. شىمالى شىنجاڭغىمۇ ماس كېلە ...

  ئادەتتە ئۆرۈك ۋە قارائۆرۈك ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان رايونلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ. غۇلجىغىمۇ كۆچەت كىرگۈزۈپ ئۆستۈرگىنىنى ئاڭلىغانتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 01:39:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jawlanay يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 01:25 PM
ناھايىتى ياخشى مىۋە ئىكەن. شىمالى شىنجاڭغىمۇ ماس كېلە ...

  ئادەتتە ئۆرۈك ۋە قارائۆرۈك ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان رايونلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ. غۇلجىغىمۇ كۆچەت كىرگۈزۈپ ئۆستۈرگىنىنى ئاڭلىغانتىم. بىزدە كۆچىتىمۇ بار، لىكىن تۈپ سانى كۆپ ئەمەس،كۆپرەك لازىم بولسا كۆچىتىنى يىتىشتۈرگەنلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزنى ئۇچراشتۇرۇپ قويساق بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش