ئالدىراش ، ياتسىراش
قوشاقچى
ئالدىراش ، ئالدىراش ھەممە ئالدىراش ،
قېرىنداش مېھرىدە يارقىن ياتسىراش .
ياشانغان ئاتا ھەم ئانا چىھرىدە ،
تەلمۈرۈش ، سېغىنىش قالدى مۇڭسىراش .
بىر ئۇۋا ، چاڭگىدىن ئۇچۇم بولغانلار ،
قانىتى قاتتى ھەم قىران بولغانلار .
ئۇنۇتتى ئانا قۇش ، چاڭگا مىھرىنى ،
جەنۇپ ھەم شىمالدا ماكانلاشقانلار .
ئالدىراش ئۇلارغا تۇرمۇش رېتىمى ،
چارچاتتى ئۇلارنى خىزمەت بېسىمى .
ھەممىسى ئالدىراش ئۆز غېمى بىلەن ،
مېھرىسىز بۇزۇلدى يۈرەك سېزىمى .
ئانا قۇش تەلمۈردى جەنۇپ ، شىمالغا ،
تەنھالىق ئىلكىدە پەرزەنت يولىغا .
تۆكۈلدى كۆزىدىن سېغىنىش يېشى
نامازدا دۇئاغا كۆتۈرگەن قولغا .
پەرزەنت باھانىسى ، يەنە ئالدىراش ،
ياتلاشتى شۇ سەۋەپ قانۇ – قېرىنداش .
ھېيت – ئايەم ، دەم ئېلىش ، باھانە تولۇق ،
شۇ غېرىب كۈلبىدە يەنە مۇڭسىراش .
ئالدىراش ، توغرا ھەممە ئالدىراش ،
ئالدىراش ئېپ كەلدى بىزگە ياتسىراش .
شۇ غېرىپ كۈلبىدە ئاتا ھەم ئانا ،
سېغىنىش ، كۆزىدە تامچىلايدۇ ياش .
مەنبە : قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 07:44 PM