مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3967|ئىنكاس: 26

موڭغۇل ھاكىميىتى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 01:07:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(مەخمۇتئېلى ئاتتىلا ئونسۇ )



1. تارىخ



ھەممىمىزگە مەلۇمكى، 13-ئەسىردە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئالاھىدە بىر كۈچ سۈپىتىدە موڭغۇل چىڭگىزئىمپېريىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تېموچىن (1156-1227) باش كۆتىرىپ چىقتى. ئۇ 1206-يىلى ئونۇن دەرياسى ۋادىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق موڭغۇل قەبىلىسى باشلىقلىرى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئۆزىنى «چىڭگىزخان» دەپ ئاتاپ، تېزلىك بىلەن بارلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتۈن موڭغۇل ئېگىزلىكىنى كونتۇرۇل قىلىۋالدى.1209-يىلدىن باشلاپ شەرق، جەنۇب، غەرب يۆلىنىش بويىچە قوشۇن تارتىپ، ئەتىراپقاقارىتا جىددىي تۈردە ھەربىي ھۇجۇم باشلىدى. ئۇنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرى1212-يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بېقىندۇرۇپ (1335-يىلى تولوق يوقۇتۇلغان)، قاراخىتاي خانلىقىنىڭ كونتۇروللىقىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى (850-يىلدىن 1212-يىلغىچە)نى يوقاتتى. 1218-1219-يىللىرى جەبە نۇيان (نۇيان-بىر تۈرلۈك ھەربىي ئۇنۋان)باشچىلىقىدىكى موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرى ھازىرقى شىنجاڭ ۋە يەتتىسۇ ۋادىسىنى ئىگىلەپ، بۇ جايلاردىكى قارا خىتاي (قارا قىتان) ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.نەتىجىدە چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھەربىي سىتىراتىگىيسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن، دۇنياۋى ئىمپېريە قۇرۇشتەك بۈيۈك ئارزۇسى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، غەربكە-ئوتتۇرائاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپاغا قارىتا زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. چىڭگىزخاننىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىگە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھۆكۈمران كۈچ بولۇپ تۇرىۋاتقان خارازىمخانلىقى قاراپ تۇرالمىدى. 1218-يىلى خارازىم خانى مۇھەممەد ئاتسىز ئۆز قوشۇنلىرىغابۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سىر دەرياسى بويىدىكى سودا مەركىزى ئوتراردا «جاسۇس» دېگەن بەتنام بىلەن چىڭگىزخاننىڭ سودا كارۋان ئەتىرەتلىرىنى بۇلاپ، 450 نەپەر سودىگەرنى ئۆلتۈرۈپ، مەشھۇر «ئوترار پاجىئەسى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ يەنە بۇنىڭ بىلەنلاقالماي، چىڭگىزخاننىڭ «ئوترار پاجىئەسى»نى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئۆمىكىنىمۇ ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. نەتىجىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ، 1219-يىلى 9-ئايدا چىڭگىزخان خارازىم خانى مۇھەممەد ئاتسىزغا قارىشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۈچ لىنىيە بويىچە قوشۇن ماڭدۇردى ھەم تېزلىك بىلەن ئوترارنى ئىگىلىدى. 1220-يىلى مۇھىم شەھەر بۇخارانى بېسىۋالدى.ئارقىدىن يەنە بىر مۇھىم شەھەر خوجەنتنى مۇھاسىرىگە ئالدى. خوجەنت تاجىكلارتوپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەردىكى خەلقلەر ئۆز رەھبىرى تۆمۈرمالىكنىڭ باشچىلىقىدا قاتتىق قارىشلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى زور پەرق تۈپەيلىدىن ئاخىرى مەغلۇب بولدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى خوجەنتنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال تىرمىزغا باستۇرۇپ كىرىپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. 1221-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان يەنە بىر مۇھىم شەھەربەلىخمۇ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىندى. شۇ يىلى 100 مىڭ كىشىلىك موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرى چاغاتاي، جۇجى ۋە ئۇگىدايلارنىڭ باشچىلىقىدا خارازىم خانلىقىنىڭ پايتەختى ئۆرگەنجكە يۈرۈش قىلدى ھەم بۇ شەھەرنى چاقماق تېزلىكىدە قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، ئاندىن سۇغا باستۇرۇپ، پۈتۈنلەي ۋەيرانقىلىۋەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى يوق قىلىندى. چىڭگىزقوشۇنلىرىنىڭ ئۆرگەنجنى ئېلىشى بىلەن، خارازىم خانلىقى ئاغدۇرۇلدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى خارازىم خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدائۇلارغا قارىشى چىقالىغۇدەك بىرمۇ مۇنتىزىم كۈچ قالمىدى. مۇشۇنداق پايدىلىق شارائىت ئاستىدا موڭغۇل قوشۇنلىرى تېخىمۇ ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرلەپ، ئۆزىنىڭ ئىستىلاچىلىق قەدىمىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇندى. شۇ يىلى تۇلى باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى توسالغۇسىز ھالدا خۇراساننى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەرمەرۋىنى ۋەيران قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇبۇتاي باشچىلىقىدىكى 20 مىڭ كىشىلىك موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنىمۇ ئىران، كاپكاز قاتارلىق جايلارغا ئىچكىرلەپ كىرىپ،ئەرمىنىيە ۋە گىرۇزىيەنى بويسۇندۇرردى. 1223-يىلى قىپچاق ۋە رۇس كىنەزلىكىنى تارمار قىلدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئەنە شۇنداق زور غەلىبە بىلەن ئىلگىرلەپ كېتىۋاتقاندا، 1227-يىلى موڭغۇل چىڭگىز ئىمپېريىسىنىڭ ئاساسچىسى، مەشھۇر ھەربىيسىتىراتىگىيچى، دۇنيا تارىخىدىكى تۆت مەشھۇر ھەربىي قوماندان (قەدىمكى رىمھۆكۈمرانى شاھ كايسېر، موڭغۇل چىڭگىز ئىمپېريىسىنىڭ ئاساسچىسى چىڭگىزخان،فىرانسىيە ئىككىنچى ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ناپولېئۇن، ناپولېئۇننى مەغلۇب قىلغان رۇس قوماندانى كوتوزۇپ) نىڭ بىرى بولغان چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتتى. چىڭگىزخاننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بوراندەك يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ھۇجۇمىنى بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈردى. موڭغۇل ئاتلىرىنىڭ تۇيىقىدىن چىققان چېقىندىن كۆيۈپ تۈگەشكە ئاز قالغان ياۋروپا تۇپراقلىرىنى ۋەھىمىدىن خالاس قىلدى.
چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندە 70 ياشتا بولۇپ، ئۇ 1206-يىلى موڭغۇللارغا باش بولغاندىن تارتىپ دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇش ئارزۇسىدا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، قان-تەرىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئارزۇسىغا يېتىشىگە چەكلىك ئۆمرى يول قويمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇئۆزىنىڭ ۋاپاتىغىچە موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ زېمىنىنى شەرقتە كورىيەدىن غەربتە دىنىپېر دەرياسىغىچە يەتكۈزدى. چىڭگىزخاننىڭ بۈيۈك ئارزۇسىنىڭ ئاخىرقى چېكى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاندى. چىڭگىزخان كورىيەدىن دىنىپىر دەرياسىغىچە بولغان جايلارنى ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ۋاپاتىدىن ئىلگىرى بۇ جايلارنى ئوغۇللىرىغابۆلۈپ بەردى. چىڭگىزخاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىغا ئېرتىشتىندىنىپېر دەرياسى ۋە قارا دېڭىز بويلىرىغىچە؛ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئىلى دەرياسىدىن ئامۇ دەرياسىغىچە، شىنجاڭ ۋە ماۋرىئۈننەھىر (ئامۇ-سىر دەرياسى ۋادىسى)رايونلىرى؛ ئۈچىنچى ئوغلى ئۇگىدايغا ئېمىل ۋە ئالتاي رايونلىرى؛ تۆتىنچى ئوغلى تولىغا موڭغۇللارنىڭ ئەسلى زېمىنى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار بۆلۈپ بېرىلدى.چىڭگىزخان زېمىنلىرىنى ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، قۇجۇ ئۇيغۇرئىدىقۇتىغا خان جەمەتىدىن بىر قىزنى (بەزىلەر چىڭگىزخاننىڭ ئۆز قىزى دەپ قارايدۇ)نىكاھلاپ بېرىپ، ئۇنى «بەشىنچى ئوغلۇم» دەپ جاكارلىدى ھەم ئۇنىڭ ئۆز ئۇنۋانىنى داۋاملىق قوللۇنىشقا، ئەسلى زېمىنىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا، يەنىلا قارا قۇجۇنى پايتەخت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى. قۇجۇ ئىدىقۇتلۇقىنىڭ زېمىنىغا مەركەزدىن ئەۋەتىلگەن دارغاچلار نازارەتچىلىك قىلدى. قۇجۇ ئىدىقۇتىنىڭ مەرتىۋىسى چىڭگىزخان تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان باشقا جايلاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن ئۈستۈن ئىدى. قۇجۇ ئىدىقۇتلۇقى 1275-يىلغىچە قۇجۇنى مەركەز قىلغان ئەسلىدىكى زېمىنىدا نىسبىي مۇستەقىل ھاكىميەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن، 1275-يىلى چاغاتاينىڭ نەۋرىسى قايدۇ ۋە دۇۋانىڭ قارا قۇجۇنى بېسىۋېلىشى بىلەن تەسىر دائىرىسى قۇجۇ زېمىنىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. پەقەت قۇمۇل ۋە گەنسۇدىكى يۇڭچاڭدا بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، 1335-يىلى پۈتۈنلەي يوقالدى.
شۇنداق قىلىپ، چىڭگىزخان ۋاپاتى بىلەن تەڭ بىر  پۈتۈن موڭغۇل زېمىنى تۆت كىچىك كېنەزلىككە بۆلۈنىپ، مەركەزنىڭ قاراتمىلىقى ئاجىزلاشتى.شىنجاڭ ۋە ماۋرىئۈننەھىردىن ئىبارەت بۇ باي ھەم كەڭ زېمىندا يېڭى بىردۆلەت-«چاغاتاي خانلىقى» مەيدانغا كەلدى. ئەمما، بۇ چاغدا چاغاتاي خانلىقى تېخى«چاغاتاي خانلىقى» نامىنى ئالمىغان، مۇتلەق مۇستەقىللىققا ئىگە بولمىغان بىرخانلىق ئىدى. شىنجاڭ ۋە ماۋرىئۈننەھىر نامدا چاغاتايغا قارىسىمۇ، ئەمىلىيەتتەيەنىلا موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ ئىمپېراتۇرى ئۇگىدايغا قارايتتى.
موڭغۇل ئىمپېريىسى چارۋىچى خەلقلەرنىڭ نۇقۇل قورال كۈچىگە تايىنىپ قۇرىغان دۆلىتى بولغاچقا، ئۇگىداي تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۆزى باشقۇرىۋاتقان زېمىنلارنى باشقۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلدى. شۇڭا ماۋرىئۈننەھىر رايونىنى شۇ جايدىكى يەرلىك ئاقسۆڭەك مەخمۇت يالۋاچقا بۆلۈپ بەردى. مەخمۇت يالۋاچ ماۋرىئۈننەھىرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، خەلقتىن خالىغانچە باج-سېلىق يىغىپ، ئېغىرئېكىسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزدى. بۇنداق زورلۇق بۇخارادا ھەممىدىن بەك ئېغىر بولدى.نەتىجىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسىي زىددىيەت يەرلىك خەلقلەر بىلەن موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن يەرلىك خەلقلەر بىلەن يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگۈرۈپ، 1238-يىلى بۇخارا خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى پارتلىدى ھەم بۇ قوزغىلاڭ دەسلەپتە بىرقاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئاخىرى مەغلۇب بولدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشچىسى مەھمۇد تارابى ئۆلتۈرۈلدى. گەرچە بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بىرىنچىدىن، غالجىرلاشقان موڭغۇل تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىغا ۋە يەرلىك ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە خەلق كۈچىنىڭ ھەققىي قۇدىرىتىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار خەلق ئاممىسىغا قىسمەن يول قويۇشقا مەجبۇربولۇپ، مەخمۇت يالۋاچنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئىككىنچىدىن، مۇنكە دەۋرىگەكەلگەندە، خەلقنىڭ كۈچىدىن ئېھتىيات قىلىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلىقىنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقتى. 1242-يىلى چاغاتاي ئۆلدى.ئورنىغا ئوغلى قارا ھىلاكۇ چىقتى. بىراق، ئۇگىدايدىن كېيىن موڭغۇل ئىمپېريىسىگە خان بولغان كۆيۈكخان قارا ھىلاكۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا چاغاتاينىڭ نەۋرىسى يەسە مۇنكەنى خان قىلىپ تىكلىدى. مۇنكە تەختكە چىقىشى بىلەنلا ئۆزىگەقارىشى بارلىق كۈچلەرنى تازىلاپ، مۇستەقىل بولۇشقا ئۇرۇنغانلىقتىن، ئۇگىداي ئاخىرى قارا ھىلاكۇنى تەختكە چىقىرىپ، مۇنكەنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. قارا ھىلاكۇتەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئورنىغا ئايالى ئېرگۇنە تەختكە چىقتى.ئېرگۇنە دەۋرىدە موڭغۇل خانلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئارىك بۇغا موڭغۇل يايلاقلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان ئالغۇينى شىنجاڭغا ئەۋەتتى. ئالغۇي شىنجاڭغا كېلىشى بىلەنلا تېزدىن ھەرىكەتكەكېلىپ، بۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قولىنى سوزىۋاتقان جۇجى ئەۋلادلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ،ئافغانىستان ۋە خارازىمنى قولىغا ئالدى. 1263-يىلى ئۇ يەنە ئارىك بۇغاغا قارىشى ئۇرۇش قىلىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا يۈرۈش قىلدى. بىراق، بۇ ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئالغۇي مەغلۇب بولدى. ئارىك بۇغا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، غەنىمەت ئېلىنغان نەرسىلەرنى شەخسىي مۈلكى قاتارىدا ئىگىلىۋېلىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق پەيداقىلغانلىقتىن، ھەربىي سەركەردىلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئالغۇي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇنى قاتتىق مەغلۇب قىلىش بىلەن بىرگە، ئېرگۇنەخانىمنى ئۆزىگە تېگىشكە مەجبۇرلىدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئۇگىداينىڭ نەۋرىسىقايدۇ «خان ۋارىسلىرى ئەۋلادلىرىدىن مەن ھايات تۇرغان ئەھۋالدا ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھوقۇق تالىشىپ، ئۇرۇش قىلىدۇ» دەپ قاراپ، كۈچ توپلاپ قۇبىلايدىن ھوقۇق تارتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئالغۇيغا قارىشى جازا يۈرىشى قىلدى. 1266-يىلى ئالغۇي ئالەمدىن ئۆتتى. ئورنىغا قارا ھىلاكۇنىڭ ئوغلى مۇبارەك شاھ چىقتى. ئۇچاغاتاي زېمىنىدا مەركەز تەرىپىدىن بەلگىلەنمەستىن تەختكە چىققان تۇنجى خان ئىدى.شۇڭا موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ باش ئىمپېراتۇرى قۇبلاي ئۇنىڭ خان بولىشىغا قوشۇلماي،ئورنىغا مۇبارەك بىلەن بىر نەۋرە بولغان بۇراقنى خان قىلىپ تىكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. نەتىجىدە، بۇراق بىلەن مۇبارەك ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، 1266-يىلى3-ئايدا بۇراق مۇبارەكنى مەغلۇب قىلىش بىلەن خانلىق تەختىنى ئىگىلىدى. بۇراق مۇبارەك بىلەن تەخت تالىشىش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە قايدۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەتتىسۇ ۋە سىر دەرياسى ۋادىسىنى بېسىۋالغان ئىدى. شۇڭا بۇراق تەختنى ئىگىلىشى بىلەنلا قايدۇ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. نەتىجىدە 1268-يىلى تالاس دەررياسى بويىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن قايدۇ بۇراقنى مەغلۇب قىلىپ، 1269-يىلى يېڭى بىر موڭغۇل خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. قايدۇ تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئورنىغا دۇۋا،ئۇنىڭدىن كېيىن چەبەر چىقتى. چەبەر دەۋرىگە كەلگەندە چاغاتاي زېمىنى ئەسلىگە كېلىپلا قالماستىن، ئۇگىداي زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىمۇ چاغاتاي خانلىقى زېمىنىغا قوشۇۋېلىندى.1305-يىلى چەبەر يەنە ئۆزىنىڭ موڭغۇل مەركىزىي ھاكىميىتى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. چەبەردىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىدائارقا-ئارقىدىن قانلىق پاجىئەلەر يۈز بېرىپ، بۇ خىل ئەھۋال ئىسەن بۇقا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى. ئىسەن بۇقا تەختكە چىقىشى بىلەنلا خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىنى تەرتىپكە سېلىپ، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى ۋە خانلىقنىڭ نامىنى رەسمىي ھالدا «چاغاتاي خانلىقى»دەپ جاكارلىدى. 1310-يىلى ئۇ يەنە خارابلىشىۋاتقان ئۇگىدايخانلىقىنى قوشۇۋېلىش بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئالتاي رايونىنى ئۆز قولىغا ئالدى.ئالمىلىقنى (ھازىرقى قورغاس تەۋەسىدە) يېڭى قۇرۇلغان خانلىقنىڭ مەركىزى قىلىپ بېكىتتى. بىراق، ئىسەن بۇقا باشچىلىقىدىكى چاغاتاي خانلىقى كۆرۈنىشتە مۇستەھكەمدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يۇشۇرۇن زىددىيەتلەر مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا 1320-يىلىيەنە بىر قېتىم بۆلۈنىش دولقۇنىغا دۇچ كەلدى. بىر قىسىم كىشىلەر كەبەكنىڭ باشچىلىقىدا تېنچ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئاستىدىكى ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدىرىتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققى قىلغان ماۋرەئۈننەھىر رايونىغا كەتتى ھەمدە نەخشەب قەلئەسىنى مەركەز قىلىپ، نامىنى قارشىغا ئۆزگەرتتى. نەتىجىدە بىرپۈتۈن چاغاتاي خانلىقى ئىككىگە، ئالمىلىقنى مەركەزقىلغان شەرىقى چاغاتاي خانلىقى ۋە قارشىنى مەركەز قىلغان غەربىي چاغاتاي خانلىقىغابۆلۈنۈپ كەتتى. شەرىقى چاغاتاي خانلىقىدا ئاساسىي كۈچ موڭغۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسى بولۇپ، ئۇلارغا ئىسەن بۇقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىچكى قىسىمىداپولاتچى ۋە تۆلەڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى كۈچ مەۋجۇت ئىدى. 1330-يىلى ئىسەن بۇقا ئالەمدىن ئۆتتى. خانلىقتا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىپ، پولاتچى جەمەتى زورىيىشقا باشلىدى. 1347-يىلى پولاتچى ئىسەن بۇقانىڭ باشقىلارغا بېقىۋالغىلى بەرگەن ئوغلى تۇغلۇق تۆمۈرنى ئىلىدىن ئېلىپ كېلىپ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. بۇ چاغدا تۇغلۇق تۆمۈر 18 ياشتا ئىدى. 1350-يىلى ئۇ كۇچارلىق ئەرشىدىن خوجا جەمەتىنىڭ قولىدامۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 مىڭ موڭغۇل ئىمان ئېيتىپ،مۇسۇلمان بولدى. موڭغۇللارنىڭ تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ باشچىلىقىدا مۇسۇلمان بولىشى ئۇلارنىڭ تۈركلىشىشىنى تېزلەتتى. تۇغلۇق تۆمۈر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن دەرھال پولاتچىنى بەگلەرنىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلەش بىلەن بىرگە خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىنى مۇستەھكەملەپ، خانلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى. 1360-يىلى ئۇ غەربىي چاغاتاي خانلىقىغا يۈرۈش قىلىپ، 1362-يىلى ئۆز پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. چوڭ ئوغلى ئىلياسنى غەربىي چاغاتاي زېمىنىغا ئەمىر قىلىپ، سەمەرقەندكە يولغا سالدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى بىر كۈچ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، تۇغلۇق تۆمۈر ھاكىميىتىگە تەھدىت سالدى. ئۇ بولسىمۇ شەھىرى سەبىزلىك ئاقساق تۆمۈر، يەنى،تارىختىكى مەشھۇر ھەربىي سىتىراتىگىيچى تۆمۈرلەڭ ئىدى.
تۆمۈرلەڭ ئەسلى شەھىرى سەبىزلىك بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ بارلاس قەبىلىسىدىن. ئۇ 1336-يىلى9-ئايدا شەھىرى سەبىز يېنىدىكى كىش، يەنى، ھازىرقى خوجا ئىلغار دېگەن جايدا،چاغاتاي خانلىقىنىڭ بۇخارادىكى بېگى تورغاي بەگ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە دادىسىنىڭ يېقىن دوستى ئەمىر قازاغاننىڭ قېشىدا چوڭ بولغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرگەھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ، كېلىشكەن، قاۋۇل، باتۇر بىر ھەربىي سىتىراتىگىيچى بولۇپ يېتىشكەن. ئەمىر قازاغان ئۇنى ئوغلى سىلاي بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەندۈرۈپ قويغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ نامى «بەگنىڭ كۈيئوغلى» دېگەن مەنىدە «كوراگان» دەپئاتالغان. 1360-يىلى تورغاي بەگ ۋە ئەمىر قازاغانلار ئۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ئارىسىدا ماۋرىئۈننەھىردە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بەرگەندە، تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ماۋرىئۈننەھىرنىڭ ھاكىمى بولىۋالغان ئىدى. كېيىن ئۇ ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن چىقىشالماي، قوشۇن باشلاپ پاكىستان،ئافغانىستان، ئىران قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تۇغلۇق تۆمۈرگە تەھدىت سالدى ھەمدە بۇ جەرياندا ئوڭ پۇتى ئېغىر يارىلىنىپ، «ئاقساق تۆمۈر» ياكى«تۆمۈرلەڭ» دەپ ئاتالدى. 1363-يىلى تۇغلۇق تۆمۈر ئالەمدىن ئۆتتى. ئورنىغا ئىلياس خوجا تەختكە چىقتى. تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئۆلۈمى ئاقساق تۆمۈر ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتيارىتىپ بەردى. ئۇ تۇغلۇق تۆمۈر ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆز ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ،بەلىخ ھاكىمى ھۈسىيىن بىلەن بىرلىشىپ چاغاتاي قوشۇنىنى تارمار قىلدى. 1370-يىلى سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ، ئىلياس خوجىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرىش بىلەن بىرگە ئۆز ئىتتىپاقدشى ھۈسىيىننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ خوتۇنىغا ئۆيلەندى. ئۇنىڭ ھۈسىيىننىڭ خوتۇنىنى ئېلىشى كېيىنكى ئىستىلاچىلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن زورقولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، ئۇ خوتۇن نەسەب جەھەتتىن چىڭگىزخان ئەۋلادىغاباغلىنىشلىق بولۇپ، تۆمۈرلەڭ ئۇنى ئېلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنى، جۈملىدىن، ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان چاغاتاي ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگەقارىتىش مەقسىدىگە يەتكەن ئىدى. شۇ يىلى 10-ئايدا ئۇ ئۆزىنى «ھۆكۈمران» دەپ ئېلان قىلىپ، 1370-يىلدىن 1512-يىلغىچە ھۆكۈمسۈرگەن تۆمۈرلەڭ ئىمپېريىسىنى قۇرىدى. نەتىجىدە، بىرپۈتۈن چاغاتاي خانلىقى ئىلياسخوجا باشچىلىقىدىكى ئالمىلىقنى مەركەز قىلغان شەقىي چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئاقساقتۆمۈر باشچىلىقىدىكى بەلىخنى مەركەز قىلغان غەربىي چاغاتاي خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىپ كەتتى. شەرىقى چاغاتاي خالىقىغا ئىلياس خوجىدىن كېيىن جامالىدىن،ئۇنىڭدىن كېيىن خىزىر خوجا تەختتە ئولتۇردى. خىزىر خوجا 1390-يىلى تەختكە چىقىشى بىلەنلا ئاساسىي نىشاننى شەرققە-قۇجۇ ۋە تۇرپانغا قارىتىپ، ئۇ جايلاردىكى تېخىمۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان باشقاخەلقلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۇرۇشىغا ئاتلاندى. قۇجۇ ۋە تۇرپان رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ جايلار ئومومىلاشتۇرۇپ «دار ئىسلام»دەپ ئاتالدى. خىزىر خوجدىدىن كېيىن سامساق خوجا (شەمسى جاھان)، مۇھەممەدخان قاتارلىق بىرقاتار خانلار شەرىقى چاغاتاي خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.1514-يىلىغا كەلگەندە، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن زېمىنى تۇرپان رايونى بىلەن چەكلىنىپ، ئاخىرى 1571-يىلى سۇلتان مەسىئۇد دەۋرىدە تەلتۆكۈست ئاغدۇرۇلدى. غەربىيچاغاتاي خانلىقى كۆپىنچە تارىخنامىلەرە «تۆمۈرلەڭ ئىمپېريىسى» دەپ ئاتالدى.
ئاقساقتۆمۈر دائىم زۇلقەرنەيىن (ئالىكساندىر ماكودونىسكى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلدىن323-يىلغىچە ياشىغان يۇنانلىق مەشھۇر ئىستىلاچى)، ئاتتىلا (ياۋروپا ھۇنئىمپېريىسىنىڭ قۇرىغۇچىسى. 400-يىلدىن 453-يىلغىچە ياشىغان، 434-يىلدىن453-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان)، چىڭگىزخانلارغا ئوخشاش دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئۇزاققا بارماي پايدىلىق شارائىتلار بىلەن تەمىن ئېتىلدى. يەنى، ئىلياس خوجا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاقسۇنى سوراپ ياتقان پولاتچى(بولاجى) نىڭ ئىنىسى قەمەرىدىن سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، تۇغلۇق تۆمۈر ۋە ئىلياسخوجىنىڭ 18 ئوغىلىنى بىراقلا ئۆلتۈرۈپ، خانلىقنى تارتىۋالدى. نەتىجىدە چاغاتاي خانلىقى ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتتى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئاقساق تۆمۈر 1376-يىلىدىن1377-يىلىغىچە شەقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىرقىسىم زېمىنىنى بېسىۋالدى. خارازىم پايتەختى ئۆرگەنجمۇ تۆمۈرلەڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قاتتىق ۋەيرانقىلىندى، شەھەرگە ئوت قويۇلۇپ، مەدەنىيىتى دەپسەندە قىلىندى، خەلقى ئۆلتۈرۈلدى.قەمەرىدىن شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان 12 يىل جەريانىدا ئاقساقتۆمۈردىن مارىئۈننەھىرنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىدى. 1390-يىلى شەرىقى چاغاتاي خانلىقى تۆمۈرلەڭنىڭ موغۇلىستاننى ۋەيران قىلىش خارەكتېرىك ھۇجۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچىراپ، مەركىزى ئالمىلىق شەھىرى تۈزلىۋېتىلدى،شەھەر قايتا ئەسلىگە كەلمىدى. 1380-يىلى ئىران، 1388-يىلى ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە،ئەرمەنىستان، 1390-يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1227-يىلدىن 1502-يىلغىچە)،1392-يىلى ئىراق تۆمۈرلەڭنىڭ قولىغا ئۆتتى. 1394-يىلى رۇس كىنەزلىكىنى بويسۇندۇرردى، 1399-يىلى دېھلىنى بېسىۋېلىپ، شىمالىي ھىندىستاننى ۋەيران قىلىۋەتتى. 1402-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسىگە يۈرۈش قىلدى ھەم شۇ يىلى 7-ئاينىڭ28-كۈنى ئەنقەرە يېنىدا بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، تۈرك قوشۇنلىرىنىڭ مەشھۇر قوماندانى يىلدىرىمنى تىرىك تۇتۇپ، ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسىنى بويسۇندۇردى.تۆمۈرلەڭ يۇقارقىدەك زور غەلىبىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، شەرقتىكى تېخى ئىسلامدىنىغا كىرمىگەن جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، بۈيۈك ئىسلام ئىمپېريىسىنى قۇرۇپ چىقىش؛ ئۇيەرلەرنى ئىسلاملاشتۇرۇپ، ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن تويۇندۇرۇش ئۈچۈن 400 مىڭكىشىلىك زور قوشۇن بىلەن شەرققە-جۇڭگودىكى مىڭ سۇلالىسى ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپكېتىۋاتقاندا، 1405-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوتراردا 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
تۆمۈرلەڭ چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن بولمىغاچقا،  ئۆزىنى«خان» دەپ ئاتىماستىن، «كوراگان» دەپ ئاتىدى ھەمدە قورچاق خان سۇيۇرغاتمىش(1370-يىلدىن 1388-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان مەھمۇدخان(1388-يىلدىن 1402-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) لار نامىدىن پايدىلىنىپ سەلتەنەت يۈرگۈزدى. تۆمۈرلەڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئارىسىدا كەسكىن ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى باشلىنىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانلىق بولىۋالدى. تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى مىراھشاھنىڭ ئوغلى، تاشكەنت ھۆكۈمرانى خېلىل سۇلتانيەنە بىر نەۋرىسى جاھانگىرنىڭ ئوغلى، تۆمۈر بەلگىلىگەن تەخت ۋارىسى پىرمۇھەممەتتىن ھوقۇق تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئەسكەر توپلاپ، سەمەرقەندنى ئىشغال قىلدى ھەمدە 1406-يىلى پىرمۇھەممەتنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركمەن خاندانلىقلىرىدىن بىرى بولغان قارا قوچقار خاندانلىقىنىڭ ۋەكىللىرى ئىراننىڭ غەرىبى ۋە غەرىبىي شىمالىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى. قۇدات ئەمىر ۋە نۇردۇن شەيىخ قاتارلىقلارمۇ turk رايونى(ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرىقى جەنۇب قىسىمى) دا ئۆز ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى ھەمدە خېلىل سۇلتان ئامۇ دەرياسى ۋادىسىدا پىرمۇھەممەت قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلانغان قۇدات موڭغۇل ۋە قارامىقلار بىلەن بىرلىشىپ ماۋرىئۈننەھىرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، سەمەرقەندنى بېسىۋېلىپ، خېلىل سۇلتاننى ئەسىر ئالدى. تۆمۈرنىڭ ئوغلى، ھىرات ھۆكۈمرانى شاھرۇخ تۆمۈرنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى دەپ تونۇلغاچقا، ئۇئالدىراپ-تېنەپ ئەسكەر توپلاپ ماۋرىئۈننەھىرگە يۈرۈش قىلدى ھەم قۇداتنى ئۆلتۈرۈپ،قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈردى. خېلىلنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئۇنى راينىڭ ھۆكۈمرانىقىلىپ بەلگىلىدى. ئۆزىنىڭ ئۈچ ئاكىسىنىڭ بارلىق ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىپ،خانلىق تەختىگە رەسمىي چىقىپ، باش ھوقۇقنى قولغا ئالدى. 1409-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلىنى ۋەزىپىگە قويۇپ، 15 ياشلىق ئوغلى ئۇلۇغبەگنى سەمەرقەند ۋەماۋرىئۈننەھىرنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ تەيىنلىدى. ئىبىراھىم سۇلتاننى شىرازغا،سۇيۇرغاتمىشنى كابۇل ۋە غەزىنىگە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شاھرۇخ دەۋرىدە (1414-1447)ئەمىلىيەتتە تۆمۈرلەڭ ئىمپېريىسى زېمىنىدا ھىراتنى مەركەز قىلغان شاھرۇخ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت ۋە سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان ئۇلۇغبەگ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەتتىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت شەكىللەندى. مۇشۇ مەزگىللەردە تۈركمەنلەر شاھرۇخقاقارىشى چىقىپ، قارا قوچقار خاندانلىقىنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى قايتۇرۋالدى.
شاھرۇخ تەختكە چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى، بەشىبالىق ھۆكۈمرانى مۇھەممەد، ماۋرىئۈننەھىردە ئىچكى قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ماۋرىئۈننەھىر رايونىغا قوشۇن تارتتى ۋە بۇ جايدىكى توپىلاڭچىلارنى قوللىدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن شاھرۇخ 1416-يىلى قالايمىقانچىلىقنى تىنجىتىپ قەشقەرنى بېسىۋالدى. مۇھەممەدتىن كېيىنكى چاغاتاي خانى نەخشى جاھان شاھرۇختىن قورقۇپ كېتىپ، دەرھال سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. 1418-يىلى ئۇلۇغبەگ چاغاتايخانى نەقشى جاھان بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، 1420-يىلى ئۇۋەيىسخان بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇسنى ئەسىر ئالدى. شۇ يىلى 10-ئايدائۇۋەيىسخان تەرىپىدىن موغۇلىستاندىن سۈرگۈن قىلىنغان شىر مۇھەممەدخان يەتتە سۇغا كېلىپ، تىنچسىزلىق پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، 12-ئايدا ئۇنى قولغا ئالدى ھەم ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بەردى. شىر مۇھەممەد قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەنە يەتتە سۇغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز رەقىبلىرىنى يېڭىپ، يەتتە سۇنى ئىگىلەپ، ئۇلۇغبەگكە قارىشى ئۇچۇق-ئاشكارا ھەرىكەت ئېلىپ باردى. نەتىجىدە، 1425-يىلى ئۇلۇغبەگ شىر مۇھەممەدكەقارىشى جازا يۈرىشى قىلىپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇنى قاتتىق مەغلۇب قىلدى.5-ئايدا شىر مۇھەممەد تەسلىم بولدى. ئۇلۇغبەگ شىر مۇھەممەدنىڭ بۇنداق ساختا تەسلىمنامىسىنى قوبۇل قىلماي، تېكەسكىچە ئىچكىرلەپ كىرىپ، يۇلتۇز ۋادىسىنى بېسىۋالدى. 1447-يىلى ھىرات ھۆكۈمرانى شاھرۇخ ئالەمدىن ئۆتتى. شاھرۇخ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بارلىق ھوقۇقنى ئۇلۇغبەگ ئۆتكۈزۋالدى. ئۇ ئادىل، ئەخلاقلىق ھەم بىلىمى كۆپ كاتتا ئۆلىما بولۇپ، ماۋرىئۈننەھىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە (1409-1449-يىللارداياشىغان) ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق  كۆرسىتىپ، نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىملارنى،جۈملىدىن ئۆز زامانىسىنىڭ ماتېماتىكا، ئاسترونۇمىيە، تىبابەتچىلىك،ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تارىخ خادىملىرىنى سەمەرقەندكە توپلىدى. ئۇ ئۆزى بىۋاستە قولسېلىپ، مەشھۇر «ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى» نى قۇرۇپ چىقتى ھەم ئاسترونومىيىلىك كۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلۇغبەگنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە سەمەرقەند تۆمۈرىيلەر ئىمپېريىسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. ئۇلۇغبەگ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئورنىغا ئوغلى ئابدۇللېتىپنى قويۇپ، ئۆزى زور قوشۇن بىلەن ئىراققا يۈرۈش قىلدى. ئۇرۇش ئىككى يىل داۋاملاشتى. 1449-يىلى ئۇلۇغبەگ ئۇرۇشتىن غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىۋاتقاندا ئوغلى ئابدۇللېتىپ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلتۈرۈلدى. بىراق، ئابدۇللېتىپ ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۆز مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتۈپ ئۆزىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئابدۇللېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا كەسكىن ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى باشلىنىپ كەتتى، مۇتەسسىپلىك كۈچەيدى. بۇ خىل ئەھۋال ئىككىيىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، 1451-يىلى ھىندىستان بابۇر پادىشاھلىقىنىڭ قۇرىغۇچىسى مىرزا بابۇر تۆمۈرىيلەر تەختىنى ئىگىلەش بىلەن تۈگىتىلدى. گەرچە بابۇر شاھ ئۆز رەقىبلىرىنى يېڭىپ، تۆمۈرىيلەر تەختىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرەلمىدى. خانلىق زېمىنىدا بۆلۈنمە كۈچلەر پەيدا بولۇپ، مۇستەقىل بولىۋالدى.خۇدايداتنىڭ ئوغلى ھۈسىيىن ئىمپېريىنىڭ بىر قىسىمىنى بۆلۈۋېلىپ، ھۈسىيىن سۇلتانلىقىنى قۇرۇش بىلەن، 1451-يىلدىن 1469-يىلغىچە سوراپ ياتتى. بابۇر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇنىڭغا قارىشى يېڭى بىر كۈچ سۈپىتىدە ئەبۇ سەئىد باش كۆتىرىپ چىقتى ھەمدە 1456-يىلى بابۇرنى مەغلۇب قىلىپ، خانلىق تەختىنى ئىگىلىدى. ئەبۇ سەئىد تولىمۇ ياۋۇز تەبىئەتلىك، جاسارەتلىك، غەيررەت-شىجائەتلىك شاھ ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە قوشنىلىرى بىلەن، بولۇپمۇ شەرىقى چاغاتاي خانلىقى بىلەن توختىماي ئۇررۇش قىلىپ تۇرى. خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ ئۇنىڭ ئىستىبدات ھاكىميىتىگە قارىشى خەلق قوزغىلىڭى كۆتىرىلىپ تۇردى. 15-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن  بۆلۈنىپ چىققان ئۆزبەك ۋە تاتارلامۇ تۆمۈرىيلەر ئىمپېريىسى، جۈملىدىن ئىمپېريە ھۆكۈمرانى ئەبۇ سەئىد ئۈچۈن بىر قورقۇنچلۇق تەھدىت بولۇپ قالدى.
ئەبۇ سەئىد تەختكە چىققاندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئۆزىگە بولغان قارىشلىقى ۋە ھۈسىيىننىڭ تەھدىتىنى بېسىش ئۈچۈن ھۈسىيىننىڭ ئوغلى بايقارانى 1457-يىلى خۇراسانغا باش ۋالى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. بايقارا خۇراسانغا بارغاندىن كېيىن ئىراق، ئىران، ئىسپىھان ۋەئەزەربەيجان قاتارلىق جايلارنى ئەبۇ سەئىدكە ۋاكالىتەن سەككىز يىل باشقۇردى. ئۇ بۇجەرياندا ئۆزىگە كۈچ توپلاپ، ئەبۇ سەئىدتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا قارىشى ھۇجۇم باشلىدى ھەم 1469-يىلى ئەبۇ سەئىدنى قاتتىق مەغلۇب قىلىپ، تۆمۈرىيلەر تەختىگە چىققانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق بايقارا ئەبۇ سەئىدنى مەغلۇب قىلىپ، يېڭى ھاكىمىيەت تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى زور قىيىنچىلىققا دۇچكەلدى. ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنىش ئېغىرلىشىپ، چوڭ ھەربىي فېئۇداللار ھەمدە ئەبۇ سەئىد ئەۋلادلىرى مۇستەقىل بولىۋالدى. مەركەزنىڭ قاراتمىلىقى ۋە كۈچ-قۇدىرىتى ئاجىزلاشتى. ئوردا ئىچىدە پىتنە-پاساتلار ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشلەر كۆپەيدى. ئوردا ئەمەلدارلىرى چوڭ-كىچىك گۇرۇھلارغا ئۇيۇشۇپ، ھەر خىل بۇزۇقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. نامدا بايقارا ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ھوقۇق چوڭ مالىيە گۇرۇھلىرى، ھەربىي ۋە دىنىي ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. چاغاتاي خانلىقى بىلەن بولغان ئۇرۇشتىمۇ بايقارا ھاكىمىيىتى ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. چاغاتاي خانى يۇنۇس تۆمۈرلەڭ زېمىنىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، 1485-يىلى تاشكەنتنى بېسىۋالدى. ئارال كۆلىنىڭ شىمالىدىكى ئۆزبەكلەرمۇ تېزلىك بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۇ جايلارنى يۇتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. 1405-يىلى بايقارا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىداباشلانغان ئىچكى نىزالار، بولۇپمۇ، ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بۇدەۋردە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. دۆلەتنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى ئاجىزلاشتى. شۇنىڭ بىلەنئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا 142 يىل ھۆكۈم سۈرگەن تۆمۈرلەڭ ئىمپېريىسى 1512-يىلىئارال كۆلى بويىدا يېڭىدىن باش كۆتەرگەن ئۆزبەكلەرنىڭ شەيبانىلار خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇررۇلدى.

2. ئۇيغۇرلارنىڭ  ئېمپىرىيىدىكى ئورنى ۋە رولى



موڭغۇلچىڭگىز ئىمپېريىسى قالاق چارۋىچى خەلقلەرنىڭ قۇرال كۈچى ئارقىلىق ۋۇجۇتقاكەلتۈرگەن ھاكىمىيىتى ئىدى. شۇڭا ئۇ قۇرۇلىشى بىلەنلا، دۆلەتنىڭ سىياسىيقۇرۇلمىسى، باشقۇررۇش شەكىللىرى ۋە باشقا جەھەتلەردىن زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچكەلدى ھەمدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يېڭىبىر كۈچ-مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەنگە تايىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ،بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىن بىرقەدەر مەدەنىي ھېسابلانغانلىرىدىنمەدەنىيەت قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئۇلار ئۆز تارىخىدا ئالاھىدە بىردەۋر-مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ جەھەتتە ئۇلارغا ئەڭ زور تەسىركۆرسەتكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلانغانئۇيغۇرلار بولدى. موڭغۇل ئىمپېريىسى قۇرۇلىشى بىلەن تەڭ زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە زىيالىلىرى ئاستانىگەجەم بولۇپ، موڭغۇل مەدەنىيىتىنى بىنا قىلىشقا ئاتلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭكۈچ-قۇدىرىتىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلانىڭ ئىمپېريە تەۋەسىدىكى ئورنىئېشىپ، ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولدى.

چىڭگىزخانموڭغۇل ئڭمپېريىسىنى قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن ئىمپېريە ئاھالىسىنى تۆت تەبىقىگەئايرىغان بولۇپ، بۇنىڭدا موڭغۇللار بىرىنچى تەبىقە، رەڭدار كۆزلۈكلەر ئىككىنچىتەبىقە، خەنزۇلار ئۈچىنچى تەبىقە، باشقىلار تۆتىنچى تەبىقە بولدى. ئۇيغۇرلارئۆزىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى مەدەنىيىتى ۋە ئاق تەنلىكلەرگە خاس بولغان ئالاھىدەئىرقىي بەلگىلىرى ئاساسىدا «رەڭدار كۆزلۈكلەر» دەپ ئاتىلىپ، ئىككىنچى تەبىقەقاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازى بولۇپ قالدى ھەم ئۇلارنىڭمەدەنىيەت جەھەتتىن يۈكسىلىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. ئەينى دەۋردە موڭغۇللارنىڭيېزىقى يوق بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭانىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدائۇيغۇر يېزىقى موڭغۇللار ئۈچۈن رەسمىي يېزىق بولۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىدى ھەمبۈگۈنكى موڭغۇل، مانجۇ، شىۋە يېزىقىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دۆلەتباشقۇرۇش، مالىيە قاتارلىق مۇھىم تۈزۈلمىلىرىمۇ موڭغۇللار تەرىپىدىن قۇبۇلقىلىندى. خان ئوردىسىدىكى ئالىم، يازغۇچى، مەسلىھەتچى، ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپقىسىمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلدى. يۈەن سۇلالىسى (قۇبلاي 1271-يىلى موڭغۇلئىمپېريىسى مەركىزىي ھاكىميىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇررىشىدىكى قىسىمىنىڭ نامىنى «يۈەنسۇلالىسى»غا ئۆزگەرتكەن. 1369-يىلى جۇ يۈەنجاڭ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئورنىغا مىڭسۇلالىسى قۇرۇلغان) ئورىدسىدا جەمىئىي 28 مىللىي ئەدىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭ 18 ىئۇيغۇرلار ئىدى. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنى يوقۇتۇپ،جۇڭگونى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قويۇلغان ئەمەلدارلارنىڭئۈچتىن ئىككى قىسىمىغا ئۇيغۇرلارنى بەلگىلىدى. بولۇپمۇ قۇبلاي دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇرئۇيغۇر ئالىمى جامالىدىن ۋە تۆمۈر تۈۋرۈك بۇ ئىمپېريىنىڭ پەن-مەدەنىيەتتەرەققىياتىدا ناھايتى مۇھم رول ئوينىدى.

چاغاتايدەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇللارتەرىپىدىن ئوموۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىشىغا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇللار ئۈچۈنمۇئورتاق بىر مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارنىڭتۈركلىشىش (ئۇيغۇرلىشىش) جەريانىدىكى رولى ئېشىپ بېرىپلا قالماستىن، خانلىق تەۋەسىدەھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش دائىرىسىمۇ كۈنسايىن كېڭىيىپ باردى.

ئۇيغۇرلاررايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا ئۇيغۇر تىلىبىردىن-بىر ھۆكۈمەت تىلى ۋە ئالاقە تىلىغا ئايلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇشۇ تىلبىلەن يۈرگۈزۈلدى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ تىل شۇ دەۋردىكى خاندانلىقنىڭ نامىبىلەن ئاتالمىغان بولاتتى. تىلنىڭ بىرلىككە كەلتۈرىلىشى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىيئالاقىلەرنى زور دەرىجىدە قويۇقلاشتۇرۇپ، رايون ئاتلىغان مەدەنىيەت ھەم ئىقتىسادچەمبىرىكىنى مەيدانغا كەلتۈردى. موڭغۇللانىڭ تۈركلىشىشى، جۈملىدىن،ئۇيغۇرلىشىشىدىمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆز رولىنى نامايەن قىلدى. ھەتتا،14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىداموڭغۇللارنىڭ مىللىي تەركىبىدە بۆلۈنىش يۈز بەردى. 1350-يىلى  چاغاتاي خانلىقىنىڭ دۆلەت ئاتىسى بولغان تۇغلۇقتۆمۈرخان باشچىلىقىدا موڭغۇللارنىڭ بارلاس، جۇراس، دوغلات قەبىلىسىدىن بولۇپ 200مىڭ كىشى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىمان ئېيتىپ، ئىسلام دىنىغا كىردى. بۇ موڭغۇللاربىلەن ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك ئېتىقاد بىرلىكىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈكئالاقىلىرىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ ھەم نىكاھلىنىشىدىكى ئېتىقاد توسالغۇسىنى يوقۇتۇپ،موڭغۇللارنىڭ تۈركلىشىشى (ئۇيغۇرلىشىش) نى ئىجتىمائىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.نەتىجىدە چاغاتاي قەۋمىنىڭ كۆپ قىسىمى 100 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈركلىشىپ(ئۇيغۇرلىشىپ) كەتتى. ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى رولى توغرىسىدامەشھۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388-1450) مۇنداق يازىدۇ: «بۇ يەردەمەنسەب بەلگىلىرى، ناملىرى، بۇيرۇق، پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەنبولىدىكەن. پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشىلا روناق تاپالايدىكەن، ئامەتكە، ھۆرمەتكەسازاۋەر بولالايدىكەن». بۇ دەۋردە چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكىھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا باش ۋەزىر، ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى، ئىلىمىي ئىشلارمەسلىھەتچىسى، ئىلىم-پەن ئىشلىرى ۋەزىرى، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق مۇھىمئورۇنلارغا ئۇيغۇرلار قويۇلدى. ئۇيغۇرلار يەنە چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئوردائەمەلدارلىرى، ئۇررۇغ-تۇغقانلىرىغا ئىلىم-پەن، مائارىپ، ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدەمەسلىھەت-تەربىيە بېرىپ، بۇ ساھەلەردە چاغاتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭمەسلىھىتى بويىچە ئىش كۆرىدىغان، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت قوللۇنىدىغانبىر خىل ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. بۇ ھەقتە رۇس شەرقشۇناسى س. ي. مالوف مۇنداق دەيدۇ:«موڭغۇللائارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتئورۇنلىرىدا ئىش يۈرگۈزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى». بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار يالغۇزمەدەنىيەت جەھەتتىنلا رول ئويناپ قالماستىن، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋە سودا-سانائەت،شەھەر قۇرۇلىشى جەھەتلەردىنمۇ زور رول ئوينىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۈچ چىقىرىشىبىلەن بۇ دەۋرگە كەلگەندە چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ۋەيران بولغان شەھەرلەرقايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ، گۈللىنىشكە باشلىدى. شەھەر قۇرىلىشى يېڭى بىر دەۋرگە كىرىپ،ئىسلام بىناكارلىقى راۋاجلاندى. ھەيۋەتلىك ئوردا-قەسىرلەر قەد كۆتەردى. سودائورۇنلىرى ئېچىلىپ، سودا كارۋان ئەتىرەتلىرى تەسىس قىلىندى، شۇنداقلا، غەربىيئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، قىپچاق دالىسى، ياۋروپا ۋە جۇڭگو قاتارلىق جايلار بىلەنمال ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلدى. قول سانائەت كارخانىلىرى مەيدانغا كېلىش بىلەن،بازار ئاۋاتلىشىپ، خەلق تۇرمىشى ياخشىلاندى. يېزا ئىگىلىكى راۋاجلىنىپ، تېرىقچىلىقمەيدانلىرى ۋە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرى بىنا قىلىندى. موڭغۇللار كۆچمەن چارۋىچىخەلق بولغاچقا مۇقىم باشقۇرۇش تۈزىمى يوق ئىدى. شۇڭا، چاغاتاي دەۋرىدە يەنە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپدېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ ۋە ماۋرىئۈننەھىررايونلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بېرىلدى. بۇنىڭغا بىنائەن پۈتۈنماۋرىئۈننەھىر رايونى شۇ جايدىكى چوڭ فېئۇدال مەخمۇت يالۋاچ جەمەتىنىڭ باشقۇرىشىغاتاپشۇررۇلدى.

1370-يىلىچاغاتاي ئۇلىسىدا پارچىلىنىش يۈز بېرىپ، خىزىر خوجا باشچىلىقىدىكى ئىلى بالىقھاكىمىيىتى ۋە تۆمۈرلەڭ رەھبەرلىكىدىكى سەمەرقەند ھاكىمىيىتى بارلىققا كەلگەندىمۇ،ئۇلارنى بىرىكتۈرۈپ تۇرغان نەرسە يەنىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى بولدى. بولۇپمۇ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭ بولدى. بۇ ھەقتە 18-ئەسىردە ئۆتكەن خىۋە خانىئەبۇلغازى باھادىرخان:«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدا تۈركچە (ئوغۇزچە) بىلىدىغان(يازالايدىغان) كىشىلەر ناھايتى كۆپ. ئۇلار مەھكىمە ۋە دىۋان (كاتىباتلىق)ئىشلىرىنى ناھايتى ياخشى ئېلىپ بارىدۇ»، دەپ يازسا، پارىس تارىخچىسى جۇۋەينى«تارىخي جاھانكۇشاي» (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تارىخى) ناملىق ئەسىرىدە: «ئۇلارئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى بىلىمنىڭ چوققىسى دەپ بىلىدۇ»، دەپ يازغان. تۆمۈرلەڭدەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ دەۋردەموڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇررلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ بولغانلىقتىن، زور بىر تۈركۈم تۈركلەشكەن(ئۇيغۇرلاشقان) موڭغۇل ئەدىبلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچىقىدا تاۋلىنىپ چىقتىھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى «ئۆز مەدەنىيىتىم ۋە تىلىم» دەپ قارىدى. ئۇلار كىچىكىدىنباشلاپلا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ قولىدا تەربىيلىنىپ چىققاچقا، ئۇلارنىڭ ياراتقانئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭتۇرمۇش مۇھىتىدىن ئېلىنغان ئەسەرلەر بولدى. نەتىجىدە، بىر تۈركۈم تۈركلىشىپ(ئۇيغۇرلىشىپ) كەتكەن موڭغۇل ئەدىبلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا كىرگۈزۋېتىلدى.ئۇلاردىن داڭلىقلىرى ئۇلۇغبەگ، مىرزا بابۇر شاھ، نەۋائى... قاتارلىقلاردىنئىبارەت. تۆمۈرلەڭ مەھكىمىلىرىدىكى ئىش-ئالاقە ھۆججەتلىرىمۇ تامامەن ۋە باشتىن-ئاخىرئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلدى. بۇنىڭغا 1469-يىلى ئۆمەر شەيىخ مىرزا ئارقىلىقتوختامۇشقا ئەۋەتىلگەن يارلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالئەدەبىي ئەسەرلەردە تېخىمۇ تىپىكلىككە ئىگە بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا زىيالىلىرىۋە ئەدىبلىرى ھېسابلانغان لۇتفى، سەككاكى ۋە نەۋائىلارنىڭ كاتتا ئەسەرلىرى ھەم 1432-يىلىتۈزۈلگەن «بەختىيارنامە»، 1430-يىلى يېزىلغان «تەزكىرەئى ئەۋلىيا»، 1437-يىلىدىكى«مىراجنامە» شۇنىڭدەك  ھىرات ۋەسەمەرقەندلەردە مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك ئەسەرلەرمۇ پۈتۈنلەي چاغاتاي دەۋرىدىكىئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئىدى. ھەتتا، نەۋائى ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرماتىلشۇناسلىققا دائىر كاتتا ئەسىرى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» («ئىككى تىلمۇنازىرىسى») دە ئەينى دەۋردە «چاغاتاي تىلى» نامى ئاتالغان ئۇيغۇر تىلىنى كاتتايۈكسەكلىككە كۆتىرىپ، ئەرەب ۋە پارىس تىلى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان ھەم ئۇنىئەرەب، پارىس تىللىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ساپ بولغان تۈركىي تىلى(ئۇيغۇر تىلى) دەرىجىسىگە كۆتىرىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. تۆمۈرلەڭ دەۋرىدەئۇيغۇرلار يەنە ئىمپېريىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلدى ھەمدە ئىمپېريىنىڭھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەربابلارۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بولدى. ھەربىيقىسىملاردىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى ھەربىي مەسلىھەتچى قاتارلىق مۇھىمخىزمەتلەرگە قويۇلدى. تۆمۈرلەڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، بولۇپمۇ، شاھرۇخ ۋە ئۇلۇغبەگدەۋرىدىن باشلاپ موڭغۇللار ئۇيغۇرلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتتى. نەتىجىدەئۇلار موڭغۇل ئىرقىغا خاس خۇسۇسىيەتلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىپ، ئۇيغۇرلىشىشنىتولوق ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئىمپېريە ھۆكۈمرانلىرى پۈتۈن خەلققە ئوخشاشمۇئامىلە قىلىشقا، ئىمپېريە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈررۈش ۋە يۈكسەلدۈرۈشئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئاقىۋەت تۆمۈرلەڭ ئىمپېريىسى يالغۇزموڭغۇللار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان ھاكىمىيەتكەئايلاندى.

3. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇلمەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى

ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىمچىڭگىزخانغا بېقىنغان مەدەنىيەتلىك ۋە مۇقىم بولغان دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەنشۇغۇللىنىدىغان مىللەت ئىدى. مانا بۇ ئامىل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇلئىمپېريىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىشىنى بەلگىلىدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇلمەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەردىن كۆرىلىدۇ:

بىرىنچىدىن، يېزىقجەھەتتىكى تەسىرى.

چىڭگىزخان 1204-يىلىئالتاي تېغىدىكى نايمانلارنى يوقاتقاندا، تايانخاننىڭ ئۇستازى ھەم مۆھىردارىنىقولغا ئالدى. بۇ كىشى دەل مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭا ئىدى. چىڭگىزخانتاتاتۇڭانى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىداموڭغۇللارغا دەرس ئۆتۈشكە سالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ بارلىقئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقى قوللۇنىلدى. ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇللارنىڭ خان جەمەتىگەئۇيغۇر يېزىقىدا دەرس بەرگەن يالغۇز تاتاتۇڭا بولماستىن، يەنە قاراياغاچ بۇيرۇق،يۇلۇن تۆمۈر، ساراجان، مىڭسەرىز، سانجىس قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. تاتاتۇڭاقاتارلىقلار موڭغۇللارغا ئۆگەتكەن يېزىق قۇجۇ رايونىدا ئومومىيۈزلۈكقوللۇنىلىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. موڭغۇللار ئۇنى موڭغۇل ئۇيغۇر يېزىقىدەپ ئاتىدى. 13-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بۇ يېزىق ئىمپېريىنىڭ بارلىقساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان يېزىق بولۇپ قالدى. 1254-يىلى مۇنكەنىڭ فىرانسىيە كىنەزىلوئى Ⅺ گە يازغان خېتى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ئىدى. بۇ يېزىق يەنە خەنزۇلارنىڭمول يازما ماتېرياللىرىنى موڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلىشتىمۇ ئومومىيۈزلۈك قوللىنىلغانبولۇپ، خەنزۇلارنىڭ چوڭ تىپتىكى يىلنامە كىتابى «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئىمپېريىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھۆججىتىئىمپېريە قانۇن قامۇسى «ياسا» مۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى موڭغۇل ئۇيغۇريېزىقىدا يېزىلغان ئىدى. بۇ كىتاب چىڭگىزخاننىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە خەلقماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سۆز قامۇسى بولۇپ، ئۇنىڭدا دۈشمەنگە قارىشىئۇرۇش قىلىشنىڭ سىتىراتىگىيلىك تەسەۋۋۇرلىرىدىن تارتىپ ئوت ۋە تەخسىدىن ئاتلاپئۆتمەسلىك قاتارلىق موڭغۇللارنىڭ  ئەڭئادەتتىكى ئۇدۇملىرىغىچە تەپسىلىي خاتىرلەنگەن. چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدا «ياسا» نىڭئىجىرا قىلىنىشىغا ئۆزىنىڭ 2-ئوغىلى چاغاتاينى بەلگىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭموڭغۇللارغا يېزىق ئۆگەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناس ۋە موڭغۇلشۇناسئالىملار ئۇيغۇرلارنى موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازى دەپ قارايدۇ.

2› «تامغا» تۈزۈمى.

چىڭگىزخان موڭغۇللارنىبىرلىككە كەلتۈرگەندە ئۇلارنىڭ يېزىقى بولمايلا قالماستىن، بەلكى، تامغىسىمۇ يوقئىدى. كېيىن ئۇلار تاتاتۇڭادىن تامغا ئىشلىتىشنى ئۆگەندى. موڭغۇل ئىمپېريىسىدەۋرىدە بارلىق ئورگانلار ئۇيغۇرلارنىڭ تامغىلىرىغا تەقلىد قىلىپ تامغا ئويدۇرۇپ،ئۇنى دەرىجە ۋە ئەمەلنىڭ ھەمدە ھەربىي، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بۇيرۇق، ئالاقە ۋەمەكتۇبلىرىنىڭ ئىناۋىتى ھەم بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپكېيىن تامغىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارا-بارا كېڭەيدى ھەم تامغا ئىشلىتىش تەدرىجىئومۇملاشتى.

3› مەنسەپ تۈزۈمى.

موڭغۇللار چىڭگىزخانيېڭىدىن تەختكە چىققان دەۋرلەردە ئىپتىدائىي جەمىئىيەت باسقۇچىدا تۇرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭباشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە مەنسەپ-ئەمەللىرى ناھايتى ئاددىي ئىدى. موڭغۇللارنىڭئۇرۇشتا كۆرسەتكەن غايەت زور ھەربىي مۇۋاپىقىيەتلىرى ھەم مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭقەدەممۇقەدەم كېڭىيىشى ئۇلارنىڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ئورنىتىشىنىجىددىي تەلەپ قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر تۈركۈم بىلىملىكئۇيغۇرلاردىن تەلىم ئېلىشقا باشلاپ، ئەڭ ئالدى بىلەن «ھۆكۈمدار» دېگەن مەنسەپنىئۆگەندى. بۇ ھازىرقى ئەدىليە ئەمەلدارىغا توغرا كېلەتتى. موڭغۇللار يەنە ئورداباشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەندى.

4› قول ھۈنەرۋەنچىلىكۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تەسىرى.

چىڭگىزخان موڭغۇللارنىبىرلىككە كەلتۈرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، موڭغۇللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭتۈرلىرى ئاز، سەۋىيسى بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى. ئۇيغۇرلار رايونلىرىنىڭ ئىمپېريەتەۋەسىگە ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك جەھەتتىكىئاجايىپ يۇقىرى ماھارىتىنى ۋە ئۆزلىرى تېخى كۆرۈپ باقمىغان بىر قىسىم قول ھۈنەرتۈرلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ھەمدە مەخسۇس پەرمان چۈشۈرۈپ، ئۇستىكارلارنىئۆلتۈرمەستىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، قاراقۇرۇمدىكى موڭغۇل ئوردىسىغا ئېلىپبېرىپ، تۈرلۈك قول ھۈنەر ئىشلىرىغا سالدى. بىر تۈركۈم موڭغۇللار ئۇلاردىن تۈرلۈكقول ھۈنەر كەسپلىرىنى ئۆگۈنۈپ، موڭغۇللار تارىخىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى مەخسۇسكەسپلەشكەن قول ھۈنەرۋەنلەر تەبىقىسىنى شەكىللەندۈردى. موڭغۇللار تەرىپىدىن قاراقۇرۇمغائېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر ئىچىدە ھەممىدىن  ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولغانلىرى ئەمچىلەر (مەخسۇسكېسەل داۋالاش ۋە داۋالاش ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى تېۋىپلار)،دورىگەرلەر (تۈرلۈك تىببىي دورىلارنى تەتقىق قىلغۇچى، يىغقۇچى ۋە ياسىغۇچىلار)،كىمياگەرلەر (پارتلاتقۇچ دورا ياساش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار)، تۆمۈرچىلەر، مېتالتاۋلىغۇچىلار ۋە زەمبىرەك ياسىغۇچىلار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ زەمبىرەكياسىغۇچىلار ئەڭ ئەتىۋارلىق بولۇپ، ئۇلار قاراقۇرۇمغا بارغاندىن كېيىن موڭغۇلقوشۇنلىرى ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئىلغار جەڭ قورالى-ئۇيغۇر زەمبىرىكىنى ياساشبىلەن شۇغۇللىنىپ، موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ھەربىي غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىمئاساس سالدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئۇيغۇر زەمبىرىكىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتىدىن پايدىلىنىپئۆزى يېتىپ بارغان جايلاردىكى شەھەر قەلئەلەرنى ۋە مۇداپىئە سېپىللىرىنى تېزسۈرئەتتە بىتچىت قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. بىز چىڭگىزخانۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاز قوشۇن بىلەن تېز ئىلگىرلەپ،دۇنيانى بويسۇندۇرۇپ، تارىختا ئالەمشۇمۇل ئىز قالدۇرىشىنى ئۇيغۇر زەمبىرىكىنىڭكارامىتىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز. قۇبىلاي تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرزەمبىرىكى ياساشقا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ 1279-يىلى ھەرقايسىجايلاردىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى ياساشنى بىلىدىغان ئۇستىلارنى بېيجىڭغا يىغىش توغرىسىدامەخسۇس خان يارلىقى چۈشۈرگەن.

تارىختا ئۇيغۇرزەمبىرىكى توغرىسىدىكى مەلۇمات ئەڭ ئاۋال «سۇڭ تارىخى» دا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ،مەزكۇر كىتابنىڭ «ئەسكەر-ياراغ تەپسىراتى» بابىدا «جەنۇبىي سۇڭ دۆلىتىدە چۈنشىنىڭ9-يىلى (1182-يىلى) چېگرا رايونلاردىكى ۋىلايەتلەردە ‹خۇي-خۇي زەمبىرىكى› (回回炮) گە تەقلىد قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئەپچىللىك، يىراقتىكىنىشانغا تەگكۈزۈش جەھەتلەردە بۇرۇنقى قۇراللاردىن ئېشىپ چۈشتى، دېگەن بىر يېڭىخەۋەر تارقالغان». بۇ ماتېريالدا ئۇيغۇر زەمبىرىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭجەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە بىلىنگەن ۋاقتىنىڭ 1182-يىلى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغانبولسىمۇ، بىز ئۇيغۇر زەمبىرىكىنى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن، دەپئېيتالايمىز. چۈنكى، قاتناش-ئالاقە ۋە تەقلىد قىلىپ ياساش ئانچە تەرەققى قىلمىغانئاشۇ دەۋردە ئۇيغۇر زەمبىرىكىنىڭ مەيدانغا كېلىپ ئوموملىشىشى ۋە ئۇنى باشقامىللەتلەرنىڭ تەقلىد قىلىپ ياساپ، سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمىلىي جەڭلەردە ئىشلىتىشىئۈچۈن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل كېتىدۇ.

ئۇيغۇر زەمبىرىكىخەلقىمىزنىڭ دۇنيا ھەربىي قورال-ياراق تارىخىغا قوشقان بىر شانلىق نامايەندىدۇر.

4. ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت

موڭغۇللانىڭشىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يۈرۈش قىلىشى ۋە بۇ جايلاردا ماكانلىشىشىئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ  شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرائاسىيا رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئوموملىشىشىغا ئاساس سالدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرمەدەنىيىتى قايتىدىن گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، كۈچلۈك ۋە چىڭگىزخاننىڭھەربىي يۈرۈشلىرى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىغا خاتىمەبېرىلدى. بولۇپمۇ 1227-يىلى چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمى بىلەن بىرپۈتۈن موڭغۇلئىمپېريىسىنىڭ تۆت كىچىك خانلىققا بۆلۈنىشىگە قاراپ مېڭىشى ھەم شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرائاسىيا رايونىنىڭ ئايرىم بىر بىرلىك بولۇپ ئايرىلىپ چىقىش باسقۇچىغا قەدەم قويىشى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىنى تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى.1221-يىلى چىڭگىزخان پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئىمپېريىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەش ھەممۇستەھكەم سىياسىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ رايونلاردىن نۇرغۇنلىغانئىلىم ئەھلىلىرىنى قارا قۇرۇمدىكى ئوردىسىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. چىڭگىزخانئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشتى ھەمدە بۇ رايوندايېڭىدىن ئورنىتىلغان تىنچ سىياسىي مۇھىت ئاستىدا گۈللەنگەن ھەم يېڭى ئۇيغۇرمەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چاغاتايمۇسەمەرقەند ۋە ھىرات قاتارلىق جايلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىلىم-پەن ۋەمەدنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئىلىمئەھلىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ جايلارغا توپلىدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدابىرقەدەر تىنچ سىياسىي مۇھىت ئورنىتىلغانلىقتىن، ئۇرۇش دەۋرىدە ھەرقايسى جايلارغاقېچىپ كەتكەن شەھەر ئاھالىسى ئۆز ماكانلىرىغا قايتىپ كەلگەن، شەھەر قۇرىلىشى ۋەسودا-سانائەت ئىشلىرىمۇ ئەسلىگە كېلىپ، راۋاجلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. 14-ئەسىرنىڭ20 يىللىرىدىن باشلاپ بۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلدى. بۇ ۋاقىتتاشىنجاڭ رايونىدا ئىسلام دىنى ۋە بۇددا دىنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل دىن ئېتىقادچىلىرىئارىسىدا كەسكىن كۈرەشلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولغاچقا، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىقجايلاردىكى نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىلىرى تىنچ ماكان ئىزدەپ ماۋرىئۈننەھىر ۋە يەتتە سۇرايونىغا كەتتى ھەمدە ئۇ جايلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋەگۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. نەتىجىدە، ماۋرىئۈننەھىر ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەتمەركەزلىرىگە ئايلىنىپ، زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت پېشىۋالىرى يېتىشىپ چىقتى. ھەتتا،نەۋائىدەك بۈيۈك ئۇستاز مۇشۇ دەۋر مۇھىتىدا مەيدانغا كەلدى. ئەدەبىياتنى مەركەزقىلغان تەقۋىمچىلىك (كالېندارچىلىق)، ئاسترونومىيە، خېمىيە، ھۈنەر-سەنئەت، يېزائىگىلىگى ۋە تېبابەتچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ،ئەتىراپىدىكى خەلقلەر ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.  

5. ئاساىي نامايەندە خارەكتېرلىكشەخسلەر

1› مەشھۇرئاستىرونوم جامالىدىن.

جامالىدىنيۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئاستىرونوم، كالىندارشۇناس ھەم داڭلىقتارىخچى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بىلىم-ئىقتىدارىغا تايىنىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھىقۇبىلاينىڭ مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ، قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ۋە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلتەۋەسىدىكى شىمالىي پايتەختتە ئىسلام رەسەتخانىسى قۇرىغان. 1267-يىلى ئاسمانجىسىملىرىنى كۆزىتىدىغان يەتتە خىل ئەسۋابنى كەشپ قىلغان. بۇ ئەسۋابلار ئۆزدەۋرىدە يۈەن سۇلالىسىنىڭ باشقا جايلىرىدا ياسالغان ھەرقانداق ئەسۋابدىن، جۈملىدىنمەشھۇر ئاستىرونوم گۇ شۇجىن ياسىغان ئاستىرونومىيە ئەسۋابىدىنمۇ كۆپ ئىلغاربولغان. جامالىدىن يەنە «ئۇزۇن يىللىق كالىندار» ناملىق بىر كالىندارنى تۈزۈپچىققان ھەم كالىندار تۈزۈش جەھەتتە گۇ شىجىنغا ئۇستاز بولغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭتارىخ ۋە جۇغراپىيلىك تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن، 18 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ،جۇغراپىيلىك ئەھۋاللار، ناھىيە ۋە ئوبلاستلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، مۇھىمتارىخىي ئىش-پائالىيەتلەر، مەشھۇر-ئارشاڭ-بۇلاقلار، تاغ-دەريالار، تارىخىي شەخسلەرھەمدە دانىشمەنلەر يازمىلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلغان، 600 قىسىم، 1300جىلىدلىق «يۈەن دەۋرىدىكى بۈيۈك بىرلىك» ناملىق مەشھۇر تارىخىي ئەسەرنى يېزىپچىققان.

2› يېزائىگىلىك ئالىمى تۆمۈر تۈۋرۈك.

تۆمۈرتۈۋرۈك (خەنزۇچە ئىسىمى لۇ مىڭشەن 鲁明善) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئاگرونوم بولۇپ، تۇرپان قارىغوجىدىن. ئۇنىڭ دادىسى ئانا تىلىدىنباشقا خەنزۇچە، سانسىكىرىتچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە تىل-يېزىقالرنى پىششىق بىلىدىغانداڭلىق تىلماچ ھەم موڭغۇل ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرىنى تەربىيلەيدىغان «خانزادىلەرمەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. تۆمۈر تۈۋرۈك ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە ئۆسۈپيېتىلگەنلىكى ھەم تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن كەڭ دائىرلىك بىلىمئىگىلىگەن. كېيىن ئۇ بىر مەزگىل خۇنەن، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدە ناھىيە ئەمەلدارىبولغان. تۆمۈر تۈۋرۈك يېزا ئىگىلىكىگە دائىر ئىشلارغا ئەڭ قىزىقىدىغان بولۇپ،ئۇزاقمەزگىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئالدىنقىئورۇنغا ئۆتكەن. 1314-يىلى كۆپ يىللىق ئىزدىنىشى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنىڭنەتىجىسى بولغان، ھاۋا رايى، سۇ ئىنشائاتى، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، پىلىچىلىككەدائىر يېزا ئىگىلىككە دائىر مەزمۇنلارنى ھەم گۆش، تۇخۇم، كۆكتاتلارنى ساقلاش،چىلاش، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش، داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككىتوملۇق «تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كاتتا ئەسەرنى يېزىپ باستۇرۇپ،ھەرقايسى يېزىلارغىچە تارقىتىلغان ھەم كاتتا شۆھرەت قازانغان. پۈتۈن مەملىكەتمىقياسىدا نوپۇزلۇق يېزا ئىگىلىك قوللانمىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. نەتىجىدەجۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بىربالداق يۇقىرى كۆتىرىلگەن. بىر قىسىمزىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش، سۇغۇرىلىش، ئوغۇتلاش ۋاقتى ۋە ئۇسۇللىرى ئىلمىي ئۇسۇلدائومۇملاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا مۇھىم ئاساسسالغان. غەربىي رايون ئەللىرىدە ئۆستۈرۈلىدىغان كۆممىقۇناق، سەۋزە، تۇرۇپ، چامغۇر،ئۈزۈم قاتارلىق بىرمۇنچە زىرائەت ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپكىرگەن. ئۇ بىر ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇرتىمىزغا خاسبولغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، قېتىق ئۇيۇتۇش ۋە تۆل ئېلىشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنىخەنزۇلار رايونىغا تونۇشتۇرغان. جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكىئالىم-مۇتەخەسىسلىرى تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە ھەم«تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كىتابىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. چىڭسۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «تۆت يۈرۈش كىتابلارنىڭ ئومومىي تىزىمى» ناملىقكىتابتا: «تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابى سېستىمىلىق، ئېنىق، ئاممىباب يېزىلغان.ئۇنىڭدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يىغىش، ساقلاشقا دائىر بايانلار كىشىنىئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ. مەزمۇنى ئىلگىرى يېزىلغان يېزا ئىگىلىكىگە دائىركىتابلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن مول بولۇپ، ھەقىقەتەن بىباھا كىتابتۇر...» دەپيېزىلغان. نۇرغۇن ئالىملار تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابىنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدەجۇڭگودا بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ دېھقانچىلىق دەستۇرىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەشكەن.

3› سىياسىيۇن ليەنشىشەن

ليەنشىشەن(1231-1280) نىڭ دادىسى بۇيرۇق ھىيا چىڭگىزخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربىييۈرۈشلىرىگە قاتناشقان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۇبىي خېبېي ئايمىقىنىڭ تەپتىشئەلچىسى بولغان. ليەنشىشەن دادىسىغا بېرىلگەن مەنسەپنىڭ باش ھەرىپىنى ئۆزىگەفامىلە قىلىۋالغان.

ليەنشىشەنموڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىۋاتقان مەزگىلدەياشىغان. شۇڭا ئۇنىڭ شەخسىي تارىخىنىڭ كۆپ تەرەپلىرى شۇ مەزگىلدە يۈز بەرگەنبىرقاتار ۋەقەلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ليەنشىشەن 19 ياش ۋاقتىدا مەنسەپئەمەلدارىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇبىلايغا مۇھاپىزەتچى قىلىپ ئەۋەتىلىپ،ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ياش ۋاقتىدا كىلاسسىك ئەسەرلەر ۋە تارىخ ئەسەرلىرىنىكۆپلەپ ئوقۇپ، مول بىلىمگە ئىگە بولغاچقا ئوردىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن ھەمقۇبىلاينى خان قىلىپ تىكلەش ۋە قۇبىلايغا قارىشى بىرقاتار توپىلاڭلارنى تارمارقىلىشتا باش رول ئوينىغان. 1262-يىلى ليەنشىشەن باش مىرزا، مەمۇرىي ئىشلارمۇپەتتىشىلىكىگە تەيىنلىنىپ، موڭغۇل ئىمپېريىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىكى ئالتەۋەزىرنىڭ بىرى بولغان. ئۇ ئەمەلدارلارنى ئىشلىگەن نەتىجىسىگە قاراپ ئۆستۈرۈشقانۇنىنى يولغا قويغان. بۇ قانۇن موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدەيولغا قويۇلغان مۇھىم قانۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. قانۇننى قاتتىق ئىجىراقىلىپ، خان جەمەتىدىكىلەرگىمۇ قىلچە رەھىم قىلمىغان. ئادالەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەنياقلىغان. زىيالىلارنى مالاي ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نۇرغۇنلىغانزىيالىلارنى ئەركىنلىككە چىقارغان. كېيىن يەنە ئىمپېريە تەۋەسىدىكى خەنزۇئېقىمىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى «خەنزۇلارنىڭچارىسى ئارقىلىق خەنزۇلار رايونىنى ئىدارە قىلىش» بولۇپ، ليەنشىشەن خەنزۇ ئېقىمىدىكىلەرگەۋەكىل بولۇپ، ئىختىسادشۇناس مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەخمەتنىڭ «غەربىي رايوننىڭ چارىسىبويىچە خەنزۇلار رايونىنى ئىدارە قىلىش» چارىسى ئۈستىدە قاتتىق مۇنازىرە ئېلىپبارغان. ليەنشىشەن 1280-يىلى ۋاپات بولغان. مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا «ۋېيكىنەزلىكىنىڭ كىنەزى خېڭياڭ ۋاڭى» دېگەن پەخىرىي نامنى بەرگەن.

4› ھەربىي مۇتەخەسىس ئارق ھىيا

ھەربىيمۇتەخەسىس ئارق ھىيا دەسلەپتە قۇبىلاينىڭ باش مەمۇرىي ھەربىي ئەمەلدارى بولغان.كېيىن ئۇ يەنە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىسى، ئوردا مەسلىھەتچىسى قاتارلىقئۇنۋانلارنى ئېلىپ، قۇبىلاينىڭ ئوتتۇرا سەپ قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانلىقىغاتەيىنلەنگەن. ئۇ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىغا قىلغان ھەربىي يۈرۈش جەريانىدىكى مەشھۇر«جيالىڭ ئۇرۇشى» دا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. ئۇ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ قاتتىقمۇداپىئە سېپى ئالدىدا بېشى قېتىپ، ئاماسىز قالغان موڭغۇل سەركەردىلىرى ئىچىدەبىلىمىنىڭ موللۇقى، پىلانچانلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. «يۈەن سۇلالىسىتارىخى» دا ئارق ھىياغا باھا بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «غەربىي خۇبېي، غەربىيئەنخۇي، جياڭشى، خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى 58 ئايماق ۋە سانسىز تاغئاھالىلىرىنى بويسۇندۇردى. بويسۇندۇرغاندا كۆپىنچە نەسىھەت قىلىپ بويسۇندۇردى.ھەرگىز قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ خەلقنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىشنىمىزان قىلدى. كېيىنكى كۈنلەردە خەنزۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياساپ، ئۇنىڭھەيكىلىگە سەجدە قىلدى». 1286-يىلى ئارق ھىيا «ئىناۋەتلىك تۆرە» دېگەن پەخىرىيئۇنۋان بىلەن خۇبېي، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ سول قول ئامباللىقىغا ئۆستۈرۈلدى. ئۇ 60يېشىدا ۋاپات بولدى. موڭغۇل ھاكىميىتى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭغا «چۇكىنەزلىكىنىڭ كىنەزى، جياڭلىڭ تۆرىسى» دېگەن پەخىرىي ئۇنۋاننى بەردى.

5› ئىل ئىھمىش

جۇڭگونىڭقەدىمكى زامان دېڭىزچىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا كىشىلەر ئەڭ ئاۋال ئىپتىخارلانغانھالدا، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي ئوكيان (ھىندى ئوكيان) غا 7 قېتىم سەپەرقىلغان مەشھۇر خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭخېنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە موڭغۇل خانلىقىدەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئىل ئىھمىش جېڭخېدىن 130 يىل بۇرۇن يىراقھىندى ئوكيانغا بېرىشتەك شانلىق تارىخنى يېزىپ چىققان.

1278-يىلىقۇبىلاي جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى تاماملاپ، ھىندىچىنىيېرىم ئارىلى بىلەن ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىن باشقا پۈتۈن ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىبويسۇندۇرغان بولۇپ، بۇ چاغدا قۇبىلاينىڭ كېيىنكى نىشانى ئۇلۇغ ئوكيان ئاراللىرىئىدى. 1280-يىلى 100 مىڭ كىشىلىك سۇ قوشۇنى ھازىرقى فۇجيەننىڭ چۈەنجۇ پورتىدىنيولغا چىقىپ، كورىيە ئارقىلىق ياپونىيىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈشئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك  ئوكيان ھەربىي يۈرىشى ئىدى. لېكىن بۇ قوشۇنلاردېڭىزدا بورانغا ئۇچىراپ تەلتۆكۈست ۋەيران بولدى. 1283-يىلى قۇبىلاي ياپونىيىگەيەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، موڭغۇل شاھزادىلىرىنىڭ توپىلىڭىتۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. لېكىن، موڭغۇللارنىڭ دېڭىز-ئوكيانقوشۇنى ياپونىيىگە يۈرۈش قىلىش باھانىسىدا رەسمىي شەكىللەندى ھەمدە بۇ يۈزلىنىشئارقىسىدا بىر تۈركۈم دېڭىزچىلار ۋە دېڭىز ئىشلىرى مۇتەخەسىسلىرى بارلىققا  كەلدى. ئىل ئىھمىش ئەنە شۇلارنىڭ ۋەكىلىدۇر.

ئىلئىھمىشنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى نامەلۇم. ئۇ توغرۇلۇق قۇبلاينىڭ 2-يىلى، يەنى1265-يىلدىن باشلاپ خاتىرە قالدۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئىل ئىھمىشنىڭ دېڭىز-ئوكيانئىشلىرى ھەم دېڭىز بويلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى بىلىمى ناھايتىچوڭقۇر بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن 1274-يىلى قۇبىلاي ئۇنى ھەربىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭئوتتۇرانچى ۋازىرلىقىغا تەيىنلىگەن. كېيىن خۇبېي، خۇنەن، جەنچىڭ ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭمەمۇرىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، جەنچىڭ رايونىدا ئىش باشقۇرغان.1287-يىلى موڭغۇللارنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قوشۇنلىرى ۋېيتنامنىڭ كامپا شەھىرىگەھۇجۇم قىلغاندا ئىل ئىھمىش قۇبىلاينىڭ ئوغلى، جەنۇبنى تىنجىتىش تۆرىسى تۇغانغاياردەملىشىپ دېڭىز ئارمىيە قوماندانى بولغان. 1293-يىلى يەنە ئۆزى بىۋاستە 30 مىڭكىشىلىك سۇ قوشۇنىنى باشلاپ ھىندونېزىيىگە يۈرۈش قىلىشقا ئاتلانغان. بۇ قېتىمقىيۈرۈشتە گەرچە مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، قۇبىلاي ئۇنىڭ دېڭىزچىلىق جەھەتتىكى تۆھپىسىئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىناۋەتلىك تۆرە، مەمۇرى ئىشلار مۇپەتتىشى قاتارلىق ئۇنۋانلارنىبېرىپ، دانىشمەنلەر ھوجىرىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن. 1312-يىلى ئۇنىڭغا يەنە«ۋۇ كېنەزلىكىنىڭ ئەمىرى» دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن. ئىل ئىھمىش 1314-يىلى ئالەمدىنئۆتكەن.

ئىلئىھمىشنىڭ ئۆز ئۆمرىدە قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلىرىتەڭ باراۋەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارىختا ياراتقان ئۇتۇقلىرى يەنىلا زور ئەھمىيەتكەئىگە. ئۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى دېڭىز ئىشلىرى مۇتەخەسىسى. ئۇ 1272-يىلدىن1301-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قۇبىلاينىڭ يارلىقى بىلەن بارۇب، زىڭگار (سىرىلانكا)،مابار (ھىندىستاننىڭ شەرىقى جەنۇبى)، نانۋارا (ھىندونېزىيەدىكى سۇماترانىڭ غەربى)،سۇماترا قاتارلىق جايلارنى 20 يىل ئايلىنىپ، جۇڭگو زېمىنى بىلەن تىنچ ئوكيان ۋەھىندى ئوكيان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرئوتتۇرىسىدىكى سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا بېرىپ-كېلىش جەھەتتىكىئىشلارنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىڭ دەۋرىدىكى جېڭخېنىڭ دېڭىزچىلىقئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە ھەم ماتېرىيال توپلاپ بەردى. ئۇ يەنە جۇڭگوتارىخىدىكى تۇنجى ياۋا تىلىنى (ھىندونېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىكى بىر مىللەتنىڭتىلى) بىلگۈچى شەخس بولۇپ قالدى.

6› گۈەنيۈنشى

گۈەنيۈنشىنىڭ ئەسلى ئىسىمى كىچىك يۈنشى ھىيا بولۇپ، بوۋىسى بەشبالىقلىق. گۈەن يۈنشىنىڭھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىلىمى ۋە ماھارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كېيىن ئۇھەربىي ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، بىلىم ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئاتىسى ۋاپاتبولغاندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خۇەيخېنىڭ جەنۇب ۋەشىمالىدىكى تۈمەنبېشى مەھكىمىسىنىڭ دارغاچى (نازارەتچىسى) ۋە ئوردا تارىخ يېزىشمەھكىمىسىنىڭ تارىخچىسى بولغان. ئۇنىڭ ئەمەل تۇتۇش نىيىتى بولمىغاچقا بۇ ئەمەلنىمۇئىنىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، داڭلىق ئەدىبلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ بىلىم ئېلىشنى باشلىغانۋە ئۆز دەۋرنىڭ مەشھۇر ئەدىبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ مۇزىكا ۋە نەغمىدىكى ماھارىتىناھايتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ئىجاد قىلغان نەغمىلەر كېيىنكى كۈنلەردە جېجياڭدىكى گەن،پۇ، ياڭ قاتارلىق ئۈچ جەمەت ئىچىدە تارقىلىپ، «خەينەن كۈيى» دەپ ئاتالغان. مىڭسۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە «گېياڭ نەغمىسى»، «يۈياڭ نەغمىسى» بىلەن بىللە«جەنۇبتىكى ئۈچ نەغمە» دەپ ئاتالغان ۋە كېيىنكى كۈنلەردە تەرەققى قىلىپ، ھازىرقىكۈنچۇ تىياتىر مۇزىكىلىرىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. گۈەن يۈنشى 1324-يىلى 39يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭغا «جىڭجاۋ ئايمىقى بېگى» دېگەن پەخىرىي نام بېرىلگەن.

7›ئىقتىسادشۇناس سانگې

سانگېقۇبىلاي دەۋرىدە، يەنى 1288-يىلدىن باشلاپ دىۋان ۋازارىتىدە ئەمەلدار بولۇپ، قەغەزپۇل لايىھەسىنى بېكىتىپ، جۇيۈەنباۋ پۇلىنى تارقاتقان. مەركىزىي ئاپاراتلارنىڭھېساباتىنى تەكشۈرۈپ، كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلغان. دۆلەتنىڭ مالىيەئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئوردىغا تەكلىپ-لايىھەلەرنى سۇنغان. كېيىن مالىيەئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، مالىيەدىكى ناتوغىرائىستىللارغا زەربە بەرگەن. ئۇ دۆلەتنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى  ھەل قىلىش ئۈچۈن سودا بېجىنى كۆپەيتكەن.

8›مەدەنىيەت ئەربابى ئارقۇن سار

ئارقۇنسارنىڭ دادىسى دۆلەتنىڭ بۇددا ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان باش مىرزىسى بولۇپ، ناھايتىبىلىملىك كىشى ئىدى. شۇڭا ئارقۇن سار كىچىكىدىن باشلاپ ئىلىم-مەرىپەت بىلەنئۇچىراشقان. ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمى «دانىشمەنلەر يۇرىتى»، «تارىخ پۈتۈش ئورۇنلىرى»غا ئوخشاش ئىلىم ئورگانلىرىدا ئۆتكەن. قۇبىلاي زامانىسىدا ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن«دانىشمەنلەر يۇرىتى» ۋە «خانلىق ئوقۇتۇش يۇرىتى» تەسىس قىلىنغان. كېيىن بۇئورۇنلارنىڭ خىزمەت دائىرىسى كېڭىيىپ، زىيالىلارنى توپلاشتىن  مائارىپ ئىشلىرىنى تەڭشەشكە، خانلىقنىڭ مائارىپئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆزگەرگەن. ئارقۇن سار «ئىلىم-پەن ئىقتىساسلىقكىشىلەرنىڭ ئاساسى. خانلىق ئوقۇتۇش يۇرۇتى قۇرۇپ، بىلىمگە ئىنتىلگەنلەرنى قوبۇلقىلىپ ۋە ئۇلارنى ئوبدان كۈتۈپ، ئالىملارنى كۈنسېرى كۆپەيتىش كېرەك» لىكىنى تەلەپقىلغان. ئۇنىڭ تەلىپى قوبۇل قىلىنىپ، «خانلىق ئوقۇتۇش يۇرىتى» قۇرۇلغان. ئۇنىڭتەركىبىدە «موڭغۇل خانلىق ئوقۇتۇش يۇرىتى» ۋە «مۇسۇلمان خانلىق ئوقۇتۇش يۇرىتى»بولغان. بۇ ئوقۇتۇش يۇرىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تۈرلۈك تىللارنىڭ تەرجىمانلىرىنىيېتىشتۈرۈش ئىدى. ئارقۇن سارنىڭ  ئۆزىمۇخەنزۇچە، موڭغۇلچە ۋە بەزى چەتئەل تىللىرىغا ناھايتى ئۇستا ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىقتەرىپى شەخسىي ئىجادىيىتىدە ئەمەس، بەلكى، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنئەھمىيەتلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىدا. ئۇ موڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتا زور تۆھپىلەرنى قوشتى. 13-ئەسىرمەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنىمۇ ئۇنىڭ يۇقارقى تەرىپىدىن بەلگىلەندى.

9› مەدنىيەت ئەربابى تاتاتۇڭا

تاتاتۇڭا(بەزى ماتېرياللاردا تاش ئاتۇن دەپ ئېلىنغان) نايمان ۋە موڭغۇل خانلىقى دەۋرىدەئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، مائارىپچى، تالانتلىق دۆلەت ئەربابى. ئۇنىڭ يۇرتى ۋەھايات يىلنامىسى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق. بىراق بىز ئەينى دەۋردەيېزىلغان بەزى تارىخىي ماتېرياللاردىن تاتاتۇڭانىڭ ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان ۋەبىرقانچە خىل تىلنى بىلىدىغان، مول تەجىربىگە ۋە ئەمىلىي ئىقتىدارغا ئىگە كىشىئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. تاتاتۇڭا ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك بىرقاتار قابىليىتى بىلەندەسلەپتە نايمان ھۆكۈمرانى تايانخان ئوردىسىدا باش ئىلمىي مەسلىھەتچى، مۆھۈردار،دۆلەت ئۇستازى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن موڭغۇل ئىمپېريىسى قۇرۇلغاندا،چىڭگىزخان ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ، دۆلەت ئۇستازى سۈپىتىدە خانجەمەتىدىكىلەرنى تەربىيلەيدىغان خاس ئوقۇتقۇچى، مۆھۈردار قىلىپ بەلگىلىگەن.تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا تەقلىد قىلىپموڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئۇنى موڭغۇللارغا ئۆگەتكەن. موڭغۇل تىلىنىڭگىرامماتىكىسىنى تۈزۈپ چىققان. موڭغۇللار تاتاتۇڭانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىشنى ئالدىبىلەن يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ساۋادىنى چىقارغان.  كېيىن بارا-بارا پۈتۈن موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭساۋادىنى چىقىرىشقا ئاتلانغان. ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىش موڭغۇل ئورتاق تىلىنىڭشەكىللىنىشى ۋە ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى، مەدەنىيەتنىڭ بىرلىككەكېلىپ، يەنىمۇ تەرەققى قىلىشى ھەم ئۇنىڭ ساقلىنىپ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ موڭغۇللاردا مۇنتىزىم يېزىق بىلەنخاتىرلەنگەن تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ،موڭغۇلار  رەسمىي مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەن.

10›تارىخشۇناس سارابان

سارابانموڭغۇللار دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخشۇناس، مائارىپچى ھەم خەتتات. ساراباننىڭھاياتىي پائالىيىتى توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات يوق. خەنزۇچە ماتېرياللارغا قارىغاندائۇ 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر ئۇيغۇر ئەدىب ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭدادىسى ئەلى تۆمۈر خان ئوردىسىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە دۆلەتئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتناشقان يۇقىرى مەلۇماتلىق ۋە ئابىرويلۇق كىشى بولۇپ،ئوغلى ساراباننى كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، زېرەك قىلىپ تەربىيلىگەن. سارابان كىچىگىدەئوردىدىكى مەكتەپتە ۋە ئالىي بىلىم  يۇرىتىگۇزىجيەندە ئوقۇپ، ھەر خىل بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىرگە موڭغۇل ۋە خەنزۇتىل-يېزىقلىرىنىمۇ ياخشى ئىگىلىگەن. تارىخ بىلىمىدە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوردا ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىققىلىش جەريانىدا تۈرلۈك پەنلەردىن ئوخشاش بولمىغان تىللاردا دەرس ئۆتۈپ، بىرتۈركۈم ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خەنزۇ زىيالىلىرىنى تەربىيلىگەن. ھۆسىن خەت ساھەسىدىمۇئالاھىدە داڭ چىقارغان. ساراباننىڭ تالانتى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە شۆھرىتى موڭغۇلئىمپېريىسى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپلا قالماستىن، پادىشاھنىڭ دۆلەتنىئىدارە قىلىشىدىكى قورالىغا ئايلانغان. شۇڭا ئۇ خانلىقنىڭ كېيىنكى ۋارىسى تۇغانتۆمۈرنىڭ ئۇستازلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەم تۇغات تۆمۈرگە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ۋەدۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە تەلىم بەرگەن. ئۇ يەنە زىيالىلارنى ئىشقا قويۇش،ئالىي بىلىم يۇرىتى گۇزىجيەننى كېڭەيتىپ، ياش زىيالىلارنى كۆپلەپ تەربىيلەشقاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى بەرگەن. 1333-يىلى تۇغان تۆمۈر تەختۋارىسى بولغاندىن كېيىن ساراباننى ئوردىدىكى بارلىق ئىلمىي خادىملارنىڭ ئۇستازىقىلغان. 1343-يىلى تۇغان تۆمۈرنىڭ تەكلىپى بىلەن «جىننامە» ناملىق تارىخىي ئەسەرنىيېزىشقا كىرىشىپ، ئۆزىنىڭ مول ۋە ئەتىراپلىق تارىخ بىلىمى ئارقىلىل بىريېرىم يىليۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئاخىرى جىن سۇلالىسىنىڭ بىردىنبىر مۇكەممەل ۋەسېستىمىلىق بولغان 135 جىلىدلىق تارىخىنى يېزىپ چىققان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېيىنئۇنىڭغا دىۋان مۇئەككىلى، ئوردا باش تەپتىش بېگى ۋە ئوردا مەسلىھەتچىسى قاتارلىقمەنسەپلەر بېرىلگەن.

يۇقارقىلاردىنباشقا موڭغۇل ئىمپېريىسى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داۋامى بولغان چاغاتايخانلىقى دەۋرىدە رابغۇزى، لۇتفى، جامال قارىشى، بولۇپمۇ، ناۋائىغا ئوخشاشنۇرغۇنلىغان بۈيۈك زاتلار يېتىشىپ چىقىپ، مەدەنىيەت تارىخىمىز ئۈچۈن ئالەمشۇمۇلتۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، ئۇلار توغرىسىدىكى ماتېريال كەڭ كىتابخانلارغابىرقەدەر تونۇشلۇق ھەم ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ماتېريال مەنبەسى بىرقەدەر مولبولغاچقا بۇ يەردە ئۇلارنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش قالدۇرۇلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنۇقتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

6.مۇناسىۋەتلىك خانلار يىلنامىسى

موڭغۇل (蒙古) يۋەن () خاندانلىقى

موڭغۇلشېرۋېي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بورتجىگىن تىموچىن 1206-يىلى موڭغۇل خانلىقىنى قۇرىدى.1235-يىلى قاراقۇرۇمنى پەيتەخت قىلدى. 1260-يىلى قۇبلاي كەيفېڭ (كېيىن «يۇقىرىپايتەخت» دەپ ئۆزگەرتكەن. ئىچكى موڭغۇلدىكى جېڭلەن چىغولغان دائىرىسىدە) دا تەختكەچىقتى. 1271-يىلى خانلىق نامىنى «يۋەن»گە ئۆزگەرتتى.

  

دەۋرى(م.ك)

  


ئىسىمى


ئۇنۋانى


No


دەۋرى(م.ك)


ئىسىمى


ئۇنۋانى


No


1311-1308


قايشان


ۋۇزۇڭ


10


1227-1206


تىموچىن


تەيزۇ


1


1320-1312


ئەييۇلبالبادا


رېنزۇڭ


11


1228


تولى


رۈيزۇڭ


2


1323-1321


شۇدبالا


يىڭزۇڭ


12


1241-1229


ئۆگداي


تەيزۇڭ


3


1328-1324


ئېسەن تۆمۈر


تەيدىڭ قاغان


13


1245-1242


نەيماچىن خانىش


تەيزۇڭ خانىش


4


1328


ئاسۇجىبا


بالا قاغان


14


1248-1246


گۇيۇك


دىڭزۇڭ


5


1329


خېشىسۇ


مىڭزۇڭ


15


1250-1249


ۋۇۋۇ


دىڭزۇڭ خانىش


6


1332-1328


تو تۆمۈر


ۋېنزۇڭ


16


1260-1251


مۇڭقا


شيەنزۇڭ


7


1332


ئىلىنجىبا


نىڭزۇڭ


17


1294-1260


قۇبلاي


شىزۇ


8


1368-1333


توقا تۆمۈر


شۈندى


18


1307-1295


تۆمۈر


يۋەن چېڭزۇڭ


9

شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ نەسەبنامىسى(1347-1571)

چاغاتايئەۋلادىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرخان موڭغۇللارنىڭ سەركەردىسى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچىئوغلى چاغاتايغا بۆلۈپ بەرگەن سۇيۇرغاللىق يېرىگە ۋارىسلىق قىلىپ قۇرىغان خانلىقبولوپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن موڭغۇللاردىن 200 مىڭغايېقىن ئادەمنى باشلاپ ئەسلىدىكى شامان دىنىدىن يېنىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەمئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. نەتىجىدە بۇ موڭغۇللار تەدرىجى ھالدائۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن.

  

ئىزاھات

  


دەۋرى(م.ك)


ئىسىمى


No


ھىجىريە


مىلادى يىلى


 


764-748


1363\1362-1348\1347


تۇغلۇق تۆمۈرخان


1


 


765-764


1364\1363-1363\1362


ئىلياس خوجا


2


دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى


791-765


1390\1389-1364\1363


جامالىدىن


 


 


806-791


1404\1403-1390\1389


خىزىر خوجا


3


 


810-806


1408\1407-1404\1403


سامساق خوجا


4


 


818-810


1416\1415-1408\1407


مۇھەممەد


5


تەختتە ئولتۇرۇپلا ھەيدەلگەن


818


1416\1415


شىر مۇھەممەد


6


 


820-818


1418\1417-1416\1415


نەقشىجاھان


7


 


835-820


1433\1432-1418\1417


ئۇۋەيىسخان


8


 


866-835


1462\1461-1433\1432


ئىسەن بۇقا


9


 


873-866


1469\1468-1462\1461


دوست مۇھەممەد


10


تۇرپانغىلا ھۆكۈمران بولغان


884-873


1479\1478-1469\1468


كىپەك سۇلتان


 


 


892-873


1488\1487-1469\1468


يۇنۇسخان


11


خانلىقنىڭ غەربىگىلا   ھۆكۈمرانلىق  قىلالىغان


914-892


1508\1507-1488\1487


مەھمۇد


12

  

 


909-892


1505\1504-1488\1487


ئەھمەد


ئۇ 1514-يىلدىن كېيىن كۇچارنىڭ شەرقىنى باشقۇرغان


949-907


1543\1542-1502\1501


مەنسۇر


13


تۇرپانغىلا ھۆكۈمران بولغان


951-949


1566\1565-1543\1542


شاھ سۇلتان


14


تۇرپانغىلا ھۆكۈمران بولغان


956-951


1571\1570-1566\1565


سۇلتان مەسئۇد


15

ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرىنىڭ نەسەبنامىسى(850-1335)

ئۇيغۇر-ئۇرخۇنخانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن پان تېكىننىڭ باشچىلىقىدا تۇرپان ۋادىسىغا كەلگەنئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرىغان خانلىقىبولوپ، ئىدىقۇتنى مەركەز قىلغان؛ 1335-يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. ئۆزدەۋرىدە بۇ خانلىق تەۋەسىدە ئىلىم-مەرىپەت يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ۋەگۈللەنگەن  بولوپ «چىستانى ئىلىك بەگ»،«ئىككى تىكىننىڭ ھېكايىسى»، «سامسىتۇ ئاچارىنىڭ تەرجىمىھالى»، «شۈەنزاڭنىڭتەرجىمىھالى» ھەمدە «مايتىرى سىمىت»كە ئوخشاش مەشھۇر بۇددزىم ئەسەرلىرى ۋە يارغۇلقەدىمى شەھىرىگە ئوخشاش دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى مەيدانغا كەلگەن.

  

دەۋرى(م.ك)

  


ئىسىمى


No


دەۋرى(م.ك)


ئىسىمى


No


1255-1246


سالۇن تېكىن


9


866-850


پان تېكىن


1


1265-1255


ئوغرۇنج تېكىن


10


871-866


بۆگۆ تېكىن


2


1266-1265


مامۇراق تېكىن


11


948-940


ئىردىمىنخان


3


1276-1266


قۇجىغار تېكىن


12


985-948


ئارسلانخان


4


1318-1276


نولىن تېكىن


13


-1126


بىلگە خان


5


1327-1318


تۆمۈر بۇقا


14


 


ئىسەن تۆمۈر


6


1331-1327


سەڭگى تېكىن


15


1235-1208


بارچۇق ئارت تېكىن


7


1335-1331


تايچان


16


1245-1235


قۇسمايىن


8

(ئەسلى يازمىدا ئىملا خاتالىقى ۋە قوشۇلۇپ كەتكەن ھەرىپلەر بەك جىقكەن. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزىتىشكە ئىمكان بولمىدى، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. يازمىدىكى بەزىبىر يىلنامە ۋە ئىسىملاردا خاتالىق بولسا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشساق، مەنپەئەتلەنسەك دېگەن ئۈمۈتتىمەن)

http://www.baxtax.cn/oqutush/tarix/8509.html مەنبە:

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATAMAN25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 03:19 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:09:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغلۇق تۆمۈر خانمۇ مۇڭغۇللاشقان ئۇيغۇرمۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى مۇڭغۇللارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ھەم ئۇلارغا يېزىق ئىجاد قىلىپ بەرگن...
ئۇ ئالىمنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەلشاھ + 20 www.ustazim.net/thread-1906-1-1.html

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىنىڭ ئاخىرى نېمە سەۋەبتىن تولۇق چىقمىغاندۇ؟

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102411
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-1-17
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 02:09 PM
تۇغلۇق تۆمۈر خانمۇ مۇڭغۇللاشقان ئۇيغۇرمۇ؟
ئۇيغۇرلارن ...

تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇڭغۇللاشقان ئۇيغۇر ئەمەس،ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل.ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل شاھزادىلىرىگە ئۆگەتكەن ئۇيغۇر ئالىمى خرستىيان دىنىنىڭ نىسسورى مەزھىپىدىكى تاتاتۇڭا.

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۇ قېرىندىشىم؟؟؟

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:33:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yultuzay0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 02:32 PM
داۋامىچۇ قېرىندىشىم؟؟؟

تېمىنى تولۇق يوللىغان، بەلكىم ئاخىرى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تەھرىرلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7335
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1779 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ATAMAN25 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 02:26 PM
يازمىنىڭ ئاخىرى نېمە سەۋەبتىن تولۇق چىقمىغاندۇ؟

ھەرپ سانى ئارتىپ كەتتىمىكىن دەيمىنا؟

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nimjan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 02:37 PM
ھەرپ سانى ئارتىپ كەتتىمىكىن دەيمىنا؟

ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا باشقۇرغۇچىلار ئەسكەرتىش بېرىۋەتسە ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىساممۇ بولاتتى .

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتەيلى ئەمدى ھېلىغىچە چىقىپمۇ قالار؟....

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 02:55:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك تارىخ ياراتقان بولسىمۇ بۇ تارىخ ،بۇ شانۇ-شەۋكەتلەر بىر خىل پارازىتلىق ياشاش  ئۇسۇلى بويىچە ياشاپ يارىتىلغان ،ئار-نۇمۇس تارىخ ئاستىدا يارىتىلغان .تارىخىمىزغا نەزەر تاشلىساق ئۇيغۇرلار قان كىچىپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن ياكى ئالىي ئىمتىيازلىق بولۇپ مۇتلەق مۇستەقىللىققا ئىرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا پارازىت قۇرتلاردەك بىرەر 'ئاكا'نىڭ قوينىدا ياشاشنى تاللىغان .ھەتتا 'ئاكا'كىرەك قىلمىسىمۇ ئۆزىنى ئاتىغان .
     تارىختىكى چوڭ ئاسلىماتسىيەلىشىش ئۇيغۇرلاردىكى ساپ قاننى بۇلغىدى .قاننىڭ بۇلغىنىشى ئىدىيەنىڭ ،بىرلىك بۇلغۇنىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئىدىيە بىدئەتچىلىكى يامان نىيەتلىك مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئىدىيە قىرغىنچىلىقى .ئىقتىسادى سىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇيغۇرنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ ،بوينىغا زەنجىر سالدى .تا ھازىرغىچە بىزدىكى مېللى غورۇر .مېللى بىردەكلىك ئەۋجىگە چىققان ئەمەس .
      گىرمان تارىخىدىكى نىمىس چوڭ مېللەتچىلىكى ئىدىيەسى ،ياپوننىڭ چوڭ مېللەتچىلىك ئېدىيىسى ،تۈركىيە مۇستاپاكا كامال دەۋرىدىكى چوڭ مېللەتچىلىك ئېدىيەسى ھىچقاچان بىر مىللەتنى گۇمران قىلغان ئەمەس .ئەپسۇس بىزدىكى چوڭ مېللەتچلىك ئېدىيەسى مەلۇم ئىتىقاد ،مەلۇم دىن ،مەلۇم سەخىسنىڭ قۇربالىقى بولۇپ كەتمەكتە .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش