|
|
|
|
ھۇدنىڭ 20-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.13 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1312 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا ئۇدا چۈشكەننىڭ ئىككىنچى كۈنى .تۈنۆگۈن ئامرىكا فىدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى يىغىن قارارى بۈركۈت تەرەپتىكىلەرگە مايىل بولدى ، كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىش پىلانىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ،ئەگەر ئىقتىسادتا ئويلىمىغان بىر ئىش بۇلۇپ قالمىسىلا ،ھەر قېتىمقى تارايتىش پىلانىنىڭ كۈلىمىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .1-ئايدىكى ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ يىغىن قارارى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرمىغان ،لېكىن تۈنۆگۈنكى ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرى مۆلچەردىن ناچار چىقتى ،شۇڭلاشقا ئويلىمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .
ھۇدنىڭ 20-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بازار قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرمىغاندىن كىيىنكى ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرىنى ساقلاۋاتىدۇ .بۈگۈن ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق مەسلىھەتچىلەر ئالدىن كۆرسەتكۈچى بازارنىڭ چوڭ قاردىن كىيىنكى ئامرىكا ئىقتىسادىنى كۈزىتىدىغان ئەينەك بۇلۇپ قالدى ،يەنە كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ 2-ئايلىق ياساش كەسپى پ ئېم ئاي دەسلەپكى كۆرسەتكۈچىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ ،بۇلاردىن باشقا يەنە ياپۇنىيە ۋە شىۋىتسارىيەنىڭ 1-ئايلىق سودا تالونى كۆرسەتكۈچى ،ئامرىكا 1-ئايلىق سى پى ئاي كۆرسەتكۈچى ،ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى256يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 4.20يۈەن
بىر دوللار 6.070 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.333 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6670 دوللار
ياۋرۇ 1.3750 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 11:28 PM
|
|
|
|
|
|