مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1023|ئىنكاس: 14

ئۆي سالسام،توي قىلسام،داۋالانسام (چاتما ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37474
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5744 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 10:29:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدىۋىلى راخمان (ھەققانى)
(ساتىرا)
1. ئۆي سالسام (ئاچكۆز ئەمەلدار تىلىدىن)

تۇيۇپ-تۇيماي پۈتۈپ قالدى ھۇقۇق بار چاغدا ئۆي سالسام،
پۈتەركەن بۇ دەمدە ھەتتاكى ئېگىز ئاسماندا ئۆي سالسام.

ھوقۇق بولسا لاتا قۇزۇق كىرەركەن داق يەرگە پۇرلاشماي،
ياغاچ، خىش، قۇم، پولات، سىمۇنىت ئىكەن بىكاردا ئۆي سالسام.

ھوقۇق مەنسەپنى پەش قىپتىم ياغاچچى، تامچى جان تىكتى،
بوياقچى، سىرچى، ئەينەكچى كۈتۈپ تامادا ئۆي سالسام.

ئېلىپ ماڭسام زىيان يوقكەن، ھوقۇق بىرلە قېلىنلقنى،
نى ھەددى بەرمىسە ياردەم ئاۋام ئاراندا ئۆي سالسام.

كىچىكى، چوڭى ئوغلۇمنىڭ تۈگەشتى غېمى، نەۋرەمگە-
(ھازىرقى بېرى سەل-پەل ئاز) يەنە ئون جايدا ئۆي سالسام.

ئىلىككە ئالمىدىم قىلچە پىكىر، دەرت، ئەرزى-ۋايساشنى،
قىلالماس ھىچكىشى غىڭ-پىڭ، ئىگەللەپ ئون مودا ئۆي سالسام.

سىناپ باقتىم ھوقۇقۇمنى چېكەمدىن تامچە تەر تۆكمەي،
پۈتەركەن ھەپتە ئون كۈندە سۇ يوق جاڭگالدا ئۆي سالسام.

داداممۇ ئوتتى يىل-يىللاپ پۈتۈن كېسەكتە ئۆي سالماي،
ئۇنىڭ روھىمۇ ھەيرانغۇ مىراس يوق ھالدا ئۆي سالسام.

چۈشۈمدە توۋا تام باستى، بىلمىنى غارس قىلىپ نەئىش،
يۈتەمدۇ مىنى ئەل قەھرى، يېتىپ سافادا ئۆي سالسام.

دىيانەت تىزگىنى تارتىپ ئارام بەرمەيدۇ كاللامغا،
تۇتارمۇ بىركۇنى گالدىن پارا-ھارامدا ئۆي سالسام.

2. توي قىلسام
(ساتىرا)
ماڭا قوش-قوش ياغار ئامەت كۆرۈڭ مۇبادا توي قىلسام،
كېلەركەن ھەر تامان پايدا، ھۇقۇق بار چاغدا توي قىلسام.

جاھاننىڭ كارى شۇنداقمۇ، ماڭا نۆۋەتتە سوۋغات كۆپ،
تولاركەن قازنىقىم تويدا ئەمەل بار چاغدا توي قىلسام.

كىچكتى ئۈچ بالام ،ئەپسۇس، چوڭايتىشقا ئامال بولسا،
بۇرۇنقى ئۆيلىگەن ئوغلۇم، جىمىگە قايتا توي قىلسام.

بۇ تويدا پايدا كۆردۈم جىق، بۇرۇنغا پۇشمىنىم باردۇر،
قەدىناسىمنى قىز قىلسام، يېڭىچە كاتتا توي قىلسام.

تۇغۇلغان كۈن، تۇيى سۈننەت، مىنىڭ نەۋرەمۇ-چەۋرەم دةپ،
بۇگۇن تەبرىك ئەجەپ ئالقىش، ماڭا ياغقاندا توي قىلسام.

دەرىخا! ئۈچ قىزىم بولسا، مۇشۇ پۇرسەتكە ئۈلگۈرسە،
باغاقنى ئاينتىپ ھەسسە بۇ دورەم باغدا توي قىلسام.

بېيىشقا پەمى يەتكەنگە بۇ چارە زەپمۇ ئوبدانكەن،
ماڭا ئامەت گويا سەلدەك، ئۇدۇل ئاققاندا توي قىلسام.

جىنايەتكە ئەمەس تەۋە، ئەمەس ھەم پارىغا مەنسۇپ،
بۇ بىزگە ئۆرپە-ئادەت دەپ سەۋەپ تاپقاندا توي قىلسام.

ھوقۇق پەيتى ئۇزۇن بولماس، ئاۋايلاپ قىسقا پۇرسەتتە،
سېخى كۈز، ياق جىمى پەسىل، ئۇزاتماي ئايدا توي قىلسام.

3. داۋالانسام
(ساتىرا)
ئەجەپمۇ پەيزىكەن ياتسام، (ئەمەل باردا داۋالانسام)،
كېسەلنىڭ تاينى يوق ئەمما، دارىم مودا داۋالانسام.

يېنىمدىن كەتمىدى دوختۇر، مېھىرلىك باقتى ھەمشىرە،
كۈنۈم ئۆتتى مىنۇت-سائەت، پاراۋاندا داۋالانسام .

كېلىپ تۇردى جىمى نىممەت، يېتىپ بەرسەملا ھەر ياقتىن،
مىسالى ئىرىشىپ قازدىمكى، زەر كاندا داۋالانسام.

راسا كۈلدۈردى بۇ پىنھان، ياتاققا پاتمىدى سوۋغات،
كېچىلەپ تۇشۇدۇق-ساتتۇق دۇكانلاردا، داۋالانسام.

تىزىلغان دەستە گۈللەردىن ھۇزۇر ئېپ شۇندا ھىس قىلدىم:
گوياكى سەيلە قىلغاندەك چىمەن باغدا داۋالانسام.

قېنى پەقىرگە كىم سادىق (يەنە كەلمىدى كىم يوقلاپ؟)،
سىناشقا خەقنى خوپ پەيىتكەن ئاداشقاندا داۋالانسام.

كۆنۈپ قالدىم ياتاققا خەپ، پەقەت-پەقەتلا كەتكىم يوق،
ۋادىرىخ! نەپ كېلۇركەن كۆپ مۇشۇ چاغدا داۋالانسام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 10:37 AM  


شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 10:59:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91055
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 181
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:04:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل شېئركەن، ھەقىقەتەن ئېسىل، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ئۆيۈم يوق ئىدى، مەنمۇ سەل ئۆسۈۋىلىپ ئاندىن ئۆي سالايمىكىن،،، ھاھا

.ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سېستىمىسى 50يۈەن. كۆزنەك 8نى سېتىۋىلىشقا ياردەم بېرىش، توردا دۇكان ئېچىشنى ئۆگىتىش قاتارلىقلار.چ چ:15918327   http://ruslan127.taobao.com

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 812
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13923
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:07:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك بەك ياخشى چىقىپتۇ شىئىرىڭىز ، خۇددى مەن تۇنۇيدىغان ئاۋۇلارنى قۇلىقىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ يازغاندەكلا تەسۋىرلىۋېتىپسىز ، ئاپىرىن ! لىكىن بۇنداقلارنىڭ يۈزى چەمدەكلا بولىدۇ -دە......

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103342
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-2-9
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:36:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاسائەتلىك ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5945
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:40:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈپتۈزلا  يىزىۋېتىپسىزغۇ ئابدۇكىرىمكامدەكلا كۈڭلىگە كىلىپ قالار دىمىدىڭىزما ئۇنداقلارنىڭ .....

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3436
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1049 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:43:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كىچىككىنە ھوقوقى بارلارنىڭمۇ كىبىرى بەك ئۈستۈن.كادىر زىيالى بولسىڭىز ئىشىڭىزنى تىز-تىز پۈتتۈرۈپ بىرىدۇ، خۇددى سىز ئۇلارنىڭ يىزنىسىدەك. ئەگەر دىھقان بولسىڭىز نەچچىنى ھومىيپ بىر پاتمان قاقشاپ خوش ياقسا قىپ بىرىدۇ، خوش ياقمىسا ئەتە-ئۆگۈن دەپ يولغا سىلىپ قويىدۇ، خۇددى دىھقان ئۇلارنىڭ بىر نىمىسىگە چىقىلىپ قويغاندەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1226 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:57:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 12:01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ .....ئاچكۆز ئەمەلدارلارمۇ يوق ئەمەس .....ئۇلار پۇل مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن  كىچە-كۈندۇز ئارزۇ قىلدىغانلار ...ئۇلار باشقىلاردىن پايدا ئېلىپ كۆنۇپ قالغانلىقتىن ئالى دەرجىلىك نۇمۇسسىزلاردۇر...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95177
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 01:13:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ شىئىر ئاشۇنداقلار قان يۇتۇۋالغىدەك ئەمدى ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش