ئۈزۈلمەس دەريادەك ساڭا بۇ مېھرىم
فاتىمە
سۇغ تەككەن غۇنچىدەك تىترەيدۇ تىنىم،
گاھىدا قىلغان سۆزۈڭنى ئاڭلىسام.
ئۈمۈدۈم نۇر بۇلۇپ قوغلايدۇ يەنە،
تاۋلىنىپ ئىرادەم سەۋرىدە ماڭسام.
بۇلۇتقا ياماشقا ئاچچىق ھىسلىرىڭ،
يىگىتلىك قەھرىڭدە تىللايسەن مېنى.
پەرقاققان خىيالىم بۈركۈتتەك ئۇچۇپ،
ئۇغۇزرەڭ مېھرىدە پەپىلەر سېنى.
ھەركۈلكەڭ مەن ئۈچۈن زەرئالتۇن قەسىر،
قەلبىمگە قۇياشتەك نۇر تۈكەر تال-تال.
ۋۇجۇدۇم باغرىغا ئىللىقلىق بىرىپ،
تەبەسسۇم ئەيلە سۈزۈڭدىن تۈكۈپ بال.
ئۆزگىرىپ كەتمىگىن دۇلقۇنلار كەلسە،
قايناملار ئەۋجىدە ئېيىتىپ سەن ناخشا.
ئىرادەم ئايلىنار كەڭرى دېڭىزغا،
ئۈمۈدۈم غەۋغاستەك شوڭغۇپ قوينىڭغا.
بالقىسۇن ئىزىڭدىن مېھر بۇلىقى،
قەلبىمگە ھىس بېرىپ ياندۇرۇپ گۈلخان.
ئۈزۈلمەس دەريادەك ساڭا بۇ مېھرىم،
ھايات سەپرىمدە سەن مەندىكى ئارمان.
مەنبە قەلىمىم:2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-19 09:18 PM