كىتاپ ۋە مەن
مەن مەكتەپكە كىرگەندە شىنجاڭدا كونا يىزىق ئەمەلدىن قالغان بولۇپ،يىڭى يىزىق ئوتۇلەتتى.(1960 – 1980) مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىغىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىم بولسا كىرەك. بىزنىڭ سىنىپقا ماتىماتىكا،ئەدىبىيات دەرسى بىرىدىغان ئىككى ئەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ،(يىمىت ھامىدۇن. مەمتىمىن مەتسىيىت.)ئۇلار بىزگە كونا يىزىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىگى ۋە تارىخى توغرىسىدا بىر قىسىم ئىلغار ئوقوغۇچىلارغا ھەپتىدە بىر سائەت كونا يىزىقتىن يوشۇرۇن دەرىس بىرەتتى. مەن تۇنجى كونا يىزىق ساۋادىمنى ئەشۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىلاردىن چىقارغان ئىدىم. شۇ چاغلاردا «مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى» ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولغاچقا كونايىزىقنى قوللىنىش چەكلىنەتتى
شۇ يىللىقنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بىزگە ئوتكەن كونا يىزىق دەرسى ئاشكارىلىنىپ قىلىپ، ئىككىلا ئوقۇتقۇچىنى دەرىس بىرىشتىن توختۇتۇپ،مەمتىمىن مەتسىيىتنى يوتكىۋەتتى. يىمىت ھامىدۇننى بولسا مەكتەپ ئىچىنى كىچە-كۇندۇز خەۋەر ئىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەم بىرنەچچە قىتىم بىزنى «زەھەر»لىگەنلىگى ئۇچۇن مەكتەپ يىنىدىكى دادۇيدە كورەش- پىپەن قىلىنغان ئىدى.مەن شۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ گەرچە ئاز بولسىمۇ بەرگەن ئەجرىنى يەردە قويماي ئوزلىگىمدىن ئۇگۇنۇشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدىم. كونا يىزىقتا كىتاپ ئوقۇشنى ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلىغاندا چوڭ ئاكام ماڭا « ئۇيغۇر خەلىق چوچەكلىرى»«ئوزبىك خەلىق چوچەكلىرى»« قىرغىز خەلىق چوچەكلىرى»(ئوزبىكىستاننىڭ تاشكەنىت شەھرىدە نەشىر قىلىنغان) نى قەيەرلەردىندۇ تىپىپ ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. ( ئۇ ۋاقىتلاردا كىتاپخانىلاردا يىڭى يىزىق باسمىسىدىكى كىتاپلارلا سىتىلاتتى )ئاكامنىڭمۇ خىلى جىق كىتاپلىرى بولۇپ، بولار ئاساسەن رومان ئىدى. مەن شۇ چوچەكلەرنى ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە چوڭ ئاكامنىڭ كىتاپ ئوقۇۋىتىپ، گايى چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ، گايى كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ كىتاپ ئوقۇغىنىنى كورۇپ،مەندىمۇ رومان ئوقۇشقا قىزىقىش باشلاندى. بۇ كىتاپلارمۇ تاشكەنىتتىن كىرگۇزۇلگەن كىتاپلار بولۇپ، سىرىتتىن تىپىشقا توغرا كەلسە كىتاپ ساقلىغان تونۇش- بىلىشلەردىن، ياكى قىرائەتخانىلاردىنلا تىپىشقا بولاتتى. قىرائەتخانىمۇ مىنىڭ بىلىشىمچە شۇ ۋاقىتلاردا بىرلا بولۇپ، ئورنى ھازىرقى 5 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىدىكى پارتىيە مەكتىۋىنىڭ ئىچىدە ئىدى. كىتاپنىمۇ ياشانغان ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرگىلا مۇددەتلىك ئارىيەت بىرەتتى. مىنىڭ بىرىنجى قىتىم ئوقۇغان كىتاۋىم «بارابانچى بالىنىڭ تەغدىرى» بولغان ئىدى. بۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاكام «ۋاسيۇك تىرۇباچىيۇۋ ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرى» ناملىق روماننى بەردى. (بۇ 3 قىسىملىق كىتاپ بولۇپ ،ھازىرمۇ مىنىڭ قولۇمدا بار) بۇ كىتاپلار ئوسمۇرلەرگە ماس كىتاپ بولۇپ، ماڭا ياخشى تەسىر قىلغان ئىدى.مەن ئوزەممۇ مەكتەپتە ۋاسىيۇكقا ئوخشاش بولۇشقا تىرىشقانتىم. ئۇنىڭدىن كىيىن سوۋىت ۋەتەن ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن ئوسمۇر قەھرىمانلار كىتاۋى - « كىچىك ئوغلىنىڭ كوچىسى » نى ئوقۇدۇم.بارا-رارا يۇقۇرلاشقا باشلىدىم. ئاكامنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ، قىرائەتخانىغا بارىدىغان بولدۇم. ئارىيەت بەرمىسىمۇ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. مەكتەپكە بارمىغان كۇنلىرىم ئاساسەن شۇ يەردە ئوتىدىغان بولدى. قىرائەتخانا باشقۇرۇدىغان ئايالمۇ ئوڭلۇق،ئوبدان ئايال بولۇپ، باشقا بالىلارنى چىقىرۋەتسىمۇ مىنى چىقىرۋەتمەيىتتى. بۇ ئايال ئوتتۇرا ياشلىق، بۇغدىيۇڭلۇك، كىيىمنى يارىشىملىق كىيىدىغان ئورۇقراق ئايال بولۇپ، قىرائەتخانىغا كىرگەنلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى. شۇنىڭ ئۇچۇن بولسا كىرەك، بۇ ئايالنىڭ چىراي-تۇرقى ھازىرغىچە ئىسىمدە قاپتۇ. ئىھتىمال « ياخشىلىق ئۇنتۇلمايدۇ » دىگەن شۇ بولسا كىرەك. شۇنداق قىلىپ خىلى كوپ كىتاپلارنى ئوقۇپ چىقتىم. كىتاپ ئوقۇمىغان كۇنلىرىم خۇددى بىر نەرسەمنى يوقۇتۇپ قويغاندەك بولۇپ قالاتتىم. خىلى بىر مەزگىل ئوتكەندىن كىيىن بۇ قىرائەتخانا تاقالدى. مەن ئەندى ساۋاقداشلىرىمدىن ئىزدەيدىغان بولدۇم.
شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ قورونىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئادەمنىڭ ئويىنى ئاھالە كومىتىتتىن ئادەم كىلىپ ئاختۇردى. ئويدىن تىپىلغان 7-8 پارچە ھەرخىل تاشلىق قىلىن كىتاپلارنى شۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا كويدۇردى. 20 دىن ئارتۇق كەپتىرىنى تۇتۇپ، بوينىنى تولغاپلا ئۇزۇپ تاشلىۋەتسە جىم تۇرغان ئادەم، كىتاپلىرىنى كويدۇرگەندە بولسا كوزلىرىدىن تارام-تارام ياش ئاققۇزۇپ ئۇنسىز يىغلىغان ئىدى. بۇ مىنىڭ بىرىنجى قىتىم چوڭ ئادەمنىڭ كىتاپ ئۇچۇن يىغلىغىنىنى كورۇشۇم ئىدى. كىيىن باشقا يەرلەردىمۇ بىر نەچچە قىتىم كوردۇم. ھەم ياخشى كىتاپلارنىڭ قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
شۇنىڭدىن كىيىن ئاكام ئويدىكى كىتاپلارنى ساندۇققا قاچىلاپ، ئوتۇنخانا ئويىمىزنى كولاپ يەر ئاستىغا كومدى. شۇ چاغلاردا ھازىرقى باسما زاۋۇتىنىڭ، پاراۋانلىق كارخانىسىنىڭ ئورنى چوڭ مەيدان بولۇپ، مەيداننىڭ شەرىق تەرىپىدە يەردىن بىر مىتىر ئىگىزلىكتە يىغىن سەھنىسى بار ئىدى.سەھنە يىرىم ئاي شەكىللىك بولۇپ، ئۇستى ئوچۇق، سەھنە تاختاي بىلەن يىپىلغان، ئاستى ھەرخىل مەۋقۇلاتلار ساقلىنىدىغان ئامبار ئىدى. ناھىيىدە بىرەر پائالىيەت ئوتكۇزۇلسە شۇ يەردە ئىلىپ بىرىلاتتى. بىز مەھەللە بالىلىرى پات-پات شۇ مەيدانغا كىرىپ سەھنىگە چىقىپ ئوينايىتتۇق. بىز بۇ سەھنىنى« شىسىتەي » دەپ ئاتايىتتۇق. بىر كۇنى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن شىسىتەيگە چىقىپ ئوينىدۇق. شۇ ۋاختىدا بىرسى پارتىيە مەكتىۋىنىڭ ئىچىدىكى چوڭ كۇلۇپنى كورسىتىپ؛ «باللا،ئەشۇ قۇلۇپنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقمايمىزمۇ؟» دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇچەيلەن پارتىيە مەكتىۋىنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق. دەرۋازىۋەن بىزنى توسمىدى. بۇ كۇلۇپنىڭ ئۇچ تەرىپى ئوچۇق، شەرىق تەرىپىگە ئككى مىتىر ئەتراپىدا تام سىلىنىپ سەيلىك قىلىنغان ئىكەن. بىز تامدىن ئارتىلىپ سەيلىككە چۇشتۇك. يەردىن بىر يىرىم مىتىر ئىگىز ئەتراپىدا قويۇلغان دىرىزىلەرنىڭ قاپقىقى يىپىلىپ، ئۇستىدىن تاختاي بىلەن مىخلىۋىتىلگەن ئىكەن. تاختاينى ئاجرىتىپ ئىچىگە كىردۇق. مەن بۇرۇن بۇ كۇلۇپقا كىرمىگەن ئىدىم. كۇلۇپنىڭ ئۇستى تۇنۇكە قاڭالتىر بىلەن يىپىلغان بولۇپ ،ئاستى پول ئىدى. كۇلۇپ خىلى چوڭ بولۇپ 1000 دىن 1500 گىچە ئادەم سىغاتتى. كۇلۇپنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىن سەھنىسى يەردىن 1 مىتىر 20 سان ئەتراپىدا ئىگىز بولۇپ، ئۇ يەرمۇ پوللوق قىلىپ يىپىلغان ئىدى. كۇلۇپنىڭ %80يىرى بىكار بولۇپ%20 يىرىدىلا سوۋىتنىڭ ھەرخىل ئۇششاق نەرسىلىرى تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. بۇلار،كىرسىن بىلەن يىقىلىدىغان ھەرخىل پەنەر چىراق،ھەرخىل تور،خۇئەندىڭ-پىلاستىنكىلار، كىرەكتىن چىققان پەتىفۇن ۋە تەخسىلىرى، رادىيۇ، جوزا-ئورۇندۇقلار ئىدى. يىغىن سەھنىسى بولسا خىلى چوڭ بولۇپ، 50 ئارتىسىت ئويۇن قويالىغۇدەك كەڭرى ئىدى. ئۇ يەردە 5 توننا يۇك ماشىنىسى توشقىدەك كىتاپلار قالايمىقان تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. مەن كىتاپلارنى كورۇپ، ئاۋايلاپ مىڭىپ ( سەل چىڭراق دەسسەپ بەرسەڭ « گوم-گوم» ئاۋاز چىقاتتى) يىغىن سەھنىسىگە چىقتىم. قالغان ئىككى بالا پەستىكى نەرسىلەرنىڭ قىشىدا قالدى. مەن مۇقاۋىسىغا چىرايلىقراق سۇرەت بىسىلغان كىتاپتىن ئىككىنى ئالدىم. پەسكە چۇشۇپ ، خۇددى ھازىرقى بىر بو سەرەنگىدەك چوڭلۇقتا پىرىسلانغان ئىككى قاپ خۇئەندىڭ پىلاستىنكىسىنى ئىلىپ، بالىلار بىلەن يىنىپ چىقتىم. بۇ پىلاستىنكىلار « ئەر – خوتۇن ئىككىسى» ناملىق بولۇپ ، ئوزبىكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇنى مەن خىلى مەزگىل مەھەللىدە خام قىشتا ئاپىرات ياساپ قويۇپ ئوينىدىم. ئىلىپ چىققان كىتاپلارنى ئاكامغا كورسەتسەم، ئاكام يەنە كوپ كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى يىزىپ بەردى. مەن بىرنەچچە قىتىم ئوزۇم يالغۇز كىرىپ،« ياش گۋادىيە »( 2 قىسىم )« با با تاغ ئۇستىدە قوياش» ( 1 قىسىم ) « كاپىتان قىزى »( 1 قىسىم)« تىنىچلىق گوروۋى» ( 1 قىسىم) « بالىلىق دەۋرى » ( 1 قىسىم) « سەرسانلىق – سەرگەردانلىقتا » ( 3 قىسىم) « قىشلىق سارايغا ھۇجۇم » ( 1 قىسىم )« پارتىزان لىيۇنە گولكوۋ » ( 1قىسىم) « چىنگىزخان » « رىۋىزۇر » ( 1 قىسىم ) « ئولۇم ئالدىدا » ( 1 قىسىم)« خاتىرلەر » (1 قىسىم) « يوشۇرۇن ئوبكۇم ھەرىكەتتە » ( 3 قىسىم )..........( كوپلىگەن كىتاپلارنىڭ ئىسمى ئسىمدە قالماپتۇ. ئىسىمدە قالغانلىرىنى ۋە ئوقۇغان كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرىغا سالىمەن ) مەن ئىلىپ چىققان كىتاپلار ھەرخىل تاشلىق بولۇپ،كوپلىرى قوتۇرما قەغەز تاشلىق. ئاز ساندىكىلىرى نىپىز خۇرۇم تاشلىق ئىدى.( ئىسىمدە قىلىشىچە ئالىكساندىر سۇۋۇرۇۋ خۇرۇم تاشلىق ئىدى ) ئىلىپ چىققان كىتاپلىرىم 40 پارچىدىن ئاشتى. ھەر قىتىم كىرگەندە 2-3 پارچىلا كىتاپ ئىلىپ چىقاتتىم. جىق ئىلىپ چىقسام قوينۇمغا پاتمايىتتى. بىر قىتىم جىقراق ئىلىپ چىققان ئىكەنمەن، دەرۋازىۋەن سىزىپ قىلىپ، كىتاپنى ئىلىۋىلىپ، قۇلۇقىمنى سوزۇپ ، ئىنىگىمگە تەستەك بىلەن ئۇرغان ئىدى.
شۇ ئىشلاردىن كىيىن خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۇپ، دەرۋازىۋەن ئالماشقاندىن كىيىن يەنە كىرسەم كىتاپلارنىڭ بىرىمۇ يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئويدىكى كىتاپلارنى ياخشى ئاسراپ ساقلىدۇق. مەن بالىلارنىڭ قولىدا شۇنداق كىتاپلارنى كورسەم ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ سىتىۋىلىشقا ۋە ھەر خىل ئويۇنچۇقلىرىمغا تىگىشىشكە تىرىشاتتىم. مىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىم كوپ بولۇپ، بۇنى 2- ئاكام ياساپ بەرگەن ئىدى. بۇلار ياغاچتىن ياسالغان پىلىمۇت، سوۋىت ئارمىيىسىنىڭكىگە ئوخشاش پوخاق ئاپتۇمات، تاپانچا، مىلتىق، قىلىچ...لار بولۇپ، ئادەمگە خۇددى راس قۇرالدەكلا كورۇنەتتى. ھەتتا بىر تاپانچامنىڭ قىپىنى ئوي ئاختۇرغانلار كورۇپ قىلىپ، « قۇرال تاپىمىز » دەپ، ئويدىكىلەرنىڭ گىپىگە ئىشەنمەي، بىز يىتىپ –قوپۇدىغان ئويىمىزنىڭ ئاستىنى خىلى چۇڭقۇر كولاپ، بىر ئۇجمە كوتىگىنى چىقىرىپ قويۇپ چىكەتكەن ئىدى. لىكىن كىتاپلار ئۇلارنىڭ قولىغا چۇشمىدى. بىر قىتىم كىرگەن ئادەم ئىككىنجى قىتىم كىرىشى مومكىن دەپ، كىتاپلارنى يەر ئاستىدىن ئىلىپ، قازناق ئوينىڭ يول تەرىپىدىكى قىلىنراق تامنى ئوگزىدىن كىتاپلار پاتقىدەك ئويۇپ ( ئۇ چاغلاردا پىششىق قىشلىق ئويلەر يوق ئىدى ) ئورۇنلاشتۇردۇق. يەرگە كومۇلگەن كىتاپلارنىڭ بىر قىسىملىرى چىرىشكە باشلىغان ئىكەن. كىتاپلار چىرىپ كەتمىسۇن دەپ ، بىلىنمىگۇدەك توشۇك ئىچىپ قويدۇق. ( بۇلار ئوگزىگىمۇ چىقاتتى ) ئاكام ماڭا قەتئي كىتاپ ئالماسلىغىمنى ئيىتتى. شۇ كۇنلەردە مەن ياۋاغ مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىمدىن بىر ئويۇنچىغىمغا ( نىمە ئىكەنلىگى ئىسىمدە يوق) « ۋىلاسۇۋىسكىي مەنسەپپەرەسلىگىنىڭ ھالاكىتى » دىگەن كىتاپنى تىگىشكەن ئىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن بىر ساۋاقدىشىمدىن « پولات قانداق تاۋلاندى » ناملىق كىتاپنى ئوقۇۋىلىش ئۇچۇن ئىلىپ، ھىچقانداق قىلىپ ئىلىپ قالالماي، قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدىم. ( 1977- يىل يىنىك سانائەت ئىدارىسىنىڭ بىر كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاختىمدا بىر ئادەمدىن بۇ كىتاپنى خىلى يۇقۇرى باھادا سىتىۋالغان ئىدىم. ھازىر مەندە بار ) ئەگەر كىتاپ ئوقۇماقچى بولسام، پەقەت كەچتە، شام يورۇغىدىلا ئوقۇشقا روخسەت قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ دەرۋازا « دوڭ-دوڭ» قىلسىلا دەررۇ كىتاپنى يوتقان- كورپىنىڭ ئىچىگە تىقاتتۇق. كىشىلەر كورۇپ قالامتىكى، چىقىپ قويامتىكى دەپ يۇرۇگىمىز ئەنسىز سوقاتتى. ئەگەر ئاشكارىلىنىپ قالساق،« سىرىق كىتاپ ئوقۇغان ، چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر » دەپ ھەرخىل ھاشار، ئەمگەكلەرگە سالاتتى. مانا بىز كىتاپنى مۇشۇنداق ئوقۇغان. ھازىرقىدەك بۇنداق ئەركىن كىتاپ ئوقۇش يوق ئىدى. ھازىر ئويۇمدىكى كىتاپلارنى بالىلار قولىغا ئىلىپمۇ قويمايدۇ. تىخى ھازىرقى كىتاپلارنىڭ كوپ قىسمى شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ بولسىمۇ.
تۇرمۇشىمىز دادامنىڭ مۇئاشى ۋە چوڭ ئاكامنىڭ تاپاۋىتى بىلەن تىنىچ ئوتۇپ كىتىۋاتاتتى. نەچچىنجى يىللىغى ئىسىمدە يوق، 2- ئاكام كوكيارغا، دادام قىشىغا چىققاندا ئويدىن « ئالتۇن ۋادىنىڭ شامىلى » ناملىق بىر كىتاپنى ئىلىپ چىققان ئىكەن. بىركۇنى ئاكام كىتاپ ئوقۇۋاتقاندا ، دادامدىن بوغالتىرلىقنى ئۇگىنىۋاتقان بىر مۇناپىق كورۇپ قىلىپ، گۇڭشىغا ( كوممۇنا) ئىنكاس قىلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادامنى « چاتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر » دەپ خىزمىتىدىن توختۇتۇپ ، كىچە – كۇندۇزلەپ ئىغىر ئەمگەككە ساپتۇ. بىشىغا بىر يىرىم مىتىر كەلگۇدەك ئۇزۇن قەغەز قالپاق كەيگۇزۇپ ، بوينىغا تاختاي ، يەنە ئۇنىڭغا قوشۇپ 4 – 5 پارچە كىتاپنى بىللە ئىسىپ ، قولىنى كەينىگە قىلىپ باغلاپ ، دادۇيمۇ – دادۇي ئاپىرىپ سازايى قىلىپ كورەش قىپتۇ . مۇز ئۇستىدە سائەتلەپ تۇرغۇزۇپ سوراق قىپتۇ. لىكىن ئوتۇنخانا ئوينىڭ تىگىگە كومىۋەتكەن كىتاپلارنى ( 60 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي ۋە ئەدىبىي رومان ، 6 سان قىلىنلىقتىكى قارا چىپەرقۇت تاشلىق بىر قۇرئان ، 8 سان قىلىنلىقتىكى چاغاتاي يىزىغىدىكى سىرىق خۇرۇم تاشلىن بىر كىتاپ ) قەتئى ئاشكارە قىلماپتۇ . لىكىن تەن سالامەتلىگى ئىغىر دەرىجىدە ئاجىزلاپتۇ. ئۇ ۋاختىدا بىز كىچىكلەر بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنمىز.
بىركۇنى ئاكام ئەمدىلا ئانام نان يىقىپ، بىكار بولغان تونۇرنىڭ بىشىغا چىقىپ : « ئوگزىدىكى كىتاپلارنى ئىلىپ چۇش » دىدى ماڭا. كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ چۇشتۇم. « ھەممىنى ئىلىپ چۇشتۇڭمۇ ؟ » دەپ سورىدى. « ھە » دىدىممەن. ئوزۇم خۇشال ئىدىم. ئاخىر كىتاپ ئوقۇيدىغان بولدۇم-دە. خۇشاللىغىم ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى. ئاكام كىتاپلارنى قولىغا ئىلىپ قۇرئان بىلەن چاغاتاي يىزىغىدىكى كىتاپنى بىر پارچە رەخكە ئوراپ قۇيۇپ ، قالدى كىتاپلارنى بىردىن- بىردىن يىرتىپ تونۇرغا سىلىشقا باشلىدى. مەن ئاكامنىڭ قولىغا ئسىلدىم. ئۇنىمىدى. ھازىرغىچە ئىسىمدە، بىرىنجى بولۇپ تونۇرغا « قۇللار » نى سالدى.مەن بۇ كىتاپنى تۇنجى قىتىم ئوقۇغاندا رەھىمداتنىڭ ھايات تارىخىغا ئىچىنىپ يىغلىغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئاكام؛ « بابا تاغ ئۇستىدە قوياش » «بوتا كوز » « كۇنلەر ۋە تۇنلەر » « پارتىزان لىيۇنە گولكوۋ » « ياش گىۋاردىيە » « سەرسانلىق سەرگەردانلىقتا » « دۇشمەن » « تىھران » « كىلىدۇ شۇنداق بىر كۇن » « خاتىرلەر » « لەيلى- مەجنۇن » ... نى كۇلگە ئايلاندۇردى. ئانامنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئاكام تالاغا چىقىپ كىتىۋىدى 10 – 12 پارچە كىتاپنى تىقپ سالدىم. ئاكام بۇنى بىلمىدى. بۇ كىتاپلار ھازىر مىنىڭ ئويۇمدە بار. بۇلار؛« سىرلىك سوقماقلار » « ھەل قىلغۇچ قەدەم » « قۇتلۇق قان » « بوران بالىلىرى »« ئالتۇن ۋادىنىڭ شامىلى »« ناۋائى » « ئالىكساندىر سۇۋۇرۇۋ » « كورشۇننىڭ ئاخىرقى ئىشى » « بۇ ۋەقە رۇۋنۇ ئەتراپىدا بولغان » . ئوي ئاختۇر غۇچىلارنىڭ قولىغا يەنە بىرەر پارچە « سىرىق كىتاپ » چۇشۇپ قالسا، دادامنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىكەن. شۇنىڭ ئۇچۇن ئاكام كىتاپلارنى كويدۇرگەن ئىكەن ئەلۋەتتە بىزمۇ بۇ ئىشلارنىڭ سۇرۇقچىلىغىنى كوپ تارىتتۇق.
مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپ ، دادامنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئاندىن بۇ كىتاپلارنى يوشۇرۇپ قويغان يەردىن ئىلىپ ئاكامغا بەردىم. مەن بۇ كىتاپلارنى ناھايىتى تەس ساقلىغان ئىدىم. گەرچە ۋاراقلىرى ئاجراپ، مۇقاۋا سۇرەتلىرى ئوچكەن بولسىمۇ بۇكىتاپلار ھازىرمۇ كوزۇمگە شۇنداق چىرايلىق كورۇنىدۇ. ياخشى كىتاپ بىباھا گوھەر. ياخشى كىتاپتىن بىرنى ئوقىساڭ،نۇرغۇنلىغان ئالى جاناپ كىشىلەر بىلەن سوھبەتلەشكەندەك بولىسەن. مەن ھازىرغىچە كىتاپتىن ئايرىلىپ باقمىدىم. كىتاپسىز تۇرمۇشنىمۇ تەسەررۇۋ قىلالمايمەن. خۇددى كۇندىلىك تاماقتەك، ئاز دىگەندىمۇ 5-6 بەت خەت ئوقۇمىسام كوزۇمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.
توۋەندىكى كىتاپلارنىڭ ھەممىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنىت شەھرىدە بىسىلغان كىتاپلار بولۇپ، كوپلىرى مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا يوقالدى. كوپ كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىدىم. قولۇمدا بارلىرىنى ۋە ئىسىمدە قىپقالغانلىرىنى توۋەندىكىچە كورسەتتىم.
1- . ۋاسيۇك تىرۇباچىيۇۋ ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرى ( 3 قىسىم)
2- .كىچىك ئوغلىنىڭ كوچىسى.
3- .ياش گىۋاردىيە ( 2 قىسىم )
4- .يوشۇرۇن ئوبكۇم ھەرىكەتتە. ( 3 قىسىم )
5- .سىرلىك سوقماقلار. ( 2 قىسىم )
6- .ھەل قىلغۇچ قەدەم. ( 2 قىسىم )
7- .قۇتلۇق قان.
8- .پولات قانداق تاۋلاندى.
9- .بوران بالىلىرى.
10- .گىزەندىلەر ئۇۋۇسىنىڭ تۇگۇتۇلۇشى.
11- .ئالتۇن ۋادىنىڭ شامىلى.
12- .ناۋائى
13- .ئالىكساندىر سۇۋۇرۇۋ.
14- .كورشۇننىڭ ئاخىرقى ئىشى.
15- .بۇ ۋەقە رۇۋنۇ ئەتراپىدا بولغان.
16- .تىھران. ( 2 قىسىم )
17- .دۇشمەن.
18- .بابا تاغ ئۇستىدە قوياش
19- .بوتا كوز.
20- .قۇللار.
21- .يىتىم.
22- .ئوغۇل.
23- .چىن ئىنسان ھەققىدە قىسسە.
24- .سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا. ( 3 قىسىم )
25- .بىز سوۋىت كىشىلىرى.
26- .زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى.
27- .زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى.
28- .زامانىمىزنىڭ بالىلىرى.
29- .كاپىتان قىزى.
30- .پىيۇگاچىيۇۋ قوزغىلىڭى.
31- .رىۋىزۇر.
32- .ئاقىرىپ كورۇنەر يالغۇز بىر يەلكەن.
33- .بالىلىق دەۋرى
34- .خاتىرلەر.
35- .كىلىدۇ شۇنداق بىر كۇن.
36- .تىنىچلىق گوروۋى.
37- .پارتىزان لىيۇنە گولكوۋ.
38- .ئوتكەن كۇنلەر.
39- .مىھراپتىن چايان.
40- .كۇنلەر ۋە تۇىلەر.
41- .قىشلىق سارايغا ھۇجۇم.
42- .تار-مار.
43- .ھىكايە ۋە ئوچىرىكلەر.
44- .ئارتامانوۋلارنىڭ ئىشى. ( 2 قىسىم )
45- .ۋەتەن قەھرىمانلىرى.
46- .بىزنىڭ ئوينىڭ خۇشاللىغى.
47- .خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە
48- .نەسىردىن ئەپەندى.
49- .چىنگىزخان.
50- .ھايات ئۇچۇن.
51- .ۋىلاسۇۋىسكىي مەنسەپپەرەسلىگىنىڭ ھالاكىتى.
52- .بارابانچى بالىنىڭ تەغدىرى.
53- .ئوۋچى.
54- .ئولۇم ئالدىدا.
55- .لەيلى-مەجنۇن.
56- .قاراغاندا.
57 - ، مۇسىكۋادىن ئۇزاقتا .
58 - . ئانا .
ئەسكەرتىش : ئۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭدا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدىبىي رومانلىرى يوق بولۇپ ، تاشكەنىتتە بىسىلغان ئۇيغۇرچە يىزىقتا نەشىر قىلىنغان رۇس ، ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، تۇرىكمەن ، تاجىكىستان ۋەقەلىرى تەسۋىرلەنگەن تارىخىي ۋە ئەدىبىي كىتاپلارنى ئوقۇيىتتۇق .
2014 - يىل 19 - فىۋرال .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-19 09:23 PM