مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 2

ھايات دەقىقىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 06:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەنجىرى


بىر قىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويىۋىدىم، تەلىپىم رەت قىلىندى. بىر قىزماڭا تەلەپ قويۇۋىدى، مەن رەت قىلدىم. ھەي تەڭشەلمىگەن جاھان!                                                                                                                          

ئۆزۈم بىر گۈلنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇ گۈلنى ئۈزەي دىگەندە تىكەن سانجىلىپ ئاغرىقىغا چىدىماي، قولۇمنى تارتىۋالدىم.شۇنداق قولۇمنى تارتىپ يىراققا ئاپىرىشىمغا،بىرسى كىلىپ تىكەننىڭ ئاغرىقىغا قارىماي مەن ئۈزمەكچى بولغان گۈلنى ئۈزۈپ كەتتى.بۇنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلدىم.بىراق ئەمدى بولسا پۇشايمانغا ئورۇن قالمىغان ئىدى.                                                                              

ئايالىمنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ ئۇنى ئۆي ئىچىدە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردىم ، كىيىن ئۇنى بىر ئىشقا بۇيرۇۋىدىم، ئۇ نىمە سەۋەبىتىنكىن-تاڭ  گىپىمگە كىرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قىلغان ئىچ ئاغرىتىشىمنىڭ سەل خاتا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم                                                                                                                        .

ھايات سەپىرىگە چىقىپ نىمە قىلارىمنى بىلمىگەن ھالدا تەمتىلەپ كىتىۋاتقىنىمدا، يولدا ئۇشتۇمتۇت بىر ئادەم ئۇچرىدى. ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن  بۇ ئادەمگە سەپسېلىپ قارىدىم. بۇ ئادەم شۇنداق خۇشال بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە نۇرلىرى يېغىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن نە غەم-قايغۇ، نە خاپىلىقتىن ئەسەر كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئادەم بىلەن بىلەن خوشلىشىپ يولۇمغا ماڭدىم. خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ ئادەم بولسا ئالدىنقى قېتىم ئۇچراتقان ئادەمنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، چىرايىدىن غەم- قايغۇ چىقىپ تۇراتتى، شۇنداق خاپا، مەيۈس كۆرۈنەتتى. ئۈمىدسىزلىك بۇ ئادەمنىڭ بىچارە ھالىتىگە تېخىمۇ بىچارىلىك قوشۇپ تۇراتتى.مەن قاتتىق ھەيران بولۇپ سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇم. شۇ تەرىقىدە كىتىۋاتقىنىمدا قۇلىقىمغا بىر ئاۋاز ئاڭلانغادەك بولدى؛-سەن ئالدىنقى قېتىم ئۇچراتقان ئادەم غەلبە قىلغۇچى، كىيىنكىسى بولسا مەغلۇبىيەتچى                                                            

ئۆز قىلىقىم ئۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈندى، دەپ شۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىڭدا باشقىلارنىڭ سەندىن رەنجىۋاتقانلىقىنىمۇ، رەنجىيدىغانلىقىنىمۇ، بەزىدە خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ ھەم خۇشال بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ  ئويلاپ قوي!                                                                                                                                 


بىر جۈپ ئەر-ئايال بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار ھەركۈنى كۆزلىرىدىن قان ياش ئاققۇزۇپ ،چىن دىلىدىن قاتتىق يىغلاپ خۇدادىن پەرزەنت تىلەپ  يالۋۇراتتى، دۇئا قىلاتتى، ئىبادەت قىلاتتى. كىيىن خۇدانىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ ئۇلارنىڭ  دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئىككى پەرزەنت كۆردى. ئاتا-ئانا بولسا بۇنىڭدىن چەكسىز خۇشال بولۇپ، خۇداغا چەكسىز رەھمەت ئېيتىپ بالىلىرىنى كۆز- قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بېقىشقا باشلىدى. ئاتا-ئانا بالىلىرىنى شۇنداق ئەتىۋارلاپ باقار ئىدىكى، پەرزەنتلىرى نىمە قىلىمەن، دىسە ئۆزلىرى قىلىپ بىرەتتى؛ نىمە يەيمەن دىسە ئېلىپ بىرەتتى، ھەتتاكى ئۆزلىرى يىگۈزۈپ قوياتتى. قىسقىسى ، بۇ ئۆيدە بالىلار<< پادىشاھ،>> ، ئاتا-ئانا بولسا <<قۇل >> ئورنىدا ئىدى. ئاستا-ئاستا بۇ بالىلار شۇ تەرىقىدە چوڭ بولۇشقا باشلىدى.  <<ياخشى كۈننىڭ يامىنى>> دىگەندەك، ئاتا-ئانىسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈگەپ كەتتى. گوياكى پادىشاھتەك ھەم ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ياشاپ، ھېچقانداق ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگەنمىگەن بۇ بالىلار بىرەر ئىشنىمۇ ئەپلەشتۈرەلمىدى، ئامالسىز تىلەمچىلىك يولىغا چۈشۈشتى، بىراق ئۇنىمۇ ئەپلەشتۈرەلمەي، ئاخىرى بىردىن كەتمەن ئېلىشىپ ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق <<مىھرىبانلارچە ئاسراپ>> بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلىرىنڭ قەبرىسىنى بۇزدى                                                                                                                             

بىر كۈنى سائەتنى ئويغىتىشقا ۋاقىت بەلگىلەپ قويۇپ ياتقان ئىدىم، ئەتىسى ئەتتىگەندە سائەت قوڭغۇرىقى جىرىڭلاشقا باشلىدى. مەن ئىرىنچەكلىك بىلەن سائەتكە قاراپ قويۇپ تېخى ۋاقىت بار ئىكەن، دەپ قوپۇشقا خوش ياقماي، ئورنۇمدا يېتىۋەردىم.سائەت بولسا يەنە شۇ پېتى جىرىڭلاۋاتقان ھالدا توختىماي  مېڭىۋاتقان ئىدى. مەن بولسام شۇ ياتقانچە  ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر چاغدا ئويغانسام چۈش بولاي، دەپ قاپتۇ. مەن ئامالسىز ئالدىراپلا كىيىم- كىچىكىمنى كىيىپ  ناشتىمۇ قىلماي ئىشقا باردىم. باشلىقىم  مىنىڭ ئىشقا خېلىلا كىچىكىپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ خىزمەتداشلىرىم ئالدىدىلا  تەنقىد قىلدى. مەن خىجىلچىلىقتا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىميۇ، كۆڭلۈمدە باشلىقىمغا ئازراق خاپا بولدۇم. بىرەر سائەتچە ئىشلىۋىدىم ، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولدى. مەن خاپىچىلىقتا ئۆيگە بېرىپ كارۋاتقا چىقىپ ياتتىم.تۇيۇقسىز سائەت سىترىلكىسىنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ ئەندىكىپ كەتتىم-دە، بېشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ سائەتكە قارىدىم. بۇ چاغدا سائەت يەنە ئوخشاش بىر خىلدا چىكىلداپ ماڭغاچ ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائىي رايونى(3- ئاھالە كومىتىت)دىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 07:27 PM  


شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 07:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول دەپتىكەن ،

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئاستانە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72126
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3040
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 11:19:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا مەزمۇنلۇقكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش