مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1652|ئىنكاس: 6

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى 26-قىسىم ( مــــايــلار) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17980
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 12:01:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىنەپشە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:ھۆل بىنەپشىنى 3 كىلو 600 گرام كۈنجۈت مېيىغا 10 كۈن چىلاپ،تۇمۇزنىڭ ئاپتىپىدا تۇرغۇزۇپ،ئاندىن سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ،يەنە 1000 گرام گۈلبىنەپشىنى سېلىپ،يەنە 10 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ،سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ،چىققان مېيىنى چەككىلەپ سۈزۈلىدۇ.پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن ساقلايمىز.

تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى:سەپرادىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىش،ئۇيقۇ كەلتۈرۈش،يۇمشىتىش،ئىششىقلارنى تاقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى،مېڭە پەردە ياللۇغى،ئەمچەك ئىششىقى،ئۇيقۇسىزلىق،قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۇچ (ئەزالارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى)،زەھەرلىنىش،يۆتەل قاتالىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇرۇپ مېيى

تەبئىتى:ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش،سۈيدۈك يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ھەرخىل سوغوقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقىلىرى،سۈيدۈك يۇلى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

قۇستە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قۇستە 30 گرام،قارىمۇچ 9 گرام،پەرپىيۇن 9 گرام،ئاقىرقەرھا 12 گرام،قۇندۇز قەھرى 6.5 گرام،كونا مۇسەللەس 300 مىللىلىتىر،زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى 150 مىللىلىتىر.قۇستە،قارىمۇچ،ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ،مۇسللەسكە بىر كېچە چىلاپ،ئەتىسى سۇس ئوتتا 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ،قازاننى چۈشۈرۈپ،سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ،سىقىپ،دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ،قايتىدىن شارابنى قازانغا قۇيۇپ،ئۈستىگە كۈنجۈ ياكى زەيتۇن مېيى قۇيۇپ،سۇس ئوتتا شاراب تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ،قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ،ئارىلاشتۇرۇپ،دورا سوۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييار قىلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش،پەينى چىڭىتىش،چاچنى قارايتىش،ئاشقازان،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:پالەچ،لەقۋا،مۇپاسىل،ئاشقازان،جىگەر كېسەللىكلىرىگە،بالدۇر چاچ ئاقىرىپ كېتىش،تەشەننۇچ قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.

قاپاق مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:ھۆل قاپاقنىڭ پوستىنى ئېلىپ ئېتى ۋە ئۇرۇقلىرى بىلەن سوقۇپ،سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ،4 ھەسسە سۈيىگە بىر ھەسسە كۈنجۈت قۇشۇپ،قاينىتىپ،سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ،قاچىغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ.

تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى:مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش،قاتتىقلىقلارنى يۇمشىتىش،ئاغرىق پەسەيتىش،يۆتەل پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئۇيقۇسىزلىق،مالېخۇلىيا،تەشەننۇچ،قۇلاق ئاغرىقى،چاچنىڭ يېرىلىپ كېتىشى،مېڭە پەردە ياللۇغى،چاچ چۈشۈش ۋەكېپەكلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كۇچۇلا مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر كىلوگرام كۇچۇلىنى 5 لىتىر قايناق سۇغا بىر سوتكا چىلاپ،ئاندىن سۇس ئوتتا بىر لىتىر سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ،قازاننى چۈشۈرۈپ،كۇچۇلىنى سۈزۈپ،سىقىپ،تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ سۈيىگە كۈنجۈت مېيىنى قۇيۇپ،يەنە سۇس ئوتتا قاينىتىپ سۈيى تۈگەپ،مېيى قالغاندا ئېلىپ قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:پەينى چىڭىتىش،ئاغرىق تۇختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:بەلغەمدىن بولغان پالەچ،لەقۋا،مۇپاسىل كېسەللىكلىرىگە سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ

موزا مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:چاچنى قارايتىش،پارقىرتىش،چاچنى ئۆستۈرۈش،تېرىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ،چۈشۈپ كېتىشى،چاچنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

بابۇنە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر كىلوگرام ھۆل بابۇنە گۈلىگە 4 كىلوگرام كۈنجۈت يېغىنى قۇشۇپ،شېشىگە ئېلىپ،ئاپتاپتا قۇيۇپ ھەر كۈنى گۈلىنى سىقىپ،تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ،يەنە گۈل سېلىپ،3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن 20 كۈن ئاپتاپتا گۈلى بىلەن تۇرىدۇ.ئاندىن كىيىن گۈلىنى سىقىپ تاشلىۋېتىپ،سۈزۈپ ئېلىنىدۇ ياكى قۇرۇق بابۇنە گۈلىنى قازانغا سېلىپ،سىقىپ چىقىرىۋالغان 2 كىلوگرام سۇغا 4 كىلوگرام كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ،تاكى سۈيى تۈگەپ ياغ قالغىچە قاينىتىلىدۇ.كۆيۈپ كەتسە بولمايدۇ (ھۆل گۈلدىن 1 ھەسسە بولسا،قۇرۇق گۈلدىن يېرىم ھەسسە سېلىنىدۇ).ئاپتاپتا چىقارغىنى ياخشى.

تەبىئىتى:ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:سوغۇقتىن بولغان ئىشىشقلارنى تاقىتىش،ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش،مەساملارنى ئېچىش،ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:قىزىلئۆڭگەچ ئىشىشىقى،سەۋدا مەنبەلىك باش ئاغرىقى،بۆرەك ئىشىشقى،تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇتۇش،گاسلىق،مۇپاسىل،نىقرەس،مېڭە پەردە ئىشىشىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئامىلە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر ھەسسە ئامىلىنى سوقۇپ،قاينىتىپ،سۈزۈپ،سۈيىگە 2 ھەسسە كۈنجۈت مېيى قۇشۇپ،سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىقق.

خۇسۇسىيىتى:ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش،چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى توسۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشى،باش كېپەكلىشىش،قىچىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

سوزاپ مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:سوزاپ سۈيى 420 گرام،قىزىل قىچا،ئاقىرقەرھا 3 گرامدىن،كۈنجۈت مېيى،زەيتۇن مېيى 26 گرامدىن يۇقىرىقى دورىلارنى سوزاپ سۈيىگە چىلاپ،ئاندىن كېيىن مايلارنى قۇشۇپ،قاينىتىپ،سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا،پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:تەبىئي ھارارەتنى كۈچەيتىش،سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:پالەچ،گاس،تەشەننۇچ ،باش ئاغرىقى،پاچاق ئاغرىش،تۇتقاقلىق كېسەل،قۇلاق ئاغرش،سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.

مەستىكى مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:30 گرام سوقۇلغان 150 مىللىلىتىر كۈنجۈت ياكى زەيتۇن مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ،بوتۇلكىغا قاچىلاپ،قازانغا توشقۇزۇپ سۇ قۇيۇپ،بوتۇلكىنى قايناۋاتقان قازاندا ھورداپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئىششىق ياندۇرۇش،يەللەرنى تارقىتىش،قاتتىقلىقنى يۇمشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش،كېكىرىش،ئاشقازان ئىششىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

سامساق مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:مىكروب ئۆلتۈرۈش،جاراھەتلەرنى تازىلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلشى:زۇكام،بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش،ھەر خىل جاراھەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

سۇمبۇل مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل ئاغرىقلارنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:پالەچ،لەقۋا،سوغۇقتىن بولغان مۇپاسىل ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

قەلەمپۇر مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:بەش ئەزا،نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش،ئاشقازان ۋە بۆرەكنى قىزىتىش خسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئېغىز پۇراش،چىش ئاغرىقى،بوغۇم ئاغرىقى،كۆكرەك پەردە ياللۇغى،قۇسۇش،ھېق تۇتۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

خەشخەش گۈلى مېيى

تەبىئىتى:سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى:پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرۈش،ئۇيقۇ كەلتۈرۈش،ئاغرىق پەسەيتىش،يۆتەلنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئىسسىقتىن بولغان بەدەن ئاجىزلىق،ئۇيقۇسىزلىق،باش ئاغرىقى،قۇلاق ئاغرىقى،يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ.

سۆرۈنجان مېيى

30 گرام سۆرۈنجان بىلەن 15 گرام قەسبۇزەرىرەنى چالا سوقۇپ،قايناق سۇغا بىر سوتكا چىلىغاندىن كىيىن 3/1 قىسمى قالغىچە قاينىتىپ،سىقىپ،سۈزۈپ،مەلۇم مىقداردا ھۆل كەرەپشە (چىڭسەي) سۈيى بىلەن 90 مىللىلىتىر زەيتۇن مېيى قۇشۇپ،قاينىتىپ،سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا تەييار بولىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ھەر خىل بوغۇم ئاغرىقلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.

بالادۇر مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:سۇمبۇل،لاچىندانە،قارىمۇچ،ئىگىر،شەترەنجى ھىندى،پىلپىل،بالادۇر،جويۈز،بىخ سەۋسەن،بادىيان،قۇستە تەلىخ،بوزىدان،زورۇمبات،دۈرۈنجى ئەقرەبى 45 گرامدىن،سۈت،سۇ،2.5 لىتىردىن،كۈنجۈت مېيى 750 گرام.

دورىلارنى سوقۇپ يۇقىرىقى سۇيۇقلۇقلارغا ئارىلاشتۇرۇپ،سۈيى تۈگەپ مېيى قالغىچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.سۈزۈلدۈرۈپ،چەككىلەپ قاچىغا ئېلىپ سالقىن ساقلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق

خۇسۇسىيىتى:پەيلەرنى چىڭىتىش،كۈچلەندۇرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:سوغۇقتىن بولغان پالەچ،لەقۋا،رېماتىزىم كېسەللىكىلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىتياڭىقى مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:شېخى،مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،چالا سوقۇپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى سوغا چىلاپ،قۇۋۋىتى سۇغا چىققۇچە قاينىتىپ،مىجىپ،سۈزۈپ،سۈيىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر كېلىدىغان كۈنجۈت مېيى قۇشۇپ،ڭائىدە بويىچە قتينىتىپ،سۈيى تۈگەپ مېيىي قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى:تىنىچلاندۇرۇش،ئاغرىق پەسەيتىش،بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:رېماتىزم،ئىستىرخا،پالەچ،مەنىي تېز كېتىش،ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

بۇزۇغا مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:توسالغۇلارنى ئېچىش،ئىشىشىق ياندۇرۇش،ئاغرىق پەسەيتىش،يۈرەك،مېڭە،ئاشقازان،باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:سوغۇقتىن بولغان ئىشىشىق،باشتىكى بارلىق ئىللەتلەرگە،سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل ئاغرىقلارغا،ئاشقازان،يۈرەك،مېڭە ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ

ئاقىرقەرھا مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:ئاقىرقەرھا 6 گرام،دارچىن 3 گرام،ئىپار 2 گرام،ئەپىيۇن 1 گرام،ھەممە دورىلارنى سوقۇپ،سىماب مېيى ياكى گۈلىيەسىمەن مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ،تۇمۇزنىڭ ئاپتىپىدا 21 كۈن قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:جىنسى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.

سىماب مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۈڭگۈرت سېرىقى،ئاق موم،سىماب،زىغىر 30 گرامدىن،مۇقەل 20 گرام،بىخ مارجان 15 گرام،گىل ئەرمىنى،تاباشىر،زەرچىۋە 13 گرامدىن،زەيتۇن مېيى،كالا يىلىكى،توخۇ يېغى 30 مىللىلىتىردىن،دورىلارنى ھاۋانچىدا 12 سائەت زاماسكىدەك بولغىچە سوقۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:مۆتىدىل.

خۇسۇسىيىتى:ھەر خىل قوتۇر،جاراھەتلەرنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:يۇقۇملۇق يارا ۋە قىچىشقاق،تەمرەتكە قاتارلىقلارغا سىرىتتىن ئىشلىتىلىدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-19 01:14 AM  


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 12:33:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپ زەيتۇن مېيىنى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز؟ھەم نەدىن تاپقىلى بولار؟تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھەرخىل زەيتۇن مايلىرى ئىشەنچىلىكمىدۇ؟بىلدىغانلار مەسلەھەتىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار كۆپ مىننەتدار بولاتتىم

دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 01:46:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazukay2 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 12:33 AM
ساپ زەيتۇن مېيىنى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز؟ھەم نەدىن تا ...

تاللا بازىردا ساپ  زەيتۇن يېغىنى تاپماق تەس........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98818
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-10-20
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 04:48:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەيتۇن مېيىنىڭ (sizma)خېتى باسى ئەڭ ياخشى نورمالدا
  ئۈستىدە يېزىقلىق بۇلىدۇ

http://www.istanbul-textill.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98818
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-10-20
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 04:48:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazukay2 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-19 12:33 AM
ساپ زەيتۇن مېيىنى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز؟ھەم نەدىن تا ...

زەيتۇن مېيىنىڭ (sizma)خېتى باسى ئەڭ ياخشى نورمالدا
  ئۈستىدە يېزىقلىق بۇلىدۇ

http://www.istanbul-textill.com

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 10:44:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپ زەيتۇن مېيىنى تاپماق تەس ، ھە باھاسىمۇ تاللا بازىردىكىگە قارغاندا قىممىتراق چىقىدۇ .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 10:49:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش