ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ! دوسلار،ھەممە ئادەم يۇرتىنى سۆيىدۇ، يۇرتىنى ئەڭ يىقىملىق سۆزلەر بىلەن مەدىھيەلىگۈسى كىلىدۇ، جۈملىدىن مەنمۇ يۇرتۇمنى تۆۋەندىكى شىئىرىم بىلەن مەدىھيەلىمەكچى سەۋىيەرىم چەكلىك بولغاچ قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا مازاق قىلماسسىلە
گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
ئالما، ئانار، ياڭاقچىلىق ماكانى
خەلقى ئىشچان ئەمگەكچى ھەم ئاقكۆڭۈل
تاغلىرى ھەيۋەت باغلىرى گۈزەل چىپانى.
ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
رايونىمىز مىۋە-چىۋە ماكانى
قىز ئوغلانلار كىلىشكەن ھەم خۇشچىراي
چوڭ بىلىدۇ ئۇلار ھالال مىھنەتنى
ئۇزماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
نام-شۆھرىتى يىراق يىقىنغا تارالغان
ھەر تەرەپتىن قىلغاچ يۈكسەك تەرەقىيات
قارا-قۇرۇمدىكى بىرىنچى شەھەر ئاتالغان
ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
بازىرى كەڭ كوچىلىرمۇ بەك ئاۋات
خەلقىم كەسپى سودا-سىتىق دىھقانچىلىق
شۇ كەسىپتىن ھوسۇل ئىلىپ تۇرمۇشى ھەم باياشات
ئۇز ماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
تاغلىرى ھەيۋەت سۈيى ئەلۋەك بوستانلىق
تارىختىكى شىرمەتلەرنىڭ قورغانى
شۇ شىرمەتلەر بىسىپ ئۆتكەن ئاياغ ئاتلىق
ئۇزماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
قۇچاغىڭنى كەڭرى ئاچتىڭ ھەممىگە
مىھرى ئىسسىق قوينۇڭدا ياشنىسۇن ھەممە
ئىناقلىقنىڭ كۈيلىرى چىقسۇن ئەۋجىگە
ئۇزماكانىم گۈزەل يۇرتۇم قاغىلىق
تەسۋىرلىسەم يۈرەك سۆزۈم كۆپ ئىدى
ئەمماتىلىم ئاجىز كەلدى ھەممىگە
شۇ سەۋەپتىن كۆڭلۈم بىرخىل غەش بولدى
دوسلارنىڭ تەكلىپ تەلەپ تەنقەد پىكىر بىرىشىنى قارشى ئالىمەن.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
2014-يىلى ھۇد ئىيىنىڭ 18-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 10:17 PM