يېقىندا توردا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىملىرى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، غەلىتە مەخلۇقنىڭ قۇدۇقنىڭ ئاستىدىن ئۇچۇپ چىققانلىقى ھەم شۇ كان قۇدۇقىدىن دوۋزاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقى توغرىسىدىكى فىلىمى دوستلار چەمبىرىكىدە مودا بولدى. ئەسلى بۇنداق روھىمىزنى چۆچۈتىدىغان تېمىنى تەرجىمە قىلىپ، مىكرو كىنو سالونىمىزدا تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئىبرەت قىلماقچى ئىدۇق . لېكىن ئويلاپ، ئويلاپ ‹دوزاقنىڭ ئاۋازىنى بۇ دۇنيادا ئاڭلاش مۆجىزىسى تازا كاللىمىزدىن ئۆتمەي قالدى، شۇنىڭ بىلەن ياخشىراق دەلىل ئىسپات بىلەن يوللاش مەقسىتىدە تور ئاقتۇرۇپ بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى ( now news ) نىڭ بۇ ئىش توغرۇلۇق چىقارغان خەۋىرىنى كۆرۈپ قالدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىغۋا 90-يىللاردىلا كەڭ تارقالغان ھەمدە بۇ خەۋەرنىڭ قايتا تارقىلىشى دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئارىسىدا غۇل-غۇلا قوزغىغان .
ئىغۋانىڭ ھامىنى پاش بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ .
تۆۋەندە بىز تەيۋەننىڭ ‹بۈگۈنكى خەۋەرلەر› تورىنىڭ تەكشۈرۈشىنى كۆرۈپ باقايلى .
سىز ئاڭلاپ باققان ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئاۋاز قايسى؟ يېرىم كىچىدىكى ئاياللارنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى؟ پىچاقنى ئەينەككە سۈركىگەن ئاۋاز؟ ياكى بولمىسا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ نەتىجە قەغىزىڭنى چىقار دىگەن ئاۋازى؟ ئۇنداقتا ‹ دوزاقنىڭ ئاۋازى ›چۇ ؟. توردىكى بۇ ئاۋاز راستمىدۇ ؟
توردىكى بۇ ‹ دوزاقنىڭ ئاۋازى › 2مىنۇت ئەتراپىدا، ئالدىدا بىرقىسىم چۈشەندۈرۈشلەردىن كىيىن 30سىكونتلۇق ‹ دوزاقنىڭ ئاۋازى › ئاڭلىنىدۇ. چۈشەندۈرۈشلەردىن قارىغاندا، بۇ ئاۋاز روسىيە تەتقىقاتچىلىرى يەر پوستىنى قېزىش جەريانىدا ئۈنگە ئېلىنغان. بىز توردىن بۇ ئۇچۇرنىڭ ھەرخىل نۇسقىلىرىنى ئۇچرىتالايمىز . مىنىڭچە بىز ئاۋال تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىمىز زۈرۈر : 1. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئالىملارنىڭ يەر پوستىنى قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى بولغانمۇ ؟ 2. ھازىرقى قېزىپ تەكشۈرۈش چوڭقۇرلۇقى زادى قانچىلىك ؟ 3 .بۇ دوكتۇر راست بارمۇ ؟ 4.بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان تور بەتتىن باشقا تاراتقۇلار ئىسپات تەمىنلىيەلەمدۇ ؟ بىرىنچى جاۋاب : ئەلۋەتتە، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان . ئىككىنچى جاۋاب : ئىنگىلىسچە نۇسقىسىدا، بۇ قېزىش ئەترىتىنىڭ 14.4 كىلومىتىر قېزىپ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقى ئېيتىلىدۇ، بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس .چۈنكى ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى قېزىش رىكورتى 12262 مېتىر . (بۇنىمۇ سوۋىت ئىتتىپاقى كولىغان ) .شۇڭا بۇ ئۇچۇر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس . ئۈچىنچى جاۋاب : بۇ دوكتۇر پەقەت مۇشۇ خەۋەردىلا چىققان، باشقا ھېچقانداق يەردە ئۇچراپ باقمىغان . تۆتىنچى جاۋاب : ئىككى دانە ئېنگىلىسچە تور بەتتىن باشقا ھېچقانداق تاراتقۇلار بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ باقمىغان . مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ، بۇ ئىغۋانىڭ ئىككىنچى نوقتىسى ئىنىق خاتا. قالغان تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش تەس . بىز زادى قانداق يەكۈن چىقىرىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ تۇرغان پەيتتە ئەسلى تىمىنى قايتا ئوقۇش ئارقىلىق بىر نوقتىنى بايقاپ قالدۇق . بۇ خەۋەرنىڭ ئاپتۇرى ، فىنلاندىيەدىكى Ammennusatia ناملىق گېزىت . شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ گېزىتنى ئىزدەشكە باشلىدۇق. ئەسلىدە چەتئەلدىكى داڭلىقئېغۋا تور بىكىتى TruthOrFiction.com ئاللىبۇرۇن بۇ ئىش توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىكەن . بۇ تور بەتنىڭ باشلىقى Rich Buhler ، ئۇ ئۆزىنى چۈشەندۈرىشىدە، ئۇ بىر پادىچى ھەم ئاخباراتچى ئىكەن . بۇرۇنCBS قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئىشلەپ باققان، ھەم ئىزچىل سەھرادىكى غارايىباتلار بولۇپمۇ دىنى مەسىلىلەر توغرۇلۇق خەۋەرلەرنى ئېنىقلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن .
ئەسلى ئىش مۇنداق بولغانىكەن، 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رادىئو ئىستانسىسىغا تېلىفۇن قىلىپ، دوزاقنىڭ ئاۋازىنىڭ راست يالغانلىقىنى سوراپتۇ ، ھەم مەلۇم بىر رادىئو پىروگراممىسىدا ئاڭلىغانلىقىنى ئيتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ رادىئو ئىستانسىسىغا تېلىفۇن قىلىپ ‹ بۇ ئىش راست › دىگەن جاۋابقا ئېرىشكەندىن كىيىن تېخىمۇ چۆچۈپ، بۇ ئىشىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىپتۇ . تۆۋەندىكى تەكشۈرۈش جەريانى بەك ئۇزۇن، ھەممىنى تەرجىمە قىلساق نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى كىلىپ چىقىدۇ . ھەم ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا قىسقىلا سۆزلەي . Rich Buhler رادىئو ئىستانسىسىدىن ، خەۋەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇلار ئا كىشى تەمىنلىگەن دىگەن، ئا كىشىدىن سورىغاندا ب كىشى تەمىنلىگەن دىگەن ، مۇشۇنداق تەكشۈرۈلۈپ بۇ ئىش ئامېرىكىدىن فىللاندىيەدىكى باياتتىن تىلغا ئالغان گېزىتخانىغىچە سوراپ بارغان ، نەتىجىدە ھەممىسى بۇ ئىشنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەسلىدە بۇ خەۋەرنى شۇ يەردىكى بىر پادىچى رادىئو ئىستانسىسىغا تەمىنلىگەن، ھېلىقى رادىئو ئىستانسىسىدىكى خەۋەرنى تەكشۈرمەستىنلا تارقىتىۋەتكەن، ئاندىن بۇ خەۋەر ئامېرىكىدىن فىللاندىيەگە ، ئاندىن فىللاندىيەدىن يەنە چۆرگىلەپ ئامېرىكىدىكى ھېلىقى گېزىتخانىغا قايتىپ كەلگەن، بۇ ئۇچۇر تارقىلىش جەريانىدا تەرەققى قىلىپ، بارغانسىرى راستتەك تۈسكە كىرگەن . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، ئىنگىلىسچە خەۋەردىكى ئىشچىلارنىڭرەسىمىمۇ ، شۇ پادىچى تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ گېزىتىگە بېسىلغان قۇرۇلۇش ئورنى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ رەسىمى ئىكەن، ئاشۇ خەۋەرنى تەمىنلىگەن پادىچىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇ ھىكايىنى توقۇش جەريانىدا، نۇرغۇن يۇچۇق قالدۇرۇپ قويغان، ئويلىمىغان يەردىن ، بۇنچە كۆپ تاراتقۇلاردىن بىرسىمۇ راستلىقىنى تەكشۈرمىگەن . ئىشقىلىپ بۇ بىر توقۇلما ھىكايە ، لېكىن ئاخباراتچىلارنىڭ ياخشىراق تەپەككۇر قىلىشىغا ئەرزىيدۇ . مەنبە : بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى(NOWnews 今日新闻网 )http://legacy.nownews.com/2007/11/15/515-1498630.htm#ixzz2te3GMGgh
مىكرو كىنو ئۈندىدار سالونى 0218 نومۇرلۇق فىلىمى (Micro kino )ئىزدەش نومۇرى : microkino
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 06:16 PM
|