غېرىپ-روھ
نەسىر
بوۋاينىڭ روھى باقى ئالەمدىن باھارغا ئەگىشىپ پاني ئالەمدىكى نەۋرىسىىنىڭ مىراس ماكانىغا زور ئۈمۈت بىلەن قەدەم باستى.
باھار بوۋاينىڭ نەۋرىسىنىڭ ماكانىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىشكە تەمشىلۋىدى:
-ھەي باھار، نەگە بارىسەن؟
باھار بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى. ئارقىسىدا بۇنىڭدىن بىرەر ئەسىر ئىلگىرى باھارنى ئۆزىنىڭ ئىشچان روھى بىلەن قارشى ئالدىغان مىھنەتكەش،مىننەتسىز بوۋاينىڭ سىماسى تۇراتتى.
-باھار سەن نىمە ئۈچۈن بۇيەرگە قەدەم باسمايسەن؟ بۇ ماكاندا مىنىڭ ئارزۇلۇق نەۋرەمنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ سورىدى روھ ئەجەپلىنىپ.
باھار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ،كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ:
- مەن نەۋرەڭنىڭ مىراس ماكانىغا ھەتتاكى ۋۇجۇدىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن، ئەپسۇس كۈتكىنىمگە لايىق قارشى ئىلىشقا ئىرشەلمەي زەئىپلىشىپ قالدىم، كەچۈرگىن روھ.
باھار سۆزىنى تۈگىتىپلا ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ.
روھ باھارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ھەم نەۋرىسىگە بولغان ئىشەنچ ئىلكىدە نەۋرىسىنىڭ ماكانىغا قەدەم باستى.
روھ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى،چۈنكى 23 ياشلىق نەۋرىسى بوۋىسىدىن قالغان جۇۋىغا يۆگۈنۈپ ئۇخلاۋاتاتتى.
روھ ئۇرۇق ساقلايدىغان ئامبارغا كىردى.ئامباردىكى بوۋايدىن قالغان ئېسىل ئۇرۇقلار تۇپراق يۈزى كۆرمەي سىسىپ كەتكەن، سېسىمىغانلىرىنى بولسا بىزەڭ چاشقانلار ئۆچرەت بىلەن ئۆز كامىرىغا توشۇۋاتاتتى.
روھ تەدرىجى ئۈمىدسىزلىككە پىتىپ گۈللۈككە چىقتى.گۈللۈكنىڭ تۇپراقلىرى شورلاشقان، گۈللىرى خازان بولغان،گۈلنىڭ ئورنىغا ياۋا تىكەن،شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەن بولۇپ بىر نەچچە قۇزغۇن قانات سۆرەپ يۈرەتتى.روھنى بىردىنلا يىغا تۇتتى، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈشكە كۆڭلى تارتماي باققا چىقتى. ئاھ… تېخىمۇ ئىچىنىشلىق مەنزىرە:
باغدىكى مىۋىلەردىن شەربەت تىمىپ تۇردىغان دەرەخلەر قۇرۇپ قاخشاللىشىپ كەتكەن،قاخشال شاخلاردا ھۇۋقۇشلار يىرگىنىشلىك سايراۋاتاتتى.
ئەمدى روھنىڭ ئۈمۈدى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى ۋە دەرمانسىزلىنىپ يىقىلدى. ئەمما كۆكتە كائىناتقا نۇر چىچىۋاتقان يۇلتۇزلار كۆرۈندى. بولۇپمۇ تاڭ سەھەردىكى چولپان يۇلتۇز روھنى ئىلھاملاندۇردى. چولپان يۇلتۇز ئايغا ھەمراھ بۇلۇپ نۇر چىچىۋاتاتتى.
مەنبە: ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى