41.بىرەر قەبىلىنىڭ ئۇلۇغ ئادىمى ياكى باشلىقى كەلسە ،سىلەر ئۇنى ئىززەت-ئېكىرام قىلىڭلار.
42.سىلەرنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن ئادەمنى ئۆز لايىقىدا ھۆرمەت قىلىڭلار.
43.سىلەرنىڭ بىرىڭلار (بىر مۇسۇلمان) قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە ،ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن.
44.ئاللا بىرەر كىشىگە ياخشىلىق قىلماقچى بولسا ،ئادەملەرنى ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
45.ئەگەر ئاللا بىرەر پادىشاھقا ياخشىلىق قىلىشنى خالىسا ،ئۇنىڭغا سادىق ۋەزىر ئاتا قىلىدۇ.ئۇ(ۋەزىر)(پادىشاھ)ئۇنتۇغان پەيىتلەردە ئەسلىتىدۇ،ئەسلىگەن پەيىتلەردە ياردەملىشىدۇ.ئەگەر ئاللا پادىشاھقا يامانلىق كەلتۈرۈشنى خالىسا،ئۇنىڭغا يامان ۋەزىر ئاتا قىلىدۇ: ئۇ( ۋەزىر ) (پادىشاھ) ئۇنتۇغاننى ئەسلەتمەيدۇ،ئەسلىگەندە ياردەملەشمەيدۇ.
46.ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم تا قولىنى ئۈچ قېتىم يۇمىغىچە قاچىغا تىقماسلىقى كېرەك.چۈنكى ئۇقولىنىڭ قەيەرلەردە تۈنىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
47.ئاللاتائالا بىر ئادەمنىڭ دىلىغا بىر ئايالغا توي قىلىش تەلىپىنى قويۇش ئىستىكىنى سالغان بولسا ،ئالدىن ئۇنى بىر كۆرۈپ بېقىش گۇناھ ئەمەس.
48.قايسى بىرىڭلار نامازدا ئادەملەرگە ئىمام بولۇپ قالسا،نامازنىڭ (قىرائىتىنى) يەڭگىل ئۇقۇسۇن.چۈنكى ئادەملەر ئىچىدە ياش بالىلار،زەئىپ كىشىلەر،قېرىلار،بىمارلار ۋە ھاجەتمەن كىشىلەر باردۇر.ئەمما ئۆزى يالغۇز ئوقۇغاندا خالىغانچە ئۇزۇن( سۈرىلەرنى) ئوقۇسا بولىدۇ.
49.ئەگەر خىيالىڭىزدا بىرەر شۈبھىلىك پىكىر پەيدا بولسا،ئۇنى دەرھال تەرىك قىلىڭ.
50.ئەگەر گۇناھ ئىش مەخپىي قىلىنسا ،پەقەت ئىگىسىلا زىيان تارتىدۇ،ئاشكارا قىلىنىپ تۈزۈتىلمىسە ھەممەيلەن زىيان تارتىدۇ.
51.بىر ئادەم گەپ قىلغان ۋاقىتتا ئۇياق بۇياققا قاراپ قويسا ،دىمەك بۇگەپ مەخپىي بولۇپ،پەقەت ئۆزىگىلا ئېيتىلغان بولىدۇ.
52.قايسى بىرىڭلارغا ئاللا بىر كەسىپ سەۋەپلىك رىزىق يەتكۈزۈپ تۇرغان بولسا،ئاشۇ رىزقى ئۆزى ئۆزگەرمىگۈچە،شۇكەسىپنى تاشلىمىسۇن.
53.ساۋاپلىق ئىش قىلغاندا خۇشال بولساڭ،گۇناھ ئىش قىلغاندا خاپا بولساڭ،دىمەك سەن ھەقىقىي مۆمىن.
54.بىر كىشىدىن ئادەملەر بۇزۇلۇپ كەتتى دىگەن گەپنى ئاڭلىساڭ،بىلگىنكى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بۇزۇلغاندۇر.
55.قوشنىلىرىڭ سېنى ياخشى ئادەم دىسە،دىمەك سەن ياخشى ئادەم ئەگەر ئۇلار سېنى يامان ئادەم دىيىشسە،دىمەك سەن يامان ئادەم.
56.مەندىن رىۋايەت قىلىنغان بىرەر ھەدىسنى ئاڭلىغىنىڭلاردا دىلىڭلارغا تونۇش (كۆڭۈلدە ئۆزۈڭلەرگە ئايان بولغان )،بەدىنىڭلارغا تەسىر قىلىدىغان،ئەقلىڭلارغا سىغىدىغان بولسا،دىمەك ئۇ مېنىڭ ئېيىتقان ھەدىسىمدۇر.ئەمما ئاڭلىغان ھەدىسىڭلار بۇنىڭ ئەكسچە بولسا،ئۇھالدا ئۇ مەن ئېيىتقان ھەدىس ئەمەس.
57.بىر جايدا ۋابا كېسىلى بار دەپ ئاڭلىساڭلار،ئۇجايغا كىرمەڭلار.ئەگەر سىلەر ياشاۋاتقان جايغا ۋابا كەلسە،شۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كەتمەڭلار.
58.قايسى خەلىقتىن قىرىق كىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم بىرەر ئىشقا گۇۋاھلىق بەرسە،ئاللا ئۇلارنىڭ گۋالىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.
59.بىرەر مۆمىن ئىككىنجى بىر مۆمىن بۇرادىرىنىڭ بېشىغا تىغ كۆتۈرسە،ئاللانىڭ پەرىشتىلىرى ئاشۇ تىغنى قايتۇرۇپ ئورنىغا قويمۇغۇچە لەنەت ئېيتىپ تۇرىدۇ.
60.ئەگەر بىرەر گۇناھ ئىش قىلىپ قويسىڭىز،ئۇنى يۇيۇش ئۈچۈن ئارقىسىدىن بىر ساۋاپلىق ئىش قىلىپ قويۇڭ.
61.كىمدە ئاچچىق-غەزەپ قوزغالسا،ئۇ دەرھال سۈكۈتتە(جىم) تۇرۇۋالسۇن
62.كىمدە ئاچچىق-غەزەپ قوزغالسا ئۇدەرھال ئولتۇرۋالسۇن.ئەگەر شۇنىڭدىمۇ غەزەپ قايىتمىسا يېتىۋالسۇن.
63.ۋاقىپ بولغىنكى،مۆمىنلەر ئوتتۇرىسىدا پىتنە-پاسات كۈچەيسە،ياغاچتىن قىلىچ ياسىۋال.
64.پادىشاھىڭلار ياخشى،بايلار سېخىي ۋە ئىشلار با مەسلەھەت بولسا سىلەر ئۈچۈن يەرنىڭ تېگىدىن ئۈستى ئەۋزەلدۇر.ئەكىسچە بولسا يەرنىڭ ئۈستىدىن ئاستى ئەۋزەلدۇر.
65.ئەگەر ئۈچ كىشى بولساڭلار،ئىككىڭلار بىرلىشىپ ئۈچىنجى شەخىسكە ئاڭلاتماي پىچىرلاپ گەپلەشمەڭلار.چۈنكى بۇ ئۇنى غەم ئەندىشىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
66.قايسىڭلار ئۆزۈڭلاردىن بايراق ياكى ئەخلاقلىقراق ئادەمنى كۆرۈپ قالساڭلار،دەرھال ئۆزۈڭلاردىن كەمبەغەلرەك ۋە ئەخلاقسىزراق ئادەملەرمۇ بارلىقىنى ئەسكە ئېلىڭلار.
67.دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ پەقەت ياخشى سۈپەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار،يامان سۈپەتلىرىدىن تىلىڭلارنى يىغىڭلار.
68.تۆت خىل ئادەملەرنى ئاللا يامان كۆرىدۇ(بۇلار) قەسەمخور سودىگەر،تەكەببۇر كەمبەغەل ۋە زالىم پادىشاھ.
69.چىشىڭلارنى مىسۋاك بىلەن تازلاپ يۈرۈڭلار ۋە تازلىققا ئادتلىنىڭلار.تەكرار-تەكرار قىلىنىدىغان مەخسۇس ئىشلارنى يەككە(تاق) بېجىرىڭلار.چۈنكى ئاللانىڭ ئۆزى تاق (يەككە) ،تاق ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
70.ئۆلۈم كەلمەستىن بۇرۇن تەييارلىقنى قىلىپ قويۇڭلار،
71.ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىش ۋە قېرىنداشلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ،ھال ئەھۋال سورىشىپ تۇرۇش ساۋابى تېز تېگىدىغان خەيىرلىك ئىشلاردىندۇر.زۇلۇم ۋە قېرىنداشلاردىن ئۈزۈلۈپ كېتىش بولسا،جازاسى تېز بىلىنىدىغان يامان ئىشلاردۇر.
72.ھەممە ئىشىڭدا توغرا بول،ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلىشتا خۇلىقىڭ چىرايلىق بولسۇن.
73.ئادەملەرگە كەڭ قوساق بولۇڭلار،شۇنداق قىلساڭلار ئادەملەرمۇ سىلەرگە شۇنداق بولىدۇ.
74.گەرچە سىلەرگە قۇرۇق ئۈزۈمدەك بېشى بار (كۆرۈمسىز)ھەبەش قۇل باشلىق قىلىپ سايلانغان بولسىمۇ،ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار ۋە ئىتائەت قىلىڭلار!
75.بۇ دۇنيادا ئادەملەرنى قاتتىق ئازاپلايدىغان كىشىلەرنى ئاللا قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاپلايدۇ.
76.ئادەملەرگە شۈكۈر قىلغۇچىلار ئاللاغىمۇ شۈكۈر قىلغۇچىلاردۇر.
77.ئەخمەقتىن يىراق بول!
78.بەش خىل خىسلەتكە كېپىل بولۇڭلار،تاكى مەنمۇ سىلەر ئۈچۈن جەننەتكە كېپىل بولاي:1. مىراسىڭلارنى تەقسىملەشتە بىر-بىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار؛2.ئادەملەرگە ئۆزۈڭلارچە ئىنساپ قىلىڭلار؛3.دۈشمەن بىلەن بولىدىغان جەڭدە قورقۇنچاقلىق قىلماڭلار؛4. ئولجا-غەنىمەت تەقسىم قىلغاندا خىيانەت قىلماڭلار؛5.زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن مەزلۇملار ھەققىنى ئۈندۈرۈپ ئېلىڭلار.
79.ئادەملەرگە تائام يىگۈزۈڭلار ۋە شېرىن سۆز بولۇڭلار.
80.ئاچلارغا تاماق بېرىڭلار،بىمارلارنى بېرىپ كۆرۈڭلار ۋە ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىڭلار.
81.گەرچە جۇڭگۇدا بولسىمۇ،ئىلىمغا ئىنتىلىڭلار.چۈنكى ئىلىم ئېلىشقا ھەركەت قىلىش ھەر-بىر مۆمىنگە پەرىزدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazukay2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 12:41 PM