توينىڭ قىممىتى
تۆنۈگۈن مەن مەھەلىمىزدىكى بىر قوشىمىزنىڭ ئوماق ئوغلى بىلەن بىر ماشىندا بوپ قالدىم،ئۇنىڭ بىلەن ئاپتوبۇستا ماڭغاچ پاراڭلاشتىم،پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن ئۇنىڭغا ياخشى ئوقۇغىن قوزام،كىيىن چوڭ بولۇپ داداڭ-ئاپاڭنى ياخشى باققىن دىدىم،ئۇ قايتۇرۇپلا،دادام-ئاپام ئاجرىشىپ كەتتى،ھازىر بىر يەردە تۇرمايدۇ دىدى،مەن ئۇنىڭدىن قوزام داداڭنى بەك ياخشى كۆرەمسەن ياكى ئاپاڭنىمۇ دەپ سورىدىم،ئۇ سوئالىمغا جاۋابەن ئاپامنى بەك ياخشى كۆرىمەن دىدى،بۇ جاۋابتىن ھەيران بولمىدىم،چۈنكى ئۇ قوزامنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرىنى ئازتولا بىلەتتەم، بۇ يەردە مەن بۇ مىسالنى ئېلىش ئارقىلىق ھەرقايسى توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاكا-ھەدىلىرىم،قېرىنداش-ھەمشىرلىرىمگە دىمەكچىمەنكى ،ئوبدان ياخشى ئويلىشىپ ئاندىن بۇ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭلارنى توغرا تاللاڭلار،ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزىقىش،ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ توي قىلماڭلار،بولمىسا ئاقىۋىتى ئاجىرىشىش ئوماق نارسىدە قوزىلىرىمىزنى يىتىم قالدۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، شۇ ئوماق تاتلىقلىرىمىزنىڭ سەبىي قەلبىگە ئۆزىڭلارنىڭ يىنكلىك بىلەن خاتا بىسىلغان بىر قەدىمى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس يارىنى قالدۇرسىلەر،توي ئۇ ئىنساننىڭ روھىيتىگە ۋە جىسمانىيتىگە مەنىۋىي ئوزۇقلارنى بىغىشلايدۇ، قەلىبنى مۇھەببەتكە ،بەخىتكە تولدۇرىدۇ،لېكىن بۇ توي ئۆمۈرلۈككە ئەمەس ۋاقىتلىققا بولۇپ قالسا ئۇ ئىككى تەرەپنىلا ئەمەس،ئاتا-ئانىلىرىنىڭ،بۇ دۇنياغا يىڭى كۆزئاچقان نارسىدىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئازاپقا تولدۇرىدۇ،ئوماق ئۇ نارسىدىلەر تۇغۇلىشىغىلا يىتىم دىگەن نامدا ئاتىلىدۇ ۋە مۇكەممەل بىر ئائىلىدە ئېرىشىشكە تىگىشلىك مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولىدۇ،قەلبىدە بىر بوشلۇق قالىدۇ،بۇ ئىككى ئەر-ئايالنىڭ بىردەملىك باسقان خاتا قەدەملىرى بۇ نارسىدىلەرنى قايغۇ-ئەلەمدە قويىدۇ ۋە كوچىلاردا سەرسان بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، مەيلى سىز باشتىكىسىدىن ئايرىلىپ كىيىن قايتا توي قىلىڭ،بالىنىڭ قەلبىدە يەنىلا بىر بوشلۇق قالىدۇ بەلكىم بۇنى سىز ھېس قىلسىز ياكى ھېس قىلالمايسىز، شۇڭا توي قىلىدىغاندا قىز بولسىڭىز، بۇ يىگىت ماڭا ئىگە بولالامدۇ يوق؟ مەڭگۈلۈك جۈپتى ھالالىم بولالامدۇ يوق؟ ،باشقا بىراۋلارغا قارىماي پەقەت مىنىلا ياخشى كۆرەپ ئۆتەلەمدۇ يوق ؟كىيىن پەرزەنتىمگە چىن كۆڭلىدىن كۆينىپ ،ئاتىلىق مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلالامدۇ يوق؟ ئىككى دۇنيا مەن بىلەن بىرگە ئۆتەلەمدۇ يوق بۇنى ئويلاڭ، ئەگەر يىگىت بولسىڭىز ، بۇ قىز مىنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتى ھالالىم بولۇپ، دەردىمگەر دەرمان بولالامدۇ يوق، راھەتلىك كۈنلەردىلا ئەمەس جاپالىق،مۇشەققەت كۈنلەردە مىنىڭ يىنىمدا تۇرۇپ ماڭا مۇھەببىتى،ئىشەنچى، كۆيۈنىشى ئارقىلىق ماڭا تەسەللىي بىرەلەمدۇ يوق؟ ئاتا-ئانامنى ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن چارە كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلالامدۇ يوق؟ ماڭا ئىتائەت قىلىپ مىنى ھەقىقىي بىر ئائىلىسىنىڭ تۆۋرىكىدەك ھۆرمەتلىيەلەمدۇ يوق؟ كىيىن پەرزەنتىم بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ئۇنىڭغا پەقەت ئانىلىق مېھرىنىلا بېرىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولۇپ ياخشى تەربىيلىيەلەمدۇ يوق؟ ئائىلىسى پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆزىنى بۇ ئائىلىگە بىغىشلىيالامدۇ يوق؟ بۇنى ئوبدان ئويلىشىڭ، چۈنكى سىز تاللىغان بۇ كىشى تۇرمۇشىڭىزغا بىر ئىككى كۈنلۈك ئۈچۈن ئەمەس ئۆمۈرلۈك ئۈچۈن سىڭىپ كىرىدۇ، مەيلى قىز بولۇڭ يىگىت بولۇڭ، ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا ئىشىنىڭلار ، ھۆرمەتلەڭلار، كۆيۈنىڭلار، ساداقەتمەن بولۇپ ۋاقىتلىق ئەمەس ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتىلەردىن بولۇڭلار،شۇندىلا سىلەرنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان كىچىڭ دۇنيارىڭلار مۇكەممەل بىر ئائىلىدە مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ياخشى تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولىدۇ.
ئاللاھ دۇنيادىكى بارلىق توي قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان بارلىق يىگىت-قىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك بىر جۈپلەردىن بولۇشىغا، كەلگۈسىدە دۇنياغا ئاپىرىدە بولىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ يىتىم ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن چوڭ بولۇشىغا ،ئىسلامىيەتكە لايىق ئەۋلاتلاردىن بولۇشىغا نىسىپ قىلسۇن ئامىن!!!
-ئارزۇ
ئانا
بۈگۈن ئاپتوبۇستا بىر ئانىنىڭ شۇ قەدەر ئوماق ئوغلىغا :« بۈگۈن نىمىشقا يەسلىگە بارمىدىڭ ،كۆپ پۇل تۆلەپ ئەكىرگەن مەن سىنى ئۇ يەرگە ،ئەمدى بارغىن ھە!»دىگىنىنى ئاڭىلىدىم ، ئۇ تاتلىق ئۇغۇلمۇ ئانىسىغا جاۋابەن:« ياق كىرگۈم يوق دىدى».ئانا قايتۇرۇپلا: كىم باقىدۇ ئەمىسە سىنى؟ مەن ئىشلەۋاتسام ،بار يەسلىگە، پۇل تۆلىگەن تۇرساق بارمىساڭ بولمايدۇ دىگىنىنى ئاڭلىدىم. كۆڭلۈم بىر خىل يىرىم بوپ قالدى،ئەمدىلا 3ياش كىرگەن ئۇ ئوماق بالىغا ئىچىم ئاغىردى،بەلكىم ئۇ بالا يەسلىدىن بەكرەك ئانا مېھرىگە مۇھتاج بولغايتى.
ئەي جاپاكەش ،كۈنلىرى ھەر ساھەدە ئىشلەش بىلەن بولۇپ،بالىلىرىنى قانداقتۇر بىر يەسلىخانىغا ئەكىرىپ بەرگەن ئانىلار ،ئەگەر بالىنى تەربىيلەشنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە ئەجىرىنىڭ ئىشلىگەندىنمۇ بەكرەك مۇھىملىقىنى بىلسەڭلار ئىدى كاشكى،شۇ تاتلىق ئوماق قوزىلىرىمىزنى ئۆزۈڭلار پۈتۈن ئەجىر مېھرىڭلار بىلەن باققان تەربىيلىگەن بولاتتىڭلار.
بالا كۆچەتكە ئوخشايدۇ،كەلگۈسىدە باشقىلارغا سايە چۈشۈرەلىگىدەك ،مېۋە بىرەلىگىدەك بىر تۈپ ياخشى مېۋىلىك دەرەخ قىلىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن باغۋەنننىڭ تۈرلۈك ئەجىرلىرى سىڭگەن بولىدۇ، سىلەرمۇ ھازىرلاردىن باشلاپ بالىلىرىڭلارغا پۈتۈن زېھنىڭلارنى مېھرىڭلارنى سىڭدۈرۈپ تەربىيلىسەڭلار ئۇلار ھەقىقىي بىر ياراملىق، ئىنشا ئاللاھ رەببىمىز سۆيۈنگەن،پەيغەمبەرلىرىمىز سۆيۈنگەن بىر تەقۋا ئىنسان بولغۇسى ، ئانا پەقەت بالىنىڭ ئانىسىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى، جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەيدۇ،ئاللاھ تائاللاھنىڭ ئانىلارغا مۇشۇنداق چوڭ شەرەپنى بىرىشىمۇ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى پەرزەنت بەختى ،پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن بېغىشلىغىنى ئۈچۈن ئەمەسمىدى، ئاللاھ ھەر بەندىنىڭ رىسقىنى تەغدىرىنى تۇغۇلىشتىن بۇرۇن پۈتۈۋەتكەن ،دۇنيانى ياراتقان ئاللاھ ئەجىبا سىزنىڭ رىسقىڭىزنى بىرەلمەسمۇ؟ ئىشلەش ئۈچۈن نەچچە سائەتلەپ ياسىنىپ خىزمەتكە بارىسىز ،مەھرەمسىزلەر بىلەن ئۇچۇرشۇپ تۇرسىز،بالىلىرىڭىز بولسا كىچىكلىرى بالا باققۇچى ئاياللارنىڭ قىشىدا، چوڭلىرى يەسلىدە چوڭ بولىدۇ،سىز بولسىڭىز قانداقتۇر تۈگىمەس قاتار چاي ۋە خىزمەت بىلەن بولىسىز، ئەلۋەتتە كۆپ گۇناھلارغىمۇ شىرىك بولۇپ قالىسز، ۋە يولدىشىڭىزنىمۇ گۇناھكار قىلىپ قويىسىز ۋە يولدىشىڭىز بىلەن بەسلىشىدىغان بولىسىز، سەن پۇل تىپىۋاتقان بولساڭ، مەن تاپمايۋاتامدىم، مەنمۇ ئىشلەۋاتمەنغۇ ،سەن تاپقان شۇ پۇلنى مەنمۇ تىپىۋاتمەن دەيسىز،لېكىن شۇ چاغدا ئەر رازى خۇدا رازى دىگەن بۇ سۆزنى ئۇنتۇيسىز، ئەر ئۆينىڭ تۆۋرىكى ،ئاللا تائاللاھ : ئەگەر يەنە سەجدە قىلىشقا توغرا كەلسە ئاياللىرىنى ئەرلىرىڭلارغا سەجدە قىلدۇراتتىم دەيدۇ،(ئەگەر سۆزۈمدە خاتالىق بولسا ئۇلۇغ ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن) ،ئەجىبا ئۆينىڭ تۆۋرىكى بولغان ئەنە شۇ ئاتا دىگەن بۇ نامغا مۇشەررەپ بولغان بىر ئەركەك بىر ئائىلىنى قامداشقا ئاجىز كىلەرمۇ ؟ ئاللاھ تائاللاھ ئىيتىدۇكى: ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى مەسئۇلىيتى ئائىلىنىڭ ئىپپىتىنى قوغداشتۇر، پەرزەنت تۇغۇش ۋە ئۇنى تەۋھىت يولىدا ماڭدۇرۇشتۇر،مانا بۇ ئاياللارنىڭ ئەسلىي ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر، ئەگەر ھەقنى چۈشەنگەن بىر ئايال بولسا ئەلۋەتتە پەرزەنتىنىڭ ئۈستىدىكى ،يولدىشىنىڭ ئۈستىدىكى ،ئائىلىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى چۈشىنىدۇ،
پەرزەنت ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن نىممىتىدۇر،ئۇنى ياخشى تەربىيلىمەك كېرەكتۇر ئويلايلى يەنە قانچىلىغان ھەمشىرلىرىمىزنىڭ ئانا بولۇش ئۈچۈن ئاللاھدىن كېچىلىرى شىرىن ئۇيقۇسىدىن كىچىپ رەببىمىزدىن شۇنداق بىر پەرزەنت بىرىشىنى تىلەيدۇ ۋە دۇئاسىنى ئىجاۋەت قىلىشىنى تىلەيدۇ، ئاللاھ سىزگە بۇ بەخىتنى بەردى ۋە بۇ بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى بەردى.
ئىنشائاللاھ ھەقىقىي ئىسلامىيەتكە لايىق ئانىلاردىن بولايلى، ئىنشائاللاھ ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنى ۋە مىنى ۋە دۇنيادىكى بارلىق ئانا بولۇش ئالدىدىكى ھەمشىرلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئىسلامىيەتكە لايىق بىر ئانا بولالىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى قىرىنداش- ھەمشىرلىرىم. شۇنداق ئانىلاردىن بولايلىكى پەرزەنتلىرىمىز بىزدىن رازى بولۇپ،مەن شۇنداق بىر ئۇستاز ۋە ئانىنىڭ تەربىيسىدە ياشىدىم ،مىنىڭ شۇنداق بىر پەرىشتە سۈپەت ئانام بار دەپ مەغرۇر تۇرالىسۇن،كۆڭۈللەر كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچسۇن.
(ئەگەر يازغان ئەسىرىمدە خاتالىق بولسا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى ۋە قىرىنداشلىرىمنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلمەن،ئىنشائاللاھ ئاللاھ ئىلىمىمىزنى تېخىمۇ بۈيۈك مول قىلسۇن ئامىين !)
Ranu ـ ئۇيغۇرۇم
بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 11:44 AM