مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 21

ئەدەپ-ئەخلاققا دائىر ھەدىسلەردىن تاللانمىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 12:55:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەھىملىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
پەيغەمبەر رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام ئېيتىدۇكى:
1.
ئىلىمنىڭ ئاپىتى -ئەستىن چىقىرىپ قويۇش ۋە ئىلىمگە رىغبىتى بولمىغان كىشىلەرگە (ئىلىم) ئۆگىتىپ ئۇنى زايا قىلماقتۇر.
2.
قىزلارنى تۇرمۇشقا چىقىرىش توغرىسىدا ئانىسى بىلەن مەسلەھەتلىشىڭلار.
3.
مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ:يالغان سۆزلەش،ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ۋە ئامانەتكە خىيانەت قىلىش.
4.
چاقىرىلغان جايغىلا بېرىڭلار!
5.
نەپەقە ۋە سەدىقە بېرىشتە ئاۋال ئۆزۈڭدىن باشلا.ئەگەر بىرەر نەرسە ئوشۇق بولسا بالا-چاقاڭغا بەر،يەنە بىرەر نەرسە ئېشىپ قالسا،قېرىنداشلىرىڭغا بەر،ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ قالسا ئاندىن باشقىلارغا بەر!
6.
ھالال ۋە رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەر ئىچىدە ئاللاھقا خۇش كەلمەيدىغىنى-تالاقتۇر.
7.
ئادەملەر ئىچىدە ئاللاھقا يېقىمسىزراق بولغىنى-باشقىلارغا ئەشەددى دۈشمەنلىك قىلغۇچىلاردۇر.
8.
بىدئەت-خۇراپاتقا بېرىلگەن ئادەم تا ئۇلارنى تەرىك قىلمىغۇچە،ئۇنىڭ قىلغان ساۋاپلىق ئىشلىرىنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ.
9.
تائامنى سوۋۇتۇپراق ئىستىمال قىلىڭلار،ئىسسىق-قىززىق تائامدا بەرىكەت بولمايدۇ.
10.
ھەر بىر قوۋۇمنىڭ قىز پەرزەنتىدىن تۇغۇلغان بالىمۇ شۇ قوۋۇمغا مەنسۇپتۇر.
11.
قارا تەنلىك خەلىقلەرنىمۇ دوسىت تۇتۇۋىرىڭلار،چۈنكى ئۇلاردىن ئۈچەيلەن جەننەت ئەھلىدۇركى،ئۇلار 1-لوقمان ھېكىم، 2-نەجاشى ،3-مۇئەززىن بىلال ھەبەشى.
12.
قەلبىڭ مۇلايىم ،ھاجىتىڭ راۋا بولۇشنى خالامسەن؟ خالىساڭ يېتىملەرگە مېھرىبان بول،ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلا،ئۆز تائامىڭدىن ئۇلارغا يىگۈز.شۇنداق قىلساڭ دىلىڭ يۇمشاپ ھاجىتىڭ راۋا بولۇر.
13.
قوي بېقىڭلار ،چۈنكى قوي بەرىكەتتۇر.
14.
چېقىمچىلىق(ئۆزى)نىمە بىلەمسىلەر؟ئۇ ئادەملەرنىڭ گەپلىرىنى(ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش نىيىتىدە)بىر-بىرىگە توشۇشتىن ئىبارەتتۇر.
15.
ھارام نەرسىلەردىن ساقلان-ئادەملەر ئىچىدە ئىبادەتلىكرەك ئادەم بولىسەن.ئاللاھنىڭ تەقسىم قىلغان رىزقىغا رازى بول-ئادەملەر ئىچىدە بايراق ئادەم بولىسەن. قوشناڭغا ياىشىلىق قىل-تىنچ يۈرۈيسەن . تولا-كۆپ كۈلمە،كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ.
16.
ئاللاھدىن قورق،ياخشى ۋە خەيىرلىك ئىشلارنىڭ بىرەرىنى كىچىك ھىساپلىما.سۇ سورىغان كىشىنىڭ قاچىسىغا چېلەكتىن سۇ قۇيۇپ بېرىش بىلەن ياكى بۇرادەرلەرنى ئوچۇق چىراي قارشى ئېلىش بىلەن بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار.كىبىر (تەكەببۇرلۇق) ئۈچۈن ئىشتاننى ئۇزارتىپ كىيىشتىن ساقلان.ئاللاھ تەكەببۇرلۇقنى يامان كۆرىدۇ.ئەگەر سىزنى بىر كىشى ھاقارەتلىسە ۋە سىزدە يوپلەر بىلەن ئەيىپلىسە،ئۇنى ئۇنىڭدا بار ئەيىپلەر بىلەن ئەيىپلىمەڭ.ئۇنىڭغا پىسەنىت قىلماڭ. شۇندا گۇناھ ئۇنىڭغا،ساۋاپ سىزگە يار بولىدۇ.ھېچكىمنى ھاقارەتلىمەڭ!
17.
ئاللادىن قورقۇڭلار ۋە پەرزەنتىڭلارغا ئوخشاش (بىر خىل) مېھىردە بولۇڭلار،ئۇلارغا كىيىم ۋە تائاملارنى باراۋەر تەقسىملەڭلار!
18.
ئىككى( خىل) كىشىگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ: بىرى (قېرىنداشلىرىدىن) سىلە رەھىمنى ئۈزگۈچى،يەنە بىرى يامان قوشنا.
19.
ئىككى كىشى بىر كىشىدىن ياخشى،ئۈچ كىشى ئىككى كىشىدىن ياخشى،تۆت كىشى ئۈچ ىشىدىن ياخشى ،كۆپچىلىك بىلەن بىللە بولۇڭلار،ئاللاھ ئۈممەتلىرىنى پەقەت توغرا يولدا مېڭىش (ئۈچۈن) بىرلەشتۈرىدۇ.
20.
ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان 7 خىل گۇناھدىن ساقلىنىڭلار:1. ئاللاغا شېرىك كەلتۈرمەك؛ 2. سېھىر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماق؛3.بىراۋنى ناھەق ئۆلتۈرمەك؛4.جازانىخورلۇق؛5.يېتىملەرنىڭ مېلىنى يىۋىلىش؛6.ۋەتەن مۇداپەسى ئۈچۈن بولۇۋاتقان ئۇرۇشتىن قېچىش؛7. ئەرلىك مۆمىن ،ئىپپەتلىك(ئەدەپ-ئەخلاقلىق) ئاياللارنى پاھىشە (جالاپ) دەپ ھاقارەتلەش.
21.
ئادەملەرنىڭ يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار.
22.
ھاراقتىن ساقلىنىڭلار.چۈنكى ئۇ ھەممە يامانلىقلارنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
23.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى گەپ-راسىت گەپتۇر.
24.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ توغرا جىھاد-زالىم پادىشاھقا ئېيتىلغان ھەق سۆزدۇر.
25.
ئاللانىڭ نەزىرىدە بەندىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئائىلە-با لا چاقىلىرىغا پايدىسى كۆپ تېگىدىغان كىشىلەردۇر.

26.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۆيلەرنىڭ ياخشىراقى-يېتىملەر ئىززەت قىلىنىدىغان(ئاسىرىلىدىغان)ئۆيدۇر.
27.
ئۆزۈڭگە ياققان نەرسىنى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆر.
28.
دوستۇڭنى بوشراق ياخشى كۆرگىنكى،ۋاقتى كېلىپ دۈشمەن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. دۈشمىنىڭگىمۇ بوشراق ئاداۋەت ساقلىغىنكى،ۋاقتى كېلىپ دوسىت بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
29.
دېھقانچىلىق قىلىڭلار،چۈنكى دېھقانچىلىق بەرىكەتلىك ئىشتۇر.دېھقانچىلىققا زۆرۈر بولغان سۇ مەنبەلىرىنى كۆپەيتىڭلار!
30.
لىباسىڭلارنى چىرايلىق كىيىڭلار،ئات-ئۇلۇغىڭلارنى ياراملىق تۇتۇڭلار،ئادەملەرگە يۈزدىكى خالدەك نەمۇنە بولۇڭلار!
31.
ئىككى جاغ ۋە ئىككى ئاياغ ئوتتۇرىسىدىكى ئەزالار (ئېغىز ۋە جىنسىي ئەزا) نى چىڭ تۇتۇڭلار!
32.
ئۆزۈمدىن كىيىن قالىدىغان ئۈممەتلىرىم ئۈچۈن ئۈچ نەرسىدىن قورقىمەن :1. ھاۋايى نەپىسكە بېرىلىپ يولدىن ئېزىشتىن؛2. نەپسانىي ۋە شەھۋانىي ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىشتىن؛3.ئىلىم مەرىپەتكە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق،غاپىللارچە ئىش كۆرۈشتىن.
33.
داداڭ ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ دوسلىرى بىلەن ئالاقىنى داۋاملاشتۇر،ئۇلاردىن ئالاقىنى ئۈزمە،ئەگەر ئۇلاردىن ئالاقىنى ئۈزسەڭ ئاللاھ سېنىڭ نۇرۇڭنى ئۆچۈرىدۇ.
34.
ئەمىرنىڭ سوۋغا ئېلىشى ھارام ۋە قازىنىڭ پارا ئېلىشى دىندىن چىققانلىق.
35.
ئۈممەتلىرىم ئۈچۈن ئەڭ قاتتىق قورىققان تەرەپلىرىم:قورساق سېلىپ سەمرىش،كۆپ ئۇخلاش،ھۇرۇنلۇق ۋە دىنىي ئېتىقادى سۇسلىشىپ كېتىشتۇر.
36.
ئامانەت قويغان كىشىنىڭ ھەققىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىل .ھەققىڭگە خىيانەت قىلغان كىشىگە سەن خىيانەت قىلما.
37.
ئىلاجىنىڭ بارىچە ئادەملەرنى ئالىي جازاغا تارىتماسلىققا ھەرىكەت قىلىڭلار.لىكىن ئىمام (باشلىق بولغان ئادەم) جازا قوللانمىسىمۇ بولمايدۇ.
38.
ياۋ تەرەپتىن بىر كىشى ئۆز جېنىغا ئامانىلىق تىلەپ كەلسە ئۇنى ئۆلتۈرمە.
39.
قايسىڭلارغا قازىلىق لاۋازىمى تاسادىبىي توغرا كېلىپ قالسا ،قاتتىق غەزەپ قوزغالغاندا ھۆكۈم چىقارمىسۇن.دەۋاگەرلەرگە قاراشتا ،ئۇلارنى ئولتۇرغۇزۇشتا ۋە ئۇلارغا ئىما-ئىشارەت قىلىشتا باراۋەر بولسۇن.
40.
ئوچاق بېشىغا يارىغان خادىمى ئۆز خوجايىنىغا تائام تەييارلاپ كەلگەندە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە تاماققا ئولتۇرغۇزۇشى كېرەك.ئەگەر بىللە ئولتۇرغۇزمىسا بىر-ئىككى چىشلەم نېسىۋە بېرىشى كېرەك.

مەنبە: سەھىھە ھەدىسلەر.
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي ،داۋامىنى يەنە يوللايمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazukay2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 01:01 AM  


دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1256
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 01:23:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىيما ئىكەن.
رەھمەت سىزگە

ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن بىزمۇ قورقمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5458
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 01:35:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
subat786 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 01:23 AM
ئەھمىيەتلىك تىيما ئىكەن.
رەھمەت سىزگە

سىزگىمۇ رەھمەت!

دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 09:49:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەدىسلەنى مۇشۇنداق يەتكۈزۈپ تۇرۇش ئىسىل پەزىلەت.

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 999 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 09:52:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويۇشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان تىما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 09:57:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىملارنى يوللاش شارائىتىڭلار بارلار يېزىۋىرڭلار

ھېچكىم قوللىمىسا مەن قوللايمەن!! كاپتانلارنىڭ ئىچنى تازا قاينىتايلى!!!! ھى ھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 10:12:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى ھەدىسلەركەن،رەھمەت.
بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەيدانغا كىلىش ئارقا كۆرۈنىشىدىن, 14ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى ئەرەپ جەمىيىتىنىڭ نەقەدەر ئەخلاقسىز،ھەم مەدىنيەتسىز ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapitan2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 10:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 10:32:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،جاپا چېكىپسىز.


شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 10:36:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94020
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 868
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 11:03:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
28.دوستۇڭنى بوشراق ياخشى كۆرگىنكى،ۋاقتى كېلىپ دۈشمەن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. دۈشمىنىڭگىمۇ بوشراق ئاداۋەت ساقلىغىنكى،ۋاقتى كېلىپ دوسىت بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

يۇقىرىقى نەسىھەتلەر ھازىرمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش