ياخشى كۈت
ئىڭڭەلەپ يىغلىغان تۇنجى يىغاڭدىن،
كۆزىدە ياش تۇرۇپ كۈلىدۇ يەنا.
بەختىڭنى ئۇنىڭدەك تىلىمەس ھېچكىم،
ئالەمچە مىھىردە سۆيىدۇ ئانا.
ئانا قۇش ئانامدىن ئۆگەندى بەلكىم،
«بالا»نى قانداقچە ياخشى بېقىشنى.
ئۇتۇڭدا كۆيگەنلەر بىلمىسە كېرەك،
ئانىدەك سۈيۈڭدە قانداق ئېقىشنى.
ئەركىلەپ كۈلۈشىڭ ئۇنىڭ ھۇزۇرى،
يىغاڭدىن كېلىدۇ ئاڭا جىمى غەم.
ھېچقاچان سېنىڭدىن ۋايساپ باقمىدى،
كۆڭلىگە مىڭ ئازار بەرگەندىمۇ ھەم.
ھەر مەرتەم دۇئاغا كۆتۈرگەندە قول،
بەختىڭچۈن تاراملاپ تۆكىلەر يېشى.
سەن ئۈچۈن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ كەتتىغۇ،
ئۆمرىنىڭ باھارى،يېزى ھەم قىشى.
چوڭ بولدۇڭ،بىر ئۆيگە تۈۋرۈك ئاتالدىڭ،
شۇندىمۇ غېمىڭدە كۆيەر بالام دەپ.
كاج پەلەك قىستىسا بويۇن قىسىشقا،
سەن ئۈچۈن كىملەرگە يۈرەر «سالام» دەپ؟.
شۇم ئەجەل ئانامنى چىللاپ كەتكىچە،
ياخشى كۈت، رازىلىق ئالغىن بىرەر رەت.
سەن ئۈچۈن قىلغاننىڭ مىڭدىن بىرىگە،
تەڭ بولماس ئانامچۈن تارتقان مىڭ كۈلپەت.
مەنبە: ئابلەت ئوسمان( شەيدا )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-18 10:22 PM