ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
زىننىتى ئادەمنىڭ بىلىم،ھايادۇر.
تاقىساڭ پەزىلەت كەمرىنى مەھكەم،
ئاۋامنىڭ قوللىرى ساڭا ھەمرادۇر.
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
قەلبىڭنى ئالەمچە ئارماندا قاندۇر.
ئىرادە ئارماننىڭ ھارماس تۇلپىرى،
بىر ئۆمۇر تۇلپارنى بەيگىدە چاپتۇر.
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
ئۆزگىلەر قەلبىدە سانالغىن باتۇر.
سانجىلغان دۈشمەنگە ئۆتكۈر تىغ بولۇپ،
سەن بىلەن ئەل-يۇرتۇڭ ئىللىغلىق تاپۇر.
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
جىسمىڭدىن ھەرۋاقىت كەتمىسۇن ماغدۇر.
پۇرەكلەپ ئىچىلغان ئەتىرگۇل كەبى،
مىھرىڭدە قاغجىرغان روھلارنى قاندۇر.
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
ئازغىنە نەپ ئۈچۈن ساتمىغىىن غۇرۇر.
تەلمۇرۇپ،قەددىڭنى پۈكۈپ بىراۋگە،
ۋىجداننى ئۇپۇرتۇپ،ئالمىغىن ھۇزۇر.
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
تىرىشساڭ،قەدەمدە شەرەپ قۇچ ئاچۇر.
ھۇرۇنلۇق روھىڭغا سىلىنغان كىشەن،
چاق ئۇنى،يولاتما،غەيرەتنى ئاشۇر.
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
كىرەكتۇر ئادەمگە ۋىجدان ھەم غۇرۇر.
تاۋلانسا توغراقتەك روھىڭ جاپادا،
يۇتىسەن جۇتلارنى تۇرۇپ سەن مەغرۇر.
ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
ياغدۇرغىن خەلقىڭگە شىپالىق يامغۇر.
سەن بىلەن ھەركۆڭۈل بولسۇن ھەمنەپەس،
مەردانە ئالغا باس، چامدىغىن جەسۇر.
مەنبە:ئۆز قەلمىم
(چىمەنA)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-17 10:38 PM